
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن كورېيە تاراتقۇلىرى تۇيۇقسىز كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر شۇم خەۋەرنى ئاشكارىلىغان، «پارازىت قۇرت» ـ(寄生虫)نىڭ ئەر ئارتىسى ئى سۇنكيۇن (李善均) قازا قىلغان.

كورېيە تاماشاسىدىكى بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەر ئارتىس ئىزچىل رول ئېلىش ماھارىتى ۋە ئوبرازى ياخشى، ئائىلە تۇرمۇشى بەختلىك دېگەن سۈپەتلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا تەرىپلىنىپ كەلگەن. لېكىن يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا ئۇ زەھەر چېكىش جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلگەن. ئويلىمىغان يەردىن كۆپ ئۆتمەيلا ئۇ ئۆلىۋالغان.


مەسىلەن، 2018-يىلى ئۇ IU يەنى ئى جېئېن بىلەن باش رول ئالغان «مېنىڭ تاغام» (我的大叔)دا قالتىس رول ئېلىش ماھارىتىنى نامايان قىلغاچقا نۇرغۇن مەستانىلەر ياش تۆككەن. شۇنداقلا ئۇ كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىراتى يەنىلا ئاشۇ «تاغا»نىڭ رولىدا توختاپ قالغان.


ئۇ كەسىپ جەھەتتە كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىپلا قالماي، ئائىلىسىمۇ كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن.
ئۇنىڭ ئايالى چون خيېجىنمۇ كورېيەنىڭ داڭلىق ئارتىسى بولۇپ، بىر قاتار كىنولاردا رول ئالغان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىزغىن قويۇلۇۋاتقان كورېيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ناتونۇش ئادەم» (陌生人) قاتارلىق فىلىملەردە باش رول ئالغان.









دەسلەپتە ئۇنىڭ ھوشىدىن كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان، لېكىن ناھايىتى تېزلا ئۆلگەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن.



يەنە بەزىلەر ئى سۇنكيۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىككى ئايدا ئېرى ۋە دادىسىنىڭ قانچىلىك قالايمىقان ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىگە قاراپ بىئارام بولغانلىقىغا تەسەللىي بەرگەن.

ئائىلىسىدىكىلەر ئى سۇنكيۇننىڭ نەچچە ۋاقىتتتىن بېرى ئۇچرىغان ئىشلىرىغا قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ئىش قىلالمىغان، مانا ئەمدىلىكتە ئۇ ئۆلۈۋالدى، ئۆلۈشتىن بۇرۇن بىر پارچە قەغەزنى قالدۇرۇپ قويدى، بۇنىڭدىن ئائىلىسىدىكىلەر چوقۇم ئىنتايىن بەك ئازابلاندى. تورداشلارمۇ بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېگەن:
«بىر ئائىلە باشلىقى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزدىكىلەرگە بۇنداق مۇئامىلە قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ راستتىنلا بەك شەخسىيەتچى ئىكەنسىز، ئۆلىۋېلىپلا بارلىق ئىشلارنى ئائىلىڭىزگە تاشلاپ قويدىڭىز.»

«نېمىشقا ئۆلىۋالىسىز؟ سىز بىر ئۆمۈر ئۆيدىكىلىرىڭىزدىن كەچۈرۈم سوراپ، ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭىز كېرەك ئىدى.»
«بالىلار قانداق قىلىدۇ؟»

«ئۆلۈۋېلىشتىن باشقا ياخشى چارە يوقمىدى؟»

«بۇ ئائىلە ئەزالىرىغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن بەك رەھىمسىزلىك.»

«ئۇنىڭ ئايالىمۇ كاتتا ئەرباب، ئۇ بالىلىرىغىمۇ نۇمۇس ئېلىپ كەلدى، ياخشى ياشىيالمىغان ھالەتتىمۇ ھېچ بولمىغاندا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ئىدى، بەلكىم ئۇنىڭ راستتىنلا خاتالىقى بولغاچقا ئۆلۈپلا قۇتۇلۇشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن.»

بەزىلەر ئۆلۈم خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ساقچى تەرەپ ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەدىكى قىلمىشىدىن گۇمانلىنىپ، ئى سۇنكيۇننى «قىستاپ» ئۆلتۈرىۋەتتى دەپ قارىغان.


«كىم ئاخبارات ۋاستىلىرىغا تەكشۈرۈش جەريانىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاپ قويغانندۇ؟»

كىشىلەرنى تېخىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ بىر توپ كىشىلەر ئىچىدە ساقچى نازارىتىنىڭ تەشۋىقات مەسئۇلى كىم دوڭۋۇكمۇ بار بولۇپ، ئۇمۇ بۇلتۇر ئىتاۋوندىكى دەسسىلىش پاجىئەسى ئالاھىدە تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى ئىدى.
كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتاۋوندىكى دەسسىلىش ۋەقەسىدىكى ئىقتىدارسىزلىقى «دۇنياغا داڭلىق» بولۇپ، كىشىلەر بۇ مەسئۇل خادىمنىڭ نېمىگە تايىنىپ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى چۈشىنەلمىگەن.

ئى سۇنكيۇن قاتارلىق سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ زەھەر چەككەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئىنچون ساقچى نازارىتى جىنايى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋۇ چېڭجېنمۇ ئۆستۈرۈلۈش تىزىملىكىدە بولۇپ، ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان.
ئەمەلىيەتتە، ئى سۇنكيۇننىڭ زەھەر ماجىراسى ئەمدىلا پارتلىغاندا، ھاكىمىيەت سىرتىدىكى بەزى پارتىيەلەر ئى سۇنكيۇن زەھەر چېكىش ۋەقەسى يۇن سوڭيۇل ھۆكۈمىتىنىڭ سەتچىلىكىنى يوشۇرۇش، ئامما پىكرىنى كونترول قىلىشنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىغان.

10-ئاينىڭ 21-كۈنى كورېيەدىكى ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا «سىز سەنئەتكارلارنىڭ زەھەر چەككەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئارقىلىق پاكىتنى يوشۇرماقچىمۇ؟» دېگەن ماقالىنى يازغان.
ئۇ ماقالىسىدە ئەينى چاغدىكى زۇڭتۇڭغا ئالاقىدار بىر سەتچىلىكنى تىلغا ئالغان، يۇن سوڭيۇلنىڭ رەپىقىسى ئۆزىنىڭ گاۋلى داشۆسىدىكى ساۋاقدىشى كىم چېڭشىنى زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مېھمان كۈتۈش كاتىپى بولۇشقا تەۋسىيە قىلغان، كىم چېڭشى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن، ئۇزاق ئۆتمەي قىزىنىڭ مەكتەپ زوراۋانلىقىنى سادىر قىلغۇچى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان، ئۇنىڭ قىزى مەكتەپتە تۆۋەن يىللىقتىكى ساۋاقدىشىنى ئۇرغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ «يۈزى قانغا بويالغان» بولۇپ، يارىسى توققۇز ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن ئەسلىگە كەلگەن.
يەنە بەزىلەر، كىم چېڭشىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى تەرجىمھال سۈرىتىدە ئېرى بىلەن زۇڭتۇڭ يۇن سوڭيۇلنىڭ بىللە پەيدا بولغاندىكى سۈرىتى قاتارلىقلارنى يوللاپ، ھوقۇقنى كۆز-كۆز قىلدى دېيىشكەن.

كىم چېڭشى بېسىم ئاستىدا تېزلا ئىستېپا بەرگەن، ئەينى چاغدا بۇ تالاش-تارتىشتىن باشقا، يەنە يۇن سوڭيۇل ھۆكۈمىتى سىئولنىڭ گاڭسېئو رايونلۇق نازىر ئورنىنى تولدۇرۇش سايلىمىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ، كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، «دەل ۋاقتىدا» ئاشكارىلانغان ئى سۇنكيۇننىڭ زەھەر چېكىش توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشى ھاكىمىيەت سىرتىدىكى نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرىنى گۇمانغا سالغان. بىراق بۇ تەشەببۇس كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرىغان.

ئى سۇنكيۇننىڭ زەھەر چەككەنلىكى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش ھازىرغىچە تەرەققىي قىلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ پەرىزىدىن ئېشىپ كەتكەن.

بىر ھاياتلىقنىڭ بىكاردىن بىكار كېتىپ قېلىشىنى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، دېمىسىمۇ نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەر ئۇنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدىكى يەتكۈزگەن ھەقىقىي روھىنى ھېس قىلغان، شۇڭا بۇ قېتىمقى ئى سۇنكيۇننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى كىشىلەر ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
مەيلى قانداقلا بىر ئويۇن ئوينالغان بولسۇن ئى سۇنكيۇننىڭ خاتىرجەم يېتىشىنى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قايغۇدىن تېزراق قۇتۇلۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز...



