大数跨境

دۆت ئاياللار يولدىشىغا دائىم دەيدىغان گەپلەر

دۆت ئاياللار يولدىشىغا دائىم دەيدىغان گەپلەر xjmahallam
2024-01-15
1


بەخت ئەزەلدىن ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس، ھەممە ئادەم بەختكە، رومانتىكلىققا ئىنتىلىدۇ، لېكىن ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا ئۇلارغا ئېرىشەلەيدۇ، بەخت ئەزەلدىن ئەقىللىك ئادەملەرنىڭ قولىدا بولغان، چۈنكى ئۇلار بەختنى قانداق قولغا كەلتۈرۈشنى، قانداق قوغداشنى بىلىدۇ، ئەقىللىك ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى، بىر ئېغىز گەپنىڭ قانچىلىك قۇدرىتى بارلىقىنى، بىر ئېغىز گەپ بىلەن بەختنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى، يەنە بىر ئېغىز گەپ بىلەن بەختنى بۇزۇۋەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، پەقەت دۆت ئاياللارلا ئەرلىرىگە دائىم تۆۋەندىكى گەپلەرنى قىلىدۇ.


بولدىلا، سىز يا ئۇ بولمىسىڭىز

ئەرلەر بەزىدە كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ، سىز ئۇنى قانچە ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرسىڭىز ئۇ شۇنچە تىرىشىدۇ، ئەقىللىك ئاياللار يولدىشىنى توختىماي رىغبەتلەندۈرۈپ قوللاپ تۇرىدۇ، يولدىشى مەغلۇپ بولسا ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆيۈنىدۇ. دۆت ئاياللار بولسا ئىش باشلانماي تۇرۇپلا يولدىشىدىن ئاغرىنىشقا باشلايدۇ، ئۆزىنىڭ يولدىشىنى باشقىلارنىڭ يولدىشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئەرلەرنىڭ غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرىدۇ، بۇنداق ئەھۋال تەكرارلىنىۋەرسە ئەرلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنى يوقاپ كېتىدۇ.

ئاڭلاپ تۇرۇڭ، ھازىرلا قايتىپ كېلىڭ

بۇ گەپنى كۆپ قىسىم ئاياللار دائىم دەيدۇ، يولدىشى سىرتتا بولۇپ قالسا ئۇلار توختىماي تېلېفون قىلىپ يولدىشىغا بۇيرۇق قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا قايتىپ كېلىشنى بۇيرۇق قىلغاندىن كۆرە ئۇنى چىرايلىق گەپلەر بىلەن قايتىپ كېلىشكە چاقىرسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇ تېخىمۇ گېپىڭىزنى ئاڭلايدۇ.

قانداق سوۋغات بۇ، ئازراقمۇ ياقتۇرمىدىم

ئەرلەر ئاياللاردەك ئىنچىكە ئەمەس، بەزىدە ئۇلار ئاياللارنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپالماي قالىدۇ، ئۇلار تۇغۇلغان كۈنىڭىز، مۇھىم كۈنلەردە سىزگە سوۋغاتلىق بەرسە ئۇنىڭ سوۋغىسىنى ياراتمىغاندەك گەپلەرنى قىلماڭ، گەرچە ئۇ سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سوۋغاتنى تاللىيالمىغان بىلەن، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن تىرىشتى، تىرىشقىنى يېتەرلىك، دۆتلۈك قىلىپ ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىدىغان ئىشنى قىلماڭ.


سىز دۆت ئايالمىكەنسىز ياكى ئەقىللىك ئايالمۇ؟


【声明】内容源于网络
0
0
xjmahallam
كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
内容 0
粉丝 0
xjmahallam كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
总阅读0
粉丝0
内容0