
بىركۈنى ئالتۇن بىلەن تۆمۈر پاراڭلىشىپ قاپتۇ .
ئالتۇن دەپتۇ :
«ھەي تۆمۈر ، ھەممىسى سىنى باتۇرنىڭ سىموۋۇلى قىلىپ ماختىشىدىكەن . لىكىن سىنى بازغان بىلەن ئۇرسا ۋاقىراپ جاھاننى بىر ئالىدىكەنسەن . مىنى ئۇرۇپ ماكچايتىپ قەغەزدەك قىلىپ قويسىمۇ قىلچە ۋايسىمايمەن ، سىنى باتۇر دىگىلى بولمىغۇدەك دەپتۇ».
تۆمۈر دەپتۇ :ھەي ئالتۇن سەن ئۇقمايسەن ، تەكتىمدىكىمۇ تۆمۈر ، مەنمۇ تۆمۈر ، ئۈستۈمدىكى بازغانمۇ تۆمۈر . ھەممىسى مىنىڭ يېقىنلىرىم ، ئۆزيېقىنلىرىدىن ئازار يىيىشنىڭ قانچىلىك ئازاپلىق ئېكەنلىكىنى سەن بىلمەيسەن ، بىلگەن بولساڭ بۇنداق دىمىگەن بولاتتىڭ دەپتۇ .
ئالتۇن بۇسۆزلانى ئاڭلاپ خىجىل بولغان ھالدا ئاستا كىتىپ قاپتۇ . راس ئازاپ ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىدىن كېلىدۇ ! يېقىن كۇرگەنلىرىڭ چىڭراق قاراپ قۇيسىمۇ دىلىڭ رەنجىيدۇ.



