大数跨境

يۈ مىنخۇڭ: تەقدىر-ئىستىقبالىڭىزنى ياخشى يارىتىڭ

يۈ مىنخۇڭ: تەقدىر-ئىستىقبالىڭىزنى ياخشى يارىتىڭ Nepkar
2020-10-02
2
导读:كىشىلىك ھاياتنى ئۆزىڭىز تاللايسىز، سىز ئۆزىڭىزنى تەقى-تۇرقىڭىزغا ئەمەس، بەلكى قەلبىڭىزگە، ئىقتىدارىڭ


تەقدىر-ئىستىقبالىڭىزنى ياخشى يارىتىڭ

يۈ مىنخۇڭ

ساۋاقداشلار ياخشىمۇ سىلەر:
ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆز ھاياتىنى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ئەڭ ياخشى ئەڭگۈشتەر ياكى ئەڭ ياخشى كۈچ، كۈرەش قىلىشى كېرەك، مەن ئىشىنىمەن، بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەر قايسى ساۋاقداشلارنىڭمۇ بۇ يەردە ئولتۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى بۇ خىل كۈچنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەتلىكىگە ئىشىنىمەن. 

ھەر بىرىمىزنىڭ تۇغۇلۇشى ئوخشىمايدۇ، ئىلگىرى ياش ۋاقتىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭ بىر نامرات ئائىلىدە چوڭ بولغانلىقىمىزدىن ئاغرىناتتۇق. مەن ئىلگىرى ياش ۋاقتىمدا ئاتا-ئانامدىن ئاغرىنىپ باققان، ئۇلار ماڭا ھېچنېمە بېرەلمەيتتى. مېنىڭ بېيجىڭ داشۆسىدە يۈرىۋاتقىنىمغا توپتوغرا يەتتە يىل بولدى، بىرمۇ ئايال مېنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغان چاغدا، نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمنىڭ نەچچە قېتىم مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى بايقىدىم. 
بەزى ساۋاقداشلار گۈزەل ئايالنى ئەمرىگە ئېلىپ، گۈزەل ئائىلە قۇردى. مەن ھېچ بولمىغاندا ھەر بىر ساۋاقداشنىڭ ساغلام بەدەنگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان ۋاقتىمدا، ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىدىم. بارلىق تۇرمۇش قاراڭغۇلۇقى ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزۈمگە مەركەزلەشكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ھېلىمۇ ياخشى مۇشۇنداق جەرياندا ئۆزۈمدىكى بىردىنبىر كۈچتىن ۋاز كەچمەپتىمەن، بۇ كۈچ مېنىڭچە تىرىشساملا، كۈرەش قىلساملا، ماڭا يېتەرلىك ۋاقىت بەرسىلا، تەقدىرىمنى ئۆزگەرتەلەيدىغان، تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايدىغان كۈچ ئىدى.
بۇ خىل تۇيغۇ قەيەردىن كەلگەن؟ مەن كىچىكىمدىن باشلاپ يېزىدا ياشىغانلىقىمدىن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىلھام ئالغانلىقىمدىن كەلگەن، چۈنكى ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېزا بالىلىرىنىڭ چوڭ بولغاندىكى بىردىنبىر قايتار ماكانى يېزىدا بولاتتى. 
مەن 14 يېشىمدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردۈم، ئارقىدىنلا تەقدىر ماڭا ھۆكۈم چىقاردى، ئەينى چاغدا جۇڭگودا كەمبەغەل دېھقان، تۆۋەن ئوتتۇرا دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرى دەپ ئاتىلىدىغان بىر سىياسەت بار ئىدى، بىر ئائىلىدە پەقەت بىرسىلا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشقا بولاتتى، ئاچام تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيتتى، شۇڭا ماڭا نۆۋەت كەلمەيتتى.
شۇڭا ئەمەلىيەتتە مەن 14 ياش ۋاقتىمدىلا بىر قېتىم ئەستايىدىل دېھقان بولغان، ئۇ چاغدا مەن بۇ ئۆمرۈمدە پەقەت يېزىدا تۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدىم. بىراق، مەن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەتكە ئېرىشتىم. بۇ پۇرسەت دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ، مائارىپ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىمىز مېنى ئويلاپ يەتكەن ئىدى، ئۇ «يۈ مىنخۇڭ ئىزچىل كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، بىز قائىدىنى بۇزۇپ ئۇنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قايتا قويساق بولامدۇ؟» دېدى. 
ئاپام مېنىڭ بۇ ئىشىمنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى، ئۇ گۇڭشې، چوڭ ئەترەت رەھبەرلىرى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ئىزدەپ بېرىپ «ئوغلۇم مەكتەپكە كەلسە بولىدۇ.» دەپ كۆپ يالۋۇرۇپتۇ. شۇڭا بۇ ئۆمرۈمدە ئاپامدىن ئەڭ مىننەتدارمەن.
مانا بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىملىق پۇرسىتىم، بۇنى مەن كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس، پارتىيە ۋە دۆلەت ماڭا بەرگەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە، سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېھقان ئىدى، چۈنكى بىز يېزا ئوتتۇرا مەكتىپى بولغاچقا، ھېچكىم ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلەيمەن دېيەلمەيتتى، لېكىن بۇ ۋاقىتتا مەن بىر ياخشى ئوقۇتقۇچىغا ئۇچراپ قالدىم. بۇ مۇئەللىم ھازىر نەنجىڭدا، 80 ياشقا كىرىپ قالدى، ئۇ بىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەكرار قىلىۋاتقاندا، تولۇق ئىككىنچى يىللىقتا بىزگە مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلغان ئىدى: «مەن سىلەردەك بۇ يەردە ئولتۇرغان سولتەكلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەيدىغىنىڭلارنى بىلىمەن، سىلەر كېيىن چوقۇم دېھقان بولىسىلەر، ئەمما مەن يەنىلا ھەر بىرىڭلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن، چۈنكى سىلەر كېيىن يېزىغا قايتىپ، ئېتىزدا ئەمگەك قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئوتىغۇچنى تۇتۇپ كۆك ئاسمانغا قاراپ، ئۆز تەقدىرىڭلارغا ئاھ ئۇرۇپ ھەسرەت چەككىنىڭلەردا، ئېسىڭلارغا شۇ كېلىدۇكى، سىلەر ئىلگىرى ئۆز تەقدىرىڭلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىر قېتىم كۈرەش قىلغان.» 
بۇ گەپ ھازىرغىچە ئېسىمدە، كۆپچىلىك بۇ گەپنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار. شۇڭا مەن ئۆزۈمنى «چوقۇم ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىمەن.» دەپ بېكىتتىم؛ ئىككىنچىدىن، بۇ مۇئەللىمنى «چوقۇم بىر قېتىم ئۈمىدسىزلەندۈرىمەن.» دەپ بېكىتتىم. 
ئەمما بۇ پەقەت بىر قېتىملىق گۈزەل ئارزۇيۇم بولۇپ قالدى، مەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ تۇنجى يىلى، ئىنگلىز تىلىدا ئاران 33 نومۇر ئالالىدىم، گەرچە ئەينى يىلى بۇ قوبۇل قىلىشتىكى ئىنگلىز تىلى نومۇر سىزىقىمۇ يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەڭ تۆۋەن ئالىي تېخنىكومغا قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى بىزنىڭ جياڭسۇدا بىر ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى بولۇپ، ئاران 40 نومۇر ئىدى، ئەمما مەن پەقەت 33 نومۇر ئالدىم، 7 نومۇر كەملەپ قالدى، ئۇنداقتا مەن يەنە بىر يىل تىرىشسام، مەن بەلكىم 40 تىن ئېشىپ كېتىشىم مۇمكىن، بەلكىم مۇشۇ ئالىي تېخنىكومغا كىرىپ ئوقۇشۇم مۇمكىن دەپ ئويلىدىم، شۇڭا ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلغاچ تەكرار قىلدىم. 
ئەينى چاغدا يېزىدا ئېلېكتىر چىراغمۇ يوق ئىدى، كىرسىن چىراغنىڭ ئاستىدا تەكرار قىلاتتىم، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلغان 2-يىلى كۆزۈم يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالدى، 2-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 55 نومۇر ئالدىم، بۇ نومۇرنى ئېلىپ بەك خۇش بولدۇم، نېمە ئۈچۈن دېگەندە، مېنىڭچە قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى 40 نومۇر، مەن 55 نومۇر ئالدىم، ئۇنداقتا مەن قانداقلا بولمىسۇن ئۇ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىغا كىرەلەيمەن. 
نەتىجە نومۇر سىزىقى چۈشكەندىن كېيىن، پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نومۇر سىزىقى 60 نومۇرغا كۆتۈرۈلدى، نەتىجىدە يەنە بەش نومۇرۇم كەملەپ قالدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەكسىچە ئىشەنچىم ئاشتى. مەن 3-يىلى ئىمتىھان بەرمىسەم بولمايدىغاندەك ھىس قىلىپ، ئاپامغا: «3-يىلى قانداقلا بولمىسۇن ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلمايمەن، يەنى چوقۇم ھەر كۈنى بارلىق ۋاقتىمنى ئۆزۈمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قويۇپ بېرىڭ.» دېدىم، ئەمما ئاپام: «ساڭا يەنە بىر يىل ۋاقىت بېرەي، ئائىلىمىز ھەقىقەتەن نامرات، 3-يىلى يەنە ئۆتەلمىسەڭ، ياۋاشلىق بىلەن قايتىپ كېلىپ دېھقان بول.» دېدى.
شۇڭا مەن 3-يىلى جان تىكىپ ئىشلىدىم، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، كەچ سائەت 12 دە ئۇخلايمەن، 3-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقاندا، نەتىجەم چىقىپلا بېيجىڭ داشۆسىنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم، شۇڭا كېيىن تەلىيىمگە سا بېينىڭدەك داڭلىق شەخس بىلەن مەكتەپداش بولۇپ قالدىم. 
ئەمەلىيەتتە بېيجىڭ داشۆ دېگەن سۆز كاللامدا يالت-يۇلت قىلىپمۇ باقمىغان، شۇڭا بۇ مىسال ساۋاقداشلارغا يەنە بىر ئىلھام بولىدۇ. قانداق ئىلھام؟ ئادەمدە ئارزۇ بولۇشى كېرەك، لېكىن ئارزۇ ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ، تىرىشمىسىڭىز پايدىسى يوق، خۇددى تاغقا ياماشقان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ تاغ چوققىسىغا قارىمىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ يۇقىرىغا يامىشىۋاتقانلىقىنى بىلسىڭىزلا، يامىشىدىغان يولىڭىز توغرا بولسىلا، تاغ چوققىسىغا يېتىپ بېرىشىڭىز پەقەت بىر ۋاقىت مەسىلىسى.
شۇڭا، ھاياتىمنى ئەسلىسەم، كۆپ ھاللاردا تۇرمۇشۇمدىكى بەزى مەغلۇبىيەتلەر، ئەڭ ئاخىرىدا مېنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشۈمگە تۈرتكە بولدى، يەنە بىر يېڭى نىشانغا يەتتىم. ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھاياتتىكى كۈرەشنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا كەسپى بولىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا ھاياتى بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى نېمە؟ ئۆزىڭىزگە سېلىشتۇرۇڭ، ئۆزىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇڭ، بۈگۈنىڭىز تۈنۈگۈنكىدىن ياخشىمۇ؟ ئەتىڭىز بۈگۈنكىدىن ياخشىمۇ؟ كېلەر يىلى بۇ يىلدىن ياخشى بولامدۇ؟ ئون يىلدىن كېيىن بۇ يەردە تۇرغان بۈگۈندىن تېخىمۇ ياخشى بولامسىز؟
يەنە بەزى ساۋاقداشلار ناھايىتى مەنىلىك ھالدا ماڭا: «يۈ مۇئەللىم قاراڭ، مېنىڭ بۇ تەقى-تۇرقۇم ئانچە ياخشى ئەمەس، ئىشلىرىمنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تەسىر يەتكۈزدى. مەسىلەن، مەن خىزمەت ئىزدەش يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا بارغاندا، خوجايىن مېنىڭ بۇ تۇرقۇمغا قاراپلا، مېنى تاشلىۋەتتى.» دېدى. 
مەن: «بۇنداق دېيىشكە جۈرئەت قىلالىغىنىڭىز بىلەن، كۆڭلىڭىزدە يەنىلا ئازراق ئىشەنچىڭىز بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا ئادەم دېگەن نېمە؟ ئادەمنىڭ 30 ياشتىن بۇرۇنقى تەقى-تۇرقىنىڭ بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن. قىز بالا ھەر قانچە چىرايلىق بولۇپ كەتسىمۇ، 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن يەنىلا كەمىنە ئاچىڭىز بەك زىلۋا دېيەلەمسىز؟ بۇ تۇيغۇ توغرا ئەمەستۇ؟ دېمەك ئادەمدە تاشقى قىياپەت جەھەتتە ئازراق پاكىز، چاققان تۇيغۇ بولۇشى كېرەك، لېكىن مۇشۇچىلىك بولىدۇ. 
بىر ئەر ھەر كۈنى ئەينەك ئالدىدا يېرىم سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزىنى ياسايدۇ، مەن راستىنلا بۇنداق ئەرنى كۆرگەن، يېرىم سائەتمۇ توختىمايدۇ، مېنىڭچە ئەرلەر ئەينەككىمۇ قارىماسلىقى كېرەك. بىلىشىڭىز كېرەككى، بۇنداق ياخشى ۋاقتىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلىشقا سەرپ قىلمىسىڭىز، نېمە پايدىسى؟ ھەر قانچە ياسىنىڭ، قېرىماي تۇرالامسىز؟ سىز يەنە ياشىنىپ قالغاندا ياسىنىپ يۈرسىڭىز، يۈزىڭىزگە قورۇق چۈشمەي قالامسىز؟ قورۇق باسقان يۈزىڭىزدىكى (ۋاقىتتا)، قورۇقتا ئاشكارىلانغىنى چاكىنىلىقمۇ ياكى ئاشكارىلانغىنى ئەقىل-پاراسەتمۇ؟ بۇنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ھازىر قىلىدىغان ئىشىڭىز، شۇڭا سىزنىڭ تەقى-تۇرقى سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. 
بىر قېتىم بىر كىچىك ئوغۇل بالا، مەن نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا يۈگۈرۈپ كەلدى، ئۇ بەك پاكار ئىدى. ئۇ مەندىن: «يۈ مۇئەللىم، مەندەك بىر ئادەم، ئەرلەر دۆۋىسىدىن ئۆزۈمنى تاپالمايۋاتىمەن، ئاياللار دۆۋىسىدىن ئۆزۈمنىمۇ تاپالمايۋاتىمەن، ھەقىقەتەن بەك پاكار ئىكەنمەن، ئۇ ماڭا بۇ ئۆمرۈمدە قانداق قىلىمەن؟» دەپ سورىدى.
مەن ئۇنىڭدىن: «لۇ شۈننىڭ قانچىلىك ئېگىز ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بىر مېتىر ئەللىك سەككىز سانتىمېتىر. سىز دېڭ شياۋپىڭنىڭ قانچىلىك ئېگىز ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بىر مېتىر 57 سانتىمېتىر. ناپالىئوننىڭ قانچىلىك ئېگىز ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بىر مېتىر 56 سانتىمېتىر. مەن سىزنى قانچىلىك ئېگىز دېسەم، ئۇ مەن بىر مېتىر 55 سانتىمېتىر.» دەيدۇ، مەن «سىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىڭىز كېرەكلىكىنى بىلگەنسىز؟» دېدىم. 

كىشىلىك ھاياتنى ئۆزىڭىز تاللايسىز، سىز ئۆزىڭىزنى تەقى-تۇرقىڭىزغا ئەمەس، بەلكى قەلبىڭىزگە، ئىقتىدارىڭىزغا يۈز كېلەلەيدىغان ئادەمگە ئايلاندۇرۇشىڭىز كېرەك.
شۇڭا ساۋاقداشلار، كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشايلى، پەقەت ئۆزىڭىز ئىشىنىپ، كۈرەش قىلسىڭىزلا ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز، سىزنىڭ ھاياتىڭىز چوقۇم بارغانسېرى پارلاق بولىدۇ، مېنىڭ نۇتۇقۇم مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، كۆپچىلىككە رەھمەت!

ما يۈننىڭ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياش كارخانىچىلار باشلىقلار يىغىنىدا سۆزلىگەن ئەڭ يېڭى «ھازىر ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىدۇر» ناملىق نۇتۇقىنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئوقۇڭ!

ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0