大数跨境

تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى 14-سېنتەبىر

تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى 14-سېنتەبىر Nepkar
2020-09-14
2
导读:تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا يولۇققاندا قانداق تاقابىل تۇرى


تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا يولۇققاندا قانداق تاقابىل تۇرىمىز؟


تېخىمۇ كۆپ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش بىلىملىرى (تېمىنىڭ ئۈستىگە چەكسىڭىز بەت ئاتلايدۇ):

1. ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىپ، ئىقتىسادىمىزنى قوغدايلى 11-سېنتەبىر

2. ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش ئالدامچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش 12-سېنتەبىر

3. شەھەر ئاھالىلىرىگە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش 13-سېنتەبىر

-----

بۈگۈنكى تېلېگراف ئالدامچىلىق ئەھۋالىغا نەزەر!

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ تېلېفونى: 7654321-0991

شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ:

1. «00، +»دىن باشلانغان چېگرا سىرتىدىكى تېلېفوننى قوبۇل قىلسىڭىز، چوقۇم ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈڭ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئالدى بىلەن 110 تېلېفونىنى قوبۇل قىلىڭ؛

2. ناتونۇش كىشىلەرگە كىملىك نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر، دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمەڭ؛ ناتونۇش ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىماڭ، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تور بەت ئۇلانمىلىرىنى چەكمەڭ؛

4. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالدىنىپ قالسىڭىز ياكى گۇمانلىق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، دەلىل-ئىسپاتلارنى قوغداشقا دىققەت قىلىڭ، ھەمدە دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى 7654321 گە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.

ئەسكەرتىش:

ئەگەر سىز باشقا رايوندا بولسا، شۇ رايوندىكى دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى شۇ رايوننىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.


مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: ئىلقۇت


تور ئالدامچىلىقىدىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى!

مەزكۇر يازما گەرچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئۈندىدار ئورگان سالونىدىن ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشىنىمىزكى، يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى پۈتۈن رايونىمىز، ھەتتا پۈتۈن دۆلىتىمىز تەۋسىدە ئورتاقلىققا ئىگە، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ مەزكۇر يازمىنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىپ قويۇشىنى، باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


سالون ئەسكەرتىمىسى:

سالونىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ مال-مۈلۈك ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالدامچىلىققا قارىشى تۇرۇش تەشۋىقات يازمىلىرىنى ھەر كۈنلۈكى ماس قەدەمدە تەرجىمە قىلىپ يوللاپ، تورداشلارنىڭ ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش بىلىملىرىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ ئەگەر سالونىمىزنىڭ مەزكۇر يازمىلىرىدىن ئازتولا نەپ ئالغان بولسا، سالونىمىزنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0