搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئىقتىساد تەپەككۇرى: ھەربىر ئادەمنىڭ ئىقتىساد تەپەككۇرى
>
ئىقتىساد تەپەككۇرى: ھەربىر ئادەمنىڭ ئىقتىساد تەپەككۇرى
Nepkar
2020-10-02
0
导读:بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان دۇنيانى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشى
كىرىش سۆز:
ھەربىر ئادەمنىڭ ئىقتىساد تەپەككۇرى
2010-يىلىدىن باشلاپ، مەن ھەر يىلى بېيجىڭ داشۆدە «ئىقتىسادشۇناسلىق پىرىنسىپلىرى» دەرسى بېرىپ كېلىۋاتىمەن، ئوقۇغۇچىلار دائىم ماڭا: «ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ بۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمىز!»، «ئىقتىسادشۇناسلىق ئەسلىدە شۇنچە قىزىقارلىق ئىكەن!»، «ئەمەلىيەتتە مەن نۇرغۇن قېتىم ئىقتىسادشۇناسلىق دەرسىگە قاتنىشىپ باققان، لېكىن بۇ قېتىمقىسى پەقەت ئوخشىمايدۇ.» دەيدۇ.
مەن ئۇلارنىڭ تۈزۈت قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمەن، مەن ئۆزۈم ئىقتىساد ئىلمى ئېلىپ كەلگەن ھەيرانلىق ۋە خۇشاللىقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنى قايتا تارقىتىشنى ئارزۇ قىلغانمەن.
ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ شۇنچە سېھرىي كۈچى باركى، بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلغان ئىلىم.
ئادەمنىڭ بىلىشى ۋە ھۆكۈم قىلىشى ھازىرغا قەدەر ئاساسلىقى يەنىلا بىۋاسىتە سېزىمى ۋە قىسقا ئارىلىقتىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تايىنىپ قوزغىلىتىۋاتىدۇ، لېكىن ئادەمنىڭ بەدىنى ۋە كەچۈرمىشلىرى ئاللىقاچان چوڭ كۆلەمدىكى ناتونۇش كىشىلەرنىڭ نەپىس بىر ھەمكارلىقى ئۈستىگە قويۇلغان.
بۇ ئىككىسىنىڭ غايەت زور پەرقى نۇرغۇن ئەقىللىق جەمئىيەت دانالىرىنىڭ مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە ئىقتىسادىي ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى يەنىلا گۆدەكلىك باسقۇچىدا توختىتىپ قويدى. بىر ئادەم ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدە ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ، لېكىن ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، يەنە باشقا بىر خىل ئەقىل-پاراسەتنى ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، «ئامېرىكىنىڭ مېلىنى سېتىۋېلىش، ئامېرىكىلىقلارنى ياللاش شوئارى»نى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزى زاۋۇتىنى جۇڭگودا قۇرغان، ھەتتا سايلام رىقابىتى تەشۋىقات بۇيۇملىرىنىمۇ جۇڭگودا ئىشلەپچىقارغان.
مۇخبىر ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنداق سۆز-ھەرىكىتىنىڭ ئۆزئارا زىتلىقىنى سورىغاندا، ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن: «مەن دېگەن سودىگەر!» دەپ جاۋاب بەرگەن.
شۇنداق، ئۇ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەر، لېكىن «ئامېرىكىنىڭ ماللىرىنى سېتىۋېلىش، ئامېرىكىلىقلارنى ياللاش»تىن ئىبارەت دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى قايتىدىن جانلاندۇرالىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىش جەھەتتە، ئۇنداق ئاقىلانە ئەمەس. خۇددى مۇسابىقىدە كەينى-كەينىدىن غەلىبە قىلغان تۇلپارنىڭ مۇسابىقە يولىنىڭ لايىھەلىنىشىدىن خەۋەرسىز قالغىنىغا ئوخشاش.
مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، سىزنىڭ بۇ كىتابنى سېتىۋېلىشىڭىز ھەرگىزمۇ ئىقتىسادشۇناس بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان زېرەك ئادەم بولۇشنى، بىۋاسىتە سېزىم ۋە تەجرىبىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇشنى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەرىكەتنىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشنى، كۆپ يىللاردىن بۇيان توپلىغان ساۋات ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئاغدۇرمىچىلىق قىلىشنى، نۇرغۇن ناتونۇش كىشىلەرنىڭ زىچ باغلىنىشىدىن شەكىللەنگەن بۇ جەمئىيەتكە دەل جايىدا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئويلاشتىن ئىبارەتتۇر.
مېنىڭ نەزىرىمدە سىز ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇر ئادىتىنى ئاغدۇرۇشقا تەييار تۇرىدىغان ئادەم. بۇ كىتابنىڭ نىشانىمۇ ناھايىتى ئاددىي، يەنى سىزنى ئىقتىسادشۇناسلىقنى كەسىپ قىلمىسىڭىزمۇ، ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.
سىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىز قايتا-قايتا ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىۋالغىلى بولىدىغان، ئۆگەنگەننى ئىشلىتەلەيدىغان بىلىم سىستېمىسى بولۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان ماتېماتىكا تەڭلىمىسىدىن داۋاملىق سەۋەبسىز ھېيىقمايدىغان، ئىقتىسادشۇناسلىق پىروزىچىلىقىنىڭ پارچە-پۇراتلىرىغا قانائەت قىلمايدىغان بولۇشتىن ئىبارەت. سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز بىر قەدەم بىر قەدەمدىن پۇختا ئۆگىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا پارچە-پارچە تاشلار بىلەن قەلئە بەرپا قىلىشتۇر.
بۇ كىتابنىڭ سىزگە بېرىدىغىنى شۇنداق بىر مۇكەممەل سىستېمىكى، ئۇ سىزگە ئايلىنىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ئىقتىسادشۇناسلىق يادرولۇق ئۇقۇمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. سىز بۇ كىتابنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ھەر قانداق بىر دەرسلىك كىتابقا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ تەپسىلىي، تېخىمۇ ئەمەلىي ۋە قىزىقارلىق ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
بۇ كىتاب سىزنىڭ ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدىغان ئىقتىسادشۇناسلىق نەيرەڭلىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. سىز ئورىما لېنىيەسى سىزىشنى، سايە باھاسىنى تېپىشنى، ئۈنۈم فۇنكسىيەسىنى يېشىشنى ئۆگەنمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ... مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇ ماتېماتىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر ئىقتىسادشۇناسمۇ، بۇ قوراللارنى ئىشلىتىپ ئۆزلىرى يولۇققان ھەر قانداق رىئال مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ.
بۇ كىتاب سىزگە ئامما كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىي لوگىكىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇ ئارقىلىق سىزنىڭ ئوخشاش تەپەككۇرنى كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە ئىشلىتىشىڭىزگە ئىلھام بېرىدۇ.
ھالبۇكى، نۆۋەتتە ئېقىپ يۈرگەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىقتىسادشۇناسلىق دەرسلىكلىرى بولسا، بۇ تۈزۈملەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىچكى قۇرۇلمىسى يوق قارا ساندۇق دەپلا قارايدۇ.
بۇ كىتاب سىزنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇرى تۇرغۇزۇشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ. ئىقتىسادشۇناسلىقنى چۈشىنىش تەس ئەمەس، يادلاشمۇ تەس ئەمەس، ئۇنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇپ قالماي قوللىنىش تەس.
مەن نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق، ھەتتا سىز ئويلاپ باقمىغان كۆرۈنۈشلەرنى ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە تەھلىل قىلىمەن، مەقسىتىم سىزنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش. سىز بۇ كىتاب ئارقىلىق خۇددى نەپەس ئېلىش، مېڭىش، سۇ ئۈزۈش ۋە ۋېلىسىپىت مىنىشكە ئوخشاش، تەبئىي ھالدا ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق دۇنياغا ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بولىسىز.
بۇ كىتاب سىزنىڭ ئىقتىساد ئىلمىنىڭ دەرىجىسىنى يېتىلدۈرۈشىڭىزگە ياردەم قىلىدۇ. بىر خىل قاراشنى دەڭسەشتە، بولۇپمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشتىن ئۆتكەن قاراشنى دەڭسەپ كۆرگەندە، ئۇنىڭ ئۆلچىمى كۆپ ھاللاردا توغرا ياكى خاتا بولماستىن، بەلكى يۇقىرى ياكى تۆۋەن، يېنىك ياكى ئېغىر بولىدۇ؛ ماھىرلارنىڭ ماھارىتىگە قاراپ، ئىدىيە مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قاتلىمىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىپ، ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرۇپ، نەزەرىيەدىن ھۇزۇرلىنىش سەۋىيىڭىزنى ئۆستۈرەلەيسىز.
بۇ كىتاب سىزنىڭ تېخىمۇ ئىدراكلىق، خۇشال بولۇشىڭىزغا ۋە ئالغا ئىنتىلىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. سىز ئارزۇ بىلەن نەتىجىنى ئايرىپ باھالاشنى ئۆگىنىسىز (ئىدراك)؛ سىز ئاۋۋال ھادىسىنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبنى تەتقىق قىلىشنى ئۆگىنىسىز، ئەكسىچە ھە دېسىلا ئاغرىنىش ۋە ئەيىبلەش ئەمەس (خۇشاللىق بولۇش) ؛ سىز يەنە ئىقتىسادشۇناسلار زوق-شوق بىلەن سۆزلەيدىغان تەڭپۇڭ دۇنيانى ئۇنتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش روھى يېتەكلىگەن تەكشى بولمىغان ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتكە مەپتۇن بولۇپ قالىسىز (ئالغا ئىنتىلىش).
سىز ئىنسانلارنىڭ 4 چوڭ ئاساسى چەكلىمىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز، يەنى نەرسە كەمچىل بولۇش، ھاياتلىق چەكلىك، ئۆزئارا تايىنىش، ماسلاشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى تۈرلۈك ھادىسىلەر ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ 4 خىل ئاساسى چەكلىمىگە ماسلىشىش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن ئەمەس. بىز بۇ خىل چەكلەشنىڭ ئىچكى لوگىكىسى بويىچە پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.
بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان دۇنيانى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
شۆ جاۋفېڭ
بىرىنچى باب: كەمچىل
نېمە ئۈچۈن سودا ئەڭ چوڭ خەير-ساخاۋەت؟
مىلتون فرېدمان (Milton Friedman) ئىلگىرى: «نۇرغۇن كىشىلەر، ھەتتا ئۇزاق مۇددەت كەسپىي تەلىم ئالغان ئىقتىسادشۇناسلارمۇ تېخنىكا جەھەتتىكى بەزى نەرسىلەرنىلا ئېسىدە تۇتۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ جەۋھىرىنى تولۇق ئىگىلىمىگەن، خۇددى بىر ئادەم نۇرغۇن نوتىلارنى يادلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەزەلدىن مۇزىكا ئاڭلاپ باقمىغاندەك.» دېگەن ئىدى.
مېنىڭ مەقسىتىم، مەيلى ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن ياكى ئۆگەنمىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىتىش.
شۇڭا مېنىڭ بۇ يەردە ئالدى بىلەن سۆزلەيدىغىنىم ئاتالغۇ، دىئاگرامما، ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى ھېكايە، ھەقىقىي مىسال، ئۇلار سىزگە ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئاساسى مېتودولوگىيەسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408