تور بازارشۇناسلىقى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
ئىلاۋە:
مەزكۇر يازما ئىلگىرىكى «ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى»دىن قايتا رەتلەنگەن بولۇپ، يازما يېزىلغان ۋاقىت گەرچە نەچچە يىللار ئىلگىرى (2013-يىلى 4-ئايلار ئەتراپىدا) بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر يازمىنىڭ يەنىلا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارالغان بولغاچقا، تورداشلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىلدى.
ماقالە ئاپتورىنىڭ ئۇچۇرى ئېسىمىزدىن چىقىپ كېتىپ قالغاچقا، ئاپتورنىڭ كىملىكى ھازىرچە نامەلۇم، ئەگەر مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى يازمىنىڭ قايتا ئېلان قىلىنىشىغا باشقىچە كۆز قارىشى بولسا، يازما ئاپتورنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ (ئۆچۈرىلىدۇ ياكى باشقىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ!)
ئىلقۇت ئىلىمكانى سالونىدىن.
ھازىرقى دەۋرىمىز ئاللىبۇرۇن تور بولمىسا بازارشۇناسلىق (ماركىتىڭ) قىلغىلى بولمايدىغان دەۋرگە كىردى، ئەنئەنىۋىي بازارشۇناسلىق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تور بازارشۇناسلىقى قىلىش ياكى قىلماسلىق قاتلىمىدا ئەمەس بەلكى قانداق قىلىش ۋە قانداق قىلغاندا تېخى ياخشى قىلىش قاتلىمىدا تۇرىدۇ. تور بازارشۇناسلىقى دېگەن نېمە؟ تور بازارشۇناسلىقى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
تور بازارشۇناسلىقىنى قانات يايدۇرۇشتىن ئاۋۋال بىز چوقۇم مۇنداق بىز ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك؟ تور بازارشۇناسلىقى دېگەن نېمە؟ بەيدۇ قامۇسىنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن ئېنىقلىمىسى بولسا تور بازارشۇناسلىقى ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا ئىنتېرنېت تورىنى ئاساسلىق ۋاسىتە قىلىپ، مۇئەييەن بىر بازارشۇناسلىق مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان پائالىيەت، يەنى مۇنداق چۈشەنسەك بولىدۇ: تور بازارشۇناسلىقى= تور+بازارشۇناسلىق.
ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، كۆپلىگەن كىشىلەر تور بازارشۇناسلىقى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودا، توردا كېڭەيتىش، تور بېتى قۇرۇش قاتارلىق ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ، كونكرېت مەزمۇننى بۇ يەردە بىر بىرلەپ سۆزلەپ ئۆتمەيمىز، لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ ھەرگىزمۇ بىر ئۇقۇم ئەمەس.

بۇ يەردە، تەكىتلەيدىغىنىمىز بولسا ئەنئەنىۋىي كارخانا قانات يايدۇرغان تور بازارشۇناسلىق خىزمىتى چوقۇم بازارشۇناسلىقنى يۆنىلىش قىلىپ، سېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، مەركىزى ئىدىيىسى بولسا ئۇنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتىدە بولىدۇ، ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدا تۆۋەن تەننەرخكە ئىگە بولغان تور بېكەت ئېقىمىنى قوغلىشىش ئەمەس. تور بازارشۇناسلىقى بىر سىستېمىلىق قۇرۇلۇش، ئۇ تور بازارشۇناسلىق پىلانى، تور بېكەت قۇرۇلۇشى، تورنى تەرتىپكە سېلىش، كېڭەيتىش، تارقىتىش، توردا سېتىش ۋە ئىجرا قىلىش، سانلىق مەلۇمات ئانالىز قىلىش، گۇرۇپپا قۇرۇش، باشقۇرۇش قاتارلىق بىر نەچچە چوڭ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئاددى بولغان تور بېكەت قۇرۇش، ئاندىن كېڭەيتىپ، مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش، ئاسراش، تېما يېڭىلاش، رىقابەت ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلار ئەمەس... بۇلارنىڭ ھەممىسى تور بازارشۇناسلىقى خىزمەت دائىرىسىنىڭ ئىچىدە بىراق بۇ پۈتۈن بىر تور بازارشۇناسلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شۇڭا ناھايىتى ياخشى بولغان سىستېما بىلەن مۇشۇ خىزمەتنى قانات يايدۇرمىغاندا، ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
پەقەت تور بازارشۇناسلىقى ئۇقۇمىنى توغرا تونۇپ ۋە ياخشى چۈشەنگەندە، بىز ئاندىن تور بازارشۇناسلىقى خىزمىتىدە ئەگرى يولنى ئاز بېسىپ، ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، كۆپلىگەن كارخانىلارنىڭ تور بازارشۇناسلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنىڭ تۈپ يىلتىزى ئاۋۋال ئۇلارنىڭ تور بازارشۇناسلىقى ئۇقۇمىنى تونۇپ يەتمىگەنلىكىدە بولىدۇ.
تور بازارشۇناسلىقى قانداق يۈرگۈزىلىدۇ؟
تور بازارشۇناسلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش سىزنىڭ تور بازارشۇناسلىقىنى ياخشى ئېلىپ بارالايدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەگەر «تور بازارشۇناسلىقى دېگەن نېمە؟» دېگەننى پەقەت ئاساسى تونۇش مەسىلىسى دېسەك، ئۇنداقتا ئۇنىڭ كەينىدىكى «تور بازارشۇناسلىقى قانداق يۈرگۈزىلىدۇ؟» دېگەن سوئال بولسا ئۇنىڭ تۈپكى مەسىلىسى بولىدۇ.

«تور بازارشۇناسلىقى=تور+بازارشۇناسلىق» قارىماققا ئاددى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنداق ئاددى ئەمەس! بۇ بولسا نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋىي كارخانا ئۇزۇندىن بېرى ھەل قىلالماي كېلىۋاتقان مەسىلە. كۆپلىگەن ئەنئەنىۋىي كارخانا تور بازارشۇناسلىقىنى قانات يايدۇرۇپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، قىلىشقا تېگىشلىك ھەممە ئىشنى قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۆزى ئېلىپ بارغان تور بازارشۇناسلىقىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمىغانلىقىنى بايقايدۇ، باشلانغاندا ئاز تولا ھودۇقۇش بىلەن ئۆزىنىڭ نېمە قىلغىنىنى بىلمەيدۇ، كېيىن بولسا تور بازارشۇناسلىقىنىڭ زادى پايدىسى بار يوقلۇقى ئۈستىدە خىيالغا پاتىدۇ!
تۆۋەندە بىز تۈرلۈك تەجرىبىگە ئاساسەن ئاددى قىلىپ تور بازارشۇناسلىقىنىڭ خىزمەت يادروسى ۋە ئاساسى جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، ھەمدە كۆپچىلىككە ئازراق ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
1. تور بازارشۇناسلىق تۈرىنى پىلانلاش
بۇ خىزمەت ئاساسلىقى توردىكى تىجارەت شەكلى، ئورۇن بېكىتىش، ئاساسي ئىستراتېگىيە، تەرەققىيات باسقۇچى، باسقۇچلۇق نىشان، تىجارەت پىلانى، ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى، مەبلەغ مۆلچەرلەش ۋە ئۈنۈم مۆلچەرلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كونىلاردا «پىلانلىق ئىش بۇزۇلماس» دەيدىغان گەپ بار، پەقەت بازار، رىقابەتچى، نىشانلىق خېرىدار، كارخانا ماركىسى قاتارلىقلارنى 360 گىرادۇس چوڭقۇر كۆزەتكەندە، شىركەتنىڭ پۈتۈن بىر تور بازارشۇناسلىق شەكلى، ئالاھىدە سېتىش ئاساسى، تەرەققىيات باسقۇچى، ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇش، مەبلەغ مۆلچەرلەش ۋە ئۈنۈم مۆلچەرلەش قاتارلىقلارنى ئاندىن پىلانلاپ چىققىلى بولىدۇ، شۇنداق قىلغاندا بىز ئېنىق بولغان خىزمەت پىكىرىدە تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ، شۇ ئارقىلىق «توغرا ئىش قىلغىلى، ئىشنى توغرا قىلغىلى بولىدۇ.» بۇ تۈرلۈك خىزمەت بىزنىڭ تۈردە غەلىبە قىلىش قىلالماسلىقىمىزنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل.
دەل مۇشۇ شەكلىنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان كارخانا، ئوخشاش بولمىغان مەھسۇلات، ئوخشاش بولمىغان كەسىپنىڭ شەكلى تور بازارشۇناسلىقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ.

ئەگەر بىۋاسىتە، پارچە سېتىش تۈرىدىكى مەھسۇلات بولسا تاۋباۋ، پەي پەي، B2C قاتارلىق سۇپىدا ئېلىپ بېرىشقا ماس كېلىدۇ، ئەگەر تەمىنلىگەن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت چوڭ تىپتىكى ياكى مىقدارى كۆپ سودىغا چېتىشلىق بولسا، توردا سودىدا پۈتۈشۈش ناھايىتى قىيىن، بۇنى چوقۇم كارخانا ئۆزىنىڭ كەسىپ تورى ئارقىلىق توردا مەسلىھەت سوراش+توردىن كېيىنكى سودىدا پۈتۈشۈش شەكلىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ، ئەگەر چوڭ تىپتىكى كارخانا بولسا، مەسىلەن ۋاڭلاۋجى، بەيشى قاتارلىق، ئۇلار كارخانا تورى ياكى تاۋباۋ تۈرىدىكى سۇپا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىش بۇ ئانچە ئەمەلىي ئەمەس، ئۇلار تورغا تايىنىپ مەھسۇلات ماركىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، توردىن كېيىنكى سېتىشقا قوشۇمچە قىلسا بولىدۇ. بۇ مەسىلە قارىماققا ناھايىتى ئاسان بولغىنى بىلەن بىراق ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن كارخانا مۇشۇ تەرەپكە سەل قارايدۇ، ئەندىزە خاتا بولسا، نەتىجىنى ئويلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەلۋەتتە.
3. تور بېتىنىڭ سېتىش كۈچى
تور بېتىنىڭ سېتىش كۈچى دېگەن بۇ ئۇقۇم بەلكىم كۆپچىلىككە بىرقەدەر ناتونۇش، ئابستراكىت بىلىنىشى مۇمكىن. بىز چىقىش نۇقتىمىزنى ئۆزگەرتىپ چۈشەنسەك، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، تور ئاھالىسى تور بېتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزدىن ئۇلار ئىزدىمەكچى بولغان ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى مەزمۇننى بۇ يەردىن تېپىپ چىقىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇشۇ مەزمۇنلار ئۇلارغا ھەقىقەتەن ياردەم بېرەلىگەندىن كېيىن، ئۇلاردا تېزدىن تېلېفوننى ئېلىپ سىز بىلەن ئالاقىلىشىش تۇيغۇسى بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ تور بېكىتىڭىز مۇشۇ سەۋىيەگە يېتەلىسە، ئۇنداقتا سىزنىڭ تور بېىتىڭىز مۇئەييەن سېتىش كۈچىگە ئىگە بولغان تور بېكىتى بولىدۇ.
بىر تور بېكىتىنىڭ بازارشۇناسلىق تور بېكىتى ياكى ئەمەسلىكى، سېتىش كۈچىنىڭ بار يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، تو بېكىتى قۇرۇلمىسىنىڭ ئېنىقلىقى، كۆرۈش سېزىمچانلىقىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىدىن باشقا يەنە تور بېكىتىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى مۇھىم. بۇ يەردىكى تور بېكىتىنىڭ مەزمۇنى كارخانا ماركىسى، مەھسۇلات سېتىش ئىدىيەسى، مەھسۇلات سېتىش پىلانى، مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى شۇنداقلا ئېلان رەسىمى قاتارلىق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق پەقەت مۇشۇ مەزمۇن بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە مۇشۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى، كۆرۈش سەزگۈسىدىكى ئىپادىلىنىشى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارمۇ مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك.
ئويلاپ باقايلى، ئەگەر تور ئاھالىسى سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزى ئىزدىمەكچى بولغان مەزمۇننى بىر مۇنچە ۋاقىت سەرپ قىلىپمۇ تاپالمىسا، ياكى ئىزدەپ تاپقان مەزمۇن كۆڭلىدىكىدەك بولمىسا، رەسىم تۇتۇق، يادرولۇق ئەۋزەللىكى ئېنىق ئەمەس، ئالاھىدە سېتىش نۇقتىسى بولمىسا، سانلىق رەقەملەر قالايمىقان، سەھىپە ئورۇنلاشتۇرۇشى قالايمىقان بولسا... كىمنىڭ يەنە داۋاملىق كۆرۈشكە تاقىتى بولسۇن؟
4. توردا كېڭەيتىپ تارقىتىش
توردا كېڭەيتىشنىڭ گېپى چىقسىلا بىردىنلا جانلىنىپ كېتىمىز. كۆپلىگەن خېرىدار بىۋاسىتە تور بازارشۇناسلىقىنى توردا كېڭەيتىش دەپ قارايدۇ، بۇ ناھايىتى چوڭ خاتا قاراش، ئۇنىڭ سەۋەبى بولسا تور بازارشۇناسلىقىنى ئېنىق تونۇمىغانلىقىدا بولىدۇ.
ھازىرقى دەۋردە، تور ئۇچۇرى تاشقىنچىلىقى بولۇپ، ئوخشاش ساھە ئوخشاش خۇسۇسىيەتتە رىقابەت قىلماقتا، مۇشۇنداق رىقابەت مۇھىتقا قارشى ئالدىغا ئۆتۈش، ئاللىبۇرۇن ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بايلىققا ئايلاندى! بۇ دىققەت نەزەر دەۋرىدە، تارقىتىش كارخانا بازارشۇناسلىقىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىگە ئايلاندى!
سىز يۇمشاق ئېلان تارقاتسىڭىز، مەنمۇ يۇمشاق ئېلان تارقىتىمەن؛ سىز بىلوگ يازسىڭىز، مەنمۇ بىلوگ يازىمەن؛ سىز مۇنبەرگە يازما چىقارسىڭىز، مەنمۇ مۇنبەرگە يازما چىقىرىمەن؛ سىز مىكروبىلوگ يازسىڭىز مەنمۇ مىكروبىلوگ يازىمەن... پەقەت سىز نېمە قىلسىڭىز مەنمۇ ئەگىشىپ شۇنى قىلىمەن! كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، ھەتتا سانى سىزنىڭدىن كۆپ تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئۈنۈمىدە ئاسمان زېمىن پەرق بولىدۇ؟ كۆپچىلىك بۇ مەسىلىنى ئويلاپ كۆرگەنمۇ يوق؟
بەلكىم سىز بۇ مەسىلىنى ئويلاپ باققان بەلكىم جاۋابنىمۇ تېپىپ بولغانسىز، بىراق پەقەت شۇ مەسىلىنى ھەل قىلمىدىڭىز!
كارخانىنى توردا كېڭەيتىش چوقۇم «ئېنىق ئۆلچەملىك پىلان، ئەشەددىي بولغان ئىجادچانلىق»نى ياردو قىلىشى كېرەك. تورنىڭ ئۆز ئارا ھەرىكەتلەندۈرۈش، ئارىلاشتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش، مۇناسىۋەت باغلاش قاتارلىق ئالاھىدە رولى ۋە تور تېخنىكىسىنىڭ يۇقۇش ۋاسىتە خاراكتېرىدىكى تارقىتىش رولىدىن پايدىلانغاندا ھەسسىلەپ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، كارخانا تارقىتىش قىيىن مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ!

ئاتالمىش بىلوگدا تارقىتىش، مۇنبەردە تارقىتىش، يۇمشاق ئېلان تارقىتىش، ئېلخەتتە تارقىتىش قاتارلىقلار، قىزغىن ئالقىشقا ئېلىنغان مىكروبىلوگدا، ۋېيشىندا تارقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارقىتىش بولسا مېنىڭچە پەقەت بىر ئۇچۇر تارقىتىشكى بىر ۋاسىتە، شۇنداقلا بۇ خىلدىكى ۋاسىتىنىڭ ھەممىلا ساھەگە ماس كېلىشى ناتايىن، بەزى تارقىتىش ۋاسىتىسى ماڭا ماس كەلسە، بەزى تارقىتىش ۋاسىتىسى سىزگە ماس كەلمەيدۇ! ھەر بىر قېتىمدا خېرىدار سوراپ: «سىلەرنىڭ شىركىتىڭلار ئاساسلىقى قايسى خىلىدىكى توردا تارقىتىش شەكلىنى قوللىنىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، بۇ كىشىنى ھەقىقەتەن قىيىن ئەھۋالغا قويىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، توردا تارقىتىشنى تىلغا ئالغاندا SEO نى سۆزلىمەي بولمايدۇ، نۇرغۇنلىغان قوللىنىلىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان SEO غا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر بار بولۇپ، بىز بۇنى ئايرىم چۈشەندۈرىمىز.
5. تور بازارشۇناسلىق سانلىق مەلۇمات ئانالىز قىلىش
بۇ يەردىكى تور بازارشۇناسلىق سانلىق مەلۇمات ئانالىز قىلىش ئاساسلىقى SEO سانلىق مەلۇمات ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، توردا كېڭەيتىش سانلىق مەلۇماتى، تور بېكەت زىيارەت قىلىنىش سانى، تور بېكەت مەسلىھەت سوراش سانلىق مەلۇماتى، تور بېكەت سېتىش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلارنى ئانالىز قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كارخانىنى زىيارەت قىلغاندا، كۆپلىگەن كارخانىلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىز قىلىش بۆلىكى ياخشى ئىشلەنمىگەن، بىر تەرەپتىن قايسى تەرەپتىن ئانالىز قىلىش ئېنىق ئەمەس، ئۇنىڭدىن قالسا ئوخشاش بولمىغان سانلىق مەلۇمات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تازا چۈشەنمىگەن، يەنە بىرسى بولسا مۇشۇ سانلىق مەلۇماتنى خىزمەت ئۈنۈمى بىلەن ياخشى بىرلەشتۈرەلمىگەن. ئەگەر تور بېكىتىنىڭ زىيارەت قىلىنىش سانلىق مەلۇماتىنى SEO دا تەكشۈرگەندە، توردا كېڭەيتىش ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىغان، ئۇنىڭدىن ساقلانغان يېتەرسىزلىكنى بايقاپ، شۇنىڭغا قاراتمىلىق قىلىپ تۈزىتىش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتا، تور بېتىنىڭ مەسلىھەت سوراش، سېتىش سانىنى سىتاستىكىلاش ئارقىلىق تور بېكەت زىيارەت قىلىش ئېقىمىنى توغرا تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ. سانلىق مەلۇمات كېڭەيتىش، تور بېكەت زىيارەت قىلىنىش ۋە مەسىلىھەت سوراش قاتارلىق سانلىق مەلۇمات ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش بولۇپ، ئۆز-ئارا باغلاپ تۇرۇپ ئونىۋېرسال تەھلىل قىلىش كېرەك. ئېسىمىزدە بولسۇنكى، سانلىق مەلۇمات ئانالىز قىلىشنى ياخشى ئىشلىگەندە تور بازارشۇناسلىق ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

سانلىق مەلۇمات ئانالىز قىلىش تور بازارشۇناسلىقىدىكى مۇھىم بىر ھالقا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەمەلىي تۈر يۈرگۈزگەندە كۆرۈلگەن مەسىلىگە ئالدىن تەرتىپكە سېلىش، پىلانلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا كۆرۈلگەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى ۋە شۇ ئارقىلىق ئومۇمىي تۈرنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، يەنە تور بازارشۇناسلىق بىر پۈتۈن ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
يۇقىرىقى مەزمۇنىدىن باشقا، تور بازارشۇناسلىق بىر پۈتۈن سىستېمىسىدا يەنە تور بازارشۇناسلىق كوللېكتىپىنى باشقۇرۇش، تۈر تەرەققىياتىنى تىزگىنلەش، كۈندىلىك خىزمەت ئىجرا قىلىش قاتارلىق تەرەپلىرىمۇ تۈرنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ كارخانا بىر پۈتۈن تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك بىر قىسىمى بولۇپ، تور بازارشۇناسلىقى كارخانىدا ھەرگىزمۇ بىر ئايرىم بۆلۈم ئەمەس، ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا بۆلۈمدىن ئايرىلىپ خىزمەت قىلالمايدۇ، مەسىلەن توردىكى خىزمەت ۋە سېتىشتىن كېيىنكى خېرىدار مۇلازىمىتى، تور سىرتىدىكى سېتىش ئاساسى قاتارلىقلار ئورگانىك باغلانغان بولىدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، گەپنى يىغساق، كارخانا تور بازارشۇناسلىق ئۈنۈمىنىڭ ياخشى يامان بولۇشىنىڭ تۈپ يىلتىزى تور بازارشۇناسلىقىغا سىستېمىلىق قارىغان-قارىمىغانلىقى، بىر پىلاننى تولۇق ئىجرا قىلغان-قىلمىغانلىقى، مەسىلىنى ئىجادىيەت بىلەن ھەل قىلغان-قىلمىغانلىقى، يەنە تىجارەت سىستېمىسىنى يېتىلدۈرگەن-يېتىلدۈرمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

ئۆزىڭىزگە بىر سائەتلىك كىتاب ئوقۇش ۋاقتىڭىزنى سېتىپ بېرىڭ
بازار مۆلچەر قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ۋەيران بولغۇچە
65 يېشىدا زەنجىرسمان ئىگىلىك ماگناتىنى ياراتقان بوۋاي
تاڭ سېڭ شۇنچە ئاجىز تۇرۇپ يەنە قانداقسىگە رەھبەر بولالىغان؟


