大数跨境

2020-يىلىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئۈمىد: يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئىقتىساد (1)

2020-يىلىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئۈمىد: يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئىقتىساد (1) Nepkar
2020-01-31
2
导读:ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى ئىگىلىك تىكلەشتىكى سەرخىل بىلىملەر ماكانى، تېزقوشۇۋېلىڭ!



2020ـ يىلىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئۈمىد: يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئىقتىساد (1)

بۇ يىل كىرىشى بىلەنلا ناھايىتى بىئارام بولدۇم، ۋۇخەندىكى يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت بۇ قارا ئاققۇ ۋەقەسىگە يولۇقتۇم. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ يۇقۇم بىزنىڭ ھاياتىمىز ۋە ساغلاملىقىمىزغا تەھدىت سېلىپلا قالماي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكىمۇ ئىنتايىن پايدىسىز تەسىر كۆرسەتتى.

تۆۋەندە بىز يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تەسىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەيلى:

1. يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا بولغان قىسقا مۇددەتلىك تەسىرى




ئەسلىدە بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ماكرولۇق ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە مۇقىملىشىش ئالامىتى كۆرۈلگەن (بۇنى كېيىن سۆزلەيمىز)، لېكىن يىل بېشىدا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇم قىسقا مۇددەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلمىدى. ئىقتىسادقا مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال قىلىش، ئېكسپورت قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئات ھارۋىسىغا تەسىر كۆرسەتتى.

بۇلتۇر ئېكسپورت ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشكەن، سېلىنمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن، ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇۋاتقىنى ئاساسلىقى ئىستېمالغا تايىنىش ئىدى ـ ـ بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئىچكى ئىستېمالنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %8.5 كە يەتتى. بۇ ئۆلگۈر يۇقۇم ئەھۋالى ئىستېمالغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

چاغان ئەسلىدە ئەنئەنىۋى ئىستېمال يۇقىرى پەللىسى ئىدى، بۇلتۇر چاغان مەزگىلىدە يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت، دەم ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانلىق مەلۇماتلاردا تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلغان ئىدى.

بۇ يىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆيىدە ئۆزىنى ئايرىدى، شۇڭا ئىستېمال سانلىق مەلۇماتى ناھايىتى تۆۋەن بولدى.

كىنونىڭ بېلەت كىرىمىنى مىسالغا ئالساق، بۇلتۇر چاغان مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە كۈندىلىك بېلەت كىرىمى بىر مىليارد نەچچە يۈز مىليون يۈەنگە يەتكەن، يەتتە كۈندىلا 10 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، بۇ يىل 24-يانۋار ۋۇخەندە شەھەر تاقالغان كۈنىنىڭ ئەتىسىدىكى مەملىكەت بويىچە بېلەت كىرىمى ئاران 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن بولۇپ، نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ.

يېمەك-ئىچمەكمۇ ساھەسىمۇ ئېچىنىشلىق بولدى، مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم شەھەرلىرىدىكى نۇرغۇن ئاشخانىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى مەسئۇل تارماقلار تىجارەت باشلاشقا قەتئىي يول قويمىدى؛ KTV قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق. ئەمەلىيەتتە، مەسئۇل تارماقلار تىجارەت باشلاشقا رۇخسەت قىلغان تەقدىردىمۇ، سودىسى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن.

ساياھەت، ئاۋىئاتسىيە، ئاممىۋى قاتناش، مېھمانساراي قاتارلىق كەسىپلەر ئوخشاشلا ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. مېنىڭچە، بۇ يىل 2 ـ، 3ـ ئايدا مەملىكەت بويىچە ئىستېمال مەنپىي ئېشىشى مۇمكىن.

ئەسلىدە ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى باشلامچى ئىدى، ئەگەر بۇ باشلامچى مەنپىي ئېشىشقا ئايلانسا، بىرىنچى پەسىلدىكى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار بەك كۆڭۈلسىز بولىدۇ.

ئىستېماللا ئەمەس، يۇقۇمنىڭ ياسىمىچىلىققا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىمۇ ناھايىتى چوڭ.

يۇقۇم سەۋەبىدىن، ھازىر مەملىكەت بويىچە بارلىق چوڭ تىپتىكى يىغىلىش پائالىيەتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتىمۇ كەينىگە سۈرۈلدى، ئۇنداقتا ياسىمىچىلىق كەسپىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ شۇنى بىلىش كېرەككى، زاۋۇت دەل نۇرغۇن ئىشچىلار توپلاشقان ئىشلەپچىقىرىش سورۇنىغا موھتاج!

ھازىر كارخانا قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى.

ئىش باشلىمىغاندا، بىكار يېتىپ يېسە تاغمۇ توشىمايدۇ، تۈرلۈك چىقىم بېسىمى تاغدەك ئېغىر بولىدۇ -- يەر ئىجارىسى، ئۈسكۈنە ئامورتىزاتسىيەسى، قەرز پۇل ئۆسۈمى ھەر بىر مىنۇت كېچىكسە ئاق كۈمۈشكە ئايلىنىپ چىقىپ كېتىدۇ؛ ئىش باشلاپ ناۋادا ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بىر بىمار كۆرۈلسە، پۈتۈن زاۋۇتتىكى ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى ئايرىۋېتىلىدۇ! بۇنىڭغا كىم چىدايدۇ؟

يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، زاۋۇتتىن ئىبارەت بۇ خىل كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇننى چوقۇم قاتتىق كونترول قىلىش، ھېچ بولمىغاندا ۋىرۇسنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىدىن ئۆتۈپ كېتىش كېرەك؛ لېكىن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئانچە ياخشى بولمىدى، نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ مەبلەغ زەنجىرى ناھايىتى چىڭ بولدى، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئىش باشلاش ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن بەرىبىر، نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

شۇڭا مەملىكەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى باشقۇرۇش قاتلىمىغا چاغانلىق دەم ئېلىشنى بىر نەچچە كۈن ئۇزارتىش تەكلىپىنى بەردى، ئەڭ ياخشىسى چاغاننىڭ 15-كۈنىگىچە ئۇزارتىش، ئەڭ ئاخىرىدا باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر قايتا-قايتا ئويلىنىپ، قارار چىقىرىشنى پەقەت ئۈچ كۈن ئۇزارتىش كېرەك دەپ قارىدى. بۇ بىر ئىنتايىن مۈشكۈل تەدبىر بولۇپ، ماكرو قاتلام پەقەت ئۈچ كۈنلا سوزۇلىدۇ، جايلار يەرلىكنىڭ يۇقۇمدىن ساقلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن شەھەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىش، يۇقۇم ئەھۋالىنى ياخشى كونترول قىلالىغان بولسا، ئۈچ كۈن كېچىكتۈرۈپلا ئىش باشلىسا بولىدۇ، يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولسا، يەرلىك ھۆكۈمەت دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىدۇ.  مەسىلەن چۇڭچىڭدا 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىشقا چۈشۈشكە ئۇزارتىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر كەسىپنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما مىليونلىغان ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىغا چېتىلىدۇ.

بۇ دەل تىرىك قۇش باقمىچىلىق كەسپى. ھازىر بۇ كەسىپنىڭ ئەھۋالى بەك كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن يەم-خەشەك زاۋۇتلىرى قۇرۇلۇشنى كېچىكتۈردى، يەم-خەشەكنى كېچىكتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش تىرىك ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىغا ئوزۇق-تۈلۈكنى ئۈزۈپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتە نۇرغۇن جايلاردا قاتناشقا چەك قويۇلدى، قىسمەن جايلاردا ھەتتا بىۋاسىتە يوللار ئېتىۋېتىلدى، يەم خەشەك كىرەلمەيلا قالماستىن، چۈجە، ئۆردەك چۈجىلىرىمۇ كىرەلمەيدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تىرىك ئۆي قۇشلىرى سودىسى چەكلەنگەن، باقمىچىلار باققان تىرىك ئۆي قۇشلىرىنىڭ ھازىر يەم-خەشىكى يوق بولۇپلا قالماي، سېتىشمۇ مۇمكىن ئەمەس، پەقەت تىرىك پېتى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدۇ.

تىرىك ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا نامراتلارنى دەل يۆلەش ئوبيېكتى، ھازىر يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن تىرىك ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىرى ياخشى قىلالمىسا قايتىدىن نامراتلىشىپ كېتىدۇ.


كەسكىن ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىدىغىنى جىددىي ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىدۇر.

خۇبېي تەۋەلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئۈزۈل-كېسىل بېسىقىشتىن بۇرۇن ئۆلكە سىرتىدا خىزمەت تېپىشى تەسكە توختايدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى، خىزمەت بولغان تەقدىردىمۇ «مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى دەم ئېلىش»قا ئۇچرايدۇ، بۇ رايون كەمسىتىشى ئەمەس، بەلكى ھېچقانداق بىر كارخانا يۇقۇمدىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن پۈتكۈل كارخانا خىزمەتچىلىرىنى ئايرىۋېتىش خەتىرىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، كارخانا بۇ خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىغان تەقدىردىمۇ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى قوشۇلمايدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتكۈل 3-كەسىپتە ئىستېمالنىڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققان ئىشسىزلىق بېسىمى يېمەك-ئىچمەك، مېھمانساراي، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى ئالدىن كۆرۈپ يەتتى، شۇڭا يېقىندا بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى بىر ھۆججەت چىقاردى.

بۇ ئادەتتىكىدەك تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان سىياسەت، 2008-يىلى بىز يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادى كىرزىسقا ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى بۇنداق سىياسەتنى يولغا قويمىغان، كۆپچىلىك بۇ يۇقۇمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بولغان زەربىسىنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ.

يۇقىرىقىلار يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا بولغان قىسقا مۇددەتلىك تەسىرى.

نېمىشقا قىسقا مۇددەتلىك تەسىر دەيمىز؟

چۈنكى ھازىر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك، 2003-يىلى جۇڭگونىڭ GDP سى ئاران 1 تىرىليون 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىدى، بۇلتۇر تەخمىنەن 14 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2003-يىلىدىكىنىڭ ئون ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.

سارستىن ئىبارەت بۇنداق چوڭ يۇقۇم ئەھۋالىمۇ 2003-يىلىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن، بۇ يىلقى يۇقۇم ئەھۋالى سارس بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، پەقەت 1-پەسىلدە يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلالىساقلا، قىسقىغىنا ئىقتىسادىي زىياننى ھازىرمۇ ئۈستىمىزگە ئالالايمىز.

جۇڭگو سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك دۆلەت.

1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن كېيىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش خىزمىتى ئەمەلىيەتتە ئومۇميۈزلۈك دۆلەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى، دۆلەت قاتلىمىدىن ھەرىكەتكە كەلسەكلا، يۇقۇمنى كونترول قىلىشقا يەنىلا ئىشەنچىمىز بار.

2003-يىلىدىكى سارسنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، مېنىڭچە تەخمىنەن ئىككى ئاي ئىچىدە يۇقۇمنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقاتقىلى بولىدۇ.

پەقەت 4-ئايدىن بۇرۇن يۇقۇمنى يوقاتسىلا، بۇ يۇقۇم ئىقتىسادقا قىسقا مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، قىسقا مۇددەتتىن قارىغاندا ۋەزىيەت ناھايىتى كەسكىن بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىدىكى يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.


ئۇنداقتا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىدىكى يۈزلىنىشى نېمە؟

تېگىگە يەتكەندە مۇقىملىشىپ قالىدۇ.



2. L شەكىللىك بىر تىك سىزىقتىن بىر توغرا سىزىققىچە





ئەمدى بىز بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىدىكى يۈزلىنىشى ئۈستىدە توختىلىپ باقايلى.

L شەكىللىك بىر تىك سىزىقتىن بىر توغرا سىزىققىچە.

2015-يىلى نوپۇزلۇق زاتلارنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا قارىتا بىر ماكرولۇق ھۆكۈمى بار--كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھەممىسى L تىپلىق يۈزلىنىش بولىدۇ.

ھازىر بۇ نوپۇزلۇق ھۆكۈم يەنىلا ناھايىتى توغرا، 2015-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، جۇڭگو ئىقتىسادى ئىزچىل L شەكىللىك تىك سىزىقتا مېڭىۋاتىدۇ.

2015-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان يىللاردىكى GDO نىڭ ئېشىش

چۈنكى ئۆتكەن بەش يىلدا بىز ئىزچىل مۇشۇ تىك سىزىقدا ماڭدۇق، شۇڭا كۆپچىلىك يىلدىن-يىلغا تەس كۈنگە قالغاندەك ھېس قىلدى.

بىلىشىمىز كېرەككى، 2020-يىلى بىز كۈتكىلى ئۇزۇن بولغان L شەكىللىك بىر توغرا يولغا مېڭىپ قېلىشىمىز مۇمكىن!


جۇڭگو ئىقتىسادى ئاخىرى مۇقىملىشىدىغان بولدى.


مەن نېمىشقا بۇنداق ھۆكۈم چىقىرىمەن؟

ئىلگىرى جۇڭگو پۇل ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش تىپىدىكى ئىقتىساد ئىدى. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، بىز ھەر بىر يۈەن پۇلنى كۆپەيتكەندە مەركەز 1.8 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تارقىتىدۇ، ئېشىپ قالغان 0.8 يۈەن پۇل قەرزگە ياكى مۈلۈك كۆپۈكىگە ئايلىنىدۇ.

ئەڭ ئاۋارىچىلىقى شۇكى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پۇل كەڭرى بولغان كۈنلەرگە كۆنۈپ قالدى، پۈتكۈل ئىقتىسادىي گەۋدە كەڭرەك پۇلغا تايىنىدىغان ھالەت شەكىللەندى.

2017-يىلىدىن باشلاپ مەركەز كۆپچىلىكنى جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇرى قىلدى.

(ئاشكارا سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا)

 ئۇدا ئۈچ يىل پۇل بېسىش ماشىنىسىنىڭ سۈرئىتى ئەمەلىي GDP نىڭ ئېشىشى + مال باھاسىنىڭ ئېشىشىدىن تۆۋەن بولغان. بازاردا ئېنىقلا پۇل يېتىشمەيدۇ، شۇڭا، بۇ بىر نەچچە يىلدا كۆپچىلىك كۆپرەك پۇل تېپىشنى ئويلىسىمۇ، كۆپرەك پۇلنى تاپماستىن (مەركەز باسقان)، بەلكى باشقىلارنىڭ قولىدىكى ساقلانما پۇلنى تالىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇ بىر قىسىم ئۈنۈمى تېخىمۇ تۆۋەن، قەرزى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان كارخانىلارنى شاللىنىپ كېتىشكە مەجبۇرى قىلدى.

ئۈچ يىللىق جاپالىق كۈنلەر بىكارغا كەتمىدى، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، مۇردا كارخانىلارنىڭ زور بىر تۈركۈمى يوقىتىلدى، شۇڭا، 2019ـ يىلىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش تىلغا ئېلىنمايدۇ، لېكىن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا باشقۇرۇش قاتلىمى يەنە سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ نېمە دېگەن گەپ؟

پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا يەنە مىنا بولۇپ تېخى تازىلانمىغان!

پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى مىنا تازىلىسا، ئەمەلىي ئىقتىساد ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ.

شۇڭا، 2019-يىلى P2P نى تەرتىپكە سېلىپ، پاي ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇشنى ھەل قىلىپ، يەرلىك بانكىلار تۈزەلدى.

2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ساغلام بولۇپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مىنا تازىلاش خىزمىتىنىڭمۇ تاماملانغانلىقىنى جاكارلىدى.

پۇل مۇئامىلە ساھەسى تازىلانغاندىن كېيىن ئىش بېجىرىش ئاسان بولىدۇ.

2020-يىلى ئالدى بىلەن پۇل سىياسىتىنىڭ پىشاڭى دىن ئۈمىد كۈتۈشكە بولىدۇ، مەركەزنىڭ باسقان پۇلى ئەمەلىي GDP نىڭ ئېشىشى + مال باھاسىنىڭ ئېشىشىغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن سەل يۇقىرى بولۇشى كېرەك، كۆپچىلىك پۇل تېپىش ئۈچۈن مەركەز بىۋاسىتە بېرىشى، باشقىلارنىڭ قولىدىن پۇل تالاشماسلىقى كېرەك.

ئەسكەرتىش:

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئاپتورنىڭ مۇستەقىل قارىشى بولۇپ، ئىلقۇت ئىلىمكان سالونىنىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

مەنبە: مۈشۈك ئاكىنىڭ كۆزىتىش دۇنياسى ئۈندىدار سالونى

ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى. 


نادىر مەزمۇنلار

1. ئۇچۇردىن پايدىلانغاندىلا تېز سۈرئەتتە ئالدىدا ماڭغىلى بولىدۇ

2. روكفېللىر: پەقەت ئۆزۈڭگىلا ئىشىنىشىڭ كېرەك

3. دۆلىتىمىزنىڭ يادرولۇق كۈچى: 1-چۈمىلىنىڭ پىلنى يەۋېتىشى

4. يۈ مىنخۇڭ: ئەپسۇسلۇق بولسا، تېخىمۇ ئىلگىرىلەش كېرەك

5. بىلمىسىڭىز بولمايدىغان بەش خىل سۇغۇرتا بىر خىل فوند ساۋاتى

6. كېيىنكى ئون يىلدا ئەڭ چوڭ كەسىپ مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن

7. ئوڭۇشسىز شارائىتتا قالغاندا، ئاندىن ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي تونۇيسىز

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408