
لىيۇ فامىلىلىك مەلۇم توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ مۇقىم خىزمەتچىسى. 2015-يىلى 5-ئايدا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى بارلىق خادىملارغا قارىتا ئەمگەك توختام تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، لىيۇ فامىلىلىك توقۇمىچىلىق زاۋۇتى بىلەن تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان. توقۇمىچىلىق كەسپى گۈللەنمەي، كارخانىنىڭ پايدىسى ناچار بۇلۇش سەۋەبىدىن، لىيۇ فامىلىلىك سىرتتا ئىككىنچى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان، شۇندىن باشلاپ لىيۇ فامىلىلىكنىڭ ئەمگەك تۈزۈم قارىشى سۇسلاشقا باشلىغان، دائىم زاۋۇتنى بىر ئايلىنىپ قۇيۇپلا كەتكەن، ھەتتا بەزى ۋاقىتتا تېخى ئىشقا كەلمىگەن. زاۋۇت رەھبەرلىرى ئىشچىلارنىڭ مائاشىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەنلىگىنى، زاۋۇتتا ئىشنىڭمۇ كۆپ ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئەھۋالغا قارىتا كۆپ باشقۇرمىغان. 2017-يىلنىڭ كىيىنكى يېرىم يىلىدا كارخانىنىڭ پايدىسى ياخشىلىنىشقا باشلاپ، ئىشلەپچىقىرىش تەدرىجىي نورماللاشقان. 2017-يىلى 10-ئايدا كارخانا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئەمگەك ئىنتىزامىنى تەكىتلەپ، بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە چوقۇم ئىلگىرىكى چېچىلاڭغۇ ھالەتكە خاتىمە بېرىشنى، ئۆز ۋاقتىدا زاۋۇتقا قايتىپ ئىشقا چىقىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغاندىن كىيىن، كۆپ ساندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆز ۋاقتىدا زاۋۇتقا قايتىپ ئىشقا چىققان. لىيۇ فامىلىلىك ئۆزى ئاچقان رېستورانىنىڭ پايدىسىنىڭ يامان ئەمەس بولغاچقا، ئۇدا زاۋۇتقا قايتىپ ئىشقا چىقمىغان، ئۆزىگە نۆۋەت كەلگەندە باشقىلار ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئىشقا چىققان. بۇ مەزگىلدە لىيۇ فامىلىلىكنىڭ سېخ مۇدىرى لىيۇ فامىلىلىككە كۆپ قېتىم تېلېفون قىلىپ ئىشقا چىقىشنى، ھەمدە ئەگەر ئىشقا چىقمىسا زاۋۇتنىڭ تىزىملىگىدىن ئۆچۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. لىيۇ فامىلىلىك ھەر قېتىم ماقۇل دەپ قويۇپ، داۋاملىق ئىشقا چىقمىغان. سېختىكى ئاز بولمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر بۇنىڭغا قارىتا غۇلغۇلا قىلىشقان. 2017-يىلى 12-ئايدا كارخانا لىيۇ فامىلىلىكنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشتىن قالغان دېگەننى سەۋەب قىلىپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرگەن ھەمدە تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىش ئۇقتۇرۇشنامىسى چۈشۈرگەن.

تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، لىيۇ فامىلىلىك يەرلىك ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى ئۈستىدىن كېسىم قىلىش ھەيئىتىگە تالاش-تارتىشلار ئۈستىدە ئادىل كېسىم چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلغان. ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى ئۈستىدىن كېسىم قىلىش ھەيئىتى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق مۇنداق دەپ قارىغان: كارخانا كۆپ قېتىم ئۇقتۇرۇش قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، لىيۇ فامىلىلىك سەۋەبسىز ئىككى ئايدىن ئارتۇق ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشقا چىقمىغان، لىيۇ فامىلىلىكنىڭ ھەرىكىتى ئىشتىن قېلىشقا تەۋە، كارخانىنىڭ تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىش ھوقۇقى بار.
كېسىم چىقىرىش كومىتېتى كېسىم چىقىرىپ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ لىيۇ فامىلىلىككە قارىتا چىقارغان تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىش قارارى كۈچكە ئىگە دەپ كېسىم چىقارغان.
بۇ دېلودا، لىيۇ فامىلىلىك رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىنتىزامغا ئېتىبارسىز قاراپ، كارخانا ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم ئىشقا چىقىشنى ئۇقتۇرغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىلگىرىكى كۆپ ئادەملەر ئىشقا چىقمىغاننى باھانە قىلىپ زاۋۇتقا كەلمىگەن. ھەر قېتىم باشقىلارنى ۋاكالىتەن ئىشقا قويغان، لىيۇ فامىلىلىكنىڭ ھەرىكىتى سەۋەبسىز ئىشتىن قېلىش دەپ بېكىتىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە: گەرچە لىيۇ فامىلىلىك ھەر قېتىم ئىشقا چىقىشتا باشقىلارنى ۋاكالىتەن ئىشقا قويغانلىقى سەۋەبلىك ئورۇن بىكار قالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بولسا بىرخىل مۇئەييەن ئوبيېكتىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولۇپ، ئەمگەك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا ئالاقىدار ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى پەقەت مۇئەييەن سۇبيېكتلار___ئەمگەك مۇناسىۋىتىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. شۇڭا لىيۇ فامىلىلىكنىڭ باشقىلارنى ۋاكالىتەن ئىشقا قۇيۇشى بولسا قانۇنغا خىلاپ، بۇلارغا ئاساسلانغاندا لىيۇ فامىلىلىكنى ئىشتىن قالمىغان دېيىشكە بولمايدۇ.

<كارخانىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش نىزامى>نىڭ 189-ماددىسىدا: "ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئورۇنلۇق سەۋەب بولماي دائىم ئىشتىن قېلىپ، تەنقىدىي تەربىيەنىڭمۇ ئۈنۈمى بولمىسا، ئۇدا ئىشتىن قالغان ۋاقتى 15 كۈندىن ئېشىپ كەتسە ياكى بىر يىل ئىچىدە ئىشتىن قېلىش ۋاقتى جەمئىي 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە، كارخانا تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىشكە ھوقۇقلۇق." دەپ بەلگىلەنگەن. لىيۇ فامىلىلىكنىڭ ئۇدا ئىشتىن قېلىش ۋاقتى 15 كۈندىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. توقۇمىچىلىق زاۋۇتى كۆپ قېتىم ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاگاھلاندۇرسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان، يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە ئاساسەن لىيۇ فامىلىلىكنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ ھەمدە مۇۋاپىق بولمىغان يەرلىرىمۇ يوق. شۇڭا ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى ئۈستىدىن كېسىم قىلىش ھەيئىتى كارخانىغا قارىتا قوللاش كېسىمنى چىقارسا بولىدۇ.

نادىر مەزمۇنلار
3. ئۆزىڭىزگە بىر سائەتلىك كىتاب ئوقۇش ۋاقتىڭىزنى سېتىپ بېرىڭ
5. كارخانا مەدەنىيىتىدە چوقۇم مۇھەببەت روھىي بولۇشى كېرەكمۇ؟
7. ئىززەت-ھۆرمىتىڭنى چىڭ ساقلىساڭ، ھېچكىم زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ



