大数跨境

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ Nepkar
2020-01-09
1

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

چاغان يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، ئىشىنىمەنكى، يەنە زور بىر تۈركۈم كەسپىي خادىملار خىزمەت ئالماشتۇرۇشقا دۇچ كېلىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، ھەمىشە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا يېتىشمەي، ئۈزۈلۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەكلىكىدىن ئەنسىرەيدۇ. 

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك، خىزمەت ئالماشتۇرۇش دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش، خىزمەت ئالماشتۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ مانا بۇ نۇرغۇن دوستلار ئەنسىرەيدىغان ئىش. ئەنسىرىمەڭ، بۇ ئاماللار ئارقىلىق تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ. 



NO1

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شەخسىي ھېساباتى ئۆچۈرۈلەمدۇ؟

ئۆچۈرۈلمەيدۇ!

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شەخسىي ھېساباتى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئىسپاتى بولۇپ، بىر سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئوخشىمىغان شەھەرلەردە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھېساباتىغا ئىگە بولالايدۇ، لېكىن بىر شەھەردە پەقەت بىرلا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھېساباتى بولىدۇ. بۇ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھېساباتى بولسا بىزنىڭ بەش خىل سۇغۇرتا پۇلىمىزنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ھەر ئايدا بۇنىڭغا پۇل كىرىدۇ، كۆپچىلىك ئۈندىدار ياكى ئالىپاينىڭ شەھەر مۇلازىمىتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كۆزنىكىدىن تەكشۈرۈپ باقسا بولىدۇ. 

شۇڭا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش ئۈزۈلۈپ قالسا، پەقەت سوممىسى 0 گە ئۆزگىرىدۇ، لېكىن بىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شەخسىي ھېساباتىمىز ئۆچۈرۈلمەيدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تاپشۇرغان بولسىلا، ئۇنداقتا بۇ ھېسابات ۋە ھەق تاپشۇرۇش خاتىرىسى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن كۆپچىلىك خاتىرجەم بولساڭلار بولىدۇ. 


NO2

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالسا، قايسىلىرى نۆلگە قايتۇرۇلىدۇ؟ قايسىلىرى نۆلگە قايتۇرۇلمايدۇ؟

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالسا، بۇ تۈرلەر نۆلگە چۈشۈرۈلىدۇ:

ئۆي سېتىۋېلىش: بەزى شەھەرلەر ئۇدا بىر يىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، بەزىلىرى ئۇدا يېرىم يىل تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. دۆلەت زېمىن ئۆي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بۇنىڭغا تەلىپى بار، كونكرېت قانداق؟ بۇنى دۆلەت زېمىن ئۆي باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مەسلىھەت سوراش كېرەك. شۇڭا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالغاندا، بۇ تۈر نۆلگە چۈشىدۇ!

جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش سالاھىيىتى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئۇدا بىر يىل تاپشۇرسا ئاندىن بولىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالسا بۇ تۈرمۇ نۆلگە چۈشۈرۈلىدۇ!

تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى ئۇدا تاپشۇرۇش يىل چېكى: ئۇدا تاپشۇرغان تۇغۇت سۇغۇرتىسى بىر يىلغا توشقاندا ئاندىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ، شۇڭا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالسا، ئىشلىتىش ھېساباتى نۆلگە چۈشۈرۈلىدۇ!

ئۈزۈلۈپ قالغان مەزگىلدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش سالاھىيىتى: ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مەزگىلدە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ! ئۈزۈلۈپ قېلىپ قايتا تاپشۇرغان تەقدىردىمۇ، بەلگىلىك ساقلاش مەزگىلىدىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ! شۇڭا، تاپشۇرۇش ئۈزۈلۈپ قالغان مەزگىلدە ئاتچوت قىلىش سالاھىيىتى نۆلگە چۈشۈرۈلىدۇ!

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالسا بۇ تۈرلەر نۆلگە چۈشۈرۈلمەيدۇ: ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتى؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتى؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى؛ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى.


NO3

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قېلىشىنىڭ قانداق تەسىرى بار؟

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالغان مەزگىلدە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىمۇ ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، ئۈزۈلۈپ قالغان مەزگىلدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولمايدۇ. ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتسە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى قايتا تاپشۇرغان تەقدىردىمۇ، دەرھال ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، بەلگىلىك كۈتۈش مەزگىلى بولىدۇ.

ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۈزۈلۈپ قالسا داۋاملىق تاپشۇرسا بولىدۇ، ھېچقىسى يوق، لېكىن ئالغان چاغدىكى سوممىسى تەسىرگە ئۇچراپ تەمىناتى تۆۋەنلەيدۇ.

تۇغۇت سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرغان ۋاقتى بىر يىلغا توشسىلا، ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ تېخىمۇ تەسىرى يوق.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالسا يەنە تۆۋەندىكى تەسىرلەرگە ئۇچرايدۇ: كىچىك شەھەرلەردە ئانچە زور تەسىرى بولمىسىمۇ، چوڭ شەھەرلەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى، نوپۇسقا ئالدۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۈزۈلۈپلا قالسا، ئۇنداقتا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىدۇ! 

ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئۈزۈپ تاپشۇرۇش بىر تەرەپتىن ئىشىمىزغا دەخلى يەتكۈزۈشى مۇمكىن، يەنە بىر تەرەپتىن، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى، نوپۇسقا ئېلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بالىلارنىڭ مائارىپى بىر يىل كېچىكىپ كېتىشى مۇمكىن.


NO4

خىزمەت ئالماشتۇرغاندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى قانداق قىلغان ئۈزۈلدۈرمەي تاپشۇرغىلى بولىدۇ؟

بىز ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا قانچىلىك ۋاقىت ئۈزۈپ تاپشۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى. 

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى بىر قەدەر قولايلىق ھەم جانلىق بولۇپ، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن بىر يىل تولۇق تاپشۇرسىلا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈزۈلۈپ قالسا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى كېلەر ئايدىن باشلاپ توختىتىلىدۇ، قايتىدىن تاپشۇرسا يەنىلا ئاتچوت قىلغىلى بولىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇش توختىتىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئارىلىق مەزگىلى بولىدۇ، ئەگەر بۇ مۇددەتتىن ئېشىپ كەتسە، ئۇدا تاپشۇرۇش يىل چېكى قايتا ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئادەتتە ئۈچ قېتىم ئۈزۈپ قويۇشقا بولىدۇ، ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە قايتا ھېسابلىنىدۇ. ئۈزۈلۈپ قالغان مەزگىلدە داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش قاتارلىق بارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن سۇغۇرتىغا قاتنىشىش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ ھەمدە ئۇدا ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى ئالتە ئايغا توشقاندىن كېيىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغىلىببولىدۇ.

كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى: ئادەتتە، بۇ 15 يىل جەمئىيلىنىپ ھېسابلىنىدۇ ئارىلىقتا ئۈزۈلۈپ قالسا، داۋاملاشتۇرسىلا بولىدۇ، ئەمما پېنسىيە تەمىناتىغا تەسىر يېتىدۇ.

ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى ھازىر تاپشۇرۇپ ھازىر ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن ئەنسىرەش بىھاجەت. شۇڭا، بۇنىڭغا قارىتا، كۆپچىلىك ئەڭ ياخشىسى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئۈچ ئايدىن ئاشۇرۇپ تاپشۇرماسلىقى كېرەك، ئېشىپ كەتسە، زىيان تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ!

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئالماشتۇرۇپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئۇنداقتا، ئەگەر خىزمەت ئالماشتۇرماقچى بولسا، قانداق قىلغاندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئۈزلۈكسىز تاپشۇرغىلى بولىدۇ؟

ئادەتتە، شۇ ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېيىن خىزمەتتىن ئايرىلسىڭىز، شۇ ئايلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئەسلىدىكى شىركەت سىزگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، كېلەر ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن يېڭى شىركەتكە ئىشقا چۈشسىڭىز، كېلەر ئايلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى يېڭى شىركەتمۇ سىزگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. شۇڭا ئىستېپا بېرىشتىن بۇرۇن چوقۇم كونا-يېڭى شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش ۋاقتىنى ئېنىق بىلىۋېلىپ، ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك!


NO5

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالسا، تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ئۇسۇلى بارمۇ؟

ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي ئەمگەك كاپالەت ئىدارىسىگە بېرىپ تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك، پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەتتە پەقەت ئۈچ ئاي تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا بولىدۇ، ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولسا، پەقەت ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىپ، ئاندىن قايتۇرغان جاۋابقا ئاساسەن ماتېرىياللارنى تولۇقلاپ تەييارلاش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تولۇقلاپ تاپشۇرماقچى بولغان نۇرغۇن كىشىلەر بەلگىلىك مۇددەتتىن ئېشىپ كەتسە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ۋە ئۆسۈم تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ.

ھازىرقى بەلگىلىمە بويىچە، شىركەت تاپشۇرمىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمىغان كۈندىن باشلاپ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئالدىنقى كۈنىگىچە، كۈنىگە ئون مىڭدىن بەش ئۈلۈش بويىچە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى قوشۇپ تاپشۇرىدۇ. 

كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى ھېسابلاش فورمۇلاسى: ھەر ئايدا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى x كەم تاپشۇرغان كۈن سانى x* 0.0005 = كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى

خۇشاللىنارلىقى شۇكى، ئەمەلىي ئىجرا قىلىش جەريانىدا، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ئادەتتە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان ئورۇننىڭ ۋاقتىدا ھەق تاپشۇرمىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئېلىنىدۇ. شەخستىن ئادەتتە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ئېلىنمايدۇ، لېكىن شەخس يىل ئاتلاپ تاپشۇرمىسا، چوقۇم كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى تولۇقلاپ ئالىدۇ. 


NO6

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالسا، بۇ ئىشنى چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك. ئاندىلا بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن سۇغۇرتا ئىشلىرىمىز كاپالەتكە ئىگە  بولىدۇ.

سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇندىن ئايرىلماي خىزمەت ئالماشتۇرۇش ھازىرقى تۇرۇشلۇق شەھەردىن ئايرىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ: پەقەت ئوخشاش بىر شەھەر ئىچىدە بولسىلا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسى بىر، بارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇرلىرىڭىز مۇكەممەل ئارخىپقا ئېلىنىدۇ، ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ، شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا، ئەسلىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ھەق تاپشۇرۇشنى توختىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرسىلا بولىدۇ، خىزمەت تاپقاندىن كېيىن بىۋاسىتە يېڭى بىر سۇغۇرتىغا قاتنىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاپتوماتىك ئۇلىنىدۇ، ھېچقانداق ئاۋارىچىلىك كۆرۈلمەيدۇ.

سۇغۇرتا تاپشۇرغان جايدىن ئايرىلىپ خىزمەت ئالماشتۇرۇش سەۋەبلىك تۇرۇۋاتقان شەھەردىن ئايرىلىپ باشقا شەھەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ: ئۇنداقتا بۇ ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسى بىر ئەمەس، شۇڭا يۇقىرىغا ئوخشاش ئاپتوماتىك داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئەھۋالدا سىز يەنىلا ئەسلىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشنى توختىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىڭىز كېرەك؛ كېيىن يەنە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە توغرا كېلىدۇ (شەھەر ھالقىغاچقا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇرىڭىزنى ئېلىپ كېتىسىز)، ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىگە بېرىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەققىدىكى ھەق تاپشۇرۇش ئىسپاتىنى باستۇرۇپ، ئاندىن بۇ ئىسپات ۋە رەسمىيەتلەرنى ئېلىپ يېڭى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىدارە تۇرۇشلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىگە بېرىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىسىز. 

يىغىنچاقلاپ كەلسەك، بىر قىسىم دوكۇمېنت ۋە رەسمىيەتلەر كۆپىيىدۇ، ماھىيەتتە، رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولۇپ كېيىنكى مەزگىلدە داۋاملاشتۇرسا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. 

سۇغۇرتىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، پايدىسى تېگىپ قالغان، دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، باشقىلارغىمۇ پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. 


1.نېمە ئۈچۈن يانكىتاب؟ يانكىتابنىڭ كىچىك ھېكايىسى


2.خىزمەتتىكى ۋاقىتتا  بىر تاغ، خىزمەتتىن ئايرىلغاندا بىر ئابىدە


3.ئالىمجان: كەمتەر ۋە كەڭ قورساق بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش


4.خىزمەتتىكى ھارغىنلىق سىزگە تۇيدۇرماستىن يېقىنلىشىۋاتامدۇ؟


5.بۇ تۆت چوڭ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك


6.قانچىنى بىلىسىز؟ دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار ئون چوڭ جەمەت


7.چوقۇم كۆرۈڭ: پەرق

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408