大数跨境

رەقەملەشتۈرۈش دۇنيانى قايتىدىن بەرپا قىلىۋاتىدۇ

رەقەملەشتۈرۈش دۇنيانى قايتىدىن بەرپا قىلىۋاتىدۇ Nepkar
2020-01-10
1

جوۋ خۇڭيى: رەقەملەشتۈرۈش دۇنيانى قايتىدىن بەرپا قىلىۋاتىدۇ

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت تەرەققىيات تەتقىقات ئورنى، فاڭجېڭ ئاكسىيەسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «4-نۆۋەتلىك دۆلەت تەرەققىيات مۇنبىرى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر ماقالە 360 شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جوۋ خوڭيىنىڭ نۇتۇقىغا ئاساسەن رەتلەندى. 

360 شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جوۋ خوڭيى

مەن ئاساسلىقى «رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسى ئەنئەنىۋى كارخانىلارغا نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟» دېگەن مەسىلە شۇنداقلا «رەقەملەشتۈرۈش ئېلىپ كەلگەن بىخەتەرلىك خىرىسى» توغرىسىدا پىكرىمنى بايان قىلىمەن. 


رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسى ئەنئەنىۋى كارخانىلارغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

بىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرىمىز رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ناھايىتى چوڭ بىلىپ، مەركەزدىن ئۆلكىگىچە، ھەممىسى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، رەقەملىك ئىقتىساد ئۈستىدە توختىلىۋاتىدۇ. كۆپچىلىك يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ماھىيەتتە رەقەملەشتۈرۈشتىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. 

بۇ ئىككى يىلدىكى رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن ئەنئەنىۋى رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

نەچچە ئون يىل ئىلگىرىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى بولسا كومپيۇتېرلاشتۇرۇش ئىدى، ئۇ چاغدا «ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى» ياكى «OA ئىشخانا ئىشلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش» دەپ ئاتىلاتتى، كومپيۇتېرنى باشقۇرۇش تىجارىتىدىكى قىسمەن پائالىيەتلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئەنئەنىۋى ئارخىپلارنى مەلۇم دەرىجىدە رەقەملەشتۈرگەن، بۇ 1.0 نۇسخىسى دەپ ئاتىلاتتى.

«ئىنتېرنېت +» بولسا رەقەملەشتۈرۈلۈشىنىڭ 2.0 نۇسخىسىدۇر، بۇ پەقەت ئىنتېرنېتنىلا قۇرال قىلمايدۇ. ھەر قايسى ئەنئەنىۋى كارخانىچىلارنىڭ «ئىنتېرنېت +» بولغان تونۇشى ئوخشىمايدۇ، بەزىلەر توردا مال سېتىش،  قىسقا سىنغا ئېلىپ تەشۋىق قىلىشنى «ئىنتېرنېت +» دەپ قارايدۇ، بەزى كارخانىچىلار ئىنتېرنېت ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ ھېس تۇيغۇسىغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئۆگىنىشكە باشلاپ، ئىنتېرنېت تاۋار دىرېكتورى يېتەكچىلىك ئەندىزىسى باشلىنىپ كەتتى. «ئىنتېرنېت +» بولسا ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ 2.0 نۇسخىسى. 

ھازىر مىسلىسىز پۇرسەت كەلدى، ئالاقە تورى تېخنىكىسى بۇ بىر نەچچە يىلدا تېز ئىلگىرىلەپ، رەقەملەشتۈرۈشنى يېڭى بىر دەۋرگە ئېلىپ كەلدى، مېنىڭچە بۇ «ھەر تەرەپلىمە رەقەملەشتۈرۈش» دەۋرىدۇر.

كۆپچىلىك «رەقەملىك قوشكېزەك» دېگەن بىر سۆزنى ئاڭلىغان، بەش ھەرپ رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ ئاچقۇچى — IMABC. I بولسا Lot ئەشيا تورى، M بولسا 5G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، A بولسا AI، B بولسا چوڭ سانلىق مەلۇمات، C بولسا بۇلۇت ھېسابلاش.

بۇ بەش تېخنىكا پىشىپ يېتىلىشتىن بۇرۇن، ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش ياكى سۈنئىي ئىدراكتىن تولۇق پايدىلىنىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. بۈگۈن ئالاقە تورى ماگناتى كۆپچىلىكنىڭ بارلىق پاراڭلىشىش خاتىرىسى، مال سېتىۋېلىش خاتىرىسى، ئىزدەش خاتىرىسى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئاشتى. لېكىن، ئەگەر چوڭ سانلىق مەلۇمات پەقەت ئالاقە تورى شىركىتىنىڭ پاتېنتى بولسا، ئۇنداقتا بۇ رەقەملەشتۈرۈش ئىنقىلابى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەتچىلىك ساھەسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، جۇڭگوغا نىسبەتەن ئانچە زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ. 

نۇرغۇن ئەنئەنىۋى كارخانىلار مەندىن چوڭ سانلىق مەلۇماتقا قانداق ئېرىشىشنى سورايدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا دەل «I»، ئەشيا تورى كۆپچىلىككە بىر خىل ئېھتىماللىقنى ئاتا قىلدى. ئەشيا تورى تېخنىكىسى ئەمەلىيەتتە سىمسىز ئالاقە قىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېزىش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئۇنى شەھەردىكى ھەر بىر نەرسە دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ، زاۋۇت، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ھەر بىر ھالقىسى، زەنجىرى ھەر تەرەپلىمە ھالدا ئەشيا تورى ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەر ۋاقىت رەقەملەشتۈرۈلىدۇ. 

يېقىندا بېيجىڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا 5G يىغىنى ئېچىلدى، ئۇنداقتا 5G زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ھەر بىر كارخانىچى 5G غا دىققەت قىلىشى كېرەك، ئۇ ئەشيا تورى دەۋرى ئۈچۈن تەييارلانغان خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى بولۇپ، سۈرئىتى تېز بولۇشتەك بۇ بىر تۈرلۈك ئەۋزەللىككىلا ئىگە ئەمەس. 5G نىڭ بىر خەۋەرلىشىش كېلىشىمى بار، ھەر كىۋادرات كىلومېتىر يەردە تىرەك بولالايدىغان تورلاشتۇرۇش سانى 3G ،4G دىن نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بۇ ئەشيا تورىنى تېخىمۇ ئاسان تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ئەشيا تورى تېخنىكىسى بولسا سىز ئويلىغان بارلىق ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش، كەسپىي تىجارەت، مۇلازىمەتنىڭ پۈتكۈل جەريانى قاتارلىقلارنى سانلىق مەلۇماتلاشتۇرۇپ يىغىۋالىدۇ. سانائەت ئالاقە تورى، ئاپتوموبىللارنى تورلاشتۇرۇش ھەمدە ئىدراكلىق شەھەر قاتارلىق ساھەلەرگە كۆپ ئىشلىتىدۇ. ئىلگىرى نۇرغۇن ئىدراكلىق شەھەر تۈرلىرى دائىم مەغلۇپ بولاتتى، ھۆكۈمەتتە ئەسلىدە بار بولغان سانلىق مەلۇماتلار، مەسىلەن، نوپۇس ئىستاتىستىكا ئۇچۇرى، تۇرالغۇ تىزىملاش ئۇچۇرى قاتارلىقلار پەقەت زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇمات دەپ ئاتىلىدۇ، چوڭ سانلىق مەلۇمات دەپ ئاتالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارماقلار ئوتتۇرىسىدىكى مونوپوللۇق سەۋەبىدىن نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلار يېڭىلانمايدۇ.

ھەقىقىي چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆپ ئۆلچەم، ھەر تەرەپلىمە، ئەمەلىي ۋاقىتچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئىنتايىن جانلىق. پەقەت كۆپ ئۆلچەملىك سانلىق مەلۇماتلارلا ماشىنا چوڭقۇر ئۆگىنىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەشيا تورى ۋە 5G بىز ئەنئەنىۋى كارخانىچىلار ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە غايەت زور پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، كەلگۈسىدە كىم چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئىگىلىسە، شۇ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرەلەيدۇ.

بۈگۈنكى ئىنتېرنېت تورى شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى كومپيۇتېر ۋە يانفوندىن كەلگەن. كەلگۈسى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە، ئەشيا تورى 5G نىڭ تۈرتكىسىدە ھەقىقىي بارلىققا كەلتۈرگەندىن كېيىن، بارلىق كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى رەقەملەشتۈرۈلىدۇ، مەيلى تاقىغىلى بولىدىغان ئۈسكۈنىلەر بولسۇن، ياكى ئىدراكلىق ئۆي جاھازىلىرى بولسۇن ھەممىسى رەقەملشتۈرۈلىدۇ. 2025-يىلى تەخمىنەن 30 مىلياردتىن 50 مىلياردقىچە ئۈسكۈنە ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلىنىدۇ، بۇ كۆلەم بىزنىڭ بۈگۈنكى يانفون سانىمىزدىن خېلىلا زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ.

بۈگۈنكى كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفوننى ئادەم ئىشلەتكەندە ئاندىن سانلىق مەلۇمات پەيدا بولىدۇ، بۇنداق سانلىق مەلۇمات مىقدارى ئاللىقاچان زور مىقداردىكى جۇڭگو ئالاقە تورى شىركىتى، شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى Facebook، گۇگۇل، ئامازون قاتارلىق نۇرغۇن ماگناتلارنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىدراكلىق ئەشيا تورى ئۈسكۈنىسى كەلگۈسىدە 24 سائەت توختىماي خىزمەت قىلىپ، بۇ دۇنيانى پۈتۈنلەي رەقەملەشتۈرىدۇ، بۇ «رەقەملىك قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىك ئېلىپ كېلىدۇ.

مەن جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋاڭ جيەننىڭ بىر قارىشىغا قوشۇلىمەن، كەلگۈسى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئالاقە تورىدىكى ئېقىم مىقدارى ئاساسىي ئېقىمنى ئىگىلىشى مۇمكىن. بۇ ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ دۆلەتنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ھەقىقىي رول ئوينايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

IMABC دىكى M مۇھىم ھالقا، يەنى 5G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى. چۈنكى ئۇ ئەشيا تورى تېخنىكىسىنى كاتالىزلاشتۇرۇپ، ئەشيا تورىنى سانلىق مەلۇماتلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتلارنى بۇلۇت تېرمىنالىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، بۇلۇت سانلىق مەلۇماتىنى ياخشى باشقۇرغاندىلا ئاندىن چوڭ سانلىق مەلۇماتنى باشقۇرغىلى، چوڭ سانلىق مەلۇماتنى باشقۇرغاندىلا ئاندىن AI نى ئىشلىتىپ مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى نۇرغۇن AI ساختا AI، ئەگەر سانلىق مەلۇمات دېڭىزى، كۆپ ئۆلچەملىك سانلىق مەلۇماتنىڭ ئارىلاشمىسى بولمىسا، سۈنئىي ئىدراك خۇددى يىلتىزسىز دەرەخكە ئوخشاپ قالىدۇ، بۈگۈنكى AI سانلىق مەلۇمات ئىدراكى دەپ ئاتىغان ياخشى. ھازىر قارىغۇلارچە AI دەۋرى دەپ جار سېلىۋاتىمىز، ئەمەلىيەتتە ئالدى بىلەن قانداق قىلىپ ئەشيا تورىنى رەقەملەشتۈرۈشنى ئويلىشىش كېرەك ئەشيا تورىنى رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسىنى ئىمكانقەدەر بۇلۇت سۇپىسىغا يەتكۈزۈپ، توپلاپ، بەلگە سېلىپ، تازىلىشىمىز كېرەك، زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلار بولغاندىن كېيىن تەبىئىيلا AI بولىدۇ.

مېنىڭچە IMABC بۇ بىر قانچە تېخنىكا پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، ئەنئەنىۋى كارخانىلار غايەت زور رەقەملەشتۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن، بارلىق كەسىپلەر يەنە بىر قېتىم گۈللەندۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. مىسالغا ئالساق، ھازىر جۇڭگودا ئالتە مىليون لىفىت بار، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق نەچچە ئون مىليون لىفىت بولۇشى مۇمكىن، ئەمما لىفىتتا دائىم ھادىسە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر بىر سېنزور ئارقىلىق بارلىق لىفىتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىۋالسا، ھەر بىر لىفىتتا ئىش چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئازراق ئالامەت كۆرۈلىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش ئارقىلىق، ئازراق ئادەم كۈچى بىلەن لىفىتنىڭ قاچان رېمونت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، بۇ لىفىت كەسپىدە يېڭى ئەندىزە يارىتىشى مۇمكىن.

ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە IMABC ۋە كەسىپلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارسا بەلكىم 1+1 ئىككىدىن چوڭ بولىدىغان خىمىيەلىك رېئاكسىيە پەيدا بولۇشى مۇمكىن، IMABC تېخنىكا نۇقتىسىدىن كارخانىلارنى مۇلازىمەت ئەندىزىسى، مەھسۇلات ئەندىزىسى، سودا ئەندىزىسى، جۈملىدىن تىجارەت ئەندىزىسى ئۈستىدە قايتا ئويلاندۇرىدۇ.


رەقەملەشتۈرۈش ئېلىپ كەلگەن بىخەتەرلىك خىرىسى

مەن تور بىخەتەرلىكى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، ئەڭ ياخشى بىخەتەرلىك خىزمىتى خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش، ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەرگىزمۇ كىرىزىس ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاندىن ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئىزدەش ئەمەس. شۇڭا، رەقەملىشىش دەۋرى ئالدىدا، بۇنىڭ قانداق بىخەتەرلىك خىرىسى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئويلىشىشىمىز كېرەك.

بىز بىخەتەرلىك خىرىسىنى تەتقىق قىلىشتا، ئالدى بىلەن كۆرۈلىدىغان مۇمكىنچىلىكنى تەتقىق قىلىپ، ئاندىن ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ، رەقەملەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولغاندىلا تېخىمۇ تېز يۈگۈرگىلى، تېخىمۇ يىراققا ماڭغىلى بولىدۇ، كۆپچىلىك بىخەتەر يېڭى تېخنىكا ئىشلەتكەندىلا ئاندىن خاتىرجەم بولالايدۇ.

بىرىنچى، تولۇق رەقەملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ دۇنيا يۇمشاق دېتال بىلەن قاپلىنىدۇ، بىز كۆرگەن بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە يۇمشاق دېتال يۈگۈرەيدۇ، بىز بۇنى «ھەممە نەرسىگە پىروگرامما تۈزگىلى بولىدۇ، ھەممە نەرسىنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرغىلى بولىدۇ» دەيمىز. لېكىن، يۇمشاق دېتاللار بولىدىكەن چوقۇم يوچۇق بولىدۇ، يوچۇق بولسىلا باشقىلارنىڭ پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. قانچە رەقەملەشكەن سىستېما شۇنچە ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چوقۇم بۆسۈپ ئۆتۈش ئېھتىماللىقى بار. ئىلگىرىكى سېمونت زاۋۇتى، ئىستانوك زاۋۇتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كارخانىلار تورغا ئۇلانمايتتى، شۇڭا تور ھۇجۇمى مەسىلىسىدىن ئەنسىرىمەيتتى، ئەمما بۈگۈنكى ھەممە نەرسە ئۆز-ئارا تۇتاشقان دۇنيادا ئەھۋال ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن، ئوچاق تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلماقچى بولسا تورغا ئۇلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا بۇ تور ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىدۇ.

ئىككىنچى، ھازىر سۈنئىي ئىدراك سۆزلىنىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشچى بولماسلىقى ياكى ئىنتايىن ئاز ئادەم بولۇشى مۇمكىن. ئەسلىدە ئىككى مىڭ كىشىلىك زاۋۇتتا ھازىر ئاران 50 ئادەم قالغاچقا، تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا ئاقىۋىتى ناھايىتى ئېغىر بولۇشى مۇمكىن.

ئۈچىنچى، كەلگۈسىدىكى سانسىزلىغان ئەشيا تورى ئۈسكۈنىلىرى قانداق مۇداپىئە كۆرىدۇ؟ ھەر بىر نۇقتا ھۇجۇم قىلغۇچىغا نىسبەتەن بۇ بىر سەكرەش تاختىسى. بىر قىسىم كارخانىلار ئايرىۋېتىشتىن ئىبارەت كونا ئۇسۇلنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ تورىنى ئالاقە تورىغا ئۇلىمايدۇ، لېكىن 5G تور دەۋرىدە چېگرا بۇزۇپ تاشلانغان بولۇپ، ئايرىۋېتىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق. 5G ۋە ئەشيا تورى قولايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، مەۋھۇم تور بوشلۇقى ۋە فىزىكىلىق دۇنيانى تۇتاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ ياخشى تەرىپى شۇكى، كەسىپ ئەمەلگە ئاشىدۇ، تولۇق سانلىق مەلۇمات ئېقىمى تەقلىد قىلىنىدۇ، لېكىن يامان تەرىپى شۇكى، تور ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھامان، فىزىكىلىق زەربە ۋە زىيانكەشلىككە ئايلىنىدۇ. ئىلگىرى بىر دۆلەتتە كەڭ كۆلەمدە توك توختاتماقچى بولسا بومباردىمانچى ئايروپىلانلا ئىشقا سېلىناتتى، ھازىر يۇمشاق دېتال ھۇجۇمى ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە توك توختاتقىلى بولىدۇ. ھازىر پۈتۈن دۇنياغا بولغان تەھدىت ئۇل ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىش بولۇپ، ئامال قىلىپ تورىڭىزغا ئۇلىسىلا ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

تور بىخەتەرلىكى كەسپى ئىلگىرى پەقەت كىچىك ئوغرىغا تاقابىل تۇراتتى، بۇ بەش يىلدىن بۇيان باشقا دۆلەتلەردە قۇرۇلغان تور ئۇرۇشى قىسىملىرىغا يۈزلەندى. ھەرقايسى دۆلەتلەر بارغانسېرى توردا زەربە بېرىشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، ئەنئەنىۋى ئۇرۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، كونترول قىلىش تېخىمۇ ئاسان، تېخىمۇ مەخپىي دەپ قارىلىۋاتىدۇ. پۈتكۈل تور بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى رەقەملىشىش تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئەكسىچە مىسلىسىز ئۈمىدسىزلىككە تولدى. 

شۇڭا بىز بۇ بىر نەچچە يىلدا ۋىرۇس ئۆلتۈرگەندىن باشقا، ئىزچىل بۇ خىل مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئورۇندۇق. بىزمۇ چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلاندۇق، بىز يىغقان چوڭ سانلىق مەلۇمات پەقەت سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدىكى قانداق يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلەۋاتقىنىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىز 10 يىللىق چوڭ سانلىق مەلۇماتنى جەملەپ تور بىخەتەرلىكى چوڭ مېڭىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر نەرسىنى ياسىدۇق، بۇنىڭ بىلەن بىز جۇڭگودىكى چەتئەلنىڭ تور ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى كۆرەلەيدىغان بىردىنبىر شىركەتكە ئايلاندۇق.

ھەر قايسى كارخانىچىلارنىڭ رەقەملەشتۈرۈش، ئەشيا تورى دەۋرى، 5G دەۋرىنى چىڭ تۇتۇشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تور بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشىنى، رەقەملىك دەۋر ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 


1.ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟


2.ماسكنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئاكا-سىڭىلنىڭ ھەممىسى تالانت ئىگىسى


3.نۇتۇق: ۋاقىتنىڭ دوستى (2019-2020) 7-بۆلەك


4.نېمىشقا ئىگىلىك تىكلەيسىز؟


5.نېمىشقا كۆپ ئىشلارنى پىلانلاپ بىرنىمۇ قىلمايمىز؟


6.مەبلەغ سېلىش پۇلدارلارنىڭ پاتنېتىمۇ؟


7. دۆلىتىمىزنىڭ يادرولۇق كۈچى: 4-ئۇيۇشۇش كۈچى جەڭگىۋارلىق دېمەكتۇر

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408