

مەلۇم شەھەرلىك ئەمگەك كاپالەت نازارەت قىلىش چوڭ ئەترىتى ئادەتتىكى قائىدە بويىچە چارلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، مەلۇم ئاشخانىدا سىرتتىن كەلگەن ئەمگەك كۈچىنى ئۆز مەيلىچە قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى، ئەمگەك توختامى ئىمزالىماسلىق قاتارلىق ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدى، ھەمدە ئۇلارغا مۇددەت بەلگىلەپ تۈزىتىش بۇيرۇقنامىسىنى چۈشۈردى. بىراق بۇ دۇكان تىجارىتىنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ، سەۋەب كۆرسىتىپ ئەپلەپ-سەپلەپ قۇتۇلماقچى بولۇپ، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ھېچقانداق تۈزىتىش تەدبىرنى قوللانمىدى. قانۇننىڭ كەسكىنلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، مەزكۇر شەھەرلىك ئەمگەك ئىدارىسى بۇ ئاشخانىنىڭ ئەمگەك كاپالەت نازارىتىگە سەۋەبسىز توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشىغا قارىتا جەرىمانە قويۇش قارارىنى چىقاردى. بۇ ئاشخانا جازا قارارنامىسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە جەرىمانىنى تاپشۇرمىدى ھەم مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىدى ياكى مەمۇرىيەت ئۈستىدىن ئەرز قىلمىدى. مەزكۇر شەھەرلىك ئەمگەك ئىدارىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە جەرىمانىنى يىغىۋېلىش ھەمدە قەرەل توشسىمۇ جەرىمانىنى تاپشۇرمىغانلىقتىن جەرىمانىنى قوشۇپ جازالاپ مەجبۇرى ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى.

ئەمگەك كاپالەت نازارىتى بولسا ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇننىڭ ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قانۇن نىزاملىرىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى قانۇنغا ئاساسەن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا قارىتا چەكلەپ ھەمدە جازا بېرىدىغان ئەمگەك كاپالەت مەمۇرىي قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان ھەرىكەت. <ئەمگەك قانۇنى>نىڭ 85-ماددىسىدا: "ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇننىڭ ئەمگەك قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ، ئەمگەك قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلسە، ئۇنى توسۇشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن. بۇلارغا ئاساسلانغاندا، ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ساقلانغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا نىسبەتەن مۇددەت بەلگىلەپ تۈزىتىش بۇيرۇقنامىسىنى چۈشۈرۈشى بولسا قانۇن يول قويغان ئەمگەك كاپالەت رېۋىزىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن بىر خىل ئاساسلىق شەكىل، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇن چوقۇم سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش قارارنامىسىدىكى مۇددەت ۋە مەزمۇنغا ئاساسەن تۈزىتىش كېرەك، ئورۇنلۇق سەۋەب بولماي مۇددەتتىن ئېشىپ تۈزەتمىگىنى بولسا ئەمگەك كاپالەت مەمۇرىي تارماقلارنىڭ ئەمگەك كاپالەت رېۋىزىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە سەۋەبسىز توسقۇنلۇق قىلغان ھېسابلىنىدۇ. <ئەمگەك قانۇنى>نىڭ 101-ماددىسىدا: "ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىنىڭ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە سەۋەبسىز توسقۇنلۇق قىلسا، پاش قىلغۇچىلاردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالسا، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى ياكى ئالاقىدار تارماقلار جەرىمانە قويىدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا مەزكۇر دېلودا ئەمگەك ئىدارىسى مەلۇم ئاشخانىغا قارىتا يۈرگۈزگەن مەمۇرىي جازاسى تامامەن قانۇنلۇق.
بۇ دېلودا مەلۇم ئاشخانىنىڭ جەرىمانىنى تاپشۇرماسلىقى بولسا <مەمۇرىي جازا قانۇنى>غا خىلاپلىق قىلغان قىلمىش. <مەمۇرىي جازا قانۇنى> نىڭ 46-ماددىسىدا: «دەۋالاشقۇچىلار چوقۇم مەمۇرىي جازا قارارنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، بەلگىلەنگەن بانكىغا بېرىپ جەرىمانىنى تۆلەش لازىم» دەپ بەلگىلەنگەن. دەۋالاشقۇچىلار مۇددەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ جەرىمانە جازا قارارىنى ئىجرا قىلمىغان بولسا،<مەمۇرىي جازا قانۇنى>دا مەمۇرىي جازا قارارىنى چىقىرىدىغان مەمۇرىي ئورگان ھەركۈنى جەرىمانە سوممىسىنىڭ %3 بويىچە قوشۇپ جەرىمانە قويسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

نادىر مەزمۇنلار
2.روكفېللېر: باشلىنىش نۇقتىسى ئاخىرلىشىش نۇقتىسىنى بەلگىلىمەيدۇ
5.ئادەم بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ماشىنا تەپەككۇرىدا توختاپ قالماڭ
6.ئەمگەك توختامىنى كېڭىشىپ بىكار قىلىشتىكى ئىقتىسادى جاۋابكارلىق؟



