تېسلانىڭ «قىرغىنچىلىق شەكلى»دىكى باھا چۈشۈرۈشى ۋە «تېسلا بېجى»
دۆلەت بايرىمىنىڭ تۇنجى كۈنى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يولدا توسۇلۇپ قالغان پەيتتە، تېسلا ھۆكۈمەت تەرەپ Model 3 نىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ 271 مىڭ 500 يۈەندىن 249 مىڭ 900 يۈەنگە چۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى.
يەنە بىر مەيدان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسىنى قىرغىن قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، كەلگۈسىدە تېسلا يەنە مور قانۇنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ئۇسۇل بىلەن ئۈزلۈكسىز باھا چۈشۈرىدۇ، ھەتتا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاساسىي ئاپتوموبىلنىڭ باھاسىنى ھەقسىز قىلىشقا يۈزلىنىدۇ.
ھەيران قالماڭ، ئەينى يىللىرى ماسكقا ئەگىشىپ ماشىنا ياسىغان جيا يۆتىڭ بۇرۇنلا مۇشۇنداق ئويناپ باققان، لېشى شىركىتىنىڭ يان تېلېفونى ۋە تېلېۋىزورىمۇ بىر مەھەل ھەقسىز سوۋغا قىلىنغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، گۇمانلانماڭ، بۇ خىل ھەقسىز ئەندىزىدە پەقەت بەرداشلىق بېرەلىسىلا، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا پايدا ئالغىلى بولىدۇ. ھەتتا مونوپول دەرىجىلىك زور پايدىغا ئېرىشىدۇ.
خۇددى تۈنۈگۈن CNBC نىڭ خەۋىرىگە ئوخشاش، ھەقسىز ئۇزۇن يىل داۋاملاشتۇرغان گۇگول ئاندىرويىد ئاچقۇچىلارنىڭ 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى چوقۇم Google Play ھەق تۆلەش سىستېمىسىنى ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى، ئالما بېجىغا ئوخشاشلا، ھەممىسىنىڭ %30 «باج» ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنىڭ %20 نى ئىگىلىگەن ئالما iOS نىڭ ھەر يىلى 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق كىرىم قىلالىدىغانلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، %80 بازارغا ئىگە ئاندىرويىد سىستېمىسى گۇگېل ئۈچۈن ئېلىپ كېلىدىغان «ئاندىرويىد بېجى»، بەلكىم ئالما بىلەن تەڭلىشىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئوخشاشلا، دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل كارخانىلىرى يەنە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش پايدىسىنى تېپىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقاندا، ماسك قاتتىق دېتال پايدىسىدىن ۋاز كېچىپ، «تېسلا بېجى» ئېلىش يولىغا ماڭماقچى بولدى.
دەۋر ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، لېكىن بەزى لوگىكىلىق قانۇنىيەت ئۆزگەرمەيدۇ. ئۆتكەن 100 يىلدا، يېقىلغۇ ماي بېجى تۇز بېجىنىڭ ئورنىنى، ئاپتوموبىل بېجى تۆمۈر بېجىنىڭ ئورنىنى ئالغانغا ئوخشاش، ئالاقە تورى ماگناتلىرىنىڭ باج يىغىش لوگىكىسىمۇ 2000 نەچچە يىل ئىلگىرىكى «تۇز-تۆمۈر بېجى»غا ئوخشاش بولۇپ، خەلقتىن بىۋاسىتە باج ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. بەلكى باجنى ئىستېمال جەريانىغا يۇشۇرۇپ، ئاممىنىڭ پۇلىنى ئالغان APP لەرگە يۈكلىگەن.
شۇڭا، نۆۋەتتە ئىنتېرنېت دولقۇنى پەيدا قىلغان نۇرغۇن ماگناتلارنىڭ، ئويناش ئۇسۇلىمۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تارىخىدا دەۋر ياراتقان سىياسىيونلارغا ئوخشاش، ئالدى بىلەن بىر غايىۋى كەلگۈسىنى تەسۋىرلەيدۇ، ئاندىن ھەقسىز ياكى زىيان تارتىش ئۇسۇلى بىلەن، ئۆزىنىڭ دوستى (تەمىنلەش زەنجىرى) ۋە قوللىغۇچىلىرىنى (ئىشلەتكۈچىلىرىنى) كۆپەيتىپ، دۈشمەنلىرىنى ئازايتىدۇ.

بۇ خۇددى مىكروسوفتنىڭ جۇڭگوغا كىرگەندە ھەقسىز ئوغرى نەشىرىگە يول قويغىنىغا، گۇگولنىڭ ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ مەنبەنى ئېچىشنى ھەقسىز قىلغىنىغا ئوخشايدۇ، ئۈزلۈكسىز باھا چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى تېز سۈرئەتتە كۆپەيتىش ھەمدە تەھدىتى بار رىقابەتچىلىرىنى يوقىتىپ، مونوپول قىلىۋالغان توراسو دوكارىنى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن يۇقىرى پايدىلىق باج ئالىدۇ.
شۇڭا مەيلى «ئالما بېجى»، «ئاندىرويىد بېجى» بولسۇن ياكى كەلگۈسىدىكى «تېسلا بېجى» بولسۇن، ماھىيىتى ئالاقە تورى دەۋرىدە، ئىجتىمائىي تەشكىلات قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە، ئالاقە تورى ماگناتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن ئۈزلۈكسىز «باج ئېلىش ھوقۇقى»غا ئېرىشمەكتە.
شۇڭا، ئەينى يىللاردا جۇڭگونىڭ «ئالما + تېسلا + نەتفلىكس»نى بەرپا قىلىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئالاقە تورى ئېكولوگىيەسى (باج يىغىش) چەمبىرىكى قۇرماقچى بولغان جيا يۆتىڭنىڭ قوغداش كەمچىل بولغان ئەھۋالدا تارىخىي مۇساپىدە يىقىلىشى، ئەسلىدىنلا ئېھتىماللىقى چوڭ ئىش ئىدى.

قانداقلا بولمىسۇن، مەسئۇلىيەت ۋە پايدا مۇقەررەر ھالدا ماس كېلىدۇ.
خۇددى 5G تورىنىڭ يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى ھۆكۈمەت باجنى ئالدىن چىقىم قىلىشقا تايىنىپ قۇرغانغا ئوخشاش، ئوخشاشلا گۇگولنىڭ ئاندىرويىد سىستېمىسى بىلەن تېسلانىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلىمۇ كاپىتال بازىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ئالدىن چىقىم قىلىشىغا تايىنىپ مەبلەغ كۆيدۈرۈش بەدىلىگە كەلگەن بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدىكى پۇل بىلەن نۆۋەتتىكى يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ.
بۇ جەرياندا، ئىنتېرنېت ماگناتلىرى بارغانسېرى ھۆكۈمەتنىڭ ئورنىنى ئېلىپ تور ئەھلىنى بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بىلەن تەمىنلەپ، كەلگۈسىدە تور ئەھلىدىن باج ئېلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ.
بۇ كەلگۈسىدە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ماگناتلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشىنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىدىغانلىقىدىن، بىر قاتار مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش دېلولىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
سۆزىمىزنى يەنە دۆلەت ئىچىگە يۆتكىسەك، توكنىڭ ماينىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل ياساش كەسىپ زەنجىرى زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتى، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل كارخانىلىرىغا ئوخشاش ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن «تۇز-تۆمۈر بېجى»دەك «يېقىلغۇ ماي بېجى» ۋە «ئاپتوموبىل بېجى» ئالالمايدۇ. شۇڭا، جا يۆتىڭدەك سىستېما خاراكتېرلىق زىددىيەت كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇقەررەر كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان بۇ زىددىيەتمۇ كەلگۈسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىدە، 1-ئاپتوموبىل گۇرۇھى ياكى تويوتاغا ئوخشاش دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق كارخانىلارنىڭ قايتا پەيدا بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شۇڭا، دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل ياساش يېڭى كۈچلىرى تېسلانىڭ ئۈزلۈكسىز «قىرغىنچىلىق شەكلى»دىكى باھا چۈشۈرۈشكە يۈزلىنىپلا قالماي، يەنە كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ پەقەت پۇل تاپقىلى بولمايدىغان ئاساسىي قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە تايىنىپ «باج يىغىش»قا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك.
شۇڭا، كۆپچىلىك كەلگۈسىدىكى يېڭى باج يىغىش سىستېمىسىدىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تېپىپ، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش ئۈچۈن پۇل كۆيدۈرۈشنى خالايدىغان باج يىغىش ئاتامانىنى تاپقاندىلا، ئاندىن كېيىنكى كۈرەش جەريانىدا، ئۈزلۈكسىز مەبلەغ يۈرۈشتۈرەلەيدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، تېسلا شىركىتى كىرگەندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، يەر شارىلىشىش رىقابىتىدە بىز نۇرغۇن ئەۋزەللىككە ئىگە بولدۇق.
تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۇمكىن (تېمىنى چەكسىڭىز بەت ئاتلايدۇ):
ما يۈننىڭ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياش كارخانىچىلار باشلىقلار يىغىنىدا سۆزلىگەن ئەڭ يېڭى «ھازىر ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىدۇر» ناملىق نۇتۇقىنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئوقۇڭ!

ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!