大数跨境

بىلمىسىڭىز بولمايدىغان بەش خىل سۇغۇرتا بىر خىل ڧوند ساۋاتى (2)

بىلمىسىڭىز بولمايدىغان  بەش خىل سۇغۇرتا بىر خىل ڧوند ساۋاتى (2) Nepkar
2020-01-20
1
导读:ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى
بىلمىسىڭىز بولمايدىغان  بەش خىل سۇغۇرتا بىر خىل ڧوند ساۋاتى (2)

ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق ئېلىش نىسبىتىگە ئاساسلانغاندا، پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ھەر ئايدا قانچىلىك ھەق تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ؟ ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ يېڭى ھېسابلاش ڧورمۇلاسى تولىمۇ مۇرەككەپ، لېكىن تەخمىنەن ھالدا : شۇ ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي ئوتتۇرىچە نوپۇس *20%+ شەخسىي ھېسابات ئومۇمىي سوممىسى/120. 

مەسىلەن، بىر ئادەمنىڭ (ئادەتتىكى خىزمەتچى) ئوتتۇرىچە مائاشى 4000 يۈەن، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋاقتى 15 يىل، 15 يىلدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 6000 يۈەن دەپ پەرەز قىلساق. ئۇنداقتا مۇرات ئەپەندىم پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ھازىرقى ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمىگە ئاساسەن، ئۇ ھەر ئايدا ئېرىشىدىغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى :

  (6000 * 20% + 4000 * 8% * 12 *15 /120=1680)

 شۇنىسى ئېنىقكى پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئىجتىمائىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۇرمۇش سۈپىتىگە كاپالەت بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئۈچۈن سودا سۇغۇرتىسىنى تاللايدۇ.

"سودا سۇغۇرتىسىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈش پېلانى قوش كاپالەتلىك سۇغۇرتا ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ خىلدىكى سۇغۇرتا ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بىخەتەرلىككە كاپالەت قىلىدۇ (ساغلاملىق كاپالىتى ۋە تاسادىپىي ھادىسە كاپالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن سۇغۇرتا ھاسىل قىلغان پۇلنى ياشانغانلارنى بېقىشقا تولۇقلاپ ئىشلىتىدۇ."-- جاڭ يۈن 

ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ، بۇ خىلدىكى سۇغۇرتا ئەمدى جەمئىيەتكە قەدەم قويغان ياكى ئەمدىلا ئۆيلەنگەن، سالغان مەبلىغى يېتىشمىگەن، تولۇق كاپالىتى بولمىغان ياشلارغا ماس كېلىدۇ. بەزى كەسپىي ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىدىغان ياكى بىر قەدەر مۇكەممەل كاپالىتى بار كىشىلەر  ئۆمۈر سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشنى ئويلاشسا بولىدۇ. بۇ خىلدىكى سۇغۇرتا ئۆلۈم ۋە سالامەتلىككە كاپالەت قىلمايدۇ، پەقەت ياشانغاندا بېقىشنىلا كاپالەتلەندۈرىدۇ.

يەنە بەزى بانكىچىلىق كەسپىي خادىملارنىڭ قارىشىچە، ياشلارغا نىسبەتەن "مەبلەغنى جايىغا سىلىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش سۇغۇرتا ئىكەن. 

جېجىياڭ يىزا ئىگىلىك تارماق بانكىسى قالدۇق سومما مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋاڭ شىنمۇ ئۈستىدىكى كۆز قاراشنى دەلىللىدى. ئۇ "شەخس پۇل پاخاللىشىشقا قارشى تۇرىمەن دەيدىكەن چوقۇم كاپىتال بازىرىغا مەبلەغ سېلىشى كېرەك." دەيدۇ.

ۋاڭ شىن مەسلىھەت بېرىپ «قەرەللىك ۋە بەلگىلىك سوممىدا مەبلەغ سالسا بولىدۇ.» دەيدۇ، مەسىلەن، قەرەللىك ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش، قەرەللىك ڧوندقا مەبلەغ سېلىش. «مەن قەرەللىك ڧوندقا مەبلەغ سېلىۋاتقىلى 7 يىل بولدى، پايدىسى ئەڭ بولمىغاندىمۇ بانكىغا قەرەللىك ئامانەت قويغاندىن يۇقىرى بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرمۇ تۆۋەن نۇقتىدا تۇرىۋاتىدۇ.» دەيدۇ ئۇ.

ئۇ «ياشلار ئەھۋالغا قاراپ خەتىرى سەل چوڭراق مەبلەغ سېلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ، مەسىلەن، يىللىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان كاپىتالنىڭ %50 نى پايچىكىگە مەبلەغ سېلىپ، %20 نى خەتىرى بولمىغان مالىيە ئىشلىرىغا، يەنە قالغان %30 نى قەرىز-ئامانەتكە مەبلەغ سالسا بولىدۇ.» دەيدۇ تولۇقلاپ.

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەرگىزمۇ "ھەممە كېسەلنى  ئاتچوت قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ"

داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا شىركەت تاپشۇرغان قىسمى ئۇدۇللا بىر تۇتاش ڧوندقا كىرگۈزىلىدۇ، شەخىسنىڭ ھېساباتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بارلىق داۋالىنىش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ناتايىن، مەسىلەن: ھۆسۈن تۈزەش، ئورۇقلىتىش، بوي ئۆستۈرۈش، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاش، چېگرىدىن سىرتقى داۋالاش پۇللىرى قاتارلىقلار. 

داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقا يەرلەردە ئىشلىتىشنىڭمۇ نۇرغۇن چەكلىمىلىرى بار. دۆلەت ئىچىدە تۇيۇقسىز قوزغالغان كېسەل، جىددىي داۋالاش كېرەك بولغان كېسەللەر دوختۇرخانىغا كىرسە بولىدۇ،  ئەمما چوقۇم ئۈچ كۈن ئىچىدە دوختۇرخانىغا كىرگەن كۈن، دوختۇرخانا ئىسمى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتا خىزمىتى بىجىرىدىغان ئورۇنغا يەتكۈزۈشى كېرەك. كېسىلى مۇقىملاشقاندىن كېيىن داۋاملىق داۋالىنىشى كېرەك بولغان كېسەللەر چوقۇم ۋاقتىدا بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك. 

داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ تۈرلىرىگە نىسبەتەن، سودا سۇغۇرتىسى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلايدۇ. بانكا، كەسپىي سۇغۇرتا خادىملىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈرلىرىدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سودا سۇغۇرتىسىنى تولۇقلايدىغان ئەڭ ياخشى تۈر دەپ قارايدۇ، چۈنكى "ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ھەل قىلىدىغىنى دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ھەققى، سودا سۇغۇرتىسى بولسا دوختۇرخانىدا داۋالىنىش مەزگىلىدىكى ئوزۇقلىنىشنى ۋە ئىش ھەققىنى ھەل قىلىدۇ." نۇرغۇن سۇغۇرتىلارنىڭ ئارىسىدا، ئەگەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئادەم كېسەل بولۇپ قالمىسا ۋاقتى توشقاندىن كېيىن سۇغۇرتا شىركەتلىرى توختامغا ئاساسەن بارلىق سۇغۇرتا پۇللىرىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن ۋاڭ شىن مەسلىھەت بېرىپ، سۇغۇرتىغا مەبلەغ سالغۇچىلار كۆپرەك دوختۇرخانىدا داۋالىنىش نەپىقىسى سېتىۋېلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ خىلدىكى ياردەم پۇلىنى تالونغا قاراپ ئاتچوت قىلمايدۇ، ئەكسىچە دوختۇرخانىدا ياتقان كۈنىگە قاراپ ئاتچوت قىلىدۇ. ئاياللار بولسا مەخسۇس ئاياللارغا قارىتىلغان سۇغۇرتىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. "مەسىلەن مەلۈم شىركەتتە بىر خىل ئاياللار ساغلاملىقى سۇغۇرتىسى بار، دائىرسى كۆكرەك راكى قاتارلىق ئاياللار ئاسان گىرىپتار بولىدىغان كىسەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھە ر يىللىق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك پۇلى 2500 يۈەن ئەتراپىدا، خەتەر چىققان ھامان 150 مىڭدىن 200 مىڭغىچە پۇل قايتۇرىدۇ، بىر قەدەر ئىشەنچىلىك."

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئىستىپا بېرىشنى كاپالەتلەندۈرمەيدۇ

ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاۋۋال چوقۇم تۆۋەندىكى ئىككى شەرتنى قانائەتلەندۈرىشى كېرەك: تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە شەخس تۈزۈمگە ئاساسەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرغان ۋاقتى چوقۇم بىر يىلدىن ئوشۇق بولۇشى كېرەك؛ ئۆزى ئىستىپا بەرگەن بولماسلىقى كېرەك.

ئۇنىڭدىن سىرت بىجىرىشكە تىگىشلىك رەسمىيەتلەر: خىزمەتتىن ئايرىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە كەسپىي تەربىيەلەش كۆرسەتمىسى، نوپۇس دەپتىرى، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، بىكار قىلىنغان ئەمگەك توختامنامىسى ياكى خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ۋە رەسىملەرنى ئېلىپ نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇنغا بېرىپ ئىشسىزلىققا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىغا ئېرىشىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىشى كېرەك. 

ھەربىر خىزمەتچى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا تىزىملىتىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ خىل سۇغۇرتا نۇرغۇن ئاق ياقىلىقلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق، بۇ خىل سۇغۇرتا بەزى ئادەم باشقۇرۇش كەسپىي خادىملار تەرىپىدىن "ئىئانە خاراكتېرلىك سۇغۇرتا" دەپ ئاتىلىدۇ.

 ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى شەخسىي ئەمگەك قوللانمىسىدا تىزىملاپ ماڭىدۇ، تۇرۇشلۇق مەھەللە يەنە خىزمەت ئورنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋۋال چوقۇم يۈز-تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى كېرەك.

"ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئىجتىمائىي پاراۋانغا تەۋە. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىر ئادەمنىڭ ئىشسىزلىقتىن قۇتقۇزۇش پۇلىنى ھەل قىلالايدۇ، سودا خاراكتېرىدىكى ئۆمۈر سۇغۇرتىسى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھادىسە، ساغلاملىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان "ئىقتىدارىنى يوقىتىشتىن" كېيىنكى تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ." جاڭ يۈن


ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۇيۇقسىز ھادىسە سۇغۇرتىسى ئارقىلىق كاپالەتنى ئاشۇرىدۇ 

ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى توختام مەزگىلىدە بەختكە قارشى ھادىسە يۈز بەرسە كارخانىدىن ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەمدە كارخانا تامغىسى باسىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلىق ئىلتىماسىنى بىكىتىشى ھەمدە كۆرسىتىلگەن ماتېرىياللارنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئەمگەك كاپالەتنامىسىنى سۈرۈشتۈرۈش قىزىق لىنىيەسى 12333 خىزمەتچىسىنىڭ دېيىشىچە، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ خىزمەت ئورنىدا يارىلانغان  ھەمدە 48 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەندە ئۆلگەنلەر ئىش ئۈستىدە يارىلانغانغا تەۋە بولمايدىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، بەزى دائىم كۆرۈلىدىغان كەسپىي كېسەللەرنى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشقا ھېسابلاش ياكى ھېسابلىماسلىقمۇ يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئىزچىل مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى. 

ئىجتىمائىي ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ئىستىراتېگىيەنىڭ ئۆزگىرىشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، سودىنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھادىسە  سۇغۇرتىسى بولسا تۇيۇقسىز ھادىسە يۈز بەرگەن-بەرمىگەنلىكىگە قاراپ ئايرىلىدۇ. بەزى ئورۇنلار كۆپ ئادەم يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش خەتىرىنى ھەل قىلىدۇ. جاڭ يۈن: «ئەگەر كۆپ ئادەم يارلىنىش سۇغۇرتىسى يىتەرلىك ئەمەس دەپ قارىسىڭىز تۇيۇقسىز ھادىسە سۇغۇرتىسى ئارقىلىق كاپالەتنى ئاشۇرسىڭىز بولىدۇ.» دەپ مەسلىھەت بېرىدۇ.


نادىر مەزمۇنلار

1. روكفېللېرنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى 1-بۆلەك

2. نۇرجاھان: دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىش جاسارىتىمنى مەڭگۈ يوقاتقۇم يوق

3. يوقنى ئەزىزلەپ، بارنى قەدىرلىمەسلىك ئاقىلانىلىك ئەمەس

4. مائارىپ ئادەمنى بەختلىك قىلىدۇ، بەخت ئاڭلىق تەپەككۇرغا باغلىق

5. ھەقىقىي ئەھۋالنى دېيىشنىڭ مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

6. ھاياتلىقنىڭ تەرەققىيات كاپالىتى: ئىقتىساد، ئىگىلىك، سودا…

7. ماسكنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئاكا-سىڭىلنىڭ ھەممىسى تالانت ئىگىسى

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408