

2018-يىل 3-ئايدا، شېنجېن شەھەرلىك مەلۇم پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىر نەپەر تارماق دىرېكتور تەكلىپ قىلىمىز، كومپيۇتېر كەسپىدە ماگىستىردىن يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، دەپ شىركەتتە ۋە بىر قىسىم تورلاردا ئادەم قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان. ئۇزۇن ئۆتمەي لى فامىلىلىك مۇناسىۋەتلىك ئۇنۋانلىرىنى كۆرسىتىپ، يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ 3 يىللىق ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان. 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، لى فامىلىلىكنىڭ بىر قېتىملىق خىزمەت خاتالىقى سەۋەبىدىن، شىركەتنىڭ ئۇنىڭ كەسپى سەۋىيەسىگە قارىتا گۇمانىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بېكىتىشىگە يوللىغان، نەتىجىدە ساختىلىقى بايقىلىپ قالغان. بۇ شىركەت شۇنىڭ بىلەن لى فامىلىلىك بىلەن بولغان ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان. لى فامىلىلىك مەزكۇر شىركەت ئۇنىڭغا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغانلىق ئىقتىسادى تولۇقلىما پۇلى بېرىشى ھەمدە ئۇنىڭغا بىر ئاي بۇرۇن يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ۋاكالىتەن ئۇقتۇرۇش پۇلى بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان. بىراق شىركەت بۇنى رەت قىلغان. لى فامىلىلىك شېنجېن شەھەرلىك ئەمگەك ماجىرالىرىنى كېسىم قىلىش ھەيئىتىگە كېسىم چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلغان. بۇ دېلوغا قانداق ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك؟
<ئەمگەك توختام قانۇنى>نىڭ 26-ماددىسىدا ئالداش، مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ ياكى قىيىن ئەھۋالدا قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپنى ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا تۈزۈلگەن ياكى ئۆزگەرتىلگەن ئەمگەك توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ ياكى قىسمەن كۈچكە ئىگە بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. لى فامىلىلىك يالغان دىپلومدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق بىلەن شىركەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغان، ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان توختام بولسا كۈچكە ئىگە بولمىغان ئەمگەك توختامى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان شىركەت بۇ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لى فامىلىلىكنىڭ توختام ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋاقىتتىلا شەكىللىنىدىغان ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى بىلەن ۋاكالىتەن ئۇقتۇرۇش پۇلىغا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇق، ئەكسىچە ئەگەر لى فامىلىلىك شىركەتكە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، شىركەت تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

نادىر مەزمۇنلار
4. مائارىپ ئادەمنى بەختلىك قىلىدۇ، بەخت ئاڭلىق تەپەككۇرغا باغلىق
5. 2019-يىللىق ئەنئەنىۋى پارچە سېتىش كەسپىدىكى تىپىك مىسال ئانالىزى
7. خىزمەتتىكى ھارغىنلىق سىزگە تۇيدۇرماستىن يېقىنلىشىۋاتامدۇ؟



