大数跨境

«مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىق»نى كېلىپ چىقىشىڭىزدىن كۆرمەڭ

«مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىق»نى كېلىپ چىقىشىڭىزدىن كۆرمەڭ Nepkar
2020-01-16
1
导读:«مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىق»نى كېلىپ چىقىشىڭىزدىن كۆرم








«مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىق»نى كېلىپ چىقىشىڭىزدىن كۆرمەڭ


پەقەت مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ چىرايىنىلا كۆرەلەيسىز، ئۇنىڭ ساغرىسىنى مەڭگۈ كۆرەلمەيسىز، بۇ بىر چېكىلىش قېتىم سانى مىليون قېتىمدىن ئاشقان مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ھېكايىسى.

بىرىنچىسى بىل گايتىسنىڭ ئانىسى IBM نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرى، شۇڭا بىل گايتىس ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلەشكە جۈرئەت قىلالىغان؛ يەنە باففېتنىڭ دادىسىنى پارلامېنت ئەزاسى، شۇڭا ئۇنىڭغا پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىدۇ.

يەنە بىر ماقالىدە ئەتراپىمىزدىكى ئۈچ مىسال ئېلىنغان:

1. بىر قىز مەلۇم بىر قىزنىڭ دۇنيانى ساياھەت قىلىپ، ئۈچ كىتاب نەشر قىلىپ، ئاندىن مەلۇم بىر داڭلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، ساياھەت قىلىش، يېزىقچىلىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشلىرىنى توپلىماقچى بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ۋاز كېچىپ داڭلىق مەكتەپلەرنى قوغلاشقان. 

نەتىجىدە بىرەرمۇ نەشرىيات ئۇنىڭ كىتابىنى چىقىرىشقا قوشۇلمىغان، شۇنداقلا بىرەر مەكتەپمۇ ئۇنى قوبۇل قىلمىغان. ئۇ كېيىن داڭلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان قىزنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىياللىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەن، ئەسلىدە ئۇنىڭ دادىسى مەلۇم جايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ، كىتاب چىقىرىش ئۇنىڭ بىر ئېغىز گېپىنىڭلا ئىشى ئىكەن.

2. ئامېرىكىلىق بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىستانفورد داشۆسىدە ئوقۇماقچى بولۇپ قاتتىق تىرىشىپتۇ، بىر ياتاقتىكى ياتاقدىشى ھەر كۈنى ستانفوردنىڭ كۆڭلىكىنى كىيىپ، كۆڭلىدىكىدەك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرلىكتە تىرىشىشقا كېلىشىپتۇ. ئەمما ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۇ بۇ ياتاقدىشىنىڭ ئانچە تىرىشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ھەر كۈنى ھەر تەرەپكە قاتراپ ئوينايدىغانلىقىنى، لېكىن دائىم چىڭ تۇرساقلا غەلىبە قىلىمىز دەيدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. 

ئەڭ ئاخىرىدا ئىككىلىسى سىتانفوردقا ئۆتۈپتۇ. بۇ  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھاياجانلىنىپ، ھەقىقەتەن بەرداشلىق بېرىشنىڭ كۈچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپتۇ! قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق بەرداشلىق  بېرىش، بىر يىلدىن كېيىن ئۇ ئەسلىدە ھېلىقى ياتاقدىشىنىڭ تاغىسىنىڭ سىتانفوردنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىتانفوردا ئوقۇيالايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ.

3. دوستۇم بىر يېڭى تاراتقۇ ماركىسىنىڭ تەربىيەلەش لېكسىيەسىگە قاتنىشىپتۇ، تېمىسى «قانداق قىلغاندا ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۈندىدارغا 5000 ئادەم قوشقىلى بولىدۇ» ئىكەن. دەرس ئاڭلىغۇچىلار 500 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، تەجرىبىسىنى كۆزلىگۈچى بىر سودا ساراينىڭ دىرېكتورى ئىكەن، ئۇ بىر ئۈندىدار نومۇرىغا ئۈچ كۈننىڭ ئىچىدە 5000 غا يېقىن ئادەم قوشۇپتۇ. ئۇ نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى سۆزلىگەن بولسىمۇ، بىراق دوستۇم بۇنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە ئەمەسلىكىنى، لېكسىيە مەزمۇنىنىڭ پەقەتلا «دوستلارغا كۆڭۈل بۆلۈش»، «تەڭ بەھرىمەن بولۇش»تەك كونا سۆزلەر ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. 

كېيىن دوستۇمنىڭ بىلىشىچە، ئەسلىدە سودا ساراي دىرېكتورى مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پۈتۈن سودا ساراي گۇرۇھىدىكى بەش مىڭ خىزمەتچىگە چوقۇم بۇ ئۈندىدار نومۇرىنى قوشۇۋېلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپتىكەن ئەمەسمۇ، بۇ بەش مىڭ ئادەم مانا مۇشۇنداق كەپتىكەن ئەسلى!

نېمە ئۈچۈن بۇ خىل مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنى سۆكىدىغان ماقالىلەر شۇنچە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ؟

مەغلۇبىيەتچىلەر بەك كۆپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە ياخشى سەۋەب تېپىپ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلايدۇ، شۇڭا تۆۋەندىكى كۆز قاراشلار ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ نۇقتىغا ئىگە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ. 

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھېكايىسى بەك كۆپ، چۈشۈپ قالغان ھالقىلىق ئۇچۇرلارمۇ بەك كۆپ. ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە پۇرسىتىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر كېلىپ چىقىشى، ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە پۇرسىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويساق، ئۇلار بىلەن ئوخشاش ئىقتىدارنى ھازىرلىغانلار ناھايىتى كۆپ، ئەمما بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلار ئىنتايىن ئاز. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان زاتلار پەقەت ئۇلار سىزگە كۆرسىتىپ بېرىشنى خالايدىغان ئاشۇ بىر قىسىم چىنلىقنى نامايان قىلدى خالاس. 

ئۇلار سەمىمىي تەلىم بېرىپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ، قاتتىق يىغلاپ، مەردانىلىك بىلەن سۆزلىسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ھېكايىسىنىڭ ھەممىسىنى سىزگە ئېيتىپ بەرمەيدۇ. جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ خىرىس گىرەلىشىپ كەتكەن، ئەجدىھا بىلەن يىلان ئارىلىشىپ كەتكەن تىروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىدا قىلتاقلار ناھايىتى كۆپ. تېخىمۇ كۆپ چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىككە سېلىشتۇرغاندا، بىز ھەر كۈنى ساختىلىق، يامانلىق، رەزىللىككە كۆپ دۇچ كېلىمىز. 

بۇ قانغا بويالغان ئىبلىس ۋە پارقىراق نەيزىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ ھەر خىل ئۇسۇل، پوزىتسىيە ۋە پۇرسەتكە تايىنىش كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مۇۋەپپەقىيەتكە قاراپ مېڭىش يولىدا، قانچىلىك ساختىلىق، يامانلىق، رەزىللىك بىلەن جەڭ قىلىدىغان ھالقىلىق جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلمەيمىز، بىز ئۇلارنىڭ قانداق پەۋقۇلئاددە ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ۋاسىتە تاللىمايدىغان دۈشمەنلەرنى تارمار قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قانداق غەيرىي يوللار ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىپ، ئۆزىنى كۈچلۈك مۇھاپىزەت كۈنلۈكىگە ئىگە قىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز.

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھېكايىسى بىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ئېسىل، ئاڭلىغانلىرىمىزدىنمۇ كۆپ سەرخىل. ئۇلار بىزگە ئۆزلىرىنىڭ ئەگرى ـ توقاي، ئۆزگىرىشچان كۈرەش مۇساپىسىنى ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بەرسىمۇ، ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنۈش ياكى ئالاھىدە پۇرسەتنىڭ ھالقىلىق پەيتتىكى ئالاھىدە رولىنى بىر ئېغىزمۇ تىلغا ئالماسلىقى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ نۇتۇقىدىكى ھەر بىر سۆز، ئۇلارنىڭ بىز بىلەن چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىرى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھالقىش ۋە بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىكى رەزىللىك، ساختىلىق، ھىيلىگەرلىك، ۋەھشىيلىكىنى ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان سىز ۋە مەن بىلەن ئورتاقلاشمايدۇ.

......

يۇقىرىقى قاراشلار ئوخشاشلا كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، تېخى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدۇ، چۈنكى ئۇ «مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىق»قا ناھايىتى ياخشى باھانە تېپىپ بەردى. لېكىن مەن سىزگە ئەسكەرتىپ قوياي، ئەگەر سىز بۇ قاراشلارنى ئېتىراپ قىلسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ئۆمرىڭىزدە چوقۇم مەغلۇپ بولىسىز!

بىز سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق گەپ قىلايلى! ئامېرىكىدا بۇ 30 يىلدىن بۇيان ئاز دېگەندە 2000 پارلامېنت ئەزاسى بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 6000 دىن ئارتۇق بالىسى بار، نېمە ئۈچۈن پەقەت باففېت قاتارلىق ئاز ساندىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار چىقىدۇ؟

ئوخشاشلا IBM غا ئوخشاش چوڭ كارخانىلارمۇ نەچچە يۈزگە يېتىدۇ، يەر شارىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار نەچچە مىڭدىن ئاشىدۇ، نېمە ئۈچۈن بىرىنچى باي بىل گايتىس چىقىدۇ؟ ئەمدى رېئاللىقتا نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان مۇۋەپپەقىيەت قازانغان زاتلارغا قاراپ باقايلى؟ ۋاڭ يۇڭچىڭ، لى جياچېڭ، دۇڭ مىڭجۇ، ما يۈن ......

شۇڭا «مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىق»نى كېلىپ چىقىشىڭىزدىن كۆرمەڭ

ئوخشاشلا، «مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىق»نى رەھىمسىز ئەمەس، قارا نىيەت ئەمەس، رەھىمسىز ئەمەسلىكتىن كېلىپ چىققان دەپ قالماڭ ...... مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ھەممىسى «ئەسكى» ئەمەس، چۈنكى مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغان بولغاچقا مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆزىتەلمەيسىز، چۈنكى مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغان بولغاچقا مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ سىرىنىمۇ چۈشەنمەيسىز.

ئەلۋەتتە، يەنە بەزى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار يامان ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن چوقۇم كۆپ ساندا ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە يامان ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتكەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئاساسەن ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

ئۇنداقتا قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەتئەللەرگىچە مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھالقىلىق ئامىلى نېمە؟ ئەمەلىيەتتە پەقەت ئىككى تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ بار: ئەقىل-پاراسەت ۋە بەخت

ئالدى بىلەن ئەقىل-پاراسەت، چۈنكى ئۇ ئەقىل-پاراسەتلىك، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ.

ئاندىن بەخت، كېلىپ چىقىشى ياخشى بولسا بەختنىڭ نامايەندىسىدۇر، بەخت چوڭ بولسا، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چوقۇم ياخشى بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، شۇڭا ئۇ ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.

بارلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى قائىدە، تېخنىكا، سىرنى ئەقىل پاراسەت ۋە بەختكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

مەسىلەن، يېڭىلىق يارىتىش، چىڭ تۇرۇش، ئىشەنچ ...... ھەممىسى ئەقىل-پاراسەتكە مەنسۇپ. ئەقىل-پاراسەتلىك بولسا داۋاملاشتۇرۇشنى بىلىدۇ. ئەقىل-پاراسەتلىك بولسا، يېڭىلىق يارىتالايدۇ؛ ئەقىل-پاراسەتلىك بولغاندىلا، ئاندىن مۇتلەق ئىشەنچ بولىدۇ.

يەنە مەسىلەن، كەڭ قورساق بولۇش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش ......  ھەممىسىنى بەختكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بەختلىك كىشىلەر تۇغۇلۇشىدىنلا كەڭ قورساق بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش ئادىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. 

شۇڭا، ئاشۇ تۈرى كۆپ خىل بولغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆگىنىش مەزمۇنلىرىنى قوغلىشىش ياكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئارقىسىدىن ئاغرىنىشتىن كۆرە، قانداق قىلغاندا ئەقىل-پاراسەتنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟ بەختنى قانداق ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەننى ئويلىشىش  كېرەك.

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ شان-شەرىپىگە ھەۋەس، ھەسەت قىلغان، نەپرەتلەنگەن ۋاقتىڭىزدا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ساغرىسىنىڭ قانچىلىك سېسىق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك ئەقىل-پاراسىتى بارلىقىغا، قانچىلىك بەختكە ئىگە ئىكەنلىكىڭىزگە قاراپ بېقىڭ. ئاندىن ئۇلارنى قانداق كۆپەيتىشنى ئويلاپ بېقىڭ، مانا بۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ توغرا يولى، بولمىسا بىر ئۆمۈر چوڭقۇر ئاداۋەت ساقلايدىغان كىشى بولغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟

ئەقىل-پاراسەت ئاشسا ۋە بەخت-سائادەت ئاشسا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار قاتارىغا تېخى كىرمىگەن تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ بەخت-سائادىتى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ!

مەنبە: توۋتىياۋ تورى

ئىلقۇت ئىلىمكانى سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى.



1.مائارىپ ئادەمنى بەختلىك قىلىدۇ، بەخت ئاڭلىق تەپەككۇرغا باغلىق


2.ئەدىف: تىرىشماي تۇرۇپ ھېچنەرسىگە نەرسىگە ئېرىشەلمەيسىز؟


3.ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتسە بولامدۇ؟


4.يوقنى ئەزىزلەپ، بارنى قەدىرلىمەسلىك ئاقىلانىلىك ئەمەس


5.ئېھسان: ئارتىس بولۇشتىن ئاۋۋال ئادەم بولۇش كېرەك


6.ھەقىقىي كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان، ئىشەنچ نۇرى ئۇرغۇپ تۇرغان قىز


7.ھەقىقىي ئەھۋالنى دېيىشنىڭ مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408