ئىلقۇت
يېقىندا «30 ياش» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ناھايىتى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى، بەلكىم سىزمۇ كۆرۈپ بولغانسىز، گەرچە كۆرگىنىمىز ئوخشاش بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولسىمۇ ئەمما سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز بىلەن مېنىڭ ھېس قىلغىنىم ئوخشاش بولۇشى ناتايىن.
بەلكىم سىزنىڭ كۆگىنىڭىز باش رولدىكى گۈزەل ئۈچ ئايال (ئارتىس) بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مېنىڭ ھېس قىلغىنىم بولسا، «دەل جايىدا بېكىتىش»نىڭ «بازار ماركىتىڭى»دىكى ئاتامانلىقىدۇر.

مەزكۇر ماقالە بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى «30 ياش»نى كۆرگۈچىنىڭ كارخانىچى، تىجارەتچى مەيدانىدا تۇرۇپ كۆرۈشتىن كېيىنكى تەسىراتى بولۇپ، ئەگەر سىزمۇ كارخانىچى ياكى تىجارەتچى بولسىڭىز، ماقالىنى تولۇق ئۇقۇپ چىقسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىنكى تىجارىتىڭىزدە سىزگە باشقىچە تەپەككۇر ئۇچقۇنى ۋە تىجارەت مەخپىيەتلىرىنى بايقىشىڭىزغا ئىھام بولغۇسى.
«30 ياش» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىمۇ ئاخىرلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ۋەقەلىكلەر تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى، نۇرغۇن تاماشىبىنلار تەرىپىدىن «نامۇۋاپىق تەرەپلىرى بار.» دەپ قارالدى، بولۇپمۇ ئۈچىنچى شەخس لىن يوۋيونىڭ بەزى قىلىقلىرى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ، شۇنداق بەختلىك ئائىلىنىڭ بەختىنى ۋەيران قىلىش قىلمىشلىرىدىن تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرىۋاتقان ئادەمنى بىلىپ-بىلمەيلا «ماۋۇ داپشاقنى يېنىمدا بولىدىغان بولسا، ئانا-مانىسىنى بىر كۆرسىتىپ قوياركەنمەن.» دېگۈزىۋېتەتتى. ئەمما بۇنى يالغۇز ئۆزىمىزنىڭ ھېسسىيات ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىسەك ياخشى بولمايدۇ. چوقۇم سىنارىست، رېژىسسور ۋە مەزكۇر تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ قاتارلىق بىۋاسىتە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغانلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلانساق بەلكىم ئاچچىقىمىزغا ھاي بېرىپ، ئۆزىمىزگە تەسەللى تېپىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى مەزكۇر تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ شۇنچە غۇلغۇلا قوزغىيالىشى بەلكىم سىنارىست، رېژىسسورنىڭ ۋەقەلىكنى مەقسەتلىك شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ۋە ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىشتىكى يۇقىرى ماھارىتىدىن بولغان بولۇشى تەبئىي.
لېكىن تاللاش تىرىشچانلىقتىن مۇھىم، خاراكتېر تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. مەسىلىگە ئوبيېكتىپ قارىساق، بىر قانچە باش پىرسۇناژنىڭ ئالاھىدىلىكى بەلكىم ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم دەرىجىدە بەلگىلىگەن بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا بەزى «ماركېتىڭ ئىلمى»دىكى قائىدىلەرنى يوشۇرۇن ھالدا گەۋدىلەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.
ماركا ئۇقۇمى، ماركا ئۈنۈمى ۋە ماركا ئورنى
تەھلىل قىلىشنى باشلاشتىن بۇرۇن، بىز ئاۋۋال بۇ بىر قانچە ئۇقۇم ئۈستىدە توختىلىپ، يازما ئوبيېكىتلىرىنىڭ بۇ ماقالىنىڭ مەركىزى ئىدىيەسىنى ياخشى چۈشىنىۋېلىشىغا ئاساس سېلىۋېتەيلى.
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ماركا ئىستېمالچىلارنىڭ مەلۇم بىر ماركىغا بولغان تەسىراتى، كۆز قارىشى ۋە ئەسلىمىسى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇ ئىستېمالچىلارنىڭ شۇ ماركىنىڭ ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاش، رەتلەش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
مىسالغا ئالساق، ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىدە LV تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ تۇنجى ئىنكاسى شۇكى، ئۇ بىر زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ماركىسى، فىرانسىيەنىڭ زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ماركىسى، ئۇ ئاساسلىقى خۇرۇم بۇيۇملارنى ياسايدۇ، ئۇ بەك قىممەت قاتارلىق تەسىراتلار پەيدا بولىدۇ.

ماركا شەكىللەنگەن ھامان، نىسپىي مۇقىملىققا ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەلۇم دەرىجىدە مەھسۇلاتنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.
ئەگەر ئادەمگە يۆتكەلسە، ئۇ مەلۇم دەرىجىدە ئادەمنىڭ مەلۇم «ئورۇنلاشتۇرۇلما»سىغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، جۇڭ شياۋچىن تىلغا ئېلىنسا، ئۇنىڭ ئوماقلىقى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ؛ لىن يوۋيوۋ تىلغا ئېلىنسا، ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچ كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ؛ گۇ جيا تىلغا ئېلىنسا، ئېسىل ئاياللار كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ؛ ۋاڭ مەننى تىلغا ئېلىنسا، بىز چىرايلىق بولۇشنى ئويلايمىز.
ماركىنىڭ نىسپىي مۇقىملىق ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، بىر تەرەپتىن، ماركا ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىدە ھەمىشە بىر مەھسۇلاتنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ماركا ئۈنۈمى شەكىللىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، داڭلىق ماركا ئۈنۈمى بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ، مەھسۇلات داڭلىق ماركا شەكىللەندۈرگەن ھامان، تېخىمۇ كەڭ ئىستېمالچىلار توپىنى جەلپ قىلىپ، قوشۇمچە قىممەتنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
بازار ماركېتىڭ ئىستراتېگىيەسى بولسا، كارخانىلارنىڭ بازار ماركېتىڭ نەزەرىيەسىگە ئاساسەن، بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە، ئەڭ تېز سۈرئەتتە، ئەڭ كۆپ مەھسۇلات سېتىش (مەقسىتىگە يېتىش) تاكتىكىسى ۋە ۋاسىتىسىنى كۆرسىتىدۇ.
مەھسۇلاتنىڭ بازاردىكى رازىمەنلىك دەرىجىسى بازار ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. بۇ بىزنىڭ ماركېتىڭ ئىستراتېگىيەسى بىلەن داڭلىق ماركىنىڭ ئورنىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، داڭلىق ماركىنىڭ ئورنىنى ئىلمىي بېكىتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
تېلېۋىزىيە تىياتىرى «30 ياش»دىكى تۆۋەندىكى ۋەقەلىك دەل كۆپچىلىكنى مۇكەممەل تەجرىبە ۋە ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئىگىلەش (ئاكتىپ مىسال)--لياڭ جېڭشيەن

بىرىنچى قەدەم: تاشقى ئىستېمال مۇھىتىنى تەھلىل قىلىش
دېڭىز پادىشاھى ۋاڭ مەننىنى تۇنجى كۆرگەندە ئۇ تۇرۇۋاتقان قاتلام (ئىستېمال مۇھىتى)قا بولغان تەھلىلى ئارقىلىق ئۇنىڭ بۆلۈمچىدىكى باشقا ئاياللارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىنى بايقىغان. بۇ تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ ناھايىتى مول «تەجرىبىسى»دىن شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى ۋە ئىنچىكە ئۇچۇرلارنى مۇكەممەل بىرىكتۈرۈشىدىن كەلگەن.
شۇڭا، سودا ساھەسىدە ئىستېمالچىلارنىڭ پىسخىكىسى، يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆزلىرىنى ياخشى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا «دەل جايىدا بېكىتىش» ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى بايقاپ چىقىپ، ئەڭ ئاخىرىدا سودىدا پۈتۈشۈشنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز تولىمۇ مۇھىم. مانا بۇ ئوخشاش بىر شەيئىگە ئىستېمالچى ۋە كارخانىچى (تىجارەتچى)نىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىدىن كۆزىتىش قىلىپ، ئوخشىمىغان نەتىجە (ئىستېمالچى پەقەت كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلىشى مۇمكىن، ئەمما كارخانىچى بولسا ئۇنىڭدىن سودا پۇرسىتى ئىزدەيدۇ.)گە ئېرىشىشىدىكى سەۋەب.
ئىككىنچى قەدەم: يەككە ئىستېمال پىسخىكىسىنى دەل جايىدا تەھلىل قىلىش
ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال قارىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى سەۋەبىدىن، ئەقلىي ئىستېمال بىر چوڭ يۆنىلىشكە ئايلاندى. تىياتىردىكى لياڭ جېڭشيەن كېيىنكى قەدەمدە يەككە ئىستېمال پىسخىكىسىنى ئىگىلەيدۇ. ۋاڭ مەننى ئۇنىڭغا «ئۇ بۇ يەرنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرۈپ، بۇ يەردە قالغۇسى بار»لىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇنىڭ بۆلۈمچىسىنى كۆتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئەمما ۋاڭ مەننى ئويلىمىغان يەردىن رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بۇنىڭ بىر مۇكەممەل نىشان خېرىدار ئىكەنلىكىنى بېكىتىدۇ:
1. (ۋاڭ مەننىنىڭ) ماددىي ئىستىكى بار، ئۇنىڭ (لياڭ جېڭشيەننىڭ) پۇلى (مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى) پايدىلىق.

2. (ۋاڭ مەننى) ئۆزىنى چوڭ تۇتقاچقا، (لياڭ جېڭشيەن) تاشلىۋېتەلمەسلىكتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.

ئۈچىنچى قەدەم: تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان داڭلىق «ماركا ئورنى»نى بېكىتىش
ئومۇمىي مۇھىت بىلەن يەككىنىڭ پىسخىكىسىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، لياڭ جېڭشيەن ۋاڭ مەننىنىڭ (ئىستېمالچىلارنىڭ) ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان «ماركا ئورنى»نى تۈزۈپ، كېلىشكەن، قىزىقارلىق، سۈپەتلىك، ئىقتىسادىي ئەركىنلىككە ئىگە قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ «ماركا سېزىش كۈچى»نى ئاشۇرغان.
مەھسۇلاتنىڭ ئورنىنى دەل جايىدا بېكىتىش (پاسسىپ مىسال)--ۋاڭ مەننى

بىرىنچى قەدەم: مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىش
ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى، ئالاھىدىلىكى، ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى بىلەن مەھسۇلات ئەۋزەللىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ۋاڭ مەننىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەھلىل قىلىشتا مەسىلە يوق. ئۇنىڭ ئەۋزەللىكى گۈزەللىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتىكى گۈزەللىك ئەمەس، ئوخشاش تۈردىكى رىقابەت بۇيۇملىرى ئىچىدە ئىنتايىن گەۋدىلىك بولغان گۈزەللىك، راھەت-پاراغەت بۇيۇملىرى دۇكىنىغا خالىغانچە كىرىپ-چىقىدىغان ئەرلەر بىر قاراپلا جۇغلانما نومۇر سوۋغا قىلىدىغان گۈزەللىك.
لېكىن ماركىتىڭ ئىلمىگە تەدبىقلىساق، ئۇنىڭ «ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى» بىلەن «ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجى»نىڭ ئورنىنى بېكىتىشىدە مەسىلە بار.
ئىككىنچى قەدەم: مەھسۇلات بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىش
بىرىنچى، شياۋجاڭ مۇدىر.

بىر كىچىك بازارنىڭ مۇھىتىدا (كىشىلەر توپىغا ماس كەلمەيدۇ)، ئاياللارنىڭ ئازراق چىرايلىق بولۇشى بىلەن ئالاھىدە چىرايلىق بولۇشىنىڭ ئانچە چوڭ پەرقى يوق، ئەكسىچە بىر كەنت ئەمەلدارى بىلەن بىر ئاددىي ئادەم ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. بۇ دەل ۋاڭ مەننىنىڭ ئەۋزەللىكى بىلەن بۇ يەرنىڭ ئېھتىياجى پۈتۈنلەي ماسلاشمىغان ۋە ماس كەلمەيدۇ.
شۇڭا ۋاڭ مەننى ھەر قانچە چىرايلىق بولسىمۇ، چوڭ شەھەرلەردە، چوڭ خوجايىنلار چەمبىرىكىدە بىر قەدەر يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. لېكىن كىچىك بازاردا، ئېھتىياجى تېخىمۇ يۇقىرى بولغىنى، پۇختا ئىشلەيدىغان، ئېرىگە سادىق بولۇپ پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيەلەيدىغان، ئادەمگەرچىلىكنى بىلىدىغان، ئىش بېجىرەلەيدىغان، ئۆي تۇتالايدىغان، تاماق ئېتەلەيدىغان، ئەگەر نومۇر قوشۇپ بەرسە، ئادەتتىكى كىچىك، چىرايلىقراق بولسا، تامامەن كۇپايە قىلىدىغان ئاياللار.
ئىككىنچى، لياڭ جېڭشيەن.

ۋاڭ مەننىنىڭ ئەۋزەللىكى گەرچە ئۇنىڭ «مۇھەببەتلىشىش ئېھتىياجى»نى قاندۇرغان--چىرايلىق، فىگۇرىسى ياخشى، بىرگە سورۇنغا بارسا يۈزى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ «توي قىلىش ئېھتىياجى»نى قاندۇرالمىدى، شۇڭا لياڭ جېڭشيەن ئۇنىڭ ئالدىدا «توي قىلماسلىق مەسلىكى» (سېتىۋېلىشنى رەت قىلىش) پوزىتسىيەسىنى تۇتقان.

