
سىز قانچىلىك يىراق تارىخنى كۆرەلىسىڭىز شۇنچىلىك يىراقلىقتىكى كەلگۈسىنى كۆرەلەيسىز!

ئۆتۈپ كەتكەن بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان شىركەت ئادەملەر ئارىسىدىكى ئۇچرىشىش تەرتىپى، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەت قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتتى. بۈگۈن بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا، شەكىللىكتىن تارتىپ شەكىلسىزلىككىچە بولغان ھەرخىل نەتىجىلەر ئارقا-ئارقىدىن شىركەت دېگەن بۇ ئىسىمنى بەرپا قىلدى.
شىركەت دېگەن بىر تەشكىلات،بىر خىل تۈزۈم،بىر خىل مەدەنىيەت. شىركەت دېگەن بىر خىل ياشاش ئۇسۇلى ھەم بىر خىل تىرىكچىلىك يولى، ئۇ ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان ھالەتتە پەيدا بولۇپ، ھەرخىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە تەرەققىيات يوللىرىنى كۈتۈۋالىدۇ.

قانۇن ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى ئېنىقلاشتۇرۇش دەل ئەركىن سودا ۋە بازارنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى روبلېت مېڭدەيىرنى زىيارەت
مېنىڭچە، تارىخقا نەزەر سالساق كارخانىچىلار سىياسىي داھىيلارغا ئوخشاش مۇھىم. ئاشۇ ئۇلۇغ كارخانىچىلار ئىلگىرى ياۋروپانى قۇدرەت تاپقۇزغان، ئامېرىكىنى كۈچلەندۈرگەن، ھېلىھەممۇ جۇڭگونى تەرەققىي قىلغۇزىۋاتىدۇ، ئۇلار سىياسىي داھىيلارغا ئوخشاش مۇھىم كىشىلەردۇر.
شىركەت دېگەن زادى نېمە؟ دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا،جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدە، كىشىلەرنىڭ بەختلىك بولۇشىدا شىركەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى ئەھمىيىتى نېمە؟
بارلىق سوئاللارنىڭ ئەزەلدىن بىردىنبىر ياكى ئۆزگەرمەس جاۋابى بولمايدۇ.
بىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن شىركەت ئاللىقاچان يىلتىز تارتىپ بولغانىكەن، بىز ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇ يەنىلا بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇ بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىز ھەم كەلگۈسىمىز.
بۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزدىنمۇ ئۇزۇن ھەم ياش تېمىنى ئۆتكۈزۈۋەتسەك بولمايدۇ. تارىخ ۋە ھازىرنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، بىز يەنە بىر قېتىم كەلگەن يولىمىزغا ئىنتىزار بولىمىز.
سىز قانچىلىك يىراق تارىخنى كۆرەلىسىڭىز شۇنچىلىك يىراقلىقتىكى كەلگۈسىنى كۆرەلەيسىز.
ئىككىنچى قىسىم: بازار چەكسىز

سېمىنىڭ قارىشىچە: "ھەممە ئادەم ئۆز ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەبىئىي ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ كۆرسەتكىلى بولىدىغان ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكى بار بولۇشنىڭ ئۆزى بىر قۇدرەتلىك پىرىنسىپ." ئۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شۇنى كۆرسەتتى، باشقا نەرسىنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنىڭغا ئوخشاش شەخسنىڭ تىرىشچانلىقى جەمئىيەتكە بايلىق ۋە يۈكسىلىش ئېلىپ كېلىدۇ.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورىچىيەن چېڭدەن
سانائەت ئىنقىلابى خېلى كۆپ بىر تۈركۈم كىچىك زاۋۇت ئىگىلىرى، كارخانىچىلارنى بەرپا قىلىپ، ئۇلارنى سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئىتتىرىپ ئاپارغاندا، بۇ كىشىلەر دۆلەتنىڭ مونوپولىيە سىياسىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، بەزى چوڭ سودا گۇرۇھلىرى ۋە سودا شىركەتلىرى ئىقتىسادتىكى مونوپولىيە پائالىيىتىدە ئۇلار ماڭىدىغان يولنى توسۇۋالدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر چوڭ شىركەتلەرگە باغلانمىسىلا، شاللىنىپ كېتىدۇ .
يالى ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورىپاۋلو كېننېدى
بىز سودا قورۇقچىلىقى ئارقىلىق داۋاملىق باشقىلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئوڭچە مونوپولىيە ئورنى بىلەن نۇرغۇن پۇل تاپالايمىز، ئەمما ئەگەر ئەركىن سودىنى تاللىساق تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت باشقىلارنىمۇ پۇل تاپقىلى قويغاندىلا ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ ماللىرىمىزنى سېتىۋالالايدۇ.


7.كارخانىچىنىڭ بۇرچى پۇل تېپىش، ئەگەر پۇل تاپمىسا ئۇ بىر جىنايەت



