大数跨境

ئىقتىساد تەپەككۇرى: چېقىق دېرىزە نەزەرىيەسىنىڭ ھېكايىسى

ئىقتىساد تەپەككۇرى: چېقىق دېرىزە نەزەرىيەسىنىڭ ھېكايىسى Nepkar
2020-10-04
2
导读:كۆرگىلى بولىدىغان ۋە كۆرگىلى بولمايدىغانئىقتىسادشۇناسل

كۆرگىلى بولىدىغان ۋە كۆرگىلى بولمايدىغان

ئىقتىسادشۇناسلىق بىر خىل سېلىشتۇرۇش ۋە تاللاشنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم. بىر ئادەم توغرا تاللاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان نەرسىنى تارازىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قويۇپ سېلىشتۇرۇشى كېرەك. ئەمما ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ كۆپچىلىككە ئۆگىتىدىغىنى شۇكى، سېلىشتۇرغاندا كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنىمۇ كۆرۈش كېرەك.
ھەر قېتىم بېيجىڭ داشۆدە ئىقتىسادشۇناسلىق دەرسى ئۆتكەندە، مەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىدىغان تۇنجى ماقالە، ھەممىسى فىرانسىيەلىك ئىقتىسادشۇناس باستىئا (Frédéric Bastiat) يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى يازغان «كۆرگىلى بولىدىغان ۋە كۆرگىلى بولمايدىغان (What Is Seen and What Is Not Seen, 1848)» دېگەن ماقالىدۇر.
باستىئا ماقالىنىڭ بېشىدىلا كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئىقتىسادشۇناس بىلەن ناچار ئىقتىسادشۇناسنىڭ پەرقى پەقەت بىرلا، ناچار ئىقتىسادشۇناس پەقەت كۆرگىلى بولىدىغان نەتىجىنىلا كۆرەلەيدۇ، ئەمما ياخشى ئىقتىسادشۇناس بولسا كۆرگىلى بولىدىغان نەتىجە ۋە پەرەز قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان نەتىجىنى تەڭ دەڭسەپ كۆرەلەيدۇ.»
كۆرگىلى بولمايدىغان ئاشۇ نەرسىلەرنى كۆرەلەمدۇ-يوق؟ بۇ بىر ئادەمنىڭ ئىقتىساد ئىلمى بويىچە ياخشى تەربىيەلەنگەن ياكى تەربىيەلەنمىگەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى.

چېقىق دېرىزە نەزەرىيەسىنىڭ ھېكايىسى
باستىئا بۇ ماقالىدە ئالدى بىلەن چېقىق دېرىزە نەزەرىيەسىدىن مىسال كەلتۈرگەن.
چېقىق دېرىزە نەزەرىيەسىدە: «بىر كەپسىز بالا دېرىزىنى چېقىۋەتسە، دېرىزىنىڭ ئىگىسى ئەينەك سېتىۋالىدۇ، بۇ ئەينەك ئىشلەپچىقىرىشنى غىدىقلايدۇ، ئەينەك ياسايدىغان ئىشچىلار زاكازنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، پۇل بولسىلا، بولكا سېتىۋالالايدۇ، بولكا ئىشچىلىرى يەنە كىيىم سېتىۋالالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر قاتار ئىشلەپچىقىرىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.» دېيىلگەن.
چېقىق دېرىزە نەزەرىيەسىنى قوللىغۇچىلار مۇنداق دەيدۇ: «بۇزغۇنچىلىق بولغاندىلا ئىلگىرىلەش بولىدۇ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش قانچىلىك تەس بولسا، بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئۆزى شۇنچە پايدىلىق.


بۇ خىل تەپەككۇر جەمئىيەتتە ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ. ھەر قېتىملىق جەمئىيەت ئاپەتنى باشتىن كەچۈرگەندە، ھەر قېتىم قارا بوران، يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى بولغاندا، ھامان بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار ئوتتۇرىغا چىقىپ: «ئاپەت گەرچە زور زىيان پەيدا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە كېيىنكى نۆۋەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە GDP (ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى)نىڭ ئېشىشىغا پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.» دەيدۇ.
بۇ خىل قاراشنىڭ راستىنلا ئاساسى بارمۇ؟ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش قانچىلىك قىيىن بولسا شۇنچە گۈللەندۈرگىلى بولامدۇ؟ ئەگەر قانچىلىك قىيىن بولسا دۆلەتنى شۇنچە گۈللەندۈرگىلى بولسا، ئاشۇ ئاپەتتىن ساقلىنىپ قالغان دۆلەتلەر زىيان تارتمامدۇ؟
بۇ بىر قانچە مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن چېقىق دېرىزە نەزەرىيەسىدە دائىم كۆرۈلىدىغان بىر قانچە ئۆزگەرگەن شەكلىنى كۆرۈپ بېقىشىمىز زۆرۈر.

چېقىق دېرىزە نەزەرىيەسىنىڭ ئۆزگەرمىسى 1: دۆلەت تەرەققىياتى
چېقىق دېرىزە نەزەرىيەسىنىڭ بىر ئۆزگەرگەن شەكلى مۇنداق: بەزى دۆلەتلەر نۇرغۇن ئەگرى يولدا مېڭىپ، كۆپلىگەن خاتا ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆتمۈشكە قايتا نەزەر سالغىنىدا، بەختكە يارىشا شۇ چاغدا ئاشۇ خاتا ئىشلارنى قىلغاچقا، بۇ دۆلەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايقايدۇ.
ئالايلۇق، گېرمانىيە «2-دۇنيا ئۇرۇشى»نى باشتىن كەچۈردى، ياپونىيە ئاتوم بومبىسىنىڭ بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچرىدى، شۇڭا كېيىن ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى.
ئىككى ئىشنىڭ بىرى ئالدىدا، يەنە بىرى كەينىدە يۈز بەرسە، بىز ئەلۋەتتە تارىخنى قايتىدىن باشلىيالمايمىز، بۇ دۆلەتنىڭ ئالدىدىكى كەچۈرمىشى بولمىسا، كەينىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ باقايلى.
لېكىن بىز مۇنداق بىر سوئالنى ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ: ئەگەر باشقا دۆلەتلەرمۇ گېرمانىيە، ياپونىيەگە ئوخشاش تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقچى بولسا، ئۇلارمۇ گېرمانىيەگە ئوخشاش ئاۋۋال «2-دۇنيا ئۇرۇشى»دا بىر قېتىم نابۇت قىلىنىشى كېرەكمۇ قانداق؟ ياپونىيەگە ئوخشاش، ئالدى بىلەن قانچە دانە ئاتوم بومبىسى يېيىشى كېرەك؟
ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. بۇ ھېچ بولمىغاندا شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئاپەت گۈللىنىشنىڭ زۆرۈر شەرتى ئەمەس، ھەرگىزمۇ ئالدى بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغاندىلا، ئاندىن گۈللىنىشتىن بەھرىمەن بولىدىغان ئىش يوق؛ ھەرگىزمۇ ئاۋۋال بىر مەزگىل ئەسكى ئادەم بولغاندىلا، ئاندىن ياخشى ئادەم بولىدىغان ئىشمۇ يوق.
ئەگەر بۇ ئىككى دۆلەت ئاشۇ جاراھەتلەرگە دۇچار بولمىغان بولسا، كاپىتالنىڭ جۇغلىنىشى تېخىمۇ موللىشىپ، ئىقتىسادىي ئاساسى تېخىمۇ ياخشىلانغان بولاتتى. 
ئوخشاش قائىدە، بايىقى چېقىق دېرىزە ھېكايىسىدە، ئەگەر دېرىزە چېقىلمىغان بولسا، بۇ ئۆي ئىگىسى ئىگە بولغان بايلىقنى باشقا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىشلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق ياراتقان بولاتتى. بۇ خىل جاراھەتلەر تۈپەيلىدىن يوقالغان باشقا ئىشلەپچىقىرىش ۋە بايلىقلارنى ئاسان كۆرگىلى بولمايدۇ.

چېقىق دېرىزە نەزەرىيەسىنىڭ ئۆزگەرمىسى 2: ئىشچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش
چېقىق دېرىزە نەزەرىيەسىنىڭ يەنە بىر ئۆزگەرگەن تۈرى، خىزمەت پۇرسىتىگە مۇناسىۋەتلىك.
بۇ خىل قاراشتا، ياشانغانلار بالدۇرراق پېنسىيەگە چىقىپ، خىزمەت ئورنىنى بوشىتىپ بەرمىسە، ياشلارنىڭ خىزمىتى بولمايدۇ؛ ئەگەر ماشىنا بەك ئىلغارلىشىپ كەتسە، ماشىنا ئادەم ئىشچىلارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ-دە، ئىشچىلارنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى بولمايدۇ.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنى ياشانغانلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولسا ياكى ماشىنىسى بەك ئىلغار بولسا، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پايدىسىز.
بىراق، بىز تەتۈر ئويلاپ باقايلى.
بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە ئەسلىدە توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بار ئىدى، ئەگەر ھازىر توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ئىشلەتمەي، بەلكى ئوتىغۇچ بىلەن توپا كولايدىغان بولساق، ئۇنداقتا جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ بېيىپ كېتەمدۇ ياكى تېخىمۇ نامراتلىشىپ كېتەمدۇ؟ ئەگەر ھەممىمىز، 20 يىل بۇرۇن پېنسىيەگە چىقساق، پۈتكۈل جەمئىيەت تېخىمۇ باياشات بولامدۇ ياكى تېخىمۇ نامرات بولامدۇ؟
ئېنىقكى، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى بىراقلا چۈشۈپ كېتىدۇ.
باستىئا ئىلگىرى يەنە كىنايە تۈسىنى ئالغان بىر پارچە «شام ياساش سودىگىرىنىڭ قۇياش نۇرىنى چەكلەش توغرىسىدىكى چىن مۇھەببەت خېتى (The Candle Maker`s Petition, 1845)» دېگەن ماقالىنى يازغان.
بۇ ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «قۇياش نۇرى يەر شارىغا چۈشكەندىن كېيىن، شام ئىشچىلىرىنىڭ خىزمىتى ئازىيىدۇ، شۇڭا شام سودىگىرى پارلامېنت ئەزالىرىدىن كۆپچىلىكنىڭ قۇياش نۇرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.»
ھەقىقەتەن، ئەگەر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئامال بار قۇياش نۇرىنى ئىشلەتسە، شام ئىشچىلىرىنىڭ خىزمىتى ئازىيىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، شام ئىشچىلىرى مەڭگۈ ئىشسىز قالمايدۇ، مەڭگۈ خىزمەت تاپالماي قالمايدۇ، ئۇلار باشقا خىزمەت بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.
مەسىلە شۇكى، باشقا خىزمەت دېگەن نېمە؟ ھېچكىم دېيەلمەيدۇ، بۇنىڭدا تەسەۋۋۇرغا تايىنىش كېرەك.
ئات ھارۋىسى بىلەن ماشىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇشمۇ ئوخشاش. ماشىنا بولسا، ھارۋىكەش ئىشسىز قالىدۇ.
ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاشۇ كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى كۆرەلەيمەن، مەن ھارۋىكەشنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا خىزمەت تاپالايدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمەن.»
مەسىلە شۇكى، يېڭى خىزمەت دېگەن نېمە؟ ھېچكىم بىلمەيدۇ، پەقەت تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.

چېقىق دېرىزە نەزەرىيەسىنىڭ ئۆزگەرمىسى 3: ماددىي ئەشيالارنى تېجەش
چىكاگو داشۆسىدىكى ستېۋېن لېۋىت (Steven Levitt) كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان «ئالۋاستى ئىقتىسادشۇناسلىقى (Freakonomics, 2005)» ناملىق ئەسىرىنى يازغان بولۇپ، كىتابتا مۇنداق بىر مىسال بار: نۇرغۇن مۇھىت ئاسرىغۇچىلار كۆپ مىقداردا سۇلياۋ خالتا بىلەن يېمەكلىك ئوراشقا قارشى تۇرىدۇ، چۈنكى بۇ زور ئىسراپچىلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
ئەمما بۇ ئىقتىسادشۇناس مۇنداق دەيدۇ: سۇلياۋ خالتىنى قانچە كۆپ ئىشلەتسە، يېمەكلىكنى يېڭى پېتى ساقلاش ۋاقتى شۇنچە ئۇزىرايدۇ، يېمەكلىكنىڭ ئىسراپ بولۇشى شۇنچە ئاز بولىدۇ.
بىزنىڭ كۆرمەكچى بولغىنىمىز، پەقەت قانچىلىك سۇلياۋ خالتا ئىشلەتكەنلىكىمىزلا ئەمەس، يەنە شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئەگەر سۇلياۋ خالتا ئىشلەتمىسەك، قانچىلىك يېمەكلىكنى تاشلىۋېتىمىز؟
شۇڭا، ئەجەللىك قىيىن مەسىلە شۇكى: سۇلياۋ خالتىنى زادى كۆپرەك ئىسراپ قىلىش كېرەكمۇ ياكى يېمەكلىكنى كۆپرەك ئىسراپ قىلىش كېرەكمۇ؟
كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈشتە تەسەۋۋۇرغا تايىنىش كېرەك
بۇ چېقىق دېرىزە نەزەرىيەسىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرلىرى ئىچىدە، كۆرگىلى بولىدىغىنى تەبئىي ئاپەت، سۈنئىي بۇزغۇنچىلىق، ئادەمنىڭ قېرىشى، سايمانلارنىڭ قالاق بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئېلىپ كەلگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە سەرپ قىلىنغان ماددىي ئەشيالار؛
كۆرگىلى بولمايدىغىنى بولسا لايىھەدىن كېلىپ چىققان يوشۇرۇن ساپ زىيان.
ئەگەر تەبئىي ئاپەت يۈز بەرمىسە، قەستەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىسا، ئادەم تېخىمۇ ساغلام ياشىسا، ماشىنا تېخىمۇ ئىلغار بولسا، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان بايلىق بىلەن تېجەپ قېلىنغان ۋاقىت ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەسلىدە باشقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكىلى بولاتتى؛
ئەگەر سۇلياۋ ئورالمىنى كۆپ ئىشلەتسە، تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك تەييارلاش ۋاقتىنى تېجىگىلى بولىدۇ.
چېقىق دېرىزە نەزەرىيەسىدىكى سەپسەتىلەرنى بىلىشنىڭ قىيىن بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، تېجەپ قېلىنغان ئاشۇ ۋاقىت، ئادەم كۈچى ۋە بايلىقنى قانداق يېڭى خىزمەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقى، كۆپ سەرپ قىلىنغان ئاشۇ ماددىي ئەشيالارنىڭ يەنە قانچىلىك يوشۇرۇن مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىقتىسادشۇناسلارمۇ كۆپ ھاللاردا ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. بۇ مەسىلىنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن، تەسەۋۋۇر كۈچىگە تايىنىش كېرەك.
دەرۋەقە، ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش زۆرۈرىيىتى بار، بۇ كۆرگىلى بولمايدىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى كۆرگىلى بولىدىغاندىنمۇ مۇھىم دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى، بىز ھەر قېتىم تەدبىر بەلگىلىگەندە، يەنە ۋاقتىنچە كۆرگىلى بولمايدىغان، ھەتتا مەڭگۈ كۆرگىلى بولمايدىغان ئامىللارنىمۇ تولۇق ئويلىشىشىمىز كېرەك.
 


بىز كۆرەلمەيدىغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم بولغان، تەدبىر بەلگىلىگەندە سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر مىسال كەلتۈرۈڭ.
ئارزۇ بىلەن نەتىجىنى پەرقلەندۈرۈش
ئىقتىسادشۇناسلىق شەخسنىڭ قانداق بېيىشى، دۆلەتنىڭ قانداق قۇدرەت تېپىشىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم. ئومۇمەن، بۇ ئىلىم ھازىرقى زامان ئىقتىسادشۇناسلىقى «دۆلەت بايلىقى نەزەرىيەسى»نىڭ ئاپتورى ئادام سىمىت (Adam Smith)تىن باشلانغان، «دۆلەت بايلىقى نەزەرىيەسى»نىڭ تولۇق ئىسمى «خەلق بايلىقىنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبى ئۈستىدە تەتقىقات (An Inquiry into the Nature and Causes of the Wealth of Nations, 1776)»دۇر.
مەسىلە شۇكى، خەلق بايلىقىنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى، بۇنىڭدىن 200 نەچچە يىل ئىلگىرى سىمىتنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن ئاندىن باشلانغان ئەمەس. بەلكى بۇنىڭدىن 500 يىل بۇرۇن، ھەتتا 5000 يىل بۇرۇنلا كىشىلەر مۇشۇنداق ئىزدىنىشنى باشلىغان.
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئىلگىرىكى بىلىملەر ئىقتىسادشۇناسلىق دېيىلمىگەن؟ ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئىلگىرىكى تەتقىقاتلارغا سېلىشتۇرغاندا، زادى قانداق ئوخشىماسلىقلار بار؟
بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر پەرق شۇكى، ئىلگىرىكى نۇرغۇن بىلىملەر «ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولۇش» قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلاتتى، ئىقتىسادشۇناسلىق بولسا «ئىشنىڭ كۆڭۈلگە باقماسلىق» قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ.
گۈزەل ئارزۇلارنىڭ گۈزەل نەتىجە ئېلىپ كېلىشى ناتايىن
ئىلگىرى كىشىلەر «ياخشى ئادەم ياخشى ئىش قىلىدۇ، ئەسكى ئادەم ئەسكى ئىش قىلىدۇ. يەنى، ياخشى ئىشنى چوقۇم ياخشى ئادەم قىلىدۇ؛ يامان ئىشنى چوقۇم ئەسكى ئادەملەر قىلىدۇ.» دەپ قارايتتى.
بۇ لوگىكا بويىچە ئېيتقاندا، بۇ جەمئىيەت قانداق قىلغاندا ياخشىلىنىدۇ؟ ئامال تەبئىيلا ياخشى ئادەملەرنى كۆپرەك ئىشقا سېلىپ، يامان ئادەملەرنى يوقىتىۋېتىشتىن ئىبارەت.
مەسىلەن، ئەمگەكچى خەلقنىڭ كىرىمى ئىنتايىن تۆۋەن، تۇرمۇشى ئىنتايىن نامرات. بۇنىڭغا قارىتا بەزىلەر: «كاپىتالىستلار ئەسكى ئادەملەر بولغاچقا، بەك ئاز مائاش بېرىدۇ.» دېيىشىدۇ.

ئۇنداقتا كاپىتالىستلارنى مائاشنى كۆپرەك بەرگۈزسىلا بولمىدىمۇ؟ 
بىر دۆلەتتە ئېغىر پۇل پاخاللىقى يۈز بەرسە، بۇنىڭغا كىم سەۋەبچى بولىدۇ؟

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0