
جاڭ يىمىڭنىڭ مەھسۇلات قارىشى: ئۆزىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئوخشاش ئىتېراتسىيەلەش
جاڭ يىمىڭنىڭ دۇنياسىدا ھەممە نەرسىنى مەھسۇلات تەپەككۇرى ئارقىلىق تەپەككۇر قىلغىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق تەپەككۇر مېخانىزمى ئاستىدا، ئۇ بۈگۈنكى بۈگۈنكى باشخەۋەر (今日头条)، دوۋيىن، TikTok نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئالقىشلىق مەھسۇلاتلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى. ئۇ خۇددى بىر خىل مەھسۇلاتنى پىششىقلاپ ئىشلىگەنگە ئوخشاش شىركەتنى باشقۇرىدۇ، ھەتتا تېخنىكىلىق ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئوخشاش ئۆزىنى ئىتېراتسىيەلەيدۇ ۋە تونۇشىنى يېڭىلايدۇ.
TikTok ۋەقەسىدە 37 ياشلىق جاڭ يىمىڭ يەر شارى جامائەت پىكرى مەركىزىگە كىرىپ قالدى.
بۇ ياش CEO نىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغىنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقى؛ ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغىنى كەسپى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان جۇڭگو شىركىتى--بايتلىق سەكرەش (字节跳动).
جاڭ يىمىڭنىڭ بېسىمىنى ئويلاپ بىلگىلى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇشۇنداق دىققەتنى تارتىشى ئۇنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلات چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
سەككىز يىل ئىچىدىلا بايتلىق سەكرەش بېيجىڭ شىمالىي 4-ئايلانما جىچۈن يولىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن دۇنياغا يۈزلىنىپ، مۆلچەر قىممىتى 75 مىليارد دوللاردىن ئاشىپ كەتتى. «بايتلىق سەكرەش»نىڭ ئورگان تەرەپ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بايتلىق سەكرەش بايرىقى ئاستىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئايلىق جانلىق ئابونت سانى 1 مىليارد 500 مىليوندىن ئېشىپ، كەسپىي 150 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلاپ، 75 خىل تىلغا يەتكۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بايتلىق سەكرەشنىڭ ئىشخانىلىرى يەر شارىدىكى 30 دۆلەت، 180 دىن ئارتۇق شەھەرگە تارقالغان بولۇپ، خىزمەتچىسى 60 مىڭدىن ئاشىدۇ.
قۇرغۇچىنىڭ بىلىشى شىركەتنىڭ تورۇسنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېگىزلىكىنى بەلگىلەيدۇ. بايتلىق سەكرەشنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى جاڭ يىمىڭنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈش تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ھەيران قالدۇردى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى بىرىنچى ئەۋلاد كارخانىچىلارغا ئوخشىمايدىغىنى، جاڭ يىمىڭدا يېڭى بىر ئەۋلاد كارخانىچىلارنىڭ تېخنىكا ئىدراكى ۋە خەلقئارا نەزەر دائىرىسى بار.
جاڭ يىمىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدۇ. ئۇ ھەممىنى توغرا ھېسابلايدۇ، كەيپىياتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ ھەتتا ناھايىتى ئاز ئاچچىقلىنىدۇ. ئۇنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ھېسابلاش ئۇسۇلى ئىچىدە، ئەڭ ياخشى ھالەت شۇكى «يېنىك دەرىجىدىكى خۇشاللىق بىلەن يېنىك دەرىجىدىكى چۈشكۈنلۈك ئارىسىدا، ئانچە ھاياجانلىنىپ كەتمەيدۇ، ئانچە ئىچى پۇشۇپمۇ كەتمەيدۇ.» ئۇنىڭ ماشىنا بىلەن بولغان بىردىنبىر پەرقى شۇكى «ھەر كۈنى ئاز دېگەندە يەتتە سائەت يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.»
جاڭ يىمىڭ ئىلگىرى مۇنداق بىر ئېغىز گەپ قىلغان:
Develop a company as a product.
بىر شىركەتنى بىر خىل مەھسۇلاتقا ئوخشاش يۈرگۈزۈش كېرەك!
بۇ سۆزمۇ ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ: «شىركەتنى بىر خىل مەھسۇلات دەپ بىلىپ، ئامال قىلىپ شىركەتنىڭ بۇ مەھسۇلاتىنى تېخىمۇ ياخشى يۈرۈشتۈرۈش كېرەك.»
جاڭ يىمىڭنىڭ دۇنياسىدا ھەممە نەرسىنى مەھسۇلات تەپەككۇرى ئارقىلىق تەپەككۇر قىلغىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق تەپەككۇر مېخانىزمى ئاستىدا، ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۆپ خىل ئالقىشلىق مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈردى: يەنى بۈگۈنكى باشخەۋەر، دوۋيىن، TikTok قاتارلىقلار؛ ئۇ بىر خىل مەھسۇلاتنى پىششىقلاپ ئىشلىگەنگە ئوخشاش شىركەتنى باشقۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بايتلىق سەكرەش (字节跳动) بارلىققا كەلدى؛ ئۇ ھەتتا تېخنىكىلىق ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئوخشاش ئۆزىنى ئىتېراتسىيەلەيدۇ ۋە تونۇشىنى يېڭىلايدۇ.
قانداق قىلغاندا بىر خىل ئالقىشلىق مەھسۇلاتنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟
جاڭ يىمىڭنىڭ ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان تۇنجى مەھسۇلاتى بۈگۈنكى باشخەۋەر.
بۈگۈنكى باشخەۋەرنىڭ باشقا ئاخبارات ئابونتلىرى بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، ئۇنىڭ ئۆزىدە مۇخبىرلىق-تەھرىرلىك كوللېكتىپى يوق، تور ئۇچۇرىنى تۇتۇش ئارقىلىق، ئابونتلارنىڭ ئوقۇش قىزىقىشىغا ئاساسەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆرسىتىش مېخانىزمى ئارقىلىق ئابونتلارغا مۇناسىپ ئۇچۇرنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە يەتكەن.
گەرچە بۈگۈنكى باشخەۋەر ئابونتلار تېرمىنالى بولسىمۇ، ئەمما جاڭ يىمىڭ ئۇنى پەقەت خەۋەر ئابونتلار تېرمىنالى دەپ قارىمايدۇ، بەلكى ئۇنى ئۇچۇر سۇپىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ ئىچكى يادروسى خاسلاشتۇرۇلغان تەۋسىيەلەش ماتورى.
ئەينى ۋاقىتتا، بىر ئىگىلىك تىكلەش شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ماتور تېخنىكىسى تەۋسىيەلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى كىچىك ئەمەس ئىدى. بۈگۈنكى باشخەۋەردە يېڭىدىن قۇرۇلغان كوللىكتىپتىمۇ بۇ جەھەتتىكى تېخنىكا گېنى يوق ئىدى، شۇڭا ياخشى قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەيتتى. لېكىن جاڭ يىمىڭنىڭ پوزىتسىيەسى بولسا «تەۋسىيەلەش ماتورىنى بىز بىلمەيمىز، لېكىن بىز ئۆگەنسەك بولىدۇ.» دېگەندىن ئىبارەت.
ئارقىدىن، جاڭ يىمىڭ «تەۋسىيە قىلىش سىستېمىسى ئەمەلىيىتى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورىنى تېپىپ، قارشى تەرەپتىن بىر پارچە ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بېرىشنى ئېيتىدۇ. ئەينى چاغدا كىتاب تېخى نەشر قىلىنمىغان بولۇپ، قارشى تەرەپ جاڭ يىمىڭنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ. جاڭ يىمىڭ توردا توپلىغان ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىغا تايىنىپ، بۈگۈنكى باشخەۋەرنىڭ 1-نۇسخىسىدىكى تەۋسىيەلەش ماتورىنى تاماملايدۇ.
جاڭ يىمىڭنىڭ قارىشىچە «ئەگەر ئۆزى تەۋسىيەلەش ماتورىنى بەرپا قىلماستىن، مەھسۇلاتتا پەقەت ئازراق يېڭىلىق ياراتىش بىلەنلا كۇپايىلەنسە، بەلكىم بەزى كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ پايدىسىنى ئالالىشى مۇمكىن، لېكىن تۈپتىن بۆسۈش ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ، ھەقىقىي قىممەت ياراتقىلى بولمايدۇ. ھەرقانداق ۋاقىتتا، بىز مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.»
ئۆتكەن سەككىز يىللىق ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىدە، ئۇ ئىزچىل ساپ تېخنىكا ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى ھەمدە ئادەم كۈچى بىلەن ئارىلىشىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بىلەن ماشىنىنىڭ رىئاكسىيەلىشىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. گەرچە ھېسابلاش ئۇسۇلى كەلتۈرۈپ چىقارغان «ئۇچۇر غوزەك ئۆيى» ھادىسىسى ئۇنى تالاش-تارتىش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقىقەتەن كۆچمە ئالاقە تورى دەۋرىدە ئۇچۇر تارقىتىش مېخانىزمىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.
بارلىق تېخنىكا جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر جاڭ يىمىڭنى مەپتۇن قىلاتتى، ئۇ يەنە بۇ تەجرىبىلەرنى ئەمەلىي تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە قوللىنىشقا ئۇرۇناتتى، مەسىلەن AB سىنىقى. ئوخشاش بىر ساھەدە، بايتلىق سەكرەش ئىچكى قىسمىدا دائىم ئىككى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلات ئىچكى قىسمىدا بەيگىگە چۈشىدۇ، بۇ كۆپ قېتىملىق سىناق ۋە تېخنىكىلاشقان تەجرىبىلەرنىڭ چىقىرىلىشى، شۇنداقلا بايتنىڭ ھازىرقى ئېقىم مىقدارى كۆلچىكى ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مەھسۇلات ۋە كەسىپلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.
بۈگۈنكى باشخەۋەردىن كېيىن، جاڭ يىمىڭ يەنە ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇن ئالاقە تورى مەھسۇلاتلىرىنى ياراتتى.
جاڭ يىمىڭ دائىم ئۆزىنىڭ «قانائەت تۇيغۇسىنى كېچىكتۈرۈش»كە بەك ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە قانائەت تۇيغۇسىنى كېچىكتۈرۈشمۇ دائىم مەڭگۈ قانائەت تۇيغۇسى بولماسلىققا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. دەل مۇشۇ خىل ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ تۈرتكىسىدە، جاڭ يىمىڭ باشقۇرۇشىدىكى بايتلىق سەكرەش ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ قانائەت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئىزدىمەكتە، سۈرەت ئۇچۇرىدىن قىسقا سىنغىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەۋسىيەلەشتىن ئىزدەش موتورىغىچە، ماشىنا ئېقىم مىقدارىدىن ئابونتلار ئىجتىمائىي ئالاقىسىگىچە، دۆلەت ئىچىدىن چەتەللەرگىچە.
ھازىرغىچە، ئاخبارات ئۇچۇرى، قىسقا سىن، بىۋاستە كۆرسىتىپ مال سېلىش، مائارىپ، ئويۇن، ئىزدەش ماتورى، ئىشخانا ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردە بايتلىق سەكرەشنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، جاڭ يىمىڭ يەنە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن كۆپەيتىپ تۇتقىلى بولىدىغان ساھەلەرگە يەتكۈزدى.
شىركەتتە قانداق ئادەم ئىشلىتىش كېرەك؟
مەھسۇلات يارىتىشتىن باشقا، جاڭ يىمىڭ يەنە بايتلىق سەكرەشتە «بىرىنچى HR (ئادەم كۈچى بايلىقى)»، ئۇنىڭ خىزمەتتىكى زور بىر قىسىم زېھنى دەل مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى ئىزدەپ ۋە تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ «ئەپ زاۋۇتى»نى قۇرۇش.
ئىنتېرنېت دۇنياسى يەنىلا BAT يېتەكچىلىكىدىكى دەۋردە تۇرغاندا، جاڭ يىمىڭ ئۈن-تىنسىز ھالدا بەيدۇ قاتارلىق شىركەتلەردىن ئىختىساسلىقلارنى كولاپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئەترىتىنى قۇرۇپ چىقتى.
سىرتتىكىلەرنىڭ بايتلىق سەكرەشكە بولغان تونۇشى ناھايىتى ئاز، ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ئەڭ ئاجىز ۋاقىتتا، جاڭ يىمىڭ ئېلان كەسپىگە مەسئۇل سودا شېرىكى جاڭ لىدۇڭ، HR نىڭ مەسئۇلى خۇا ۋېي، تېخنىكا مەسئۇلى ياڭ جېنيۈەن، ھازىرقى باشخەۋەرنىڭ CEO سى چېن لىن ۋە بايتلىق سەكرەش دۆلەت ئىچى كەسپىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاڭ نەن قاتارلىقلار شىركەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئىختىساسلىقلار ئېھتىياجىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن ئىدى.
جاڭ يىمىڭنىڭ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىشتىكى يەنە بىر ماھارىتى سېتىۋېلىپ قوشۇۋېلىش.
بايتلىق سەكرەشنىڭ قۇرۇلغىنىغا يېرىم يىلمۇ بولمىغاندا، جاڭ يىمىڭ لەيلەپ ئېقىش بوتۇلكىسى ۋە ھاۋا رايى ئەپ دېتالىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بىر كىچىك ئەترەتنى سېتىۋېلىپ ئۆزىگە قوشۇۋالغان، چېن لىن شۇلارنىڭ بىرى ئىدى بىرى؛ 2013-يىلى، جاڭ نەن ۋۇجۇدقا چىقارغان سۈرەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان، ئالاقە سۇپىسىنى جاڭ يىمىڭ سېتىۋالغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەزمۇن بۆلىكىگە مەسئۇل بولغان، كېيىن يەنە دوۋيىنغا مەسئۇل بولدى، تاكى ھازىرغا قەدەر پۈتۈن بايتلىق سەكرەشنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەرگە مەسئۇل بولماقتا. كېيىنكى مەزگىلدىكى چىراي ئوماقلىرىنىڭ (脸萌) قۇرغۇچىسى گو لېي، Musical.ly نىڭ قۇرغۇچىسى ئالېكس (Alex) ۋە ياڭ لۇيۈ، چىڭبېي تور مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ليۇ يۇڭ قاتارلىقلارمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلدا بايتلىق سەكرەشكە قوشۇلغان.
جاڭ يىمىڭنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېنىقلىمىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆلچىمى بار. ئىلگىرىكى ئۆز خىزمىتى، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، ئۇ ئىختىساسلىقلارغا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر قاتار ئالاھىدىلىكلەرنى يەكۈنلەپ چىققان.
2005-يىلى، جاڭ يىمىڭ نەنكەي داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كۇشۇنگە كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ بۇ شىركەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىر تۈركۈم خىزمەتچىسى ئىدى. جاڭ يىمىڭنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ناھايىتى تېز بولۇپ، خىزمەتكە چىققان ئىككىنچى يىلى شىركەتتە 40-50 كىشىلىك كوللىكتىپنى باشقۇرۇشقا باشلاپ، بارلىق ئارقا سەپ تېخنىكىسىغا مەسئۇل بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن مەھسۇلاتقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان.
جاڭ يىمىڭ ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا ئەڭ تەجرىبىلىك ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى بايقىغان:
بىرىنچى، خىزمەت ۋاقتىدا قايسى ئىشلارنى ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك، قايسى ئىشلارنى ئۆزى قىلماسلىققا تېگىشلىك دەپ ئايرىماسلىق
پەقەت خىزمەتداشلىرى ياردەم تەلەپ قىلسىلا ماقۇل بولىدۇ، شۇڭا ئۇ شىركەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى قۇرۇلمىنىڭ كۆپ قىسىم كودىنى چۈشىنىدۇ؛
ئىككىنچى، ئىش قىلغاندا چېگرا تەسىس قىلماسلىق
گەرچە ئەينى چاغدا جاڭ يىمىڭ تېخنىكىغا مەسئۇل بولغان بولسىمۇ، ئەمما مەھسۇلاتتا مەسىلە كۆرۈلسە، مۇزاكىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مەھسۇلاتنىڭ لايىھەسىنى ئويلايتتى، بۇنىڭ ئۇنىڭ كېيىن ئىگىلىك تىكلەپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىغا زور ياردىمى بولغان. ئەينى چاغدا شىركەتنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى بىلەن بىللە خېرىدارلار بىلەن كۆرۈشۈش كەچۈرمىشلىرى، ئۇنىڭغا قانداق سېتىشنىڭ ياخشى سېتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
شۇڭا، جاڭ يىمىڭ بايتلىق سەكرەشكە كىرگەن ياشلارغا نىسبەتەنمۇ ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن، مۇنۇ بەش ئۆلچەم چىقىرىدۇ:
بىرىنچى، قىزىقىشى بولۇش، يېڭى شەيئى، يېڭى بىلىم ۋە يېڭى ماھارەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش كېرەك
ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ يېڭىلىنىشى ئىنتايىن تېز، ئەگەر پەقەت ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ بولۇپلا ئىشتىن چۈشسە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى قوراللارغا نىسبەتەن ئەۋزەللىكى بولماسلىقى مۇمكىن.
ئىككىنچى، ئېنىقسىزلىققا ئۈمىدۋار قاراش كېرەك
شىركەتنىڭ نۇرغۇن نىشانى، ئەڭ ئاخىرىدا چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىشى ناتايىن، ياكى تولۇق قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ جەرياننىڭمۇ ياردىمى بولىدۇ، سىز ئىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا ئۈمىدۋار بولسىڭىزلا، سىناپ بېقىشنى تېخىمۇ خالايسىز.
ئۈچىنچى، ئاددىيلىققا تەن بەرمەسلىك
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى نىشانى بېيجىڭ نوپۇسىنى ھەل قىلىش ۋە ئۆي سېتىۋېلىشقا ئايلىنىپ، زېھنىنى بۇنىڭغا سەرپ قىلىدۇ، ئۇنداقتا خىزمەت زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمايدۇ، ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەر قوشۇمچە خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ، بالدۇرراق ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنى يىغىش ئۈچۈن، قارىماققا پايدا ئالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە زىيان تارتىدۇ.
تۆتىنچى، ھاكاۋۇرلۇق قىلماي، قانائەت قىلىشنى كېچىكتۈرۈش كېرەك
«ئاددىي-ساددا بولۇشقا رازى بولماسلىق» نىشاننى ناھايىتى يۇقىرى بېكىتىش، ھاكاۋۇر بولماسلىق ھازىرقى ھالەتكە نىسبەتەن پۇختا بولۇش كېرەك. جاڭ يىمىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەسلىدە ناھايىتى ياخشى دەپ ئويلىغان نۇرغۇن ياشلارنى كۆردۈم، ئەمەلىيەتتە ئويلىغىنىمدەك ياخشى تەرەققىي قىلمىدى، ئەسلىدە ياخشى ئەمەس دەپ ئويلىغان (ياشلار) ئەمەلىيەتتە مېنىڭ مۆلچەرىمدىن ئېشىپ كەتتى.»
بەشىنچى، مۇھىم ئىشلارغا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بولۇش
قايسى كەسىپنى تاللاش، قايسى شىركەتنى تاللاش، قانداق كەسىپنى تاللاش، قانداق تەرەققىيات يولىنى تاللاشتا، ئۆزىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بولۇشى، قىسقا مۇددەتلىك تاللاشتا قايمۇقۇپ قالماسلىقى كېرەك.
مەھسۇلات قانداق كىشىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇ؟
مەھسۇلاتنىڭ قايسى كىشىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقى، قايسى بازارغا يۈزلەنگەنلىكىگە قارىتا، جاڭ يىمىڭنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمى بار.
2012-يىلى، جاڭ يىمىڭ بايتلىق سەكرەشنى بارلىققا كەلتۈرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، ByteDance دېگەن ئىنگلىزچە ئىسىمنى ئويلاپ قويغان. ئۇ چاغدا بايتلىق سەكرەشنىڭ ئىچكى قىسىمدا ھېچقانچە ئادەم چەتئەلگە چىقىپ باقمىغان، ئەمما جاڭ يىمىڭ كۆچمە ئالاقە تورى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنىڭ پۈتۈن دۇنيادا مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان.
شۇڭا، شىركەت ھەرىكىتىدە، جاڭ يىمىڭمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىنى خەلقئارا بىلەن تۇتاشتۇردى.
بايتلىق سەكرەشنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تەشكىللەش Facebook تىن ئۆرنەك ئېلىنغان بولۇپ، شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى CEO قوش ئايدا يۈزلىنىدىغان ئەنئەنىۋى ۋە OKR دىن ئىبارەت بۇ خىل باھالاش مېخانىزمى گۇگولدىن كەلگەن، شىركەت ئەڭ دەسلەپتە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئىنژېنېرلىق مەدەنىيىتى جەھەتتە Facebook قا ئىنتايىن ئوخشايدۇ. تەشكىلنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە مەھسۇلاتنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى جاڭ يىمىڭمۇ پائال ئۆرنەك قىلىدۇ.
خەلقئارالىشىش يولىدا جاڭ يىمىڭ ئوخشاشلا كەڭ كۆلەملىك سېتىۋېلىش يولىنى ئاچتى.
2017-يىلى بايتلىق سەكرەش خەلقئاراغا ئاتلىنىدىغان ھالقىلىق بىر يىل بولۇپ، دوۋيىننىڭ خەلقئارا نۇسخىسىدىكى TikTok، يانار تاغ قىسقا فىلىمنىڭ دۆلەت سىرتى نۇسخىسىدىكى Hypstar نى بازارغا سېلىپلا قالماي، يەنە ئامېرىكىنىڭ قىسقا فىلىم سۇپىسى Flipagram نى سېتىۋالدى، كۆچمە ئاخبارات مۇلازىمەت سودىگىرى News Republic ۋە مۇزىكىلىق قىسقا فىلىم سۇپىسى musical.ly نى سېتىۋالغان. 2018-يىلى musical.ly بىلەن TikTok بىرلەشتۈرۈلگەن.

TikTok نى بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، جاڭ يىمىڭنىڭ خەلقئارالىشىش مۇساپىسى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى. TikTok نىڭ ئامېرىكىدا تەخمىنەن 100 مىليون ئايلىق ئاكتىپ ئابونتى بار، 2018-يىلى 1-ئايدىكىدىن %800 كە يېقىن ئاشقان، ئەمما كۈندىلىك جانلىق ئابونت سانى تەخمىنەن 50 مىليون بولغان؛ بۇنىڭدىن باشقا، TikTok نىڭ يەر شارى مىقياسىدا چۈشۈرۈلۈش سانى تەخمىنەن 2 مىليارد قېتىمغا يەتكەن.
جاڭ يىمىڭ Musical.ly نى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتتى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كۈەيشوۋنى قۇرغۇچى سۇ خۇامۇ ئەينى ۋاقىتتا Musical.ly غا قىزىققان، ئەمما قاپلان كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ CEO سى فۇ شېڭ Musical.ly نىڭ بىر بېلەت بىلەن رەت قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باغلاپ سېتىپ، قاپلاننىڭ باشقا ئىككى خىل مەھسۇلاتىنى قوشۇپ ساتقان. نەتىجىدە سۇ خۇا سېتىۋېلىشقا ئامالسىز قالغان. جاڭ يىمىڭ بولسا سەۋرچانلىق بىلەن فۇ شېڭنىڭ لايىھەسىنى قوبۇل قىلىپ، Musical.ly نى سېتىۋېلىپلا قالماي، يەنە 86 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا News Republic نىمۇ سېتىۋالغان ھەمدە Live.me غا 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان.
ھەرقايسى رايونلاردىكى يەرلىكلىشىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، جاڭ يىمىڭ تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشكە قارىتىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ يىل بايتلىق سەكرەشنىڭ سەككىز يىللىقى ئىچكى خېتىدە، جاڭ يىمىڭ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن بىر يىلدا، مەن ئۈچتىن ئىككى قىسىم ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ، يەر شارىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا باردىم. دېھلىنىڭ لىخات شەھىرىگە بېرىپ خېرىدارلارنى يىغىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم، پارىژدىكى دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولدۇم. ھەر قايسى جايلاردىكى مۇزېيلارغا بېرىپ تارىخنى چۈشىنىپ، دۇنيانىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. بىزنىڭ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە كەسپىمىز ۋە ئابونتلىرىمىز بار، شۇڭا تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى، تاشقى دۇنياغا قوشقان تۆھپىمىزنى تېخىمۇ ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك.»
بۇ يىل ئەڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندىمۇ، جاڭ يىمىڭ مۇنداق دېدى: «بايتلىق سەكرەش ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان يەر شارى شىركىتى بولۇشى كېرەك، غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دەۋردە، ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشقا تېخىمۇ ئەرزىيدۇ، بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر رىقابەتكە تولغان ئەھمىيەتلىك سەپەر.»
ئۇلۇغ شىركەتلەر قانداق بارلىققا كېلىدۇ؟ شىركەتلەرنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىدە قانداق سىر ھېكمەتلەر بار؟ بۇلارنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، ئەڭ ئاۋۋال شىركەتنى چۈشىنىشتىن باشلاڭ، شىركەت توغرىسىدا نادىر 10 قىسىملىق سىلىق فىلىم «شىركەتنىڭ كۈچى» سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇشتا ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ.
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شىركەت ھەققىدە ئىشلىگەن نادىر 10 قىسىملىق فىلىمى «شىركەتنىڭ كۈچى»نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى كۆرۈڭ!

ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ كۆرۈڭ!