大数跨境

ئىقتىساد تەپەككۇرى: ئادەمنىڭ ئېھتىياجىنىڭ چېكى بولمايدۇ

ئىقتىساد تەپەككۇرى: ئادەمنىڭ ئېھتىياجىنىڭ چېكى بولمايدۇ Nepkar
2020-10-07
2
导读:ئۈچىنچى بۆلۈم: پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش | تاللاشنىڭ ئۆلچ
ئۈچىنچى بۆلۈم: پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش | تاللاشنىڭ ئۆلچىمى
كەمچىل

يۇقىرىدا بىز مۇزاكىرە قىلغان، «ئىنسان ئەسلىدىن ئەقلىي بولۇش»نى ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئەڭ ئاساسى قىياسى قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئادەم چوقۇم ئەقلىي بولۇشى ناتايىن. «ئادەم ئەسلىدىن شەخسىيەتچى»نىمۇ ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئەڭ ئاساسى قىياسى قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئادەم پۈتۈنلەي شەخسىيەتچى ئەمەس.
ئۇنداقتا ئىقتىسادشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ ساھە قانداق ئاساستا قۇرۇلسا ئەڭ مۇستەھكەم بولىدۇ؟
جاۋابى: كەمچىل بولۇش.

كەمچىل بولۇش بىر ئاساسى پاكىت
بىز ئىقتىسادشۇناسلىقنى «كەمچىل بولۇش» دېگەن ئاساسقا قۇرىمىز. لېكىن «كەمچىل بولۇش» بىر پەرەز ئەمەس، بەلكى بىر ئاساسى پاكىت. كەمچىل بولۇش ئىنسانلار باشتىن-ئاخىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسى چەكلىمە، بىز بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز، چوقۇم يۈزلىنىمىز.
كەمچىل بولۇش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، كان مەھسۇلاتلىرى، ئورمان ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق شەكىللىك مۈلۈكلەرنىڭ كەم بولۇشىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە ھاۋا، گۈزەل رۇخسار، تەبئىي بايلىق، دىققەت-ئېتىبار ۋە زامان-ماكان قاتارلىق شەكىلسىز مۈلۈكنىڭ يېتىشمەسلىكىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
ئاسان سەزگىلى بولمايدىغان ئىككى مىسال كەلتۈرسەك: جۇغراپىيەلىك ئورۇنمۇ كەمچىل. بىز ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ پەسكە قارىساق، بىپايان زېمىن، زېمىننىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
ئەمما بارلىق چوڭ شەھەرلەر، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېنلارنىڭ گلوبۇستىكى ئورنى پەقەت بىر يىڭنە كۆزىچىلىك كېلىدۇ. يەر شۇنچە كۆپ تۇرۇغلۇق، نېمىشقا نۇرغۇن شەھەرلەر يەنە دېڭىزنى تىندۇرۇپ يەر ھاسىل قىلىدۇ؟
سەۋەبى: يەر كۆپ بولسىمۇ، جۇغراپىيەلىك ئورنى كەمچىل.
ئىشەنچمۇ كەم ئۇچرايدۇ، خالىغانچە بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ. ساۋاقداشلار شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى، ساۋاقداشلار سىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىڭىزنى، خىزمەت قاتلىمىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى، پروفېسسورنى دەپ ئەمەس، بەلكى ساۋاقداشلىرىنى دەپ ئوقۇيدۇ، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش ھېسابلىنىدۇ.


كەمچىل بولۇشنىڭ سەۋەبى
نېمە كەمچىللىكنى پەيدا قىلىدۇ؟
بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار: بىرى، بىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە باشقىلارمۇ ئېرىشمەكچى؛ ئىككىنچى، ئادەمنىڭ ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ.

ئالدى بىلەن بىرىنچى سەۋەبنى سۆزلىسەك: بىز ئالماقچى بولغان نەرسىنى باشقىلارمۇ ئالماقچى
بىزدە دائىم مۇنداق تۇيغۇ بولۇپ تۇرىدۇ، ماگىزىنغا بېرىپ ئۆزىمىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاۋارنى ئىزدىگەندە، ئۇنىڭ باھاسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز (ھېس قىلىمىز).
بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ دېمەك بىز ياخشى كۆرىدىغاننى باشقىلارمۇ ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن.

ئىككىنچى سەۋەب ئادەمنىڭ ھەۋىسى چەكسىز بولىدۇ
پەقەت ياۋا كۆكتاتلا بولغاندا، كىشىلەر ھورنان ئالماقچى بولىدۇ؛ ھورنان بولغاندا، گۆش يېگۈسى، ھاراق ئىچكۈسى كېلىدۇ؛ ھاراق، گۆش بولغاندا، ھورنان بىلەن ھاراق-گۆشنى يېتەرلىك تەييارلاپ يىراققا بېرىپ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇشنى ئويلايدۇ، يەنە ھورنان، ھاراق، گۆش ۋە بېلىق، راك بىلەن سەنئەتكارلارنى بېقىپ كىنو ئىشلەيدۇ.
مەلۇم تاغقا چىققۇچى چۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققاندا تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن بىر بۆلەك يولنى ئۇچۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان، چۈنكى كىشىلەر چوققىغا چىقىش شەرىپىنى سۇيۇلدۇرۇشنى خالىمايدۇ. چۈنكى تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇپ ئېرىشكەن شەرەپ سۈنئىي بولىدۇ، بۇ خىل سۈنئىي شەرەپنى تالىشىش ئۈچۈن ۋاقىت، زېھىن ۋە پۇل سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ماددا قانچە مول بولسا، ئېھتىياج شۇنچە غەيرىي بولىدۇ.
دائىم بەزىلەرنىڭ: «ھازىرقى زامان كىشىلىرى نۇرغۇن زۆرۈر بولمىغان ئېھتىياجنى يېتىلدۈرىۋالدى.» دەپ ئەيىبلەشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. راستىنلا زۆرۈر بولمىغان ئېھتىياج بارمۇ؟
نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى يېڭىلا كېپەك يوقىتىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىشكە باشلىغاندا، مەن ئويلاپ قالاتتىم، بىز راستىنلا كېپەكنى يوقىتىشىمىز كېرەكمۇ؟ ياكى ئېلان سودىگەرلىرى قەستەن مۇشۇنداق بىر خىل ئېھتىياجنى ياراتتىمۇ؟
ئەلۋەتتە شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ خىل ئېھتىياج يارىتىلغان.
لېكىن قايتا-قايتا ئىشلەتكەندىن كېيىن، بىز مۈرىسىدە كېپەك كۆرمەسلىكنى شەخسىي تازىلىقنىڭ بىر ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتۇق. بۈگۈنكى ئادەملىرىمىز چوقۇم 20 يىل بۇرۇنقى، 50 يىل بۇرۇنقى، 100 يىل بۇرۇنقى ئادەملەرگە قارىغاندا تېخىمۇ پاكىز، تېخىمۇ رەتلىك.

ئادەمنىڭ ئېھتىياجىنىڭ چېكى بولمايدۇ
ھەر قېتىم ئېھتىياجنىڭ چېكى بولمايدۇ دېگەندە، بەزىلەر: «ئىش ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى بەزى نەرسىلەرنى كىشىلەر ئالغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئالمايدۇ.» دەيدۇ. 
مەسىلەن، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىنى ئوپېراتسىيە قىلىشتا، كىشىلەر بىر قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.
سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى ئوپېراتسىيەسى ۋە كېسەل داۋالايدىغان دورىلار بىزگە ھەقىقەتەن كۆپ زۆرۈر ئەمەس، پەقەت كېسەلنى داۋالاپ ساقايتساقلا بولدى، بىرنى قىلىپ يەنە بىرنى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. كېسەل داۋالايدىغان دورىمۇ شۇنداق. پەقەت كېسەلنى داۋالاپ ساقايتساقلا بولدى، بىزنىڭ يەنە يېيىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.
لېكىن مەسىلە شۇكى، ئوخشاش كېسەلنى داۋالاشتا ئوخشاش بولمىغان دورىلار بولىدۇ، دورا بىلەن دورا ئوتتۇرىسىدا پەرق بولىدۇ، بەزى دورىلارنىڭ ناھايىتى زور ئەكس تەسىرى بار، بەزى دورىلار ئۇنداق بولمايدۇ.
جۇ چىرېن  مۇئەللىم مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرگەن: «يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالايدىغان ئىككى خىل دورا بار، بىرى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن، يەنە بىرى ئىمپورت قىلىنغان، بۇ ئىككى خىل دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى پۈتۈنلەي بىردەك، بىردىنبىر ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن دورىلارنى يېگەندىن كېيىن قول تىترەيدۇ، ئىمپورت قىلىنغان دورىلارنى يېگەندىن كېيىن قول تىترىمەيدۇ.»
كىشىلەرنىڭ داۋالايدىغىنى يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ، قولىنىڭ تىترەش-تىترىمەسلىكى مۇھىممۇ؟ ئەلۋەتتە مۇھىم.
ئەمما يېگەندىن كېيىن قولى تىترىمەيدىغان دورىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئۈچۈن، بىز تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى سەرپ قىلىشىمىز كېرەك.
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، بىز بىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى ئىنسانلارنىڭ بارغانسېرى ئىنچىكىلىشىپ، ساغلام ياشاش ئۆلچىمىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئادەمنىڭ ئېھتىياجى غېرىچقا ئېرىشىپ غۇلاچقا تىكىلىدۇ، ماددىۋىيەت چەكسىز مول بولغان تەقدىردىمۇ، ئىنساننىڭ نەپسى تولۇق قانائەت تاپىدىغان كۈنلەر يېتىپ كەلمەيدۇ.
 

كىشىلەر مۇنداق دېيىشىدۇ: بۈگۈن بىز ياشاۋاتقان دەۋردە قانداق نەرسە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىنىڭ ئورنىغا ماشىنا ئادەم ئىشلىسە، ئۇنداقتا بۇنداق دۇنيادا يەنە كەمچىل بولۇش ئۇچرامدۇ؟

تاللاش ۋە كەمسىتىش
نەرسە ھامان يېتىشمەيدىغان، بايلىق ھامان كەمچىل بولىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر چەكلىك بايلىقتىن پايدىلانغاندا، بايلىقنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى تاللاشقا مەجبۇرى بولىدۇ؛ ھەر قېتىم تاللاشقا توغرا كەلگەندە، چوقۇم مەلۇم تاللاش ئۆلچىمىنى قوللىنىش كېرەك؛ تاللاش ئۆلچىمى بېكىتىلگەن ئىكەن، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش كەمسىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

كەمسىتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ
كەمچىل بولۇش، تاللاش، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش ۋە كەمسىتىشتىن ئىبارەت بۇ تۆت ئۇقۇم ئەمەلىيەتتە بىر گەۋدە بولۇپ، پەقەت بىرسى مەۋجۇت بولسىلا بىرلا ۋاقىتتا باشقا ئۈچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دېمەك، بىز كەمسىتىشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايمىز، پەقەت كەمسىتىشكە بىۋاسىتە يۈزلىنىمىز، ھەمدە ئادەمنىڭ قانداق ئەھۋالدا كەمسىتىدىغانلىقىنى، كەمسىتىش شەرتىنىڭ يەنە نېمە ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ كەمسىتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا كەمسىتىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇزاكىرە قىلىش كېرەك، ۋەھاكازالار.
بىز مەڭگۈ كەمسىتىشتىن ساقلىنالمايمىز. مەسىلەن، بايلىق چەكلىك، بىر پارچە ياغاچ ماتېرىيالنى قېرىنداش ياساشقا ئىشلەتكەندە، ئۆي سالغىلى بولمايدۇ؛ ۋاقىت چەكلىك، بۈگۈن كەچتە كىنو كۆرگىلى بارساق، ئۆيدە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈشكە بولمايدۇ؛ پۇل چەكلىك، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم نىڭ پىلاستىنكىسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ پىلاستىنكىسىنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. بىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ پىلاستىنكىسىنى سېتىۋالغاندا، باشقا ناخشىچىلار بۇ يەردە كەمسىتىلىدۇ.
ئەگەر بۇنى كەمسىتىش دېيىشنى ياخشى كۆرمىسىڭىز، سۆز ئالماشتۇرۇڭ، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش دېسەك بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر مەنىدە.
مېنىڭ ئايالىم بىلەن توي قىلىشىمدىمۇ، تاللاش مەۋجۇت. مەن ئۇنى ئەمرىمگە ئېلىپ، دۇنيادىكى باشقا ئاياللارنىمۇ، دۇنيادىكى بارلىق ئەرلەرنىمۇ كەمسىتتىم، چۈنكى ھازىر بەزى دۆلەتلەردە ئوخشاش جىنىستىكىلەر توي قىلسا بولىدىغان بولدى. مەن ھەممە ئادەمگە باراۋەر مۇئامىلە قىلاي دېسەممۇ، لېكىن قانۇن بۇنداق قىلىشىمغا يول قويمايدۇ.
شۇڭا، كەمچىل ئىش بولسىلا، تاللاشتىن، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشتىن، كەمسىتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

كەمسىتىش ۋە تەتۈر يۆنىلىشلىك كەمسىتىش
دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى بار، مەسىلەن ئامېرىكا.
ئامېرىكىنىڭ «ھوقۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ھەرىكىتى»نىڭ ئاساسى مەقسىتى ئاشۇ ئاجىز ئاممىنىمۇ باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشتۈرۈش.
ئۇنداقتا ھوقۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ماددىلىرى، ھوقۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېڭى بولسىلا، كەمسىتىش يوقاپ كېتەمدۇ؟
مائارىپ ساھەسىدە، بەزى ئالىي مەكتەپلەر قارا تەنلىك ياكى باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى كەمسىتمەسلىك ئۈچۈن، مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە ئېتىبار بەرگەن.
1978-يىلى ئامېرىكىدا ئىنتايىن داڭلىق بىر دېلو يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى «بەككېنىڭ ئامېرىكا كالىفورنىيە داشۆ مۇدىرىيىتىنى ئەرز قىلىش دېلوسى (Regents of the University of California v.Bakke, 1978)» بولۇپ، بۇ دېلودىكى دەۋاگەر بەككې (Bakke) بىر ئىنژېنېر بولۇپ، ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ نۇرغۇن يارىدارلارنى كۆرگەندىن كېيىن، كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش ئارزۇسى بىخلىنىپ، ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن تېببىي ئىنستىتۇتقا ئىمتىھان بېرىپ دوختۇرلۇقنى ئۆگەنمەكچى بولىدۇ.
ئەمما بەككې ئاللىبۇرۇن 30 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئېغىر ياش كەمسىتىشى بولۇپ، 30 ياشتىن ئاشقانلار ئالىي مەكتەپ مائارىپىنى قايتا قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك دەپ قارىلاتتى. ئۇ ئون نەچچە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدۇ، لېكىن بىرمۇ ئالىي مەكتەپ ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ.
بۇ چاغدا بەككې كالىفورنىيە داشۆنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا بىر ئالاھىدە ماددىسى بارلىقىنى بايقايدۇ، يەنى كالىفورنىيە داشۆ 100 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى ئىچىدە، مەخسۇس ئاجىزلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان 16 ساننى ئېلىپ قالىدۇ.
يېشى چوڭراق بولغاچقا، بەككېمۇ ئۆزىنى ئاجىز توپتەك ھېس قىلىپ، كالىفورنىيە داشۆسى داۋىس شۆبە مەكتىپى تېببىي ئىنستىتۇتىغا ئىلتىماس قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئۇنى ئاجىز توپ قاتارىدا، مەكتەپكە كىرىشكە رۇخسەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ نەتىجىسى، قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە ئىككى نومۇرلا كەم ئىدى.

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0