搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئېلون ماسك: ئىنسانلارنىڭ ئىزى قالمىغان كېيىنكى پىلانىت ئۈچۈن
>
ئېلون ماسك: ئىنسانلارنىڭ ئىزى قالمىغان كېيىنكى پىلانىت ئۈچۈن
Nepkar
2020-10-07
1
导读:بىزنىڭ دۇنيارىمىز ئىزچىل پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنىڭ پارلاق يولىدا مېڭىۋاتقاند
ئىنسانلارنىڭ ئىزى قالمىغان كېيىنكى پىلانىت ئۈچۈن
بولقا پەن-تېخنىكىسىنىڭ CEO سى لو يوڭخاۋ
ئالاقە تورى ئېلىپ كەلگەن گۈللىنىش مەنزىرىسى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشى دائىم بىزنى مەلۇم خىيالىي تۇيغۇلار ئىچىدە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ: بىزنىڭ دۇنيارىمىز ئىزچىل پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنىڭ پارلاق يولىدا مېڭىۋاتقاندەك قىلىدۇ.
لېكىن يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا، پار ماشىنىسى، پويىز، ئاپتوموبىل، ئېلېكتىر چىرىغى، تېلېفون، تېلېگرامما، كومپيۇتېر، راكېتاغا ئوخشاش ئۇلۇغ كەشپىياتلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىنسانلار پەن-تېخنىكا جەھەتتە نەچچە ئون يىلغىچە ھېچقانداق ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلالمىدى. بۇ خىل بىت دۇنياسىدىكى غايەت زور ئىلگىرىلەش ۋە ئاتوم دۇنياسىنىڭ ئۆز ئورنىدا توختاپ قېلىشى بۇنىڭ بىلەن پېتىر زېئىل «بىز ئۇچالايدىغان ئاپتوموبىلغا ئېرىشمەكچى بولغاندا، ئېرىشكىنىمىز 140 ھەرپ-بەلگە بولدى.» دېگەندەك تەسىراتقا كەلتۈرگەن.
ھەقىقەتەن شۇنداق، بىزنىڭ بۇ دەۋردىكى سەرخىللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىنتېرنېت تورىغا ئېتىلدى. سانائەت ئىنقىلابى باشلانغاندىن كېيىنكى 200 نەچچە يىلدا، ھېلىقى ئالىم، كەشپىياتچى ۋە ئوقەتچىلىك سەرخىللىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن قايناق يىللار بىزدىن ناھايىتى يىراقتا قالغاندەك قىلاتتى. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ئىنسانلار تۇنجى قېتىم ئايغا چىقىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، بىر مەھەل «ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ زىممىسىگە ئالالايدۇ.» دەپ قارالغان پىلانېتلار ئارا ساياھەت ھازىرغىچە رېئاللىققا ئايلانمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارىماققا يەنىلا چوڭ ئۈمىد يوقتەك قىلىدۇ.
بۈگۈن جۇڭگودا ئوتتەك قىزغىنلىققا تولغان ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەشنىڭ، ھەممىسى دېگۈدەك ئىنتېرنېت تورى تۈرى بولۇپ قالدى. ئالاقە تورىنىڭ ئەلۋەتتە يامان يېرى يوق (بىز ئالاقە تورىنى قىزغىن سۆيىمىز)، لېكىن خۇددى جېف خاممېر باچ: «بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەقىل ئىگىلىرى، قانداق قىلىپ كىشىلەرنى ئېلان چېكىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىدۇ، بۇ بەك چاتاق ئەھۋال.» دەپ ئېيتقان ھالەت شەكىللىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
2012-يىلى مەن پەن-تېخنىكا ئوقەتچىلىك ئارزۇيۇمنى سىناپ باققاندا، مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە دائىم ئاڭلايدىغان بىر جۈملە سۆز بولسا: «ئوقەتچىلىكنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنداق ئازابلىق ئەمەس، يەنىلا ئالاقە تورى ياخشى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشمۇ ئاسان.» دېيىش ئىدى. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئارىسىدا دائىم ئاڭلايدىغىنىمىز بولسا: «ئوقەتچىلىكنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنچە ئازابلىق تۇرسا، يەنىلا ئالاقە تورى ياخشى، پۇل ئالداشمۇ ئاسان.» دېيىش ئىدى.
ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى كارخانىچىلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۈگۈنكى كۆچمە ئالاقە تورىدا ئىگىلىك تىكلەش ياخشى دەۋرگە ئۇلاشقاچقا، تەۋەككۈل سېلىنما كەسپىدە «ئادەم ئەخمەق، پۇل كۆپ» بولغاچقا، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولمىسىمۇ، كۆپ بولغاندا بىر قىسىم چارچاش، باش قېتىنچىلىقى ۋە تەشۋىشنى باشتىن كەچۈرىدۇ، خالاس. نۇرغۇن مەسئۇلىيەتسىز ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە، شىركەت ئەڭ ئاخىرىدا تاقىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ، پەقەت يۈز-ئابروي مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ خالاس. دەسلەپكى مەزگىلدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ھە دېسىلا پۈتۈن ئائىلىسىگە بېسىم ئىشلىتىش، شۇنداقلا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشى، قارا گۇرۇھنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ قىيىن-قىستىقىغا ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولۇشتەك ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنى بۈگۈنكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئادەتتە ھېس قىلالمايدۇ.
لېكىن بۈگۈنكىدەك ئاددىي، بەختلىك دەۋردىمۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى تەۋەككۈلچىلىك ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھىغا تولغان بەزى كارخانىچىلار نەزىرىدىكى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت ۋە بايلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، يەنىلا قەلبىدىكى بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، بارلىق مالىيە كۈچى ۋە زېھنىنى ئايىماي، ئاقىۋىتى بىلەن ھېسابلاشماي ئۆزىنىڭ ئوقەتچىلىك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
ئېلون ماسك مانا مۇشۇنداق بىر كارخانىچى. ئۇ 17 يېشىدا ئۆزى يالغۇز جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئۆيىدىن ئايرىلىپ كاناداغا بېرىپ يېڭى تۇرمۇش ئىزدىگەن، 21 يېشىدا پېنسىلۋانىيە داشۆسىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇغان، 28 يېشىدا 300 مىليون دوللارغا ئۆزى قۇرغان تۇنجى ئالاقە تورى شىركىتىنى، 31 يېشىدا 1 مىليارد 500 مىليون دوللارغا ئۆزى ۋە پېتېر زېئىل بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان ئىككىنچى ئالاقە تورى شىركىتىنى سېتىۋەتكەن.
ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى ئېلىپ ئوقەتچىلىككە ئاتلىنىپ، جاننى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى، توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن ئىبارەت تەرەققىياتى ئۇزۇن مۇددەت بىر ئىزدا توختاپ قالغان ئۈچ يۇقىرى پەن-تېخنىكا كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى. ئەڭ جاپالىق ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى كارخانا بىرلا ۋاقىتتا تاقىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىش خەۋپىنى باشتىن كەچۈرۈپ، نادان ئامما تەرىپىدىن «ساختا ئۈمىدنى بازارغا سالىدىغان ئالدامچى.» دەپ قارالغان.
ئاخىرىدا ئۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز خورلۇق ۋە بېسىملارغا بەرداشلىق بەردى. مۆجىزىلەرچە بۇ ئۈچ كارخانىنىڭ ھەممىسىنى ياساپ چىقىپ: SpaceX ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى كەسپىدىكى ئەڭ مۇقىم تىجارەت سودىگىرىگە ئايلاندى، تېسلا دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس، ئەڭ بازارلىق ساپ توكلۇق ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل بولۇپ قالدى، قۇياش شەھىرى نۆۋەتتە ئەڭ چوڭ ئىستېمالچىلار سودا قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيە تاختىسى ئورنىتىش بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت بولۇپ قالدى. قارىماققا مۇمكىن بولمايدىغان بۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ دەم ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، يەنە «ئاچكۆزلۈك» بىلەن «ئىنسانلارنى مارسقا كۆچۈرۈش كەلگۈسى 10 يىللىق پىلانى»نى سىناپ بېقىشقا باشلىدى.
بۇنداق كارخانىچىلارنىڭ دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغىنى ئادەتتە نام-مەنپەئەت بولماستىن، بەلكى كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى ۋە شەخسىي قەھرىمانلىق تۈسىنى ئالغان ئارزۇ-ئارمانلار بولىدۇ. شۇنداقلا ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆمۈرلۈك قىزىقىشىغا قىممەتلىك روھ ھەمراھ بولىدۇ.
بۈگۈن ئېلون ماسك شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلاردا يەنىلا خەتەر مەۋجۇت، ئۇ بەلكىم ھازىرقى ئۈچ كارخانىدىن باشقا يەنە باشقا تۈرلەرگە قىزىقىپ يەنە بىر قېتىم تەۋەككۈل قىلىپ سىناپ بېقىشى مۇمكىن. ئۇ بەلكىم تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يارىتىشى مۇمكىن، بەلكىم مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن، شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، مەغلۇبىيەتتىن ئەنسىرەش چوقۇم ئۇنىڭ مەلۇم كەسىپنى سىناپ بېقىشتىن ۋاز كېچىشىنىڭ سەۋەبى ئەمەس.
پەن-تېخنىكا مۇخبىرى ئاشلى ۋانس بۇ تەرجىمىھالنى يازغاندا، ئېلون ماسك بىلەن 40 نەچچە سائەت سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، تېسلا ۋە SpaceX كە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن. ھەممىسى بۇ كىتابتا تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان.
ئېلون ماسكنىڭ كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن سانسىزلىغان ئۇلۇغ ئوقەتچىلەرنىڭ كەچۈرمىشىگە ئوخشاش، نەچچە مىڭ قېتىم رومان يازغىلى، ئېكرانغا ئېلىپ چىققىلى بولىدىغان، ھەر قېتىم قايتا كۆرگەندە يەنىلا كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مەنسۇپ بولغان ئاجايىپ ھېكايە بولالايدۇ.
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن
كىرىپ
كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0