搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش توغرىسىدا ئېيتقانلىرى
>
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش توغرىسىدا ئېيتقانلىرى
Nepkar
2020-10-02
2
导读:باش شۇجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كارخانىچىلارنىڭ ۋەتەننى
باش شۇجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كارخانىچىلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈشىنىڭ كۆپ خىل رىئاللىشىش شەكلى بار، لېكىن ئالدى بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلارنى ياخشى باشقۇرۇپ، كارخانىلارنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشقا تىرىشىپ، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى، رىقابەت كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك، تەسىر كۈچى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا
ئاشۇرۇش كېرەك.
مەنبە: ئىقتىساد گېزىتى
بۈگۈن، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى قوش بايرام كۈنى بولۇپ، ئائىلە ھەم دۆلەت كىشىلىرى جەم بولىدۇ.
جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن دۆلەتكە مۇھەببەت باغلاپ كەلگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كارخانىچىلاردىن كۈتىدىغان بەش تۈرلۈك ئۈمىدى:
ئالدى بىلەن ۋەتەننى سۆيۈش
21-ئىيۇل ئېچىلغان كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كارخانا تىجارىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى بولمايدۇ، كارخانىچىلارنىڭ ۋەتىنى بولىدۇ. مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار دۆلەتكە، مىللەتكە نىسبەتەن يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ غېمىنى يېيىشى، دەل «دۆلەتكە پايدىلىق بولسا، ئۇنى سۆيۈش، دۆلەتكە زىيانلىق بولسا يامان كۆرۈش.»دۇر.
ۋەتەننى سۆيۈش يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئېلىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كارخانىچىلارنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىنگونىڭ باشلىرىدىكى جاڭ شىسەيدىن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى لۇ زوفۇ، چېن جياگېڭغىچە؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى رۇڭ يىرېن، ۋاڭ گۇاڭيىڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەنپەرۋەر كارخانىچىلارنىڭ ئۈلگىسىدۇر.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزدىمۇ زور بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەر كارخانىچىلار بارلىققا كەلدى. كارخانىچىلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈشىنىڭ كۆپ خىل رېئاللىشىش شەكلى بار، لېكىن ئالدى بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلارنى ياخشى باشقۇرۇپ، كارخانىلارنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشقا تىرىشىپ، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى، رىقابەت كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك، تەسىر كۈچى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
بۈگۈنكىدەك ئالاھىدە كۈندە، باش شۇجىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىنى قايتا ئەسلىشىمىز ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.
بايرامدىكى خوش خەۋەرلەر
بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا مەملىكەت بويىچە
500 دىن ئارتۇق مەنزىرە رايونىدا ئىشىك بېلىتى ھەقسىز بولۇش ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى
.
بۇنىڭ ئىچىدە خۇبېي ئۆلكىسىدىكى 400 گە يېقىن A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى ھەقسىز، گەنسۇ گەننەن ئوبلاستىدىكى بارلىق مەنزىرە رايونلىرى ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ. شىئەندىكى A دەرىجىلىك 53 مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى ھەقسىز. ئىچكى موڭغۇلدىكى كۆكخوتمۇ يېقىندا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، 12 مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى ھەقسىز بولىدۇ، قىسمەن مەنزىرە رايونلىرىدا ھەقسىز چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
نۇرغۇن جايلار بايراملىق پاراۋانلىق تارقىتىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى.
يېقىندا، شاڭخەي شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھۆججەت تارقىتىپ، 2020-يىللىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتىنى بىر قېتىمدىلا كۆپەيتىپ، بارلىق ئەزالارغا بايراملىق ھال سوراش بۇيۇمى تارقىتىدىغانلىقىنى، ئۆلچەمنىڭ ھەر بىر ئادەمگە 500 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بېكىتتى. شاڭخەيدىن باشقا، يەنە ئىچكى موڭغۇل، خۇبېي، شەنشى، فۇجيەن، شەندۇڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنىڭ يۇقىرى چەك ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى.
9-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو كىنو تارقىتىش-قويۇش جەمئىيىتى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، كىنوخانىلاردا ھەر بىر مەيدان كىنودىكى ئولتۇرۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى چېكىنىڭ %75 بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بايرام مەزگىلىدە «چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش»،«مەن ۋە مېنىڭ يۇرتۇم» قاتارلىق فىلىملەر قويۇلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، مەدەنىيەت، ساياھەت مىنىستىرلىقىمۇ يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى ئىلمىي تەڭشەشنى تەلەپ قىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى جانلىق، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
جۇڭچيۇ بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كۆپ سوممىلىق ئېتىبار بېرىش بېلىتى بازارغا سېلىنىپ، ئالتۇن ھەپتىلىك ئىستېمال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
چېڭدۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت 14-سېنتەبىردىن 8-نويابىرغىچە «چېڭدۇدا يېڭى ئىستېمال، بېلەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئېتىبارغا ئېرىشىش» 3-باسقۇچلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، مالىيەدىن 200 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىدا، سودىگەرلەر ۋە سۇپا كارخانىلىرىنى پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمال بېلىتى تارقىتىدۇ.
نۆۋەتتە، بېيجىڭ شەھىرىدىكى 70 مىڭدىن ئارتۇق تىجارەتچى تۇنجى قارارلىق يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، پۈتكۈل پائالىيەت 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئىستېمال بېلىتى 3 مىليون پارچە بولۇپ، ھەر بىرى 15 يۈەنلىك، زاكاز تالونى 40 يۈەنگە توشسىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، سۇپا ۋە سودىگەرلەر ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0