
ئېلون ماسكقا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۇمكىن (تېمىنى چەكسىڭىز بەت ئاتلايدۇ):
1. ئېلون ماسك: كەلگۈسىدىكى تۇرالغۇ—مارس 1-بۆلەك
2. ئېلون ماسك: كەلگۈسىدىكى تۇرالغۇ—مارس 2-بۆلەك
3. ئېلون ماسك: كەلگۈسىدىكى تۇرالغۇ—مارس 3-بۆلەك
ماسكنىڭ جوبىس بولغۇسى يوق
ماسك خۇددى كەلگۈسىدىن قايتىپ كەلگەن قارشى يۆنىلىشتىكى ئادەمدەك، قەدەممۇ قەدەم بىزنى ئۆزى پەرەز قىلالايدىغان كەلگۈسىگە باشلاپ بارىدۇ.
بۇ چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە.
ماسك، جوبىسقا بەك ئوخشايدۇ
ئېلون ماسك جوبىستىن كېيىنكى كىرىمنىي جىلغىسىدىكى ئەڭ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان شەخس.
بۇنىڭغا ئوخشاش باھالار ھەر خىل داڭلىق شەخسلەرنىڭ باھاسى، زىيارەت خەۋەرلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. ھەتتا ئالما شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى سىتىف ۋوزنىياكمۇ ئوچۇق قىلىپ «ماسك جوبىس قالدۇرغان بوشلۇقنى تولدۇرالايدۇ.» دەپ قارىغان.

1971-يىلى تۇغۇلغان ماسك بىلەن 1955-يىلى جوبىس ئوتتۇرىسىدا بولسا، ئەمەلىيەتتە 16 يىل پەرق بار ئىدى. جوبىس ئالما شىركىتىنى قۇرغان چاغدا، ماسك ئاران بەش ياشتا ئىدى.
بىراق، ئىككىيلەننىڭ ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشلىرىنى ئىنچىكە سۈرۈشتۈرسەك، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان خاراكتېرى ۋە ئىش قىلىش ئۇسۇلى بارلىقىنى بايقايمىز.
مەسىلەن، «شىركەت قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى پۇل تېپىشتا، مەھسۇلات ئىشلەش پۇل تېپىشتىنمۇ مۇھىم ئىش.» دەپ قاراش؛
مەسىلەن، يالغۇز ھەرىكەت قىلىش، قاتمال ئىدىيە رامكىسى بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقتەك تەپەككۇر ئادىتى؛
مەسىلەن، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندىكى ئىنتايىن زور كونترول قىلىش ئىستىكى؛
مەسىلەن، ھەيۋە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسلۇبى، لېكىن يوللۇق، تەھلىل قىلىش خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان قاراشلارغا دۇچ كەلگەندە يەنە سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاش، سەۋەبى يېتەرلىك ياخشى بولسىلا ئۆزىنىڭ ئويىنى ئۆزگەرتىدۇ؛
يەنە مەسىلەن، مەھسۇلاتنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغا بولغان ئىنتىلىش.
بۇ خاسلىقتىكى ئورتاق نۇقتىلار ئۇلارغا ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى «يېڭىلىق يارىتىش يولى»دىكى سەپەرداشلارغا ئايلاندۇرغان.
2007-يىلى جوبىس iPhone بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ئىشىكىنى ئاچقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يالغۇز ئالمىغىلا تەۋە بولغان iOS ئېكولوگىيە چەمبىرىكى بەرپا قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەھمىيىتىنى قايتا بايان قىلىش ھاجەتسىز.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ماسك SpaceX ۋە تېسلادىن ئىبارەت ئىككى ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ماسك ئىككى قېتىم ئىگىلىك تىكلەپ بەدەن قىزىتقان-- Zip 2 ۋە X.com ئۇنىڭ دەسلەپكى قېتىملىق ئىگىلىكىدۇر.
بىزگە تونۇشلۇق بولغان مەھسۇلات چۈشەنچە بىلەن تونۇشتۇرساق، Zip 2 نى «ئاۋام باھالاش (大众点评) + بەيدۇ خەرىتىسى» تور بېكىتى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ تۈر 1995-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۆت يىلدىن كېيىن 307 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كاڭبەي تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان، ماسك بۇنىڭدىن 22 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تاپقان. شۇ يىلى ئۇ 28 ياش ئىدى.

بۇ پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ماسك بۇزۇپ چاچقاندىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كېيىنكى ئىگىلىكى X.com غا سەرپ قىلىنغان، يەنى بۈگۈنكى پايپال؛ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك كەسىپ، يەنى ئېلخەت كىرگۈزۈپ ھېسابات يۆتكىگىلى بولۇش، توردا پۇل تۆلەش دەۋرىنى ئاچتى دېيىشكە بولىدۇ.
نۆۋەتتە كىشىلەر ئادەتلىنىپ قالغان توردا پۇل تۆلەش ئەمەلىيەتتە ماسكنىڭ تۇنجى ئىجادىيىتى ئىدى. ئۇ چاغدا، چىقىمدان (支付宝)نىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئاخىرىدا، يەنى 2002-يىلى 7-ئايدا پايپال ئوخشاشلا 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا eBay تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. ماسك بۇنىڭدىن 180 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (باجدىن كېيىن)غا ئېرىشكەن. مىلياردېرغا ئايلانغان بۇ بىر يىلدا، ئۇ 31 ياشتا ئىدى.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ماسكنىڭ بۇ ئىككى ئىگىلىك تىكلەش تۈرىدە CEO لىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان كەچۈرمىشى بار، بۇ جوبىس بىلەن ئوخشاش بولمىغان زامان ۋە ماكاندىكى ئوخشاش كەچۈرمىشكە ئىگە.
بىراق، ماسكنىڭ كۆپ قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشىدە، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى جوبىسنىڭ ئالما يانفونى ئارقىلىق ئەنئەنىۋى يانفون كەسپىنىڭ ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقى بىلەن باراۋەر بولۇپ، تېسلانىڭ ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئۆزگىرىشىگە تەۋە بولۇشى كېرەك ئىدى.
ماسكنىڭ پىلانىدا، تېسلا كەلگۈسىدە كەڭ كۆلەمدە توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇلۇغ شىركەتكە ئايلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، توكلۇق ئاپتوموبىل يېڭىچە ئوي ئەمەس، ئۇنىڭ ھەقىقىي يېڭىلىق يارىتىش تەرىپى توكلۇق ئاپتوموبىل تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەپەككۇر يولىنى ئېچىشتا.

تېسلانىڭ ئىككىنچى خىل مەھسۇلاتى Model S تا، تۇنجى قېتىم ئاپتوموبىلغا چوڭ تىپتىكى سېزىمچان ئېكراننى كىرگۈزگەن. بىلىش كېرەككى، ئەينى ۋاقىتتا چوڭ ئېكران تېخنىكىسى تېخى گۈللەنمىگەن بولۇپ، iPad نىڭ دۇنياغا كېلىشى تېخى نەچچە يىلدىن كېيىنكى ئىش ئىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، Model S يەنە ئاپتوموبىل مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتا قىلغان بولۇپ، بۇمۇ يېڭى بىر ئەۋلاد ئاپتوموبىل سىناپ بېقىشنىڭ يادروسى بولۇپ قالغان.
مەيلى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى ياكى ئاگاھلاندۇرۇش قۇرۇلمىسى بولسۇن، يۇمشاق دېتال سىستېمىسى ئارقىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلىغىلى بولىدۇ. قاتتىق دېتال بىلەن يۇمشاق دېتالنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشى ئاساسىدا، ماسك ئاپتوموبىل كەسپىنى تەدرىجىي ھالدا «ئىقتىدار ماشىنىسى»دىن «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا» يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرى سۈردى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جوبىسنىڭ يادرولۇق مەھسۇلات ئىدىيەسى، ئوخشاشلا يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتاللارنى بىرلەشتۈرگەن.
«كىرىمنىي جىلغىسى پولات پالۋان»دا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «تېسلادىن كېيىن، بارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرى بەس-بەستە تېسىلانى دوراپ، خېرىدارلارنى يىراق مۇساپىلىك يېڭىلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى. بۇنداق كۆرۈنۈشكە iPhone مۇ يېتەكچىلىك قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، سېتىش جەھەتتە تېسلا سودىگەرلەر يولىدىن ئۆتمەيدۇ. بەلكى «توردا سېتىش + تور سىرتىدا ھېس قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش» تەك بىۋاسىتە سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئالاقە تورى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مال سېتىۋېلىش جەريانىدا ئالما مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا ئوخشاش كۆرگەزمە زالى ئارقىلىق ئاپتوموبىل سېتىپ، ئەسلىدىكى سودىگەرلەر ئەندىزىسىگە زەربە بەردى.
خۇددى كىشىلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى جوبىسنىڭ مەۋجۇتلۇقى سەۋەبلىك ئالما يانفونىغا بولغان تەلۋىلەرچە ئىنتىلىشىدەك، ھازىرقى ماسكمۇ ئاممىنىڭ قەلبىدىكى ھادىسە دەرىجىسىنىڭ مەۋجۇتلۇققا ئايلىنىپ، گەرچە ئۇ تېسلانىڭ قۇرغۇچىسى بولمىسىمۇ ئەمما يەنىلا ئۇلارنىڭ تېسلانى تەلۋىلەرچە ياخشى كۆرۈشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان
ماسك، جوبىسنىڭ 2.0 نەشرى ئەمەس
گەرچە ماسك بىلەن جوبىس ئوتتۇرىسىدا زور ئوخشاشلىق بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق ئوخشاشلىقنى بەلكىم باشقا ئۇلۇغ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردىنمۇ بىر ئىككىنى تاپقىلى بولۇشى مۇمكىن.
ئۆزىنى جوبىس بىلەن سېلىشتۇرۇشقا نىسبەتەن، جوبىس دۇنياغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن ئۇلۇغ زات بولغان تەقدىردىمۇ، ماسك ئەمەلىيەتتە ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. ماسك ئىلگىرى بىر قېتىملىق ئاشكارا زىيارەتتە ئۆزىنىڭ جوبىسنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى دەپ تەسۋىرلىنىشنى نەقەدەر ياقتۇرمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.
-ئەگەر مەن ئۆلەي دەپ قالغان بولسام، ئۇ چاغدا مەن ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك ئۆرە ياقىلىق پوپايكا كىيىۋالغان بولسام، ئۇنداقتا مەن ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىم بىلەن ئۇ پوپايكىنى سېلىپ يىراققا تاشلىۋەتكەن بولاتتىم.
بىراق، بۇ خىل ياخشى كۆرمەسلىك بەلكىم جوبىس بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇشى مۇمكىن. خۇددى بىل گايتىس يېقىندا بۇ سوئالنى سورىغاندا جاۋاب بەرگەندەك:
-ئەگەر سىز راستىنلا بۇ كىشىلەرنى تونۇسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ خىل ھەددىدىن زىيادە ئاددىي سېلىشتۇرۇش، قارىماققا غەلىتە كۆرۈنىدۇ. ماسك قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئىنژېنېر، جوبىس بولسا لايىھەلەش، ئىختىساسلىقلارنى تاللاش ۋە سېتىش جەھەتتىكى تالانت ئىگىسى، سىز ئۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويسىڭىز بولمايدۇ.
تەرجىمىھال ئاپتورى Ashlee Vance نىڭ قارىشىچە، ماسك ئېچىرقاپ كەتكەن ئىشتىھا بىلەن ياراتقان مەھسۇلاتلار خوۋارد خۇگېس (Howard Hughes) ياكى جوبىس ياراتقان ھەرقانداق مەھسۇلاتتىن خېلىلا ئېشىپ چۈشىدىغان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەن.
Ashlee Vance نىڭ دېمەكچى بولغىنى مەھسۇلات. بىرى، ئالدىدا تىلغا ئېلىنغان ئاپتوموبىل كەسپىدىكى تېسلا، يەنە بىرى، ئالەم قاتنىشى كەسپىدىكى SpaceX.

SpaceX بولسا 2002-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ماسكنىڭ PayPal دىن كېيىنكى ئىگىلىك تىكلەش تۈرى، ماسكنىڭ ئاخىرقى نىشانى--ئىنسانلارنى بىر خىل سەييارىدىن ھالقىغان جانلىققا ئايلاندۇرۇش. بۇ خىيال ماسكنىڭ بالىلىق دەۋرىدىلا پەيدا بولغان.
ماسك ئۆزى بىر مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ، يەنى PayPal نى سېتىپ تاپقان مەبلەغنى بۇنىڭغا سېلىپ، يەنە بىر قېتىم بارلىقىنى ئاتىغان. ئەمما پايپال بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، SpaceX قىسقا مۇددەت ئىچىدە پايدىنى كۆرەلمەيدۇ، ھەتتا ئالتۇن سۈمۈرىدىغان قارا ئۆڭكۈر بولۇپ قالىدۇ؛ قانداقلا بولمىسۇن، ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش ئىشىنى ئادەتتە دۆلەتلا ئۈستىگە ئالالايدۇ.
باشقىلارنىڭ قارىشىچە، ماسك ساراڭ بوپتۇ. بىر دوستى ماسكقا نەسىھەت قىلىپ ئۇنى بۇ نىيىتىدىن قايتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر قاتار راكېتانىڭ پارتلاپ كەتكەن كۆرۈنۈشىنى كۆرسەتكەن، روشەنكى، ماسكقا ئانچە ئۈنۈمى بولمىغان.
ئالەم بوشلۇقى پىلانىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ماسك ھەتتا ئۆزى موسكۋاغا بېرىپ راكېتا قويۇپ بېرىش ھەققىنى تەكشۈرگەن ھەمدە رۇسىيەدىن تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان؛ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ ئەندىشىسى «بايلىقتىن قۇرۇق قېلىش»تىن «ئادەم ۋە بايلىقتىن قۇرۇق قېلىش»قا كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ جاسۇسلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن.
ئاخىرىدا سودا پۈتمىگەن. لېكىن شۇ سەۋەبتىن يەنە بىر پىلان--ئۆزى راكېتا ياساش قەلبىدە يېلىنجىغان.
ماسك بىر نەچچە ئاي ئالەم قاتنىشى سانائىتى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى فىزىكىلىق پرىنسىپ بىلىملىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۆزى راكېتا ياساشنىڭ سېتىۋېلىشتىن ئەرزان ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
شۇنىڭ بىلەن ماسك ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلاپ، 2003-يىلى 11-ئايدا راكېتانى ئاسمانغا چىقىرىشنى پىلانلىغان. ئەمما، 2006-يىلى 3-ئايغا كەلگەندە، SpaceX ئاندىن تۇنجى قېتىملىق قويۇپ بېرىش سىنىقىنى ئىجرا قىلغان، نەتىجىدە 26 سېكۇنت ئىچىدە، «بۈركۈت 1-نومۇر» پارتلاپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.
ماسىك ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ ئىشقا ناتونۇش ئەمەس. تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەزگىلىدە ماتورى پارتلاپ كېتىش، سىناق سۇپىسى كۆيۈپ كېتىش، سوۋۇتۇش ئۆيى يېرىلىپ كېتىش ئەھۋاللىرى پات-پات يۈز بېرىپ تۇراتتى. ئەمما تۇنجى قېتىملىق سىناق يەنىلا SpaceX خادىملارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكەن. ۋەقەدىن كېيىن ماسك خىزمەتچىلەرگە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
-SpaceX داۋاملىق تىرىشىدۇ، مەيلى ئاسمانغا چىقسۇن ياكى يەرگە چۈشسۇن، مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغۇچە ھەرگىز بولدى قىلمايدۇ.

راكېتانىڭ مەغلۇبىيىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا.
2-، 3-قېتىم قويۇپ بېرىلگەندە ئۇدا نەچچە قېتىم پارتلاپ كېتىدۇ، ھەتتا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، بۇ چاغ 2008-يىلى ئىدى.
ئەينى چاغدا، ماسك كۆپ تەرەپلىك كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتاتتى.
پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى كىشىلەرنىڭ ئۆچمەنلىك پىسخىكىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن. ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ماسك تاراتقۇلارنىڭ تىغ ئۇچى بولۇپ قالغان، تېسلانىڭ سەلبىي خەۋىرى، SpaceX نى قويۇپ بېرىشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر، ھەتتا ئالدىنقى ئايالىنىڭ ئۇنى ئەيىبلىشى خەۋەرلەردە قەدەمدە بىر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە SpaceX نىڭ ئۇدا مەغلۇپ بولۇشى، تېسلانىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىنلىشىپ ماسكنىڭ مەبلىغى تۈگەپ، جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇش تاللىشىغا دۇچ كەلگەن. 4-قېتىم قويۇپ بېرىش SpaceX نىڭ ھايات-ماماتىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ قالدى.
2008-يىلى 9-ئايدا، 4-قېتىملىق راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، بۇ SpaceX قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئوربىتىغا كىرگەن تۇنجى خۇسۇسىي ياسالغان راكېتا ھېسابلىنىدۇ. ئېنىقكى، ماسك تارىخ ياراتتى.
بۈگۈنكى تەرەققىياتتىن قارىغاندا، SpaceX ئېنىقكى مەبلەغ قىيىن ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە NASA بىلەن ھەمكارلاشقان، بۇ كېيىنكى گەپ.
راكېتانىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى SpaceX نىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تۇنجى قېتىم ئېغىر تىپتىكى راكېتا قويۇپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئۇ راكېتانى يىغىۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىپ، «يۇلتۇزلار زەنجىرى» تورى بەرپا قىلىشتور؛ ھەتتا تۇنجى قېتىم سودا ئادەملىك ئالەم قاتنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم تارىخ ياراتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدەممۇ قەدەم ئەمەلگە ئېشىپ، ماسك تەسەۋۋۇرىدىكى كەلگۈسىگە يېقىنلاشماقتا. بۇ نەتىجىلەرنى ھازىرغا قەدەر پەقەت ماسىكلا قىلالىدى.
Zip2 گېزىت كەسپىنىڭ كونا ھالىتىنى ئازراق ئۆزگەرتكەندىن تارتىپ، PayPal نىڭ پۇل تۆلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشىغىچە، ئاندىن SpaceX نىڭ نۆلدىن باشلاپ سودا ئالەم قاتنىشى تارىخىنى يارىتىشى، تېسلانىڭ ئاپتوموبىل كەسپىدە ئۆزگىرىش ياسىشىغىچە بولغان 20 نەچچە يىلدا، ماسك ئىزچىل شىركەت قۇردى.
ھەتتا، بۇ تۈرلەردىن باشقا، يەنە SolarCity (قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى)، Neuralink (مېڭە بىلەن ماشىنىنى ئۇلاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىدۇ)، OpenAI، Hyperloop (دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول) قاتارلىق ماسك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى بار، بۇلارنى بىر بولسا مەبلەغ سېلىش، ياكى بىر بولسا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقارغان.
گەرچە ماسكنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى «ئەينەك چايناپ، تېگى يوق ھاڭغا تىكىلىپ قاراش» دەپ سۈپەتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن توختاپ قالمىغان، سەۋەبى: