大数跨境

تەۋسىيە: جۇڭگونىڭ ئەڭ پۇل تاپىدىغان ۋاقتى ئەمدىلا باشلاندى

تەۋسىيە: جۇڭگونىڭ ئەڭ پۇل تاپىدىغان ۋاقتى ئەمدىلا باشلاندى Nepkar
2020-10-03
0
导读:دۇنيا ئەسلىدىنلا غايەت زور ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرماقتا، ھەر بىر قېتىملىق زور ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى، پەقەت
جۇڭگونىڭ ئەڭ پۇل تاپىدىغان ۋاقتى ئەمدىلا باشلاندى

بىرىنچى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدانى باشلاندى
1979-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان بۇ 40 يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانى بولۇپ، 2020-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو ئىقتىسادى كېيىنكى يېرىم مەيدانغا قەدەم قويىدۇ. كېيىنكى يېرىم مەيدانغا قەدەم قويغان ھامان، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات لوگىكىسى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگىرىدۇ. خۇددى توپ ئويناش مۇسابىقىسىگە ئوخشاش، كېيىنكى يېرىم مەيداننىڭ ئويناش ئۇسۇلى بىلەن ئالدىنقى يېرىم مەيدان چوقۇم ئوخشىمايدۇ، مەيلى سىز قايسى تەرەپ بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم ئويناش ئۇسۇلىڭىزنى تەڭشىسىڭىز، ئاندىن يېڭى مۇسابىقە رىتىمىغا ماسلىشالايسىز.
دۇنيا ئەسلىدىنلا غايەت زور ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرماقتا، ھەر بىر قېتىملىق زور ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى، پەقەت ئۆزگىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ. مەسىلەن، بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق مۇساپىسىنى تېزلىتىدۇ. شاللاشنى تېزلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش كېرەك.
كېيىنكى يېرىم مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كېيىنكى يېرىم مەيداننىڭ تەرەققىيات لوگىكىسى بىلەن كېيىنكى يېرىم مەيداننىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك


ئىككىنچى، پۇل تېپىش لوگىكىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانى
ئالدى بىلەن پۇل تېپىش لوگىكىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىنى يېشىپ باقايلى: ھەر قانداق بىر دۆلەت، كارخانا، شەخس تېز تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن، ئىپتىدائىي كاپىتال جۇغلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك، جۇڭگو ئىقتىسادىمۇ شۇنداق. ئالدىنقى 40 يىلدا بىز ئەڭ يادرولۇق بىر مەسىلىنى ھەل قىلدۇق: ئۇ بولسىمۇ ئىپتىدائىي كاپىتال جۇغلاش جەريانىنى تاماملىدۇق. 
ئىپتىدائىي كاپىتال جۇغلاش جەريانى كۆپىنچە مۇنداق تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: 
بىرىنچى باسقۇچ: 1979-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە بولغان 20 يىل
بۇ باسقۇچتا پۇل تېپىشتا ئاساسلىقى ئەمگەك ۋە جاسارەتكە تايىنىشنى ئاساس قىلغان. باشقىلار تېخى ھەرىكەتلەنمەستە سىز ھەرىكەتكە ئۆتىسىز، باشقىلار ھەرىكەتلەنسە سىز تېخىمۇ ئىشچان بولىسىز، باشقىلار ئىشچان بولسا سىز يۈرەكلىك بولۇشقا تايىنىسىز، قىسقىسى يۈرەكلىك بولۇپ ئالدىغا قاراپ ماڭسىڭىز چوقۇم پۇل تاپالايسىز.

ئىككىنچى باسقۇچ: 2000-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان بۇ 10 يىل
بۇ باسقۇچتا پۇل تېپىشتا ئاساسلىقى «كاپىتال» قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا تايىنىشنى ئاساس قىلغان. مەسىلەن، ئۆي، يەر، ئىپتىدائىي پاي قاتارلىق ئېسىل مۈلۈكلەرنىڭ قىممىتى ئىزچىل ئېشىپ، ئادەتتىكى ئەمگەكچىلەرنى خۇشال قىلدى، ئەمگەك ئارقىلىق پۇل تېپىش سۈرئىتى نۇرغۇن «مۈلۈك»نىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن خېلىلا ئارقىدا قالدى. 
نۇرغۇن كارخانىچىلارمۇ شۇنداق، ئۇلارنىڭ ئوقەتچىلىكى ئاخىرىغا كەلگەندە بارغانسېرى پۇل تاپالمىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ يەر، زاۋۇت بىناسىنىڭ قىممىتى ئىزچىل ئاشتى.

ئۈچىنچى باسقۇچ: 2010-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان بۇ بەش-ئالتە يىل
بۇ باسقۇچتا پۇل تېپىشتا ئاساسلىقى كاپىتالغا تايىنىشنى ئاساس قىلغان. بۇ كاپىتال كەڭ كۆلەمدە پارتلىغان دەۋر. سىزنىڭ مۈلكىڭىز كاپىتال تەرىپىدىن ياقتۇرۇپ قېلىنسىلا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزنى ئىزدەپ كېلىپ سىزگە ياردەملىشىپ يۈرۈشتۈرۈپ بېرىدۇ، تېز پويىزغا چىققاندىن كېيىن، سىلەرنىڭ مۈلكىڭلار يول بويى ئۆرلەيدۇ ......
مەسىلەن، نۇرغۇن ياشلار پەقەت بىر ئويغا تايىنىپلا نەچچە مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرەلەيدۇ، ئاندىن نەچچە ئون مىليون يۈەنلىك مۆلچەر قىممەتكە ئېرىشىدۇ، قىممىتى نەچچە ئون مىليون يۈەن بولۇپ، بىر كېچىدىلا ئەنئەنىۋى كارخانىچىلارنىڭ نۇرغۇن يىللىق جۇغلانمىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. 
مەسىلەن، نۇرغۇن كاپىتال ئاتامانلىرى توختىماي مەبلەغ سېلىپ ۋە سېتىۋېلىپ، قايتا تەشكىللەپ، ھەتتا كۆز بويامچىلىق قىلىپ، شىركەتلەرنى تېز سەمرىتىپ، ئاندىن نەق مەيداندىن چېكىنىشكە ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ئاساسىي تىجارەت كەسپىنى سەۋرچانلىق بىلەن پۇختا قىلالمىدى. بەلكى ئۈزلۈكسىز سېتىۋېلىپ ۋە مەبلەغ سېلىپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ بازار قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، تېز سۈرئەتتە كېڭەيدى. 


كۆپۈك مانا مۇشۇنداق شەكىللەنگەن. ئەمەلىيەتتە، پېيى بازارغا سېلىنغان بىر شىركەتنىڭ پاي چېكى بىر يۈەندىن يۈز يۈەنگە ئۆرلەش جەريانىدا، شىركەتنىڭ ئۆزىدە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان، تاپقان پۇلىدىمۇ ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان، ئەمما كەينىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نەق پۇلغا ئايلاندۇرالايدىغان بولغان. 
شۇڭا، پەقەت كۆپۈك كەلگەندىلا، كاپىتال كۆپ پۇل تاپالايدۇ. خۇددى پىۋا ئىچكەنگە ئوخشاش، كۆپۈك بولمىسا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى زېرىكىشلىك ھېس قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، قولىڭىزدىكى نەق پۇلنى چوقۇم قەدىرلەڭ
بىز قايتا بىر قېتىم پۇل تېپىش لوگىكىسىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى رەتلەپ باقايلى:
ئەڭ دەسلەپتە كاپىتال پەيدا قىلىپ، تىرىشچانلىققا تايىنىپ پۇل تېپىش؛
ئاندىن مۈلۈكنىڭ قىممىتى ئېشىپ، مەبلەغ سېلىشقا تايىنىپ پۇل تېپىش؛
يەنە كېيىنكى قەدەمدە كاپىتال يۈرۈشتۈرۈپ، ھايانكەشلىككە تايىنىپ پۇل تېپىش.
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ كاپىتالنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلىنىش جەريانىدا، بىر ئادەمنىڭ بېيىشى بۇ ئادەمنىڭ ئىقتىدارى، بىلىمى، مەھسۇلاتى بىلەن مۇقەررەر مۇناسىۋىتى يوق، چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور ئەڭ چوڭ دەۋرنىڭ پايدىسىغا تايانغان. 
شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، ئۆتكەن 40 يىلدا بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاساسەن دەۋرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە مەنسۇپ بولدى. «باشقىلار ۋە كوللېكتىپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىۋالما!» دەيدىغان گەپ بار، كۆپچىلىك بۇ گەپنى ئىنچىكە ئويلاڭلار.
لېكىن كۆپۈك ھامان بىر كۈنى بەربات بولىدۇ، ئەتراپىمىزدىكى ئىلگىرى ناھايىتى پۇلدار كارخانىلار، ناھايىتى پۇلدار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پۇل كەمچىل بولۇشقا باشلىغان چاغدا، كۆپۈكنىڭ بەربات بولۇشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۈرلۈك خەۋەرلەرگە نەزەر سالساق، بىز مۇنداق بىر پاكىتنى بارغانسېرى ئېنىق كۆرۈۋاتىمىز: كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىدە ئومۇميۈزلۈك نەق پۇل كەمچىل بولۇۋاتىدۇ، تۈرلۈك قەرز كىرىزىسى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. نۇرغۇن شىركەتلەر نەق پۇل ئوبوروتى مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى، بەزى شىركەتلەر نەچچە ئون مىليارد يۈەنلىك بازار قىممىتى يارىتىپ، نەچچە ئون مىليون يۈەن نەق پۇلنىمۇ چىقىرالمىدى. 


شەيئىلەر يۈكسەك پەللىسىگە يەتسە ئەكسىگە قايتىدۇ، بارلىق شەيئىلەر تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە، مۇقەررەر ھالدا قارشى تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بىز يەنە بىر قۇتۇپقا قاراپ كېتىۋاتىمىز: 
ئىلگىرى بىز ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سېلىپ دەۋر تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن بولۇشىمىز كېرەك ئىدى، ئەمما بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز قەرز ئېلىشىمىز ۋە پىشاڭ قوشۇشىمىزغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن مۈلۈك كۆپۈكلىشىپ، مۈلۈك باھاسى بارغانسېرى ئۆرلەپ، نەق پۇلنىڭ ئوبوروتى مۇقەررەر ھالدا بارغانسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. 
شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مۈلۈك كۆپۈكى مۇقەررەر يېرىلىپ كېتىدۇ، ئەڭ روشەن بولغىنى 3-، 4-سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئۆيلەر، ھايانكەشلىك تىپىدىكى پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكى، تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال ئۇقۇم، خىيالىي ئىگىلىك تىكلەش تۈرى، ھەر خىل پونزى ئالدامچىلىقى قاتارلىقلار، بۇ مۈلۈكلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلى قىياپىتىگە قايتىپ كېلىدۇ، ئاقىلانە ئۇسۇل بۇ خىل مۈلۈكتىن تېزدىن ۋاز كېچىش.
شۇڭا ئەمدى، نۇرغۇن مۈلۈك كۆپۈكى كوللېكتىپ تۆكمە قىلىپ سېتىش بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ چاغدا نەق پۇلنىڭ مۇھىملىقى گەۋدىلىنىشكە باشلايدۇ، كۆپچىلىك چوقۇم قولىدىكى نەق پۇلنى قەدىرلىشى كېرەك. مانا بۇ بىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ باشتىن كەچۈرگەن تۆت باسقۇچ:
1. مۈلۈكنىڭ بارلىققا كېلىشى--ئەمگەك ئارقىلىق پۇل تېپىش
2. مۈلۈك قىممىتىنىڭ ئېشىشى--مۈلۈك سېتىۋېلىپ پۇل تېپىش.
3. مۈلۈكنى يۈرۈشتۈرۈش--مۈلۈكنى يۈرۈشتۈرۈپ پۇل تېپىش.
4. مۈلۈكنىڭ بەربات بولۇشى --نەق پۇل ئەڭ پۇلغا يارايدۇ.
بۇ تۆت باسقۇچنى قوشقاندا، كاپىتالنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلىنىش باسقۇچى بولىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو كاپىتالنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلىنىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتتى، كېيىنكى تەرەققىيات ھەقىقىي تەرەققىيات بولىدۇ.
ھازىردىن باشلاپ، بىر قىسىم مۈلۈكنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشى مۇقەررەر، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىكى مەۋجۇدىيەت كۆپتۈرۈۋېتىلگەن، يوقىتىلىشى زۆرۈر بولغان بولىدۇ. ئەمما ئۇلار بىر كۈن بالدۇر يوقالسا، يېڭى ئىقتىسادىي ھالەت بىر كۈن بالدۇر مەۋجۇداتقا ئايلىنىدۇ.

تۆتىنچى، ئەڭ پۇل تاپىدىغان دەۋر ئەمدىلا باشلاندى
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدانى بىلەن ئالدىنقى يېرىم مەيدان تەرەققىيات لوگىكىسىنىڭ ئەڭ تۈپ پەرقى نېمە؟

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408