大数跨境

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باي-روسچىلىد جەمەتى

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باي-روسچىلىد جەمەتى Nepkar
2020-10-08
0
导读:بىر دۆلەتنىڭ پۇل تارقىتىشىنى كونتىرول قىلىۋالساملا، بۇ يەردە كىمنىڭ قانۇن تۈزۈشى مەن ئۈچۈن بەرىبىر..


دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باي-روسچىلىد جەمەتى

-مېيېر روسچىلد

 خەلقئارالىق مىدىيەلەر ئەتىدىن-كەچكىچە 50 مىليارد دوللار پۇلى بار بىلگايتىسنى دۇنيادىكى بىرىنچى باي دەپ تەشۋىق قىلسا ئىشىنىپ قالماڭ. تولا ئاڭلاۋېرىپ قۇلاققا سېڭىپ كەتكەن ئاتالمىش دۆلەتمەنلەر قاتارىدا غەربنىڭ ئىقتىسادىنى ئۇيان-بۇيان قىلىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىيالمايسىز. چۈنكى غەربنىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ كاتتىلار تەرىپىدىن قاتتىق كونتىرول قىلىنغان.
روسچىلىد جەمەتى ھېلىھەم بانكا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. بېيجىڭ ياكى شاڭخەي كوچىسىدىكى خالىغان 100 جۇڭگۇلۇقنىڭ 99 ى ئامېرىكا  ئالا بايراق بانكىسىنى بىلىدۇ، ئەمما روسچىلىد بانكىسىنى بىرەرىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن.
روسچىلىد زادى كىم؟ ئەگەر پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىرسى «روسچىلىد» دېگەن بۇ ئىسىمنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بولسا، بۇ خۇددى بىر گېنىرالنىڭ ناپالىئوننى بىلمىگىنىگە، فىزىكا ئالىمىنىڭ ئېينىشتىيىننى بىلمىگىنىگە ئوخشاش ئىش. ئەجەپلىنەرلىك بولغىنى، بۇ ئىسىم مۇتلەق كۆپ ساندىكى جۇڭگۇلۇقلار ئۈچۈن تولىمۇ ناتونۇش، ئەمما ئۇنىڭ جۇڭگۇ خەلقى ھەمدە پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسىگە بولغان تەسىرى شۇنداق چوڭ. ۋاھالەنكى ئۇنى بىلىدىغانلار شۇنچە ئاز، بۇ خىل ئۆزىنى يۇشۇرۇش ئىقتىدارى ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ.
روسچىلىد جەمەتىنىڭ بايلىقى بىر دۇنياۋى سىر. تەخمىنەن 50 ترىلىيون ئامېرىكا دوللىرى ئەتىراپىدا بولۇشى مۇمكىن!
روسچىلىد جەمەتى زادى قانداق قىلىپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇشۇنچىۋالا بايلىققا ئىگە بولالىدى؟ بۇ دەل بۇ بابتا سىزگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان ھېكايە.
روسچىلىد جەمەتى ئىچكى جەھەتتە قاتتىق كونتىرول قىلىنىدۇ، پۈتۈنلەي مەخپى مەشغۇلاتى قىلىدۇ، جەمەتىنىڭ ھەرقايسى بانكىلىرى ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ماسلىشىدۇ، بازار ئۇچۇرىغا مەڭگۇ ئەڭ بۇرۇن ئېرىشىدۇ، تىجارەتتە` مېھرى-شەپقەت دېگەننى مەڭگۈ تونۇمايدۇ، مەڭگۈ قانائەتلىنىپ قالمايدۇ، ھەمدە بۇ ئاساستىكى چوڭقۇر كۆزىتىش ۋە ئالدىن كۆرۈش تالانىتى، يۈكسەك كەسپى ئىقتىدارىغا تاينىپ، روسچىلىد جەمەتى ئىككى يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتىن بېرى سىياسىي ۋە ئۇرۇشنىڭ رەھىمسىز سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە ئىمپېرىيەسىنى قۇردى. 

ناپالىئوننىڭ ۋوتېرلۇدىكى جېڭى--روسچىلىدنىڭ زەپەر دەرۋازىسى
نېيسىن روسچىلىدىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى، ھەمدە بەش قىرىنداش ئىچىدىكى ئەڭ جاسارەتلىك ۋە پاراسەتلىك بىرى. 1798-يىلى دادىسى ئۇنى فرانكفۇرتتىن ئەنگىلىيەدە روسچىلىد جەمەتىنىڭ بانكا كەسپىنى ئېچىشقا ئەۋەتكەن. نېيسىن سىرلىق، بانكا ئىشلىرىدا كەسكىن بولغان بانكىر. ھېچقانداق كىشى ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىچكى دۇنياسىنى چۈشەنمەيدۇ. نېيسىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان پۇل-مۇئامىلە تالانتى بىلەن كىشى بىلمەيدىغان ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ 1815-يىلىغا كەلگەندە لوندۇندا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بانكىرغا ئايلانغان.
نېيسىننىڭ چوڭ ئاكىسى ئامىستېرو فرانكفۇرتتا روسچىلىد جەمەتىنىڭ ئاساسلىق بانكا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان (M.A Rothschild and sons)، ئىككىنچى ئاكىسى سولومېن ئاۋىستىرىيەنىڭ ۋېيىنادا جەمەتىنىڭ باشقا بىر تارماق بانكىسىنى قۇرغان. ئۇنىڭ بەشىنچى ئىنىسى جامىس فرانسىيەنىڭ پارىژدا يەنە بىر تارماق بانكىسىنى قۇرغان (Messius de Rthschild Freres). روسچىلىد جەمەتى قۇرغان بانكا سىستېمىسى دۇنيادىكى بىرىنچى خەلقئارالىق بانكا گورۇھى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ بەش قىرىنداش 1815-يىلدىكى ياۋروپا ئۇرۇش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتتى.
بۇ ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم بىر مەيدان ئۇرۇش بولۇپ، ئەگەر ناپالىئون غەلبە قىلسا، فرانسىيە شەكسىزكى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىناتتى. ئەگەر ۋېللىنگىتون فرانسىيە ئارمېيەسىنى تارمار قىلسا، ئەنگىلىيە ياۋروپا قىتئەسىنىڭ يېتەكچىسىگە ئايلىناتتى. 
ئۇرۇشتىن خېلى بۇرۇن روسچىلىد جەمەتى يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ئىستراتىگىيەلىك ئۇچۇر يىغىش ۋە تېز يەتكۈزۈش سىستېمىسىنى قۇرغان. ئۇلار سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان مەخپىي ۋەكالەتچى تورىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇچۇر جاسۇسلىرى ئادەتتە «بالىلار» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ ئادەملەر ياۋروپا قىتئەسىدىكى بارلىق پايتەخىت، چوڭ شەھەر، مۇھىم سودا مەركەزلىرى، ھەر قايسى سودا ئورۇنلىرىدا تۇراتتى. سىياسىي ۋە باشقا ئۇچۇرلار لوندۇن، پارىژ، فرانكفۇرت، ۋېيىنا، ۋە نابۇرسكى ئارىسىدا تېز يەتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. بۇ ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى، سۈرئىتى ۋە توغرىلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى، ھەر قانداق ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ سۈرئىتىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، باشقا سودا رىقابەتچىلىرى بۇنىڭغا يېتىشىۋالالمايتتى. بۇ روسچىلىد بانكىسىنى خەلقئارالىق رىقابەتتە كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە قىلغان.
«روسچىلىد بانكىسىنىڭ بۇ ئات ھارۋىلىرى ياۋروپانىڭ تاش يوللىرىدا چىپپ يۈرسە، روسچىلىد بانكىسىنىڭ پاراخۇتلىرى دېڭىز بوغۇزلىرىدا ئالدىراش ئۇ ياقتىن-بۇياققا ئۈزۈپ يۈرەتتى. روسچىلىد بانكىسىنىڭ جاسوسلىرى ياۋروپا قىتئەسىنىڭ شەھەر كوچىلىرىغا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار كۆپ مىقداردا نەق پۇل، زايوم، خەت-چەك ۋە ئۇچۇر ئېلىپ يۈرەتتى. ئەڭ يېڭى پاي چەك بازىرى ۋە سودا ئۇچۇرلىرىنى تېز سۈرئەتتە «باش شىتاب»قا يەتكۈزەتتى. ۋوتېرلۇ جېڭىدە بۇ ئۇچۇر تورى ئۆز قىممىتىنى ھەقىقى نامايان قىلغان.
 1815-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى بىلگىيەنىڭ بۇلسارغا يېقىن جايىدا پارتلىغان ۋوتېرلۇ جېڭى ناپالىئون بىلەن ۋېللىنگىتۇننىڭ ئىككى چوڭ قوشۇنى ئوتتۇرىسىدىكى ھايات-ماماتلىق كۆرەش بولۇپلا قالماستىن، مىليونلىغان مەبلەغ سالغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور قىمار ئىدى. يەڭگۈچىلەر چەكسىز بايلىققا ئېرىشسە. يېڭىلگۈچىلەر ئېغىر زېيان تارتاتتى. لوندۇن پاي چەك بازىرىدا ۋەزىيەت ناھايىتى جىددى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ۋوتېرلۇ جېڭىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتەتتى. ئەگەر ئەنگىلىيە مەغلۇپ بولسا ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت زايومى (Consols) قىممىتىنى يوقىتاتتى. ئەگەر ئەنگىلىيە غەلبە قىلسا ئۇ ھالدا ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت زايومىنىڭ قىممىتى شىددەت بىلەن ئۆرلەيتتى.
تار يولدا دوقۇرۇشۇپ قالغان ئىككى چوڭ قوشۇن جان تىكىپ كۈرەش قىلىۋاتقان چاغدا، روسچىلىدنىڭ جاسوسلىرى ئىككى قوشۇننىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزىتەتتى. تېخىمۇ كۆپلىگەن جاسوسلار خالىغان ۋاقىتتا ئەڭ يېڭى ئۇرۇش ئەھۋالىنى ئارىلىقى ئۇرۇش مەيدانىدىن ئانچە يىراق بولمىغان روسچىلىدنىڭ ئۇچۇر پونكىتىغا يەتكۈزەتتى. 
قاش قارايغان چاغدا ناپالىئوننىڭ يېڭىلىشى ئېنىق بولدى. روسچىلىدنىڭ تېز ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىسى لوسۋوس ئۇرۇش ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئۇ دەرھال ئاتقا مىنىپ بۇلسارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. لوسۋۇس ئاتتىن چۈشۈپ روسچىلىدنىڭ ئالاھىدە يول يۈرۈش خېتى بار پاراخوتىغا چىققان چاغدا، ئاللىقاچان يىرىم كېچە بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئانگىلايىس دېڭىز بوغۇزىدا شامال چىقىپ دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. لوسۋوس 2000 فرانىك ھەق تۆلەپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ پۈتۈن كېچە دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان ماتروستىن بىرنى تاپتى. 6-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە ئەنگىلىيەنىڭ فوركىستون قىرغىقىغا چىققان چاغدا نېيسىن روسچىلىد شەخسەن ئۆزى ئۇ يەردە ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى. نېيسىن دەرھال تېز يوللانمىنى ئېچىپ، ئۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنىڭ ماۋزۇسىغا كۆز يۈگۈرۈتۈپ چىقتى، ئاندىن كېيىن ئاتنى قامچىلاپ لوندۇندىكى پاي چەك مەركىزىگە ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. 
نېيسىن تېزلىكتە پاي چەك ئالماشتۇرۇش مەركىزىگە كىرىپ كەلگەندە، ئۇرۇش ئەھۋالى دوكلاتىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ تۇرغان كۆپچىلىك دەرھال تىنچلاندى. ھەممە كىشىنىڭ نەزىرى نېيسىنغا تىكىلدى. بۇ ۋاقىتتا نېيسىن قەدىمىنى ئاستىلاتتى، ئۆزىنىڭ «روسچىلىدنىڭ تۈۋرۈكى» دەپ ئاتالغان قىممەتلىك ئورنىغا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈزىدىكى مۇسكۇللاردا خۇددى تاش ئويمىغا ئوخشاش ھېچقانداق ئىپادە يوق ئىدى. زال جىمجىتلىققا چۆمگەن ئىدى. بارلىق بايلىقىنى ۋە شەرەپ-نۇمۇسىنى دوغا تىككەن بۇ ئادەملەر ئۆز تەقدىرىنىڭ جاۋابىنى نېيسىننىڭ ئاغزىدىن ئاڭلايدىغاندەك قاراپ تۇراتتى. بىر ئازدىن كېين نېيسىن ئەتراپىدىكى خەۋەر كۈتۈپ تۇرغان روسچىلىد جەمەتىنىڭ ئالماشتۇرۇش خادىملىرىغا كۆز ئىشارىسى بەردى. كۆپچىلىك دەرھال ئالماشتۇرش سەھنىسىگە ئاتلىنىپ، ئەنگىلىيە دۆلەت زايومىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا باشلىدى. زال بىردەمدىلا قالايمىقانلىشىپ كەتتى. بەزىلەر كۇسۇرلىشىشىقا باشلىدى. نۇرغۇنلىغان كىشلەر يەنىلا گاڭگراپ قېلىپ بىر ئورنىدا تۇرۇپ قالدى. بۇ ۋاقىتتا، نەچچە يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ كېلىدىغان ئەنگىلىيە دۆلەت زايومى ناھايىتى تېزلا بازاردا تۆكمە قىلىپ سېتىلدى. دۆلەت زايومىنىڭ باھاسى چۈشۈشكە باشلىدى. ئاندىن كېيىن غايەت زور تۆكمە قىلىپ سېتىش باشلاندى. دۆلەت زايومىنىڭ باھاسى بەربات بولۇشقا باشلىدى.
 بۇ ۋاقىتتا نېيسىن يەنىلا چىرايىنى ئۆزگەرتمەستىن ئورۇندۇققا يۆلىنىپ تۇراتتى. ئالماشتۇرۇش زالىدا ئاخىرى بىرىنىڭ: «روسچىلىد خەۋەر تاپتى!»، «روسچىلىد خەۋەر تاپتى»، «ۋېللىنگىتون جەڭدە مەغلۇپ بولدى.» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ھەممە كىشى خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك چۆچۈپ ئەسلىگە كەلدى. ئەقلىنى يوقىتىپ قوياي دېگەندە باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشكەنلەرمۇ توختىدى. كىشىلەر ھېچقانداق قىممىتى قالمىغان ئەنگىلىيە دۆلەت زايومىنى تاشلىۋېتىشكە باشلىدى. بىر قانچە سائەتتىن كېيىن ئەنگىلىيە دۆلەت زايومى بىر دۆۋە ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالدى.
بۇ ۋاقىتتا ئوخشاشلا پەرۋاسىز قاراپ تۇرغان نېيسىن ئالماشتۇرغۇچىلىرىغا قارىدى، ئۇنىڭ مۇتلەق ئوقۇپ چۈشەنگىلى بولمايدىغان كۆزى يېنىككىنە چاقناپ قويدى. ئەمما بۇ قېتىمقى ئۇچۇر پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئالماشتۇرغۇچىلار دەرھال ئالماشتۇرۇش سەھنىسىگە ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇچرىغانلىكى ئەنگىلىيە دۆلەت زايومىنى يىغىۋېلىشقا باشلىدى.
6-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ 11 دە ۋېللىنگىتونىنىڭ ئۇچۇرچىسى ھېنىرى لوندونغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ناپالىئوننىڭ قوشۇنى 8 سائەتلىك جاپالىق كۈرەشتىن كېيىن ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولدى دېگەن ئۇچۇرنى ئېلىپ كەلدى.
بۇ ئۇچۇر نېيسىننىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا پۈتۈن بىر كۈن كېچىككەن ئىدى. ئەمما نېيسىن بۇ بىر كۈن ئىچىدە 20 ھەسسە پۇل پۇل تاپتى. بۇ ناپالىئون ۋە ۋېللىنگىتوننىڭ نەچچە ئون يىللىق ئۇرۇشتىن ئېرىشكەن بايلىقىنىڭ يېغىندىسىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ۋاتېرلۇ جېڭى نېيسىننى بىراقلا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەقدارىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىدىكى زايوم تارقىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەنگىلىيە بانكىسىنى كونتىرول قىلدى. ئەنگىلىيەنىڭ زايومى ھۆكۈمەتنىڭ باج ئىسپاتى ئىدى. روسچىلىد بانكىسى بارلىق پۇقرالاردىن شەكلى ئۆزگەرگەن باج يېغاتتى. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە چىقىمى تارقاتقان زايومغا تايىنىپ توپلىناتتى. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل تارقىتىش ھوقوقى بولمىغاچقا شەخسىي بانكىلاردىن پۇل قەرىز ئېلىپ خەجلىشى، %8 ئەتراپىدا ئۆسۈم تۆلىشى كېرەك ئىدى. بارلىق دەسمايە ۋە ئۆسۈم ئالتۇن بىرلىكى بويىچە ھېسابات قىلىناتتى. نېيسىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەنگىلىيە دۆلەت زايومىنى قولدا تۇتۇپ تۇرغاچقا، ئۇ زايومنى ئەمەلىي كونتىرول قىلغان ئىدى. پۈتۈن ئەنگىلىيەنىڭ پۇل تەمىنلەش مىقدارىنى ئىدارە قىلالايتتى. ئەنگىلىيەنىڭ مالىيە جان تومۇرىنى نېيسىن ئۆز قولىدا چىڭ تۇتىۋالدى. نېيسىن قىلچە يۇشۇرماستىن: «بۈيۈك ئەنگىلىيە ئىمپرىيەسىنىڭ غۇرۇرىنى تېز پۈكتۈردۈم.» دەيدۇ. ئۇ يەنە: «مەن قانداقتۇر قورچاق ھۆكۈمەتنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، بۇ غايەت زور كۈن پاتماس ئىمپېرىيەنى كونتىرول قىلىشقا قىزىقمايمەن. كىم بۇ بۈيۈك ئىمپېرىيەنىڭ پۇل تەمىنلىنىشىنى كونتىرول قىلالىسا، شۇ بۇ بۈيۈك ئىمپېرىيەنى كونتىرول قىلغۇچى بولىدۇ. بۇ ئادەم دەل مەن!»


تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408