大数跨境

روكفېللېرنىڭ ئوغلىغا يازغان خېتى: كىرىش سۆز

روكفېللېرنىڭ ئوغلىغا يازغان خېتى: كىرىش سۆز Nepkar
2020-10-10
2
导读:پۇلغا ئىشتىياق باغلاش نومۇس ئىش ئەمەس؛ قەرز ئېلىش بىزنى تېخىمۇ ئاسان بايغا ئايلاندۇرىدۇ؛ پۇل جەمئىيە


روكفېللېرنىڭ ئوغلىغا يازغان خېتى: كىرىش سۆز 
كىرىش سۆز جون D روكفېللېر (1839 ـ 1937) ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى مىلياردېر بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئامېرىكىنىڭ نېفىت سانائىتىنى قوشۇۋېلىش ۋە كېڭەيتىش ئارقىلىق مونوپول قىلىۋالغان بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن نېفىت شاھى دەپ ئاتالغان. كىچىككىنە بىر ۋاسىتىچىدىن تارتىپ يەر شارى نېفىتچىلىك كەسپىنىڭ ئاتامىنىغىچە، ئۇ بىر رىۋايەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۆزگىچە بىر دەۋرنى يارىتىپ، «تەڭرىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ماراپ تۇرغان ئادەم.» دەپ تەرىپلەنگەن.
ئامېرىكىدىكى دەسلەپكى بايلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى پۇرسەتكە تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، پەقەت جون D روكفېللېرلا بۇنىڭ سىرتىدا. ئۇ زېرەك ھەم يىراقنى كۆرەر، سوغۇققان ھەم جاسارەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە خاس جاسارەت ۋە ۋاسىتىگە تايىنىپ، قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆزىنىڭ غايەت زور نېفىت ئىمپېرىيەسىنى قەدەممۇ قەدەم قۇرۇپ چىققان. قىلچە مۇبالىغە قىلماي شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، روكفېللېرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تارىخى ئامېرىكا ئارزۇسىنىڭ تىپىك ۋەكىلى، روكفېللېر جەمەتىنىڭ ئۆتكەن 150 يىللىق تەرەققىيات تارىخى پۈتكۈل ئامېرىكا تارىخىنىڭ بىر كارتىنىسى، ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت روھىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى بولۇپ قالدى.
روكفېللېر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەر بولۇپلا قالماي، ئەقىل-پاراسەتكە تولغان بەرپا قىلغۇچى، تېخىمۇ مۇھىمى مېھرىبان، بالا تەربىيەلەشتە تەدبىرلىك دادا. ئۇ بالىلارغا بىر ئۆمۈر بەخت ئېلىپ كېلىدىغىنى پۇل ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى باياشاتلىق ۋە ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. روكفېللېرغا ئوخشاش مائارىپ قارىشىغا تايىنىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئارىسىدا ئىختىساسلىقلار كەينى-كەينىدىن يېتىشىپ چىقتى. روكفېللېر 1937-يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن غايەت زور بايلىق ۋە ئىشلارغا ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ 100 نەچچە يىللىق ھۆرمىتىگە مۇييەسسەر بولۇپ كەلگەنلىكتىن، ئالتە ئەۋلادقا سوزۇلغان روكفېللېر جەمەتى يەنىلا دۇنيادىكى باي جەمەتنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىيسىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.
روكفېللېر جەمەتى ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتىنىڭ شان-شەرىپىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرالىشى ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا ئېرىشكەن ئائىلە تەربىيەسىدىن ئايرىلالمايدۇ. پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش جەھەتتە، روكفېللېر جەمەتىنىڭ بىر يۈرۈش ئۆزگىچە مائارىپ ئۇسۇلى ۋە پىلانى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ تىپىك بولغىنى روكفېللېرنىڭ ئېتىقاد مەزھىپى. روكفېللېر ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىدىيە جەۋھىرىنى ئوغلىغا يازغان خېتىگە سىڭدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى ئەقىل-پاراسىتى ۋە بايلىق يولىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ خەتلىرىدىن بىزگە مەلۇمكى: پۇلغا ئىشتىياق باغلاش نومۇس ئىش ئەمەس؛ قەرز ئېلىش بىزنى تېخىمۇ ئاسان بايغا ئايلاندۇرىدۇ؛ پۇل جەمئىيەتتىن كېلىدۇ، شۇنداقلا جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز تۇرمۇشتا ھېس قىلالمايدىغان ھەقىقەت. ئۇ كىشىلىك تۇرمۇش يۆنىلىشىمىزنى، توغرا قىممەت قارىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تۇرغۇزۇشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، روكفېللېرنىڭ بۇ خەت-چەكلىرى ھازىرقى ياشلارنىڭ ھاياتلىق مىزانى بولۇپ قالدى. مۇشۇ ئاساستا بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقتۇق. بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن روكفېللېرنىڭ ئوغلىغا يازغان 38 پارچە خېتىگە بىر دادىنىڭ ئوغلىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى سىڭگەن بولۇپ، روكفېللېرنىڭ 98 يىللىق قاينام-تاشقىنلىق يىللاردىكى كىشىلىك ھايات ئەقىل-پاراسىتى ۋە مۇۋەپپەقىيەت يولىنى ھەقىقىي، مۇكەممەل خاتىرىلىگەن. بۇ خەتلەردە ئۇنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ۋە جاھاندارچىلىق تەسىراتلىرى يەكۈنلەنگەن ۋە يىغىنچاقلانغان بولۇپ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن قىلىنغان نەسىھەتلەر ۋە مول ئەدەبىي سېھرىي كۈچكە ئىگە قەلىمى ئارقىلىق، ئوغلىغا بىلىم، پەزىلەت، قىياپەت، ئالاقە، كەسىپ، تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن قىممەتلىك كىشىلىك نەسىھەتلەر بېرىلگەن. بايلىققا ئېرىشىش، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئورۇنلۇق يېتەكچىلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. توغرا، پايدىلىق نەسىھەتنى قوبۇل قىلسىڭىز، توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشىڭىزغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە سىزگە كۈچ ۋە كۆرسەتمە بېرىپ، گىگانت ئادەمنىڭ مۈرىسىدە تۇرۇپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق قولغا كەلتۈرەلەيسىز. تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق، ھازىر گاڭگىراپ قېلىۋاتقان ياكى كۈرەش قىلىۋاتقان ياشلارغا ئازراق ئىلھام بېرىپ، سىزگە كۈرەش قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاتا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ كىتابنىڭ ھايات يولىڭىزدىكى كۆرسەتكۈچ چىراغ بولۇپ، سىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىشىنى، سىزگە ئىلھام ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


داۋامى...

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0