搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ ئۇقۇمىنى تەكىتلىگۈچىنىڭ 2030-يىللىق 5 قىياسى
>
يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ ئۇقۇمىنى تەكىتلىگۈچىنىڭ 2030-يىللىق 5 قىياسى
Nepkar
2020-10-09
0
导读:يۇمشاق ئەمەلىي كۈچنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى جوسېف ناينىڭ ئە
يۇمشاق ئەمەلىي كۈچنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى جوسېف ناينىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى: 2030-يىلى توغرىسىدىكى بەش قىياس
مەزكۇر يازمىنى تۆۋەندىكى يازمىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھەزىم قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز (تېمىنى چەكسىڭىز بەت ئاتلايدۇ):
ما يۈن: رەقەملەشتۈرۈش، دۇنياۋىلىشىش ۋە خەلقئارالىشىش ھەققىدە
جۇ چىرېن: «سۇ كۆپ، بېلىق چوڭ» بولۇشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى 1-بۆلەك
جۇ چىرېن: «سۇ كۆپ، بېلىق چوڭ» بولۇشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى 2-بۆلەك
ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە دۆلىتىمىزگە قاراتقان سىياسەت يۆنىلىشى
ئامېرىكا پاي بازىرى پات ئارىدا يۈز بېرىدىغان ئاپەت بولۇپ قالىدۇ
------
جوسېف ناي، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق خەلقئارا سىياسىي ئالىمى، خارۋارد داشۆسى كېننىدى ھۆكۈمەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى. جوسېف ناي خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەسىدىكى يېڭى لىبېرالىزم ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ (Soft Power) ئۇقۇمىنى ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلەن داڭلىق.
بۇ ماقالىنى ئىقتىسادشۇناسلار چەمبىرىكى يوسېف ناينىڭ ئەڭ يېڭى ئالاقىدار ماقالىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال تەرجىمە قىلغان، ئىلقۇت سالونى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتى.
يېڭى تاجىسىمان يۇقۇمنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەش كەلگۈسىنى توغرا مۆلچەرلەش بولماستىن، بەلكى ئېھتىماللىقنى دەڭسەش ۋە نۆۋەتتىكى سىياسەتنى تەڭشەشتىكى بىر خىل مەشىقتۇر. 2030-يىلىدىكى خەلقئارا تەرتىپنى تەسەۋۋۇر قىلغاندا، بەش گەۋدىلىك كۆرۈنۈش پەيدا بولىدۇ.
كەلگۈسى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، دۇنيادا پەقەت بىرلا كەلگۈسى بولمايدۇ ھەمدە يېڭى تاجىسىمان يۇقۇمدىن كېيىن، ھەرقانداق تەسەۋۋۇر قىلىنغان جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئەھۋال چوقۇم بىر قاتار ئېھتىماللىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. تۆۋەندە مەن 2030-يىلىدىكى بەش خىل ئېھتىماللىق بولغان كەلگۈسى مەنزىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن، لېكىن، ئەلۋەتتە باشقا ئېھتىماللىقلارنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.
بىرىنچى، يەر شارىلىشىش ئەركىن تەرتىپىنىڭ ئاخىرلىشىشى
2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلغان دۇنيا تەرتىپىدە خەلقئارا سودا ۋە پۇل مۇئامىلىنى ئەركىنلەشتۈرۈش تۈزۈلمە رامكىسى ئورنىتىلدى. ھەتتا يېڭى تاجىسىمان يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلۈشتىن بۇرۇنلا، بۇ تەرتىپ جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ نارودنىكلىق ئېشىشىنىڭ خىرىسىغا ئۇچرىدى. جۇڭگو بۇ تەرتىپتىن نەپكە ئېرىشتى، لېكىن ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزنىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئاستا-ئاستا ئۆلچەم ۋە قائىدە تۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشقا باشلىدى. ئامېرىكا بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، بەزى ئورگانلاردىكى ھوقۇقنى ئازايتتى ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەزى ئورگانلاردا ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا يەنىلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە «پارىژ كىلىمات كېلىشىمى» بىلەن ئارىلىق ساقلىماقتا. يېڭى تاجىسىمان يۇقۇم ئامېرىكىنىڭ «باشقۇرغۇچى»لىق رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى.
ئىككىنچى، 1930-يىللاردىكى مۇستەبىتلىككە ئوخشاپ كېتىش
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0