搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
روكفېللېرنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى 1-بۆلەك
>
روكفېللېرنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى 1-بۆلەك
Nepkar
2020-10-11
2
导读:دۇنياغا داڭلىق مالىيە-ئىقتىساد ژۇرنىلى «فوربېس» ئىلگىرى بىر تۈرلۈك ئالاقىدار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ باي ئادەم كىم؟ دۇنياغا داڭلىق مالىيە-ئىقتىساد ژۇرنىلى «فوربېس» ئىلگىرى بىر تۈرلۈك ئالاقىدار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ تەكشۈرۈشنى ئەلۋەتتە شەخسىي بايلىقنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى سوممىسىنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپلا بەلگىلىگىلى بولمايدۇ، بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا «نېفىت شاھى» جون D روكفېللېر دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەن. ئەگەر جون D روكفېللېرنىڭ بايلىقىنى 2006-يىلىدىكى ئامېرىكا دوللىرى ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرساق، ئېرىشكەن سان 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ، بۇ بىل گايتىسنىڭ شەخسىي مۈلكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى. بىل گايتىسمۇ روكفېللېرنى مەبۇدە دەپ قارايدۇ. ئۇ: «مېنىڭ قەلبىمدىكى پۇل تېپىش قەھرىمانى پەقەت بىرلا-ـ-جون D. روكفېللېر.» دەيدۇ.
ئامېرىكىنىڭ كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات تارىخىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، روكفېللېر ئۈستىدە توختالماي بولمايدۇ، ئۇمۇ ھازىرقى زامان سودا تارىخىدىكى ئەڭ تالاش-تارتىشقا قالغان باي شەخس. بىر تەرەپتىن، روكفېللېر قۇرغان ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتى تەرەققىي قىلىپ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن مەزگىلدە پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ %80 نېفىت ئايرىش سانائىتى ۋە %90 نېفىت تۇرۇبىسى سودىسىنى مونوپول قىلىۋالغان، شۇڭا بەزىلەر روكفېللېر پەقەت ۋاسىتە تاللىمايدىغان، پايدىنىلا كۆزلەيدىغان كاپىتالىست، دەپ قارايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، روكفېللېر خىرىستىيان ئەقىدىسىگە چىن كۆڭلىدىن ئىشىنىپ، ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان فوند جەمئىيىتى پۈتۈن دۇنيادا ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش ئاساسىي مەقسىتىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇنىڭ ئىئانە قىلغان ئومۇمىي سوممىسى 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، شۇڭا بەزىلەر ئۇنى مەرد ساخاۋەتچى دەپ ماختايدۇ. «نېفىت پادىشاھى»نىڭ ئۇزاق ھاياتى نام-شۆھرەتنىڭ يېرىمىنى نابۇت قىلدى.
1839-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، جون D روكفېللېر نىيۇيورك ئىشتاتىنىڭ خادسون دەرياسى بويىدىكى بىر كىچىك بازاردا تۇغۇلغان. ئۇلارنىڭ جەمەتى 18-ئەسىردە گېرمانىيەدىن ئائىلىسى بويىچە ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ خاراكتېرى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ: ئاتىسى ئەمەلىيەتكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم، بالا تەربىيەلىگەندە، ئۇلارغا سىڭدۈرىدىغان ئىدىيەمۇ ئەمگەك قىلغاندىلا ھەققە ئېرىشكىلى بولىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. ئانىسى بولسا ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى ئىنجىلغا ئېتىقاد قىلىدىغان تەقۋادار خىرىستىيان مۇرىتى بولۇپ، ئۇ ئىشچان، ئاددىي-ساددا ئىدى. روكفېللېر چوڭ ئوغل بولۇش سۈپىتى بىلەن، دادىسىدىن ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان سودا يولىنى ئۆگىنىۋالغان، يەنە ئاپىسىدىن ئىنچىكە، تېجەشلىك بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىقتەك ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگەنگەن، بۇ ئۇنىڭ كېيىنكى مۇۋەپپەقىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.
روكفېللېر كىچىكىدىن تارتىپلا سودا قابىلىيىتىنى نامايان قىلغان، ئۇنىڭ بىر ھېسابات دەپتىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ئىش قىلىش ئەھۋالى تەپسىلىي خاتىرىلىگەن، بۇ ئارقىلىق دادىسىدىن ھەق تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ بۇ پۇللارنى يىغىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارغا قەرز بېرىپ، بەلگىلىك ئۆسۈم ئېلىپ، ئۇنىڭدىن پايدا ئالغان. بىر قېتىم روكفېللېر ئورمانلىقتا كۈركە توخۇنىڭ ئۇۋىسىنى بايقاپ، كىچىك كۈركە توخۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ باقماقچى بولىدۇ، مىننەتدارلىق بايرىمىدا كۈركە توخۇنى سېتىۋېتىپ، روكفېللېر ئارىدىن خېلى كۆپ پايدا ئالىدۇ.
روكفېللېر 14 ياشقا كىرگەن يىلى، كىلېۋېلاند مەركىزىي ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇ دائىم پىرىستانغا بېرىپ ئايلىنىپ، سودىگەرلەرنىڭ سودا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. بىر كۈنى، ئۇ بىر ساۋاقدىشىنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ، ئىككىيلەن ماڭغاچ پاراڭلىشىدۇ. ھېلىقى ساۋاقدىشى: جون، سەن چوڭ بولغاندىن كېيىن نېمە قىلماقچى؟ دەپ سورىغاندا، ياش روكفېللېر قىلچە ئىككىلەنمەستىن: مەن 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئىگە ئادەم بولىمەن، مەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن، دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، روكفېللېر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماي، سودا ساھەسىگە كىرىپ تىرىكچىلىك قىلىشنى قارار قىلغان. روكفېللېرنىڭ خىزمەتكە بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇ كلېۋېلاندنىڭ سودا-سانائەت كارخانىلىرى تىزىملىكىنى ۋاراقلاپ، خېلى نامى بار شىركەتلەرنى تەپسىلىي ئىزدەيدۇ. ئۇ كېيىن ئەسلەپ: «مەن تۆمۈر يول شىركىتىگە، بانكىغا، توپ سېتىش سودىگىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ خىزمەت ئىزدىدىم، كىچىك دۇكانلارغا بارمىدىم، مەن چوڭ ئىش قىلىمەن» دەيدۇ. لېكىن بۇ دېمەككە ئاسان، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىزدە، روكفېللېر تۇرار جايىدىن ئايرىلىپ، ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك كىيىم ۋە ئېگىز ھەم قاتتىق ياقىلىق كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، قارا گالىستۇك تاقاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالدىن كېلىشىپ قويغان يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا بارىدۇ. كۆپ قېتىم باشقىلار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن روكفېللېر يەنىلا ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ. روكفېللېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىركەتنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، يەنە باشتىن باشلىغان، بەزى شىركەتلەرگە ھەتتا ئىككى-ئۈچ قېتىم بارغان. لېكىن ھېچكىمنىڭ بالا ياللىغۇسى يوق. لېكىن روكفېللېر ئاشۇنداق جاھىل مىجەز ئادەم، ئوڭۇشسىزلىققا قانچە كۆپ ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ئىرادىسى شۇنچە مۇستەھكەم بولىدۇ. ھەر ھەپتىدە ئالتە كۈن يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ، ئۇ ئۇدا ئالتە ھەپتە داۋاملاشتۇرغان.
1855-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 16 ياشلىق روكفېللېر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش ۋاكالەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شۇيت تاتېر شىركىتىگە كىرگەن. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىنى ئىككىنچى خوجايىن ھېنرى B. تاتېل بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ھېسابات خاتىرىلىگۈچى لازىم بولغاچقا، شۇنىڭ بىلەن روكفېللېرغا بېرىشكە ئويلاشقان. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم شىركەتكە كەلگەن روكفېللېر چوڭ خوجايىن ئەيساك L شويېت بىلەن كۆرۈشىدۇ، بۇ چوڭ خوجايىن روكفېللېرنىڭ خېتىنى تەپسىلىي كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، «قېلىپ سىناپ باق.» دەيدۇ. خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنغان روكفېللېر خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قالىدۇ، ئەينى چاغدىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى روكفېللېر ياشانغان چاغلىرىدا ئەسلىگەندىمۇ يەنىلا ئېسىدە بارلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 9-ئاينىڭ 26-كۈنى روكفېللېرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى بولۇپ قالغان، ئۇ بۇ كۈننى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى تۇغۇلغان كۈنى قاتارىدا تەبرىكلىگەن.
ھېسابات خاتىرىلىگۈچى بولغان روكفېللېر كۈن بويى ھېسابات دەپتىرىگە باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭ خىزمەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلمايدۇ. ئۇ ئەسلەپ: «مېنىڭ تۇنجى خىزمىتىم ھېسابات خاتىرىلىگۈچى بولغاچقا، سان ۋە پاكىتقا ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم، مەيلى ئۇ قانچىلىك كىچىك بولسۇن ...» دەيدۇ. كېيىن شىركەت روكفېللېرنى ھېسابات تالونىنى تۆلەشكە مەسئۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىزمەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى تېخىمۇ ئېھتىياتچان، ئەستايىدىل بولۇپ، ھەر قېتىم ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، روكفېللېرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ پۇلىنى خەجلىگەندىنمۇ بەكرەك باش قاتۇرىدۇ. روكفېللېر كۆرۈلگەن بىر نەچچە پۇڭ كىچىك خاتالىققا چىداپ تۇرالمايدۇ، بۇ خىل مەسۇلىيەتچان پوزىتسىيە خوجايىننى ئىنتايىن رازى قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ياش روكفېللېر شويېت خوجايىنى ئۈچۈن ئۆي ئىجارىسى يىغقاندا، سەۋرچان، ئەدەپلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە قەتئىي ئېگىلمەس-سۇنماس روھىنى نامايان قىلغان، يەنى ئۆي ئىجارىسىنى ئالمىغىچە ھەرگىز بولدى قىلمىغان. ھېساباتنى ياخشى خاتىرىلىگەندىن باشقا، روكفېللېر يەنە دائىم شىركەتنىڭ تىجارىتى ئۈچۈن ئەقىل كۆرسەتكەن. بىر قېتىم شىركەت بىر تۈركۈم مەرمەر تاش سېتىۋېلىپ، ئورالمىسىنى ئاچقاندىن كېيىن، يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىنغان مەرمەر تاش ماتېرىيالىدا نۇقسان بارلىقىنى بايقايدۇ، خوجايىننىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئامالسىز قالىدۇ. بۇ چاغدا كاللىسى ئۆتكۈر روكفېللېر مەسئۇلىيەتنى يۈك توشۇشقا مەسئۇل ئۈچ تىرانسپورت شىركىتىگە ئىتتىرىپ، بۇ ئۈچ شىركەتكە ئايرىم-ئايرىم ھالدا زىياننى تۆلەپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ قالتىس چارە بىلەن شىركەت ئېرىشكەن تۆلەم ئەسلىدىكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. روكفېللېرنىڭ مۇنەۋۋەر ئىپادىسى خوجايىننىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ، 1855-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شويېت روكفېللېرغا دەسلەپكى ئۈچ ئايلىق ئىش ھەققى ئۈچۈن 50 دوللار بېرىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇزۇن ئۆتمەي، شويېت يەنە بۇ ياردەمچى ھېسابات خاتىرىلىگۈچىنىڭ مائاشىنىڭ ھەر ئايدا 25 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆسىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. روكفېللېر ئەسلەپ: «دەل شۇ يەردە، مەن سودا قىلىشنى ئۆگىنىش ھاياتىمنى باشلىدىم، ھەر ھەپتىلىك مائاشىم 5 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى.» دەيدۇ.
1857-يىلى 17 ياشلىق روكفېللېر مۇدىر ھېسابات خاتىرىلىگۈچىلىككە ئۆستۈرۈلۈپ، يىللىق كىرىمى 600 دوللارغا ئۆستۈرۈلگەن. بۇ چاغدا روكفېللېر تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن بىر قىسىم ئۇن، سۈرلەنگەن چوشقا سېنى ۋە چوشقا گۆشى سودىسىنى سىناپ بېقىشقا باشلايدۇ، گەرچە كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىم ئۇنىڭغا ئازراق پايدا ئېلىپ كېلەلەيتتى.
1858-يىلى ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن روكفېللېر دوستى مولىس كلاركنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن شېرىكلىشىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت قۇرىدۇ. روككېفېللېر %10 ئۆسۈمى بىلەن دادىسىدىن 1000 دوللار قەرز ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزى ئامانەت قويغان 800 دوللارنى قوشۇپ، ھاياتىدىكى تۇنجى شېرىك شىركىتى — كراك-روككېفېللېر شىركىتىنى قۇرىدۇ. يېڭى شىركەتنىڭ تىجارىتى ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولۇپ، تۇنجى يىلىلا 45 مىڭ دوللار سودا قىلىپ، 4000 دوللار ساپ پايدا ئالىدۇ، ئىككىنچى يىلى يىل ئاخىرىدا 12 مىڭ دوللار ساپ پايدا ئالىدۇ. تىجارەت جەريانىدا كراك روكفېللېرنىڭ تىجارەت ئىقتىدارىغا ئىنتايىن قايىل بولغان بولۇپ، ئۇ ئەينى يىللاردىكى ئەھۋالنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ناھايىتى تەرتىپلىك بولۇپ، ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلاتتى، بىر تىيىنمۇ كەم قىلمايتتى. ئەگەر بىزگە بېرىدىغان بىر پۇڭ پۇل بولسا، ئۇ چوقۇم ئېلىپ كېلەتتى. ئەگەر خېرىدارغا بىر پۇڭ كەم بەرسىمۇ، ئۇ خېرىدارنىڭ ئېلىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلاتتى. روكفېللېر سودا قىلغاندا ھەمىشە ئىشەنچكە تولۇپ، يۈكسەك ئىرادىلىك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە گېپىدە تۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئامال قىلىپ ئۆزىنى باشقىلارغا ئىشەندۈرمەكچى بولاتتى.»
1859-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا نېفىت بايقىلىپ، بېيىش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەن سانسىزلىغان كىشىلەر بىر مەھەل يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ. روكفېللېر نېفىتكە زور قىزغىنلىق باغلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەقلىنى يوقىتىپ قويماي، قارىغۇلارچە شامالغا ئەگەشمەيدۇ. ئۇ بىۋاسىتە ھەم ئىشەنچلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بىنجۇ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان جايغا ئۆزى بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىدۇ. خام نېفىت چىقىدىغان جايدا روكفېللېر قۇدۇق جازىلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى، جۇشقۇن بىر مەنزىرىنى كۆرىدۇ. سوغۇققان روكفېللېر سىرتقى يۈزىدىكى گۈللىنىش مەنزىرىسىدىن قايمۇقۇپ قالمايدۇ، ئۇ قارىغۇلارچە قېزىشنىڭ ئارقىسىدىكى يوشۇرۇن كىرىزىسنى كۆرۈپ يېتىدۇ.
بىر مەزگىل نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق روكفېللېر كلېۋېلاندقا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ مۇشۇ ئاساستا چىقارغان ئاخىرقى قارارى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سالماسلىق ئىدى، چۈنكى ئۇ يەردە 72 نېفىت قۇدۇقى بولۇپ، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1135 تۇڭغا يېتەتتى، نېفىتكە بولغان ئېھتىياج ئىنتايىن چەكلىك ئىدى، تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا نېفىت بازىرىنىڭ ئەھۋالى چوقۇم چۈشۈپ كېتەتتى، بۇ قارىغۇلارچە قېزىشنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىدى. دەرۋەقە، روكفېللېر ئويلىغاندەك ئاۋانگارت بولغانلار پۇل تاپالمايدۇ. ئەسەبىيلەرچە قېزىش سەۋەبىدىن ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى بىراقلا چۈشۈپ كېتىپ، ھەر تۇڭ نېفىت دەسلەپكى 20 دوللاردىن بىراقلا 10 سېنتقا چۈشۈپ قالىدۇ. نۇرغۇن نېفىت سودىگەرلىرى شۇ سەۋەبتىن زىيان تارتىپ كېتىدۇ. روكفېللېر بولسا ئېغىر بېسىقلىقى بىلەن ئۆزىنى بىھۇدە زىياندىن ساقلاپ قالىدۇ. روكفېللېر بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشىلىك كەسىپ يارىتىش ئۈچۈن، چوقۇم سەۋر قىلىشنى ئۆگىنىش كېرەك». كۆپ ساندىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى بۇنداق چۇس كەيپىياتتا، قۇدۇقتىكى نېفىتنى تېزرەك ئېلىشنى ئويلايدۇ، بىرەر سانائەت قۇرۇشنى ئويلىمايدۇ. روكفېللېر بولسا باشتىن-ئاخىر ئېغىر-بېسىق پوزىتسىيەنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ كەسىپنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستىقبالغا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن.
1861-يىلى، ئامېرىكىدا جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى پارتلايدۇ. ئۇرۇشقا قاتناشمىغان روكفېللېر سودا مەيدانىدا كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ تېزلا يۇقىرى سوممىلىق قەرز بېجىرىپ، ئۇرۇش مەزگىلىدە زۆرۈر بولغان بۇيۇملارنى كۆپلەپ بېسىپ قويىدۇ. بۇ روكفېللېرغا ناھايىتى كۆرۈنەرلىك پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇرۇشنىڭ ئېلىپ كەلگىنى بۇلارلا ئەمەس، چۈنكى ئەينى چاغدا تۆمۈر يول تېز سۈرئەتتە گۈللەنگەن بولۇپ، نېفىتكە بولغان ئېھتىياجمۇ زور دەرىجىدە ئاشقان ئىدى.
بىنجوۋدىكى تۇنجى قېتىملىق يۈرگۈزۈشتە روكفېللېر مۇنداق بىر تونۇشقا كېلىدۇ، نېفىت تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ھەقىقەتەن پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ، سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا نېفىت ئايرىش ھەم بىخەتەر ھەم تەرتىپلىك ئاقىلانىلىكتۇر. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ مۇنداق ئېتىقادنى تۇرغۇزىدۇ: نېفىت ئايرىش بۇ كەسىپتىن ئەڭ چوڭ مەنپەئەتكە ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇچى. بۇ سامۇئېل ئاندرېۋس ئىسىملىك دوستىنىڭ روكفېللېرغا بەرگەن ئىلھامى، روكفېللېرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇشتىن نېفىت كەسپىگە ئۆتۈشىمۇ دەل سامۇئېل ئاندرېسنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن نەسىھەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان. ئاندرېس يورۇتۇش مېيى جەھەتتىكى مۇتەخەسسىس، ئۇنىڭ قارىشىچە كىرسىن باشقا مەنبەلەردىكى نۇرغا قارىغاندا پارقىرايدىغان بولۇپ، بازارمۇ تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ئاندرېس مەبلەغ سالغۇچىنى ئىزدەش ئۈچۈن كراك بىلەن روكفېللېرنى تاپىدۇ. روكفېللېر بۇنى ياخشى پۇرسەت دەپ ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن، 1863-يىلى روكفېللېر كلېۋېلاندتا يېڭىدىن نېفىت ئايرىش شىركىتى — ئاندرېس-كراك شىركىتىنى قۇرۇشقا مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلىدۇ.
قورقۇنچاق، ئېھتىياتچان كراك بىلەن قاپ يۈرەك روكفېللېرنىڭ مىجەزى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا دائىم تەدبىر بەلگىلەشتە ئېغىر ئىختىلاپ كۆرۈلىدۇ. روكفېللېر كېيىنكى ئەسلىمىسىدە: «مېنىڭ قەرز ئېلىپ نېفىت ئايرىش كەسپىنى كېڭەيتىش ئىشىم ئۈچۈن، ئۇ ئىنتايىن خاپا بولدى، خۇددى بۇ ئۇنىڭ چىشىغا تەگكەندەك.» دەيدۇ. ئاخىرىدا ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز يولىغا مېڭىشىغا مەجبۇر قىلغان كاتالىزاتور بولسا، 1865-يىلى 1-ئايدا پىتخور دەرياسى دېگەن جايدا بىر نېفىتلىك بايقىلىشى. كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، روكفېللېر كراكنى بىر پارچە قەرز ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ، ئەمما روكفېللېرنىڭ ئېرىشكىنى كراكنىڭ غەزىپى ئىدى: «بۇ نېفىت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بىز ئىزچىل پۇل قەرز ئېلىپ كېلىۋاتىمىز، قەرز ئالغان پۇل بەك كۆپ بولۇپ كەتتى.» دەيدۇ ئۇ. روكفېللېر قىلچە يول قويماي رەددىيە بېرىپ: «پەقەت پۇل قەرز ئېلىپ كەسىپنى پۇختا كېڭەيتەلىسەكلا، بىز چوقۇم قەرز ئېلىشىمىز كېرەك.» دەيدۇ، كراك روكفېللېرنى قورقۇتماقچى بولۇپ، تارقىلىپ كېتىمىز دەپ تەھدىت سالىدۇ.
مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى شىركەتنى كىم ئارتۇق قىلىپ، باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغان سېتىۋالغۇچىغا بېرىش. كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشنىڭ تۆۋەن باھاسى 500 ئامېرىكا دوللىرى بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى تېزلا 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلەيدۇ، بۇ روكفېللېر ئويلىغان نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ قىممىتىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا يەنە 72 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىگەندە، روكفېللېر قىلچە ئىككىلەنمەستىن 72 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى باھا قويدۇ، ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى. كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتىن كېيىن، روكفېللېر 72 مىڭ 500 دوللار بىلەن شىركەتنىڭ يەنە بىر يېرىم پاي ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شىركەتنىڭ نامى روكفېللېر ئاندرېس شىركىتىگە ئۆزگەرتىلىدۇ. روكفېللېر 26 يېشىدا، كلېۋېلاندتىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئىگە بولغان بولۇپ، ھەر كۈنى 500 تۇڭ خام نېفىت ئايرىيالايدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر سەكرەپلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
1865-يىلى 12-ئايدا، روكفېللېر ئاندرېس شىركىتى ئىككىنچى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى — ئۆلچەملىك نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى ئاچىدۇ. تۆت يىلدىن كېيىن، ئىككى زاۋۇتقا بىرلەشمە پاي شەكلىدە ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتى دەپ ئىسىم قويۇلۇپ، ئوخىئو ئىشتاتىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلۇپ، روكفېللېر باش لىدىر بولىدۇ. كېيىن روكفېللېر ئۇدا بىر نەچچە نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى سېتىۋالىدۇ ھەمدە تۇرۇبا تىرانسپورت كەسپىگە قەدەم قويىدۇ، يەنە ئۆزىنىڭ تۆمۈر يول تورىنى قۇرۇپ، كەسىپنى مونوپول قىلىۋالىدۇ.
1865-يىلى روكفېللېر نېفىت كەسپىگە يېڭى كىرگەندە، كلېۋېلاندتا 55 نېفىت ئايرىش زاۋۇتى بولۇپ، 1870-يىلى ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتى قۇرۇلغاندا ئاران 26سى ھايات قالغان، 1872-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتى بۇ 26 زاۋۇتتىن 21نى كونترول قىلىدۇ.
1878-يىلى 8-ئايدا ئاندرېس بىلەن روكفېللېر ئوتتۇرسىدا پايچىكلارغا پايدا تەقسىملەش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ كۆرۈلىدۇ. روكفېللېر كۆپرەك پايدىغا ئېرىشىشنىلا ئويلاپ، پايدىنى تەكرار ئىشلەپچىقىرىشقا سەرپ قىلىشنى خالىمايدىغان پايچېكلارغا بۆلۈپ بېرىشكە چىداپ تۇرالمايدۇ. ئاندرېس شىركەتنىڭ پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىمەن دەپ تەھدىت سالغاندا، روكفېللېر ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا قولىدىكى پاي چېكىنى سېتىۋالىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ شىركەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئالىدۇ.
داۋامى ئەتە داۋاملىق يوللىنىدۇ......
مەنبە: «روكفېللېرنىڭ ئوغلىغا يازغان 38 پارچە خېتى» ناملىق كىتاب
ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى.
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن
كىرىپ
كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0