搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئېھسان: ئارتىس بولۇشتىن ئاۋۋال ئادەم بولۇش كېرەك
>
ئېھسان: ئارتىس بولۇشتىن ئاۋۋال ئادەم بولۇش كېرەك
Nepkar
2020-10-04
2
导读:ھەممىمىز مەلۇم نەرسىلەر ئۈچۈن ياشايمىز، شۇڭا جاسارەت بىلەن قوغلىشىشىمىز كېرەك...
ئېھسان: ئارتىس بولۇشتىن ئاۋۋال ئادەم بولۇش كېرەك
ئېھسان، بۇ ئىسىمنى ئاڭلىسىلا، ھەر بىر شىنجاڭلىق بالىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى يەنىلا ئۇنىڭ گۆدەك خاررىي پوتتېر ئوبرازى بولۇشى مۇمكىن.
نۇرغۇن كىشىلەر ئېھساننىڭ نېمە ئۈچۈن «يوقاپ» كەتكەنلىكىگە قىزىقىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەزەلدىن تىياتىر سەھنىسىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بولۇپ، ئۇ ئىزچىل كۆزنى چاقنىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئاپپاق يۈزلىرى، قاپقارا چوڭقۇر كۆزلىرى كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ چاقناپ تۇرىدۇ، بۇ شىنجاڭلىق يىگىت نېمە دېگەن كېلىشكەن.
ئېھسان مەركىزى تىياتىر ئىنستىتۇتى كەسپىي دەرسى ۋە مەدەنىيەت دەرسى نەتىجىسى ئۇدا تۆت يىل پۈتۈن يىللىقلار بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشىپ، پۈتۈن يىللىقلار بويىچە بىرىنچى بولغان ئومۇمىي نەتىجىسى بىلەن مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى تارىخىدىكى تۇنجى ئاسپىرانتلىققا ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بولۇپ قالدى، بۇ شىنجاڭلىق كىچىك يىگىت ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر.
2011-يىلى ئېھسان ئەلا نەتىجە بىلەن مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتى تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولدى.
ھازىرغا قەدەر كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ تەسىر قىلغان ۋاقىت تىلغا ئېلىنسا، ئېھسان ئۆزىنىڭ مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلگەن كۈنى ئىكەنلىكىنى دەيدۇ.
ئۇ كۈنى مەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئاۋاز بېرىش خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم، بۇ دەل ئۈرۈمچىنىڭ قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان قىش پەسىلى ئىدى، مەن ئۆزۈمنىڭ مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن چىقىپ ئىشىك ئالدىدىكى قارغا ئۆزۈمنى ئېتىپ، (大) خەت شەكلىنى چىقىرىپ يېتىپ كۈلدۈم، كۆز قۇيرۇقۇمدا ياشلار توختىماي ئېقىۋاتاتتى، مەن بەك خۇشال بولدۇم، چۈنكى مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى مېنىڭ ئارزۇيۇمدىكى كاتتا ساراي ئىدى.
بالا چولپان ئېھسان كىچىكىدىن تارتىپ چوڭ بولغىچە رىياسەتچىلىك، ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇل قاتارلىق نۇرغۇن سەنئەت ساھەلىرىگە ئىشتىياق باغلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاكتيورلۇققا ناھايىتى ئامراق ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئاكتيورلۇق تەجرىبىلىرى ناھايىتى مول بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ ئاكتيورلۇق كەسپىگە رەسمىي قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيتتى، ئېھسان ئۆزىنىڭ يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلەتتى.
قەلبىمدە پەقەتلا ناھايىتى قالتىس قىلىشتىن ئىبارەت بىرلا ئوي بار
نام-ئاتاق ئەمەلىي كۈچكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇ ھەقىقىي لاياقەتلىك ئارتىس بولۇش ئۈچۈن، ساۋاقداشلىرىدەك تىرىشتى، ھەتتا ئۇلاردىنمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
ئارتىس بولۇشتىن ئاۋۋال ئادەم بولۇش كېرەك
ئېھسان قاتتىق چۆكۈپ كىرىشنى، ئۆزىنى ئانالىز قىلىپ، ئۆزىنى ئېنىق تونۇشنى تاللىدى.
«ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا مەن ھەمساۋاق ئاكىلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرگىلى باردىم. شۇ چاغدا مەن ئەڭ ئاخىرقى رەتتە ئولتۇرغان بولساممۇ، ئۇلارنىڭ توغرا تەلەپپۇزىنى ئېنىق ئاڭلىدىم، رول ئېلىش ماھارەتلىرىدىن تەسىرلىنىپ، ھەيران قالدىم. شۇ چاغدا كۆڭلۈمدە بىرىنچىدىن، ئۇلارغا قايىل بولدۇم، ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى قىلىشنى ئويلىدىم، ياق، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئويلىدىم.»
دەيدۇ ئېھسان.
جىسىمنىڭ ھەرىكىتى قانچە كەسكىن بولسا، سۈركىلىش كۈچىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ؛ قانچە چاقناپ كۆزنى قاماشتۇرسا، شۇنچە شىددەتلىك كۆيىدۇ.
ھەر كۈنى ئەڭ بالدۇر مەشىق ئۆيىگە كېلىدىغىنى ئۇ، ئەڭ كەچ ئايرىلغىنىمۇ ئۇ. تاماق يېيىش ۋە ئۇخلاشتىن باشقا، قالغان ۋاقىتلاردا ئۇ كۇتۇپخانا بىلەن مەشىق ئۆيى ئارىسىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرىدۇ، بىر رول ئېلىش، بىر ھەرىكەت، بىر قىياپەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاش ئۈچۈن، نۇرغۇن قېتىم مەشىق ئۆيىدە ئۇخلاپ قالاتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئېھسان بارلىق زېھنى ۋە قىزغىنلىقىنى تىياتىر ئىجادىيىتى ۋە ئۆگىنىشكە سەرپ قىلدى، شۇڭا ساۋاقداشلىرى ئۇنى «تىياتىر سارىڭى» دەپ ئاتايتتى.
ئېھسان شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز كەسپىگە شۇنچىلىك ئىشتىياق باغلايدۇكى، نام-مەنپەئەت ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ساپ مۇھەببىتى ۋە چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەنلىكتىن، بۇمۇ ئۇنىڭ لاياقەتلىك ئارتىس بولۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىدۇ.
ئۇ تىياتىرنى قاتتىق ھۆرمەتلەيدىغان بولۇپ، ئۆزى ئامراق سەھنە ئەسىرىدىكى روللارنى ئېلىپ، مەڭگۈ سەھنىدە يۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
تۇرمۇشقا نىسبەتەن، ئاشسا ئاشىدۇكى، ھەرگىز كېمەيمەيدىغان داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەش قىزغىنلىقى ۋە ئارزۇسى بار.
بۇ خىل ئىشەنچ ۋە چىنلىق، قەلبىدىكى ئاشۇ قىزغىنلىق، كەسپىي ئىقتىدارى قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولغاچقا، ئېھساننىڭ ئويۇنى كۆپ قېتىم دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇتەخەسسىس، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ھەر قايسى چوڭ-كىچىك سەھنىلەردە چاقنايتتى.
تەيشەن تېغىدەك مەغرۇرلانماسلىق
ئارتىسلار جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشىشى كېرەك، چۈنكى ئەڭ تۆۋەن قاتلامدا تۇرغاندىلا، ھەر خىل جاپا-مۇشەققەتلەر ۋە كىشىلىك ھاياتتىكى تۈرلۈك تۈمەن ھالەتلەرنى كۆزىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ. كەمتەرلىكنى ئۇنتۇپ قالغاندا، باشقىلارنىڭ كۆزىتىش ئوبيېكتى بولۇپ قالىسىز، ئۇنداقتا ئارتىس بولۇش بۇرچىڭىزمۇ شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە ئاخىرلىشىدۇ.
ئېھساننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېرىشكەن نۇرغۇن شان-شەرەپلىرى ئۇنىڭ نەزىرىدە پەقەت لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇت بولۇپ، ئۇ «پەقەت ئاكتىيورلۇقنى ئۆگىنىۋاتقان، پات ئارىدا بىر ئارتىس بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى قىلدىم.» دەپ قارايدۇ.
ئۇنىڭغا نىسبەتەن، ئوخشاشلا ھەر بىر ھەقىقىي ئارتىسقا نىسبەتەن، ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ نام-مەنپەئەت، ئېقىم مىقدارى ئەمەس، بەلكى ھەر بىر قېتىملىق ئويۇندىن كېيىن نەق مەيداندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئۈزۈلمەس ئالقىش سادالىرى، شۇ دەقىقىدە سەھنىدىكى ئارتىسلار ئاققۇزغان تەر ۋە ياش ئەرزىيدىغانلىقى، قىلچە ئەپسۇسلىنىش يوقلۇقىنى ھېس قىلىدۇ.
مەن تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشى ۋە باھاسىغا پەرۋا قىلىمەن، لېكىن ئالقىش سادالىرى ۋە ياخشى باھالارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تاماشىبىنلارنىڭ رايىغا باقمايمەن. مەن پەقەت ئويۇنۇم ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا جاۋاب قايتۇرۇشنى، ئۇلارنىڭ پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان بېلىتىنى يەردە قويماسلىقنى، ئويۇن كۆرۈش ئۈچۈن شۇنچە يىراقتىن نەچچە سائەت مېترو، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش ۋاقتىنى، ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى شۇ ۋاقىتنىڭ ئىسراپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىشىنى خالىمايمەن. مەن پەقەت نەق مەيداندىكى ھەر بىر تاماشىبىن بىلەن بىللە بۇ تىياتىرنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلانغۇم بار.
روھى بىلەن خىزمەت قىلىش ئېھتىمال بۇ بىر ئارتىسنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىدۇر.
بارلىق ئۆسمۈرلەرگە:
مەن كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ياشلىقتىن ھۇزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما بۇ ھۇزۇرلىنىش چوقۇم ئەركىنلىكنى ئاساس قىلىشى كېرەك، بۇ ئەركىنلىك سىز نېمە قىلىشقا تېگىشلىك بولغاندا شۇنى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ياشلىقىڭىزنى قەدىرلەپ، تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشتىكى ھەر بىر مىنۇت ۋە ھەر بىر سېكۇنتتىن بەھرىمەن بولۇڭ. ئەڭ پۇختا دوستلۇق ئورنىتىپ، ھەقىقىي مۇھەببەت باغلاڭ. يان تېلېفوننى قويۇپ، يالغۇز تۇرۇشنى ئۆگىنىپ، يالغۇزلۇقتىن ھۇزۇرلىنىڭ. ئۇزاققىچە خۇشال-خۇرام ياشاڭ!
بۇ خىل خۇشاللىق توغرا يۆنىلىشتە ئەمەس، بەلكى تىك يۆنىلىشتە بولۇشى كېرەك، يەنى بۈگۈنكى ئۆزىنىڭ تۈنۈگۈنكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ياشىغانلىقىدىن خۇشال بولۇڭ. ئۈمىد ۋە ئارزۇ بىلەن ياشاڭ، كۆز ئالدىڭىزدىكى يوقىلاڭ نەرسىلەرگە بېرىلىپ كەتمەي، قەلبىڭىزدىكى ئاشۇ قىزغىنلىق ۋە سەمىمىيلىكنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كېرەك.
ھەممىمىز مەلۇم نەرسىلەر ئۈچۈن ياشايمىز، شۇڭا جاسارەت بىلەن قوغلىشىشىمىز كېرەك.
گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا مۇشۇنداق قايناق ھاياتنى تاللاڭ، بۇ پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدىغان ھاياتتا ئۆچمەس مۆھۈر قالدۇرۇپ، تۇرمۇشنى مەنىلىك قىلىدىغان ئىشلارنى قوغلىشىڭ! بىرلىكتە يۇلتۇزلار ۋە دېڭىزنى قۇچاقلايلى.
مەنبە: توۋتىياۋ تورى «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم»دىن ئېلىندى.
ئىلقۇت ئىلىمكانى سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلدى.
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0