大数跨境

پۇل قايتۇرۇلامدۇ؟

پۇل قايتۇرۇلامدۇ؟ Nepkar
2020-09-16
1
导读:قەغەز زاكا فورمالدېگىد ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە پۇل قايتۇ
قەغەز زاكا فورمالدېگىد ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە پۇل قايتۇرۇلامدۇ؟

بۈگۈنكى ئاگاھلاندۇرۇش ئەھۋالىغا نەزەر (16-سېنتەبىر)


ئالدىنقى مۇناسىۋەتلىك يازمىلار (تېمىنى چەكسىڭىز بەت ئاتلايدۇ):

1. ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىپ، ئىقتىسادىمىزنى قوغدايلى 11-سېنتەبىر

2. ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش ئالدامچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش 12-سېنتەبىر

3. شەھەر ئاھالىلىرىگە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش 13-سېنتەبىر

4. تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى 14-سېنتەبىر

5. تېلېگراف ئالدامچىلىقى ھەققىدە سۆھبەت خاتىرىسى 15-سېنتەبىر

--------

9-ئاينىڭ 14-كۈنى، دېڭ خانىم ئۆزىنى تاۋباۋ خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونى دەپ ئاتىۋالغان بىر تېلېفوننى قوبۇل قىلغان، قارشى تەرەپ دېڭ خانىم ئۇلارنىڭ دۇكىنىدىن سېتىۋالغان بوۋاقلار زاكىسىدىكى فورمالدېگىدنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ھازىر شىركەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە دېڭ خانىمغا ئۈچ ھەسسە پۇل قايتۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىدىغانلىقىنى، دېڭ خانىمنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەت QQ نى قوشۇپ مەشغۇلاتقا ماسلىشىپ پۇل قايتۇرۇشىنى تاماملىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

دېڭ خانىم قارشى تەرەپنىڭ QQ سىنى قوشقاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ دېڭ خانىمنىڭ كۈنجۈت ئىناۋىتى (芝麻信用)نىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، دېڭ خانىمنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرگەندىلا ئاندىن پۇل قايتۇرۇشنى تاماملىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. 

دېڭ خانىم ئاتالمىش «خېرىدارلار مۇلازىمىتى»نىڭ قايمۇقتۇرۇشى بىلەن، ھەر قايسى چوڭ تور قەرز سۇپىسى جەمئىي 14 مىڭ يۈەن قەرز ئالغان ھەمدە تولۇقى بىلەن قارشى تەرەپكە يۆتكەپ بەرگەن.

خېلىغىچە ساقلاپمۇ پۇلىنىڭ قايتۇرۇلمىغانلىقىدىن دېڭ خانىم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلغان، جەمئىي 14 مىڭ يۈەن زىيان بولغان.


ئالدامچىلىق ئانالىزى

قانۇنسىز ئۇنسۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن ئالدامچىلىق ئىككىلىك كودىنى سىكاننېرلاش ياكى خېرىدارلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى يىغىش تور بېكەت ئۇلىنىشىنى چېكىپ كىملىك نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر، دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا پۇلنى قايتۇرۇپ بولغانلىقىنى، لېكىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىناۋىتى يېتەرلىك بولمىغاچقا، قايتۇرۇلغان پۇل ھېساباتقا كىرمىگەنلىكىنى، شۇڭا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قەرز ئېلىپ «ئاقما ھېسابات شەكىللەندۈرۈش» ئارقىلىق ئىناۋەتنى ئۆستۈرگەندىلا، قايتۇرۇلغان پۇل ئاندىن ھېساباتقا كىرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئارقىدىنلا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى مېيتۈەن، 360 قاتارلىق سۇپىلارغا بېرىپ قەرز ئېلىشقا ۋە پۇل يۆتكەشكە يېتەكلەپ،  يۇقىرى سوممىلىق تور قەرزىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زېممىسىگە يۈكلەپ قويىدۇ. 


ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ:

 1. «00، +»دىن باشلانغان چېگرا سىرتىدىكى تېلېفوننى قوبۇل قىلغاندا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا 110 تېلېفونىنى ئالدىن قوبۇل قىلىش؛

2. ئەگەر «00، +» تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلېفون قىلىپ «تۆلەم بېرىش»، «پۇل قايتۇرۇش»نى بېجىرىشىڭىزنى ئېيتسا، دەرھال ھۆكۈمەت تورىغا چىقىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بېقىڭ، ئەسلىدىكى سۇپىدىن چىقىپ خۇپىيانە ھالدا QQ، ئۈندىدارنى قوشۇۋېلىپ ئالاقىدار مەشغۇلاتلارنى قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىڭ؛

3. ناتونۇش كىشىلەرگە كىملىك نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر، دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمەسلىك، ناتونۇش ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىماسلىق، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تور بەت ئۇلانمىلىرىنى چەكمەسلىك كېرەك؛

4. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالدىنىپ قالسىڭىز ياكى گۇمانلىق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، دەلىل-ئىسپاتلارنى قوغداشقا دىققەت قىلىڭ، ھەمدە دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى 7654321 گە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.


ئەسكەرتىش:

ئەگەر سىز باشقا رايوندا بولسا، شۇ رايوندىكى دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى شۇ رايوننىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.


مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: ئىلقۇت


تور ئالدامچىلىقىدىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى!


مەزكۇر يازما گەرچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئۈندىدار ئورگان سالونىدىن ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشىنىمىزكى، يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى پۈتۈن رايونىمىز، ھەتتا پۈتۈن دۆلىتىمىز تەۋسىدە ئورتاقلىققا ئىگە، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ مەزكۇر يازمىنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىپ قويۇشىنى، باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


سالون ئەسكەرتمىسى:

سالونىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ مال-مۈلۈك ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالدامچىلىققا قارىشى تۇرۇش تەشۋىقات يازمىلىرىنى ھەر كۈنلۈكى ماس قەدەمدە تەرجىمە قىلىپ يوللاپ، تورداشلارنىڭ ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش بىلىملىرىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ ئەگەر سالونىمىزنىڭ مەزكۇر يازمىلىرىدىن ئازتولا نەپ ئالغان بولسا، سالونىمىزنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408