جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئالدامچىلاردىن ئېھتىيات قىلىڭ!

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى: 0991 ـ 7654321
جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش
جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش نۆۋەتتە بىر قەدەر كۆپ يۈز بېرىدىغان ئالدامچىلىق تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خاراكتېرى قەبىھ، زىيان يەتكۈزۈش دەرىجىسى ئىنتايىن زور بولغان تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ.
بىرىنچى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت قىياپىتىگە كىرىۋېلىش
1. ئالدامچى ئۇنسۇرلار خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ نامىدىكى يان تېلېفون نومۇرىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، ھازىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
2. ئالدامچى ئۇنسۇرلار ئۆزىنى بانكا ياكى ئىناۋەتلىك كارتا باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ ئاتاپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ كىملىكى يۈتۈپ كېتىش سەۋەبىدىن سالاھىيەت ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكىنى، ھازىر باشقا كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ نامىدا مەلۇم جايدا نۇرغۇن بانكا كارتىسى بېجىرگەنلىكىنى، بۇ بانكا كارتىلىرىنىڭ پۇل يۇيۇش ياكى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ.
ئىككىنچى، تېلېفوننى «ساقچى تەرەپ»كە ئۇلاپ بېرىش
ئارقىدىن، تېلېفون «مەلۇم جايدىكى ساقچى»غا ئۇلاپ بېرىلىدۇ، پاراڭلىشىش جەريانىدا «ساقچى» دېلونىڭ مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغانلىقىنى ئۈزلۈكسىز تەكىتلەپ «ھەرقانداق ئادەمگە ھەرقانداق ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.»غانلىقىنى ئېيتىدۇ ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن ئالاقىنى ساقلاشنى، بولمىسا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى «توختىتىپ قويۇش ھەمدە ئۇنىڭ مۈلكىنى توڭلىتىش.»ۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
شۇڭا، كۆپ ساندىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئالدىنىش جەريانىدا ئالدامچىلىق تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماي سۈكۈت قىلىدۇ، ھەتتا بۇ ئىشنى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگىمۇ ئېيتمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدامچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئۆزىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەردىن كەلگەن تېلېفونلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدامچى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.
شۇڭا تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ساقچىلىرى تېلېفوندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى نەسىھەت قىلىپ توسقاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئالدامچىلىق تېلېفونىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۈچىنچى، «تۇتۇش بۇيرۇقى، ساقچىلىق كىنىشكىسى»نى مەيدانغا چىقىرىش
ئۆزىنى ساقچى دەپ ئاتىۋالغان ئالدامچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئۆزىنىڭ QQ سىنى قوشقۇزىدۇ ھەمدە QQ ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ساختا ساقچى كىنىشكىسى، تۇتۇش بۇيرۇقى ئەۋەتىدۇ.
كۆپ ساندىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار «ئۆزى»نىڭ «تۇتۇش بۇيرۇقى»نى كۆرگەندىن كېيىن ساراسىمىگە چۈشۈپ قالىدۇ ھەمدە ئالدامچىلارنىڭ سۆزىگە قاتتىق ئىشىنىشكە باشلايدۇ، ئالدامچىلارمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملايدۇ.



تۆتىنچى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئالداپ ئالدامچىلىق قىلىش يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرگۈزۈپ، «مەبلەغ ئېنىقلاش»قا ماسلىشىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ
ئالدامچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن «ساقچى ئىشلىرى بىخەتەرلىكى» نامىدىكى ئالدامچىلىق يۇمشاق دېتالى ۋە مەخپىي پاراڭلىشىش APP سىنى چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەكشۈرۈشكە ماسلاشسىلا جىنايىتىنى يۇيغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالدامچىلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ تېلېفونىنى جىددىي توختىتىۋېتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىلەن «مەخپىي پاراڭلىشىش (密聊)» ئەپ دېتالى ئارقىلىق ئالاقىلىشىدۇ. ئىككىنچىدىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا يېڭى تېلېفون كارتىسى، يان تېلېفون سېتىۋالغۇزۇپ ئالاقىلىشىدۇ.


ئالدامچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا «مەبلەغ ئېنىقلاش» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، «مەبلەغ ئېنىقلاش»تىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ پۇلىدا مەسىلە يوقلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ئالدامچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن مېھمانخانىغا بېرىپ ياتاق ئېچىش (سىرت بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈش)نى تەلەپ قىلىپ «مەبلەغ ئېنىقلاش»نى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بارلىق مەبلىغىنى بىر كارتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ،
كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن ئالدامچىلىق APP سىدا بۇ بانكا كارتىسىنىڭ ھېسابات نومۇرى، مەخپىي نومۇرى، يان تېلېفون دەلىللەش نومۇرىنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئالدامچىلار ئارقا سۇپىدا بۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ پۇلىنى چىقىرىۋېلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قاق-سەنەم قىلىپ قويىدۇ.
ساقچى تەرەپنىڭ ئەسكەرتىشى:
1. جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت ئورگانلىرى تېلېفوندا دېلو بېجىرمەيدۇ، تېلېفوننى ئۆزئارا ئۇلاپ بەرمەيدۇ؛
2. جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا تورغا چىقىپ «تۇتۇش بۇيرۇقى»، «قولغا ئېلىش بۇيرۇقى»نى سۈرۈشتۈرۈشنى ھەرگىز تەلەپ قىلمايدۇ؛
3. جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا «بىخەتەر ھېسابات» ياكى «تەكشۈرۈش ھېساباتى» مەۋجۇت ئەمەس، سىزدىن مېمورىئال پېرېۋوت قىلىشنى تېخىمۇ تەلەپ قىلمايدۇ؛
4. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالدىنىپ قالسىڭىز ياكى گۇمانلىق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، دەلىل-ئىسپاتلارنى قوغداشقا دىققەت قىلىڭ، دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى 7654321-0991 گە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.

ئەسكەرتىش:
ئەگەر سىز باشقا رايوندا بولسا، شۇ رايوندىكى دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى شۇ رايوننىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.
مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: ئىلقۇت

تور ئالدامچىلىقىدىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى!
مەزكۇر يازما گەرچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئۈندىدار ئورگان سالونىدىن ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشىنىمىزكى، يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى پۈتۈن رايونىمىز، ھەتتا پۈتۈن دۆلىتىمىز تەۋسىدە ئورتاقلىققا ئىگە، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ مەزكۇر يازمىنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىپ قويۇشىنى، باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.