مەلۇم ۋاكالەتچىمىزنىڭ مەھسۇلاتىمىزنى ئەرزان باھادا سېتىپ خېرىدار توپلىشى سەۋەبلىك، بازار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ كەتكەندە، مېنىڭ ئۇنى داۋاملىق بۇنداق قىلىشتىن توسقۇم بار، بىراق مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرەيمەن. مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟
1. بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەندە، ئەڭ ئاۋۋال تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلار شىكايەت قىلىشتىن بۇرۇن، مەھسۇلاتىڭىزنى تۆۋەن باھادا سېتىۋاتقان ۋاكالەتچى بىلەن ياخشى سۆزلىشىشىڭىز كېرەك. باشقا ۋاكالەتچىلىرىڭىز باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنى تۆۋەن باھادا سېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، چوقۇم دەرھال شىركىتىڭىزگە شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى داۋاملىق مۇشۇنداق بولىۋەرسە، ئۇلارنىڭ پايدىسى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. سىز ئاكتىپلىق بىلەن ئاشۇ مەھسۇلاتىڭىزنى تۆۋەن باھادا سېتىۋاتقان ۋاكالەتچى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ھېچ بولمىغاندا ئاشۇ شىكايەت قىلغۇچىلارغا سىزنىڭ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا كىرىشكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك.
2. ئەگەر مەھسۇلاتىڭىز بازاردا ئالقىشنىۋاتقان، ۋاكالەتچىلەرنىڭ سېتىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولغان چولپان مەھسۇلات بولسا، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ۋاكالەتچىگە تۆۋەن باھادا سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىۋاسىتە ئېيتىپ، بولمىسا ئۇنىڭغا داۋاملىق مال بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز، بىر قېتىم ئەستايىدىل ئەسكەرتكەندىن كېيىن، بۇ خىل بازىرى ياخشى مالغا نىسبەتەن ۋاكالەتچى قايتا قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلمايدۇ.

3. ۋاكالەتچىڭىزنىڭ ئېقىم مىقدارى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى مەھسۇلاتىڭىز ياكى پايدا نىسبىتى يۇقىرى مەھسۇلاتىڭىزنىڭ بازىرىنى كېڭەيتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ۋاكالەتچىلىرىڭىز يېڭى مەھسۇلاتنى ئايرىم تەۋسىيە قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس دەپ قارىسا، يېڭى مەھسۇلات ۋە شىركىتىڭىزنىڭ دائىملىق سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىنى ئوراپ قاچىلاپ، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بويىچە كېڭەيتسە بولىدۇ.
4. ئەگەر مەھسۇلاتىڭىزنى تۆۋەن سېتىۋاتقىنى ئانچە-مۇنچە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ قويىدىغان كونا ۋاكالەتچىڭىز بولسا، ئۇلارغا ئايرىم بىر ئۆلچەم تۇرغۇزۇپ ياكى ئوراپ قاچىلاپ بېرىپ، تۆۋەن باھادا ئوبروتنى ئاشۇرۇشىغا ھەمدەمدە بولسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھەم ۋاكالەتچىلەرنى يېتەكلەش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ ھەم باشقا ۋاكالەتچىلەرنىڭ شىكايەت قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
5. ئەگەر پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ۋاكالەتچىڭىز يەنىلا تۆۋەن باھادا سېتىشتا چىڭ تۇرسا، لېكىن سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىش مەقسىتىڭىز بولسا، ۋاكالەتچىڭىزدىن ھەر كۈنى چەكلىك تەمىنلەشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، ھەر كۈنى 100 تال دېگەندەك. بۇنداق بولغاندا بازاردىكى باھا تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
6. ۋاكالەتچىڭىزنىڭ تۆۋەن باھادا سېتىشتىن ۋاز كېچىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئېقىم مىقدارى زىيىنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، سىز شىركەتنىڭ باشقا بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ ۋاكالەتچىڭىزگە «تولۇقلىما» بەرسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن، شىركەتنىڭ ئېلان بايلىقى، توردىكى باشقا بايلىقلاردىن خېرىدارىڭىزغا مۇۋاپىق قولايلىق يارىتىپ بېرىش قاتارلىقلار.
7. ئەگەر قارشى تەرەپ پارچە سېتىش سودىگىرى بولسا، ئۇلار سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنى سوۋغاتلىق بۇيۇمى قىلىشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمالى XX يۈەنگە توشسا، شىركىتىڭىزنىڭ مەھسۇلاتىغا ھەقسىز ئېرىشەلەيدىغان قىلىشمۇ ياخشى تاللاش بولالايدۇ. بۇنداق بولغاندا خېرىدارلار بىلەن بىر قىسىم تەننەرخنى تەڭ ئۈستىگە ئالغىلى بولىدۇ.
8. ئەمەلىيەتتە سىز مەسىلىگە يەنە بىر نۇقتىدىن قارىسىڭىز خۇشال بولۇپ قالىسىز. چۈنكى ۋاكالەتچىڭىز سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنى ئىشلىتىپ خېرىدار جەلپ قىلغان بولسا، بۇ سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ چوقۇم بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئېنىق (سۈزۈك) بولغاچقا، باھاسىنى ئازراق چۈشۈرۈپ بەرگەندە، ئىستېمالچىلار پۈتۈن دۇكاندىكى ماللارنىڭ باھاسىنىڭ ناھايىتى ئەرزانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. تاللا بازىرىدىكى دائىم تۆۋەن باھادا خېرىدار جەلپ قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىككى خىل مەھسۇلاتقا قاراپ بېقىڭ، بىرى تۇخۇم، يەنە بىرى كوكاكولا، ھەممىسى بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات.
سېتىش | يېڭى خېرىدارنىڭ مالنى نېسى قىلىش مەسىلىسى (تېمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز بولىدۇ.)

