تەڭتۇشلىرىڭىز تەرىپىدىن «سەپتىن قالغان» سىزنىڭ چىقىش يولىڭىز قەيەردە؟
تەڭتۇشلارنىڭ كەينىدە قالسا، ئادەم بىئارام بولىدۇ. ئەنئەنىۋى قاراش بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، باشقىلار بىلەن بەسلەشمەي، ئۆزىمىز بىلەنلا بەسلەشمىكىمىز زۆرۈردۇر.
لېكىن بۇنى دېمەك ئاسان، قىلماق تەس. ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئەگەر سىز باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرماقچى بولسىڭىز، تەڭتۇشلىرىڭىزنىڭ ئالاھىدە زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئەھۋالىنى نەزىرىڭىزدىن ساقىت قىلالمايسىز.
ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭمۇ پايدىسى بار، ئۇلار خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى بولالايدۇ.
ئۇنداقتا، سىز رىقابەتنىڭ ئاكتىپ تەرىپىدىن قانداق پايدىلىنىسىز، ئۇنىڭ سىزگە بولغان خاتىرجەمسىزلىك تۇيغۇسىغا بەرداشلىق بېرىش كۈچىڭىز قانچىلىك؟
تۆۋەندە بىز بەش خىل تاكتىكىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.

بىرىنچى، بېسىم پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنى تېپىش
ئۆزىنى تەڭتۇشلىرىنىڭ كەينىدە قالغاندەك ھېس قىلىش، كۆپ خىل شەكىلدە پەيدا بولىدۇ. ئۇ بەلكىم قىسقا ۋاقىتلىق بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن خوجايىننىڭ يەنە بىر خىزمەتدىشىنى ماختىغانلىقىنى ئاڭلاش؛ بەلكىم سىجىللىقنى ساقلىشى مۇمكىن، مەسىلەن خىزمەتداشلىرىنىڭ كۈنبۇيى ئالدىراشچىلىق بىلەن قىلىۋاتقان خىزمىتىدە چوڭ-چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىنىنى كۆرۈشتىن بولغان بىر خىل بىئارامسىزلىق كەيپىياتى (توغرىسىنى ئېيتقاندا كۆپىنچە ھەسەت كېشىنىگە چۈشۈپ قېلىش) قاتارلىقلار.
ئويلاپ بېقىڭ، زادى قانداق ئامىل سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرۇشىڭىزغا سەۋەب بولدى؟ خوجايىننىڭ خىزمەتداشلارنى قوللىشى، سىزنى ئۆزىڭىزنى كەمسىتىش ھېس قىلدۇرامدۇ؟ مەلۇم بىر دوستىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى سىزگە زەربە بولامدۇ؟
سىز دائىم ئۈندىدار چەمبىرىكى، مىكروبىلوگ قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلامسىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈچلۈك ئەنسىزلىك ۋە تەنھالىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلىشتىن ساقلىنالمامسىز؟
ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا سىز يالغۇز ئەمەس.
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىزنىڭ ئىچكى پاسسىپ بىر تەرەپلىمە قارىشىمىزنى كۈچەيتىۋەتكەن، بىز تېخىمۇ كۆپ دىققىتىمىزنى ئاكتىپ كەچۈرمىشكە ئەمەس، پاسسىپ كەچۈرمىشكە قارىتىمىز.
باشقىلارغا يەتمەيدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىشىڭىزغا تۈرتكە بولىدىغان ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ، بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى سىز بۇ ئىشلارنىڭ قوزغىتىش ئامىلى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ھامان، ئۇلارنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز.
ئىككىنچى، پاسسىپ ھالدا خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشتىن ئاڭلىق ھالدا ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىش
تەڭشۇشلىرىڭىزنىڭ كەينىدە قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغان ھامان، سىز بەلكىم بارلىق ئەنسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان پائالىيەتلەردىن ۋاز كېچىشىڭىز مۇمكىن.
لېكىن ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇ چارە ھەم مۇۋاپىق ئەمەس، ھەم كارغا كەلمەيدۇ.
مەسىلەن، سىز خوجايىننىڭ سىزگە ياكى خىزمەتداشلىرىڭىزغا بولغان قارىشىنى ئاڭلاشتىن ساقلىنالماسلىقىڭىز مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، دوستىڭىزدىن ئايرىلسىڭىزمۇ، ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتمىسىڭىزمۇ، يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ ئۆزىڭىزنى بارغانسېرى باشقىلارغا يەتمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىۋېرىشىڭىز مۇمكىن. تېخىمۇ ياخشى ئامال بولسا ئاڭلىق ھالدا ئۇ تەسىراتلارنى سىزگە پايدىلىق قىلىش.
مەسىلەن، سىز كېلەر قېتىم ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كۆرگەندە، ئۆزىڭىزدىن نېمە ئۈچۈن بۇ ۋاقىتتا بۇ ئىشنى قىلغانلىقىڭىزنى سوراپ بېقىڭ.
چۈنكى زېرىكىشلىك ھېس قىلغىنىڭىز ئۈچۈنمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزگە باھا بېرىش ئەمەس، بەلكى مەقسەتلىك ھالدا كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىز كېرەك.
ياكى،كېلەر قېتىم خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ئارقىڭىزغا بىر قەدەم چېكىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزنى باھا قوشماي كۆزىتىڭ.
ئاندىن تەڭتۇشلىرىڭىزنىڭ ئالغا بېسىشىغا ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەدە بېرىڭ، خۇددى سىز ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى تەكشۈرىدىغان مۇخبىردەك، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە رىقابەتلەشكۈچى دەپ قارىۋالماڭ.
ئەگەر بۇلار سىزنى بىئارام قىلسا، چوقۇم ۋاقتىنچە يىراقلىشىڭ. لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز ئۆگىنىش مەقسىتى بىلەن ئۇلارغا يېقىنلاشسىڭىز بولىدۇ.
ئۆزىڭىزگە «مەن قىلالىشىمنى (ياكى ئىگە بولۇشۇمنى) ئۈمىد قىلىمەن.» دېمەي، ئۆزىڭىزدىن «مەن نېمىشقا قىلالمايمەن (ياكى ئىگە بولالمايمەن)؟» دەپ سوراپ بېقىڭ. ئاندىن ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ كاللىڭىزدا ئەكس ئەتكەن خىياللارنى تىڭشاپ بېقىڭ.
ئۈچىنچى، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلىپ، قايتىدىن ئېتىراپ قىلىش ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشىش
كۈچلۈك ئەنسىزلىك تۇيغۇسى پارتلىغان مەزگىلدە، سىز قانداق قىلغاندا باشقىلارغا يېتىشىۋېلىشنى ئويلىشىشىڭىز مۇمكىن.
بۇ ۋاقىتتا، سىز كىچىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق كىچىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدار تۇيغۇڭىزنى قايتىدىن تاپالايسىز.
سىزنىڭ يادرولۇق ئەۋزەللىكىڭىزدىن پايدىلىنىپ ھەسسىلەپ تىرىشىپ، ئۇلارنى دۇنياغا نامايان قىلىڭ ھەمدە باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن پايدىلىنىپ ئەۋرىشىملىكنى يېتىلدۈرۈڭ.
بىر يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولدى، چۈنكى ئۇ ئەسلىدە بۇ يىل يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن لىدىرلىققا ئۆستۈرۈلەتتى. لېكىن يۇقۇم سەۋەبلىك بۇ ئىشلار كېچىكتۈرۈلدى. ئۇ ئۇخلىسىمۇ ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بۇ خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىش پۇرسىتىنىڭ ئاستا-ئاستا يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى-دە، باشقا شىركەتلەردىكى تەڭتۇشلىرىغا ھەۋەس قىلاتتى، چۈنكى ئۇلار بۇ قېتىمقى كىرىزىستىن بۇرۇنلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆسۈپ بولغان ئىدى.
بۇنداق پاسسىپ ھالەت كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، بۇ ئېنىقلا ئۇنىڭ بۇ يىلقى ئىپادىسىگە پايدىسىز بولۇشى تەبئىي. بۇ خىل ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، ئۇ ئىلگىرىكى ياشاشتا تايىنىدىغان ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىشنى قارار قىلدى: يەنى يېزىقچىلىق ئىقتىدارى.

