搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
مەركىزى بانكىنىڭ جازا تالونى: بەش بانكا ئېغىر جازالاندى
>
مەركىزى بانكىنىڭ جازا تالونى: بەش بانكا ئېغىر جازالاندى
Nepkar
2020-10-23
1
导读:ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىغا قارىتا «قىلچە يول قويم
مەركىزىي بانكىنىڭ ئېغىر جازا تالونى: قۇرۇلۇش بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى كۆپ سوممىلىق جەرىمانە تالونى تاپشۇرۇۋالدى
مەركىزىي بانكىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركىزىي بانكا ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرىنى قوغداش خىزمىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىغا «قەتئىي يول قويماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قەتئىي قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ.
ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىندا، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار تارماق ئاپپاراتلىرى قانۇن بويىچە بىر قىسىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۈچ بانكىنىڭ جەمئىي ئالتە تارماق ئاپپاراتىنى جازالىدى.
ئۈچ بانكىنىڭ ئالتە تارماق ئاپپاراتى كۆپ سوممىلىق جەرىمانە تالونى تاپشۇرۇۋالدى
بۇ ئالتە تارماق ئاپپارات ئايرىم-ئايرىم ھالدا: يېزا ئىگىلىك بانكىسى جىلىن شەھىرى جياڭبېي تارماق بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى شىزۈيشەن شەھەرلىك شۆبە بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى دېياڭ شۆبە بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى لوۋدى شەھەرلىك شۆبە بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى دوڭيىڭ شۆبە بانكىسى، قۇرۇلۈش بانكىسى جيەندې تارماق بانكىسىدىن ئىبارەت.
مەنبەسى: جۇڭگو فوند گېزىتى (قۇرۇلۇش بانكىسى جيەندې تارماق بانكىسىنىڭ ئۇچۇرى ۋاقتىنچە ئېلان قىلىنمىدى)
1. مەركىزىي بانكىنىڭ ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېزا ئىگىلىك بانكىسى جياڭبېي تارماق بانكىسىدا ساقلانغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ تۈرى تۆۋەندىكىچە:
(1) ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە قوغداش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش؛
(2) پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇش.
مەركىزىي بانكا ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى ھەمدە قوشۇمچە 12 مىليون 230 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.
يېزا ئىگىلىك بانكىسى جياڭبېي تارماق بانكىسىنىڭ شۇ چاغدىكى باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى، تىجارەت ئىشخانىسىنىڭ كەسپىي مەسئۇلى ۋە خىزمەتچىلىرىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 17 مىڭ 500 يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلدى.
2. جۇڭگو بانكىسى شىزۈيشەن شەھەرلىك شۆبە بانكىسىدا ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە قوغداش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار مەۋجۇت بولۇپ، 4 مىليون 110 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.
3. قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ دېياڭ شۆبە بانكىسى، دۇڭيىڭ شۆبە بانكىسى ۋە لۇدى شەھەرلىك شۆبە بانكىسىدا ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە قوغداش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار مەۋجۇت، ئۇلارغا 14 مىليون 60 مىڭ يۈەن، 5 مىليون 140 مىڭ يۈەن ۋە 5 مىليون 330 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
مەركىزىي بانكا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن سۆزلىشىپ، دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇدى.
ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىغا قارىتا «قىلچە يول قويماسلىق» كېرەك
مەركىزىي بانكىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەركىزىي بانكا ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرىنى قوغداش خىزمىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىغا «قەتئىي يول قويماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قەتئىي قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ.»
ئالدىنقى مەزگىلدە، قىسمەن تاراتقۇلار ئايرىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
مەركىزىي بانكا تەۋەلىك پىرىنسىپى بويىچە تەكشۈرۈپ دېلو تۇرغۇزۇپ، دېلوغا چېتىشلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدا ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر بىخەتەرلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى بارلىقىنى بايقاپ، دېلوغا چېتىشلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.
مەركىزىي بانكا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېلوغا چېتىشلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى بۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەپ، ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرىنى قوغداش بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ۋاقتىدا تۈزىتىشكە بۇيرۇدى.
مەركىزىي بانكىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كېيىنكى قەدەمدە، ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ.
ئىستېمالچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە "پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى"دىكى ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەت مېخانىزمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە تۈپ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.»
مەركىزىي بانكا سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئۆگىتىدۇ
بۇ بانكىلارنى جازالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەركىزىي بانكا كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئۆگەتتى، قانداق ئەپچىل چارىلەر بار، تېز كېلىپ كۆرۈپ بېقىڭ:
بىرىنچىدىن، كىملىك، بانكا كارتىسى، بانكا (چىقىم قىلىش) ئىسچوتى قاتارلىقلارنى ياخشى ساقلاپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىپ تۇرماڭ؛
ئىككىنچى، شەخسىي پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرى، مال-مۈلۈك ئەھۋالى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلارنى باشقىلارغا ئاشكارىلىماسلىق، ھەر خىل تور ۋە تور سىرتىدىكى يوللاردا شەخسىي پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە قالدۇرماسلىققا ئەھمىيەت بېرىڭ؛
ئۈچىنچى، پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئىمكانقەدەر ئۆزىڭىز بېجىرىڭ، ھەرگىزمۇ تونۇشمايدىغان كىشىلەرگە ياكى ۋاسىتىچىلەرگە ۋاكالىتەن بېجىرىشنى ھاۋالە قىلماڭ، شەخسىي پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنىڭ ئوغرىلىنىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ؛
تۆتىنچى، شەخسىي كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەپ تۈرلۈك كەسىپلەرنى بېجىرگەندە، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا ئىشلىتىش ئورنىنى ئەسكەرتىشنى ئونۇتماڭ؛
بەشىنچى، كارتا سۈركەپ سېتىۋېلىش تالونى، پۇل ئېلىش تالونى، ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ھېسابات سېلىشتۇرۇش تالونى قاتارلىقلارنى خالىغانچە تاشلىماڭ، بىكار قىلىنغان پۇل مۇئامىلە كەسپىي تالونلىرىنى ۋاقتىدا كۆيدۈرۈۋېتىڭ؛
ئالتىنچى، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان يانفون قىسقا ئۇچۇرى، ئېلخەت ۋە ئېنىق بولمىغان ئۇلانمىلارنى ئالدىراپ چەكمەڭ، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئىككىلىك كودنى خالىغانچە سىكاننېرلىماڭ، ئاممىۋىي سىمسىز تورى (WIFI)، مەخپىي بولمىغان سىمسىز تورنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش؛
يەتتىنچى، شەخسىي پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەۋپىنى بايقىغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ ھوقۇقىڭىزنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408