搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئىقتىساد:ئېنىقسىزلىق، تەدرىجىي تەرەققىيات ۋە ئىقتىساد نەزەرىيەسى
>
ئىقتىساد:ئېنىقسىزلىق، تەدرىجىي تەرەققىيات ۋە ئىقتىساد نەزەرىيەسى
Nepkar
2020-10-05
1
导读:ئادەمنى ئەقلىي بولۇپ، ھەر بىر ئادەم ئەڭ كىچىك بەدەل بىلەن ئەڭ چوڭ مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ.
ئىككىنچى بۆلۈم: ئىنسان تەبئىيىتى قارىشى | ئادەم ئەقلىي ۋە شەخسىيەتچى بولامدۇ؟
ئېنىقسىزلىق، تەدرىجىي تەرەققىيات ۋە ئىقتىساد نەزەرىيەسى
بىز ھەممىمىز مۇنداق بىر خىل قاراشنى ئاڭلىغان بولۇشىمىز مۇمكىن: ئىقتىسادشۇناسلىق «ئادەم ئەقلىي بولىدۇ» دېگەن بىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئۇ «ئادەمنى ئەقلىي بولۇپ، ھەر بىر ئادەم ئەڭ كىچىك بەدەل بىلەن ئەڭ چوڭ مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ.» دەپ پەرەز قىلىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، ئەستايىدىل ئادەم بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ: «ئادەم دائىم ئاقىلانە بولمايدۇ.» دەپ قارايدۇ.
ئەگەر شۇنداق بولسا، ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيەسى بەزىدە توغرا، بەزىدە خاتا بولۇپ قالمامدۇ؟ ئادەم ئاقىلانە بولغاندا ئۇ توغرا بولىدۇ، ئادەم ئاقىلانە بولمىغاندا ئۇ خاتالىق سادىر قىلىدۇ.
بۇ چاغدا، «ئادەم ئەقلىي بولىدۇ.» دېگەن بۇ ئىقتىسادشۇناسلىق ئاساسى زامانغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ، مۇستەھكەم بولمايدۇ. ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئاساسى مۇستەھكەم بولمىغاندا، ئۇ ناھايىتى چوڭ گۇمانغا دۇچ كېلىدۇ.
شۇڭا، ھەقىقىي ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇر سىستېمىسى ئالدى بىلەن ئىقتىسادشۇناسلىق ئۈچۈن پۇختا ئاساس تېپىشى كېرەك.
ئىككى چوڭ ئىقتىسادشۇناسنىڭ ئەقلىي كۈرىشى
ئادەمنىڭ ئاقىلانە ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش ناھايىتى بۇرۇنلا بار ئىدى. ئىلگىرى ئىككى ئىقتىسادشۇناسمۇ مۇشۇنداق تالاش-تارتىش قىلغان: بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىقتىسادشۇناسنىڭ ئىسمى رىچارد لېستېر (Richard Lester) بولۇپ، ئۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كارخانىچىلارنىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيەسىدە دېيىلگىنىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەسىلەن، خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش نىسبىتى ئۆرلىگەندە، كارخانىچىلار ئىشچى ياللاشنى ئازلاتمىغان، شۇنداقلا مەھسۇلات باھاسىدىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان، كارخانىچىلار تەننەرخنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇنچە سەزگۈر ئەمەس. پەقەت مەھسۇلاتنىڭ تەمىنلەش-تەلەپ مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولغاندىلا، مەھسۇلاتنىڭ باھاسىدا چوڭراق ئۆزگىرىش بولىدۇ.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كارخانىچىلار تەدبىر بەلگىلىگەندە، تولۇق ھالدا ئىقتىسادشۇناسلار ئېيتقان ئەڭ سەرخىللاشتۇرۇش پرىنسىپى بويىچە ئىش قىلمايدۇ. ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيەسىدىكى تەننەرخ پايدىسىنىڭ مارگىنال تەھلىلى رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
يەنە بىر ئىقتىسادشۇناس فرىز ماكلۇپ (Fritz Machlup) ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئاقلىغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ھەر بىر كىشى تەدبىر بەلگىلىگەندە، گەرچە ئىقتىسادشۇناسلىقنى چۈشىنىشىپ كەتمىسىمۇ، ھېسابلىغۇچ بىلەن ھېسابلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىلىپ-بىلمەي، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ پەرىزىگە، ئەڭ چوڭ بولۇش پرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولۇپ قالىدۇ.
ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەم يولدا ماشىنا ھەيدىگەندە، بەزىدە سۈرئەتنى تېزلىتىپ، بەزىدە ئاستىلىتىپ، بەزىدە ماشىنا يولىنى ئالماشتۇرۇپ، بەزىدە يانداپ ئۆتىدۇ، ئەلۋەتتە گەرچە ھېسابلىغۇچنى ئېلىپ ھېسابلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە، ئۇ بۇ جەرياندا ئەڭ سەرخىللاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ بولغان بولىدۇ.
ئىككى ئىقتىسادشۇناس ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئۇنداقتا ھەر بىر ئادەم قارار چىقارغاندا، زادى توغرا ھېسابلامدۇ-يوق؟ ئەقلىي ئادەمنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ سەرخىللاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟
ياش پروفېسسورنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى
ئامېرىكا كالىفورنىيە داشۆسى لوس ئانژېلېس تارماق مەكتىپى (UCLA)نىڭ بىر ياش پىروفېسسورى ئارمېن ئالچىن (Armen Alchian) ئوقۇغۇچىلاردىن لېستېر بىلەن ماكلۇپنىڭ تالاش-تارتىشىنى ئاڭلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز كۆز قارىشىنى مۇنداقلا ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئىككى ئىقتىسادشۇناسنىڭ كۆز قارىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر قىسمى توغرا، بىر قىسمى خاتا، ئەمەلىيەتتە مۇنداق بولۇشى كېرەك ....» دېگەن.
بۇ ئوقۇغۇچىلار ئالچىننىڭ كۆز قارىشىنى باشقا بىر پىروفېسسور سىتېفېن ئېنكې(Stephen Enke)غا ئېيتىپ بەرگەن. پروفېسسور ئېنكې ئالچىننىڭ كۆز قارىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، ئالچىننى يېزىپ-چىقىشقا دەۋەت قىلغان. ئەمما ئالچىن ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى «پەقەت ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئادەتتىكى ئوي-پىكىر، يېزىشقا ئەرزىمەيدۇ.» دەپ قارىغان.
پروفېسسور ئېنكې بۇنىڭغا قوشۇلماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كونسىپىكى ھېسابىدا بولسىمۇ يېزىپ قويۇشنى ئېيتقان. ئالچىن يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئېنكې يەنە چاپلىشىۋېلىپ ئۇنىڭدىن ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئالچىن يېزىپ بولغان ماقالىسىنى «سىياسىي ئىقتىساد ژۇرنىلى (Journal of Political Economy)»غا ئەۋەتكەن.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، «سىياسىي ئىقتىساد ژۇرنىلى»نىڭ باش مۇھەررىرى مىلتون فرېدمان جاۋاب خەت يېزىپ: «ماقالىگە ئازراق تۈزىتىش كىرگۈزۈلسىلا ئېلان قىلساق بولىدۇ.» دېگەن.
شۇنىڭ بىلەن، ئالچىننىڭ ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلارغا تەييارلىغان «ئېنىقسىزلىق، تەدرىجىي تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادىي نەزەرىيە (Uncertainty, Evolution and Economic Theory, 1950)» دېگەن ئاددىي كونسىپىكى 1950-يىلىدىكى «سىياسىي ئىقتىساد ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان. بۇ ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىلمىي ماقالە، بۇ ئىلمىي ماقالە ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەسىگە پۇختا ئاساس سالغان، شۇنداقلا ئىقتىسادشۇناسلىقتا ئەڭ كۆپ نەقىل كەلتۈرۈلگەن ماقالىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئۇنداقتا، ئالچىننىڭ كۆز قارىشى زادى نېمە؟
بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىدا شارائىتقا قاراش كېرەك، ئاقىلانە ياكى ئەمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز
ئالدىنقى ئىككى ئىقتىسادشۇناس لېستېر بىلەن ماكلۇپ، ئادەمنىڭ زادى ئاقىلانە ياكى ئەمەسلىكى، ھەرىكىتىنىڭ توغرا ھېسابلانغان-ھېسابلانمىغانلىقىنى تالاش-تارتىش قىلغان. بىرى، «كىشىلەرنىڭ ھېسابلاۋاتقانلىقىنى كۆرمىدۇق، كىشىلەر قارار چىقارغاندا قولىدا ئەزەلدىن ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياج جەدۋىلى يوق.» دەيدۇ.
يەنە بىرى، «كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ھېسابلاپ بولغان، ئۇلار پەقەت ئاستىرتىن ھېسابلايدۇ.» دەيدۇ. ئالچىن بولسا مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى ئىقتىسادشۇناسنىڭ كۆز قارىشى ھەم توغرا، ھەم خاتا، لېكىن ھەر ئىككىسى مەسىلىنىڭ دەل نىگىزىنى تۇتالمىغان. ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى، ئادەم زادى ئاقىلانىمۇ ئەمەسمۇ، بۇ مەسىلە مۇھىم ئەمەس.»
ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن، دۇنيا ئېنىقسىزلىققا تولغان، ستاتىستىكا ئىلمى نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، پەقەت ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت بولسىلا، كىشىلەر ئەڭ ياخشى يېشىمىنى ھېسابلاپ چىقىشقا ئامالسىز قالىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئەڭ ياخشى ئېھتىماللىق ئارىلىقى بولىدۇ.» مەسىلەن، ئىككى يۈرۈش مەبلەغ سېلىش لايىھەسى بار، بىرى خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى، پايدىسىمۇ يۇقىرى، يەنە بىرى خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن، پايدىسىمۇ تۆۋەن، قايسىسى تېخىمۇ ئەلا؟ لوگىكا جەھەتتە ئۇلار تەڭ قىممەتتە، بىز قايسىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمەيمىز. رېئال تۇرمۇشتا، كۆپ ھاللاردا ئەڭ ياخشىسى مەۋجۇت ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر ئادەم دۇنيادا ياشىغاندا، ئىنتىلىدىغىنى ئەڭ ئەلا ئەمەس، بەلكى ھايات قېلىش!
ئالچىن مۇنداق دەيدۇ: «ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ھايات قېلىش بولۇپ، بىر ئادەم، بىر تەشكىلات، ھەتتا بىر تۈزۈم قانداق ھايات قالغان؟ قانداق شارائىت بولسا ئاندىن ھايات قالغىلى بولىدۇ؟ بۇلارنىڭ ئادەمنىڭ ئاقىلانە بولۇش-بولماسلىقىنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.»
ئالچىن مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەرنى <ئاپتوموبىل ھەيدەپ چىكاگودىن قېچىپ كېتىدۇ.> دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا ئۇلار ئۆزىنىڭ لىنىيەسىنى قانداق تاللىشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت يول بويىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتى لىنىيەسىنى تاللىغان كىشىلەرلا چىكاگودىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قېچىپ كېتەلەيدۇ. باشقىلار مەيلى قانداق تەپەككۇر قىلسۇن ۋە تەدبىر بەلگىلىسۇن، ئەڭ ئاخىرىدا چىكاگودىن ئايرىلالمايدۇ.»
ئالچىن يەنە باشقا بىر مىسال كەلتۈرۈپ، بىر قانچە ئادەم ماي قاچىلاش پونكىتى ئاچماقچى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم ماي قاچىلاش پونكىتىنى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا ئاچسا، بىر ئادەم تاغ چوققىسىغا ئاچسا، يەنە بىر «ئەخمەق»، ئۆزىمۇ بىلمەيلا خاتا ھالدا يول بويىغا ئاچسا، ئېنىقكى، ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىنى بۇ «ئەخمەق» بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئەقىللىق ياكى ئەقىللىق ئەمەسلىكى، پىلانىنىڭ بار-يوقلۇقى، ئارزۇسىنىڭ بار-يوقلۇقى، ھېسسىياتىنىڭ بار-يوقلىقى مۇھىم ئەمەس، پەقەت ئۇ ماي قاچىلاش پونكىتىنى توغرا جايغا ئاچسىلا ھايات قالالايدۇ.
تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئالچىن مۇنداق دەيدۇ: «بىر تۈپ دەرەخنىڭ قۇياش نۇرىغا قارىغان بىر تەرىپىدىكى يوپۇرماقلىرى بىر قەدەر بۈك-باراقسان ئۆسىدۇ، قۇياش نۇرىغا قارىشى بىر تەرىپىدىكى يوپۇرماقلىرى شالاڭ ئۆسىدۇ.»
ئۇنداقتا، بۇ دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئاقىلانىمۇ؟ دەرەخ يوپۇرمىقى ئەڭ «ياخشى» دېگەن قائىدىنى چۈشىنىپ، قۇياش نۇرىغا قاراپ ئۆسىدۇ شۇنداقمۇ؟ بىز بۇنى ھەم ئېنىق بىلمەيمىز، ھەم پەرۋا قىلمايمىز. ئەمما دەرەخ يوپۇرمىقىنىڭ ئىدراكى بولۇش بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز پەقەت بىر قانۇنىيەت، يەنى قۇياش نۇرى چۈشكەن جايدا دەرەخ يوپۇرماقلىرى بۈك باراقسان ئۆسىدۇ، قۇياش نۇرىغا قارىشى جايدا دەرەخ يوپۇرماقلىرى شالاڭ ئۆسىدۇ؛
دۇنيادا ھەممە ئادەم ئەخمەق بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى دەرەخ يوپۇرمىقىچىلىكلا يۇقىرى بولسىمۇ، يەنىلا ھامان بىر ئادەم پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ، ھايات قالالايدۇ، ھەتتا ناھايىتى ياخشى ياشىيالايدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئالچىن ئىقتىسادشۇناسلىق ئۈچۈن بىر پۇختا تەتقىقات ئاساسىنى تېپىپ بەردى، يەنى ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ھايات قېلىشنىڭ شەرتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى قانداق ئەھۋالدا ئادەمنىڭ ھايات قېلىشى، ئەگەر شارائىتتا ئۆزگىرىش بولسا، كىشىلەرنىڭ ھايات قېلىش ئەھۋالىدا يەنە قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىش.
ئويۇن قائىدىسى يېڭىش-يېڭىلىش ئېھتىماللىقىنى بەلگىلەيدۇ
ئەمەلىيەتتە، ئالچىننىڭ نەزەرىيەسى قارىماققا يېڭىلىق ئەمەس، يەنى «ياخشىلىرى تاللىنىپ ناچارلىرى شاللىنىش»تىن ئىبارەت دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىدۇر.
ئالچىنمۇ ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ نەزەرىيەسىنىڭ ھېچقانداق يېڭىلىقى يوقتەك ھېس قىلغان. ئۇ «دارۋىنغا نەزەر سېلىپ باقايلى، دارۋىن دەل مۇشۇ داۋلىنى، يەنى <ماسلىشالىسىلا ئاندىن ياشىيالايدۇ، ماسلىشالىغاندىلا ياشىيالايدۇ.> دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان دەيدۇ.»
دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن ئىقتىسادىي پائالىيەت ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شارائىتىنى تەتقىق قىلىش ئالچىننىڭ ئىجادىي تۆھپىسى.
ئالچىن ئېيتقاندەك، مۇھىت ئۆزگەرگەندە، تەھلىلچىلەر قايسى خىل تىپتىكى قاتناشقۇچىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.
ئەگەر بىز قائىدىنى ئۆزگەرتسەك، يېڭىش-يېڭىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
مەسىلەن، ئەگەر ۋاسكېتبول قائىدىسى ئۆزگىرىپ «تەنھەرىكەتچىلەر چوقۇم ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ مۇسابىقىلىشىشى كېرەك.» دېيىلسە، ئۇنداقتا بىز لىن جىلىڭنىڭ جورداندىنمۇ يامانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز.
زامانغا بېقىپ ئىش كۆرۈش ۋە مۇستەقىل ئىش قىلىش، بۇ ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان قاراشنىڭ قايسىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ؟
ئادام سىمىتنىڭ ئادىمىيلىك قارىشى
ئادىمىيلىك شەخسىيەتچىلىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
بىر خىل قاراش بار، ئۇ «ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنسان تەبئىيىتىدىكى شەخسىيەتچىلىك ئاساسىغا قۇرۇلغان، مەسىلە شۇكى ئادەم بەزىدە شەخسىيەتچى بولمايدۇ، شۇڭا ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ توغرا بولۇشى ناتايىن.» دەپ قارايدۇ.
يەنە بىر خىل قاراش بار: «ئادەم شەخسىيەتچى بولسا بولىدۇ، لېكىن ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، بولۇپمۇ سودىگەرلەر بىر تەرەپتىن سودىگاھلاردا جان تىكىپ ئېلىشىشى، يەنە بىر تەرەپتىن قېنىدا ئەخلاق ئامىلى ئېقىپ تۇرۇشى كېرەك.» دەپ قارايدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر «ئادام سىمىتنىڭ <دۆلەتنى بېيىتىش نەزەرىيەسى> كىشىلەرنىڭ شەخسىيەتچى ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.» دېيىشىدۇ.
سىمىتنىڭ مۇنداق ھېكمەتلىك سۆزى بار: «ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ زادى جەمئىيەتنىڭ پاراۋانلىقىنى قانداق ئىلگىرى سۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئۇ پەقەت ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزىنىڭ پاراۋانلىقىنى قوغلاشسىلا بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ پاراۋانلىقىنى قوغلىشىش جەريانىدا، كۆرگىلى بولمايدىغان بىر قول بولۇپ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى جامائەت ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشقا ئۆزگەرتىدۇ. بۇ كۆرگىلى بولمايدىغان قول، ئۇنىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە قىلىدۇ.»
لېكىن سىمىت يەنە «ئەخلاق پەزىلىتى نەزەرىيەسى (The Theory of Moral Sentiments, 1759)» ناملىق بىر ئەسەرنىمۇ يازغان بولۇپ، بۇ كىتابتا ئادەمدە ئەخلاق بولۇشى كېرەكلىكى سۆزلەنگەن.
سىمىت «ئادەم شەخسىيەتچى كېلىدۇ، ھەم يەنە ئادەم ئەخلاقلىق بولۇشى كېرەك.» دەيدۇ، بۇنداق بولغاندا بىر ئىككى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئادەم زادى شەخسىيەتچىمۇ ئەمەسمۇ؟ «ئادەم شەخسىيەتچى» دېگەن سۆز ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئاساسى قىلىنسا، ئىشەنچلىكمۇ؟
بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال، سىمىتنىڭ بۇ مەسىلىنى زادى قانداق چۈشەنگەنلىكىگە تەپسىلىي قاراپ باقايلى.
ئىنسان تەبئىيىتى شەخسىيەتچى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھېسداشلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە
بىز ئالدى بىلەن «دۆلەتنى بېيىتىش نەزەرىيەسى» ۋە «ئەخلاق-پەزىلەت نەزەرىيەسى»نىڭ نەشر قىلىنىش تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك.
ئەمەلىيەتتە، سىمىت ئالدى بىلەن 1759-يىلى «ئەخلاق پەزىلىتى نەزەرىيەسى»نى نەشر قىلدۇرغان، ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1776-يىلى ئاندىن «دۆلەتنى بېيىتىش نەزەرىيەسى»نى نەشر قىلدۇرغان.
گەرچە «دۆلەتنى بېيىتىش نەزەرىيەسى»نىڭ ھەجىمى تېخىمۇ ئۇزۇن، تېخىمۇ داڭلىق بولسىمۇ، «ئەخلاق-پەزىلەت نەزەرىيەسى» سىمىتنىڭ پۈتكۈل نەزەرىيە رامكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، «دۆلەتنى بېيىتىش نەزەرىيەسى» بولسا پەقەت ئۇنىڭ بىر قىسمىدۇر.
سىمىتنىڭ بىرىنچى قارىشى مۇنداق: «ئادەم شەخسىيەتچى كېلىدۇ، ئاشۇ پۈتۈنلەي شەخسىيەتچى بولمىغان، ھەتتا ئۆزىنىمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر، ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن كىشىلەر جەمئىيەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ.»
سىمىت ئارقىدىنلا ئىككىنچى قاراشنى ئېيتقان: «ئادەم شەخسىيەتچى بولۇپلا قالماستىن، بىرلا ۋاقىتتا يەنە ھېسداشلىق تۇيغۇسىغا ئىگە، يەنى ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ باشقىلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە.»
كىشىلەر ئۆزى بەختلىك دەپ قارىغان باشقىلارنىڭ بەختلىك ياكى ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ بەختلىك ياكى ئەمەسلىكىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ، يەنى سىز بەختلىك بولسىڭىز، مەن بەختلىك بولىمەن؛ سىز ئازابلانسىڭىز، مەنمۇ ئازابلىنىمەن. بۇ بىر خىل تۇغما ئىقتىدار بولۇپ، «ھېسداشلىق» دەپ ئاتىلىدۇ، ھەممە ئادەمدە بار. ئادەمدە ھېسداشلىق تۇيغۇسى بار، يەنى مېھىر-مۇھەببەت بولىدۇ.
ئادەمنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى چەكلىك بولىدۇ، ئارىلىقنىڭ يىراقلىشىشىغا ئەگىشىپ ئاجىزلايدۇ
سىمىتنىڭ ئۈچىنچى قارىشى: «ئادەمنىڭ ھېسداشلىقى ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ يىراقلىشىغا ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە ئاجىزلايدۇ.» ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ يان تېلېفون ئالاقىلىشىش خاتىرىسىنى تەكشۈرسەك، ئىچىدە ئاز بولغاندا نەچچە يۈز ئادەم، كۆپ بولغاندا نەچچە مىڭ ئادەم بار. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان، ھەر ۋاقىت دەردىمىزنى ئاڭلايدىغان، خەتەرلىك پەيتتە پىداكارلىق بىلەن بىزگە ياردەم بېرىدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز.
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0