大数跨境

روكفېللېر: روھىڭنى ۋەيران قىلما

روكفېللېر: روھىڭنى ۋەيران قىلما Nepkar
2020-10-24
1
导读:خىرىس بولمىسا مۇۋەپپەقىيەت بولمايدۇ، بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت بىلەنلا توختاپ قالما، ئۆزىنى يەڭگۈچى، ئ
1-پارچە
كىرىش سۆز 2 كىرىش سۆز 1
4-پارچە
3-پارچە
2-پارچە


5-پارچە
روھىڭنى ۋەيران قىلما
(ئالتىنچى پارچە)

روھىڭنى ۋەيران قىلما، ئادەم باشتىن-ئاخىرى ھاياتىي كۈچىنى، قەيسەرلىكىنى ساقلىشى كېرەك، مەيلى قانداق مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر، بۇ مېنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغان ئىشىم. مەن قانداق قىلغاندا ئۆزۈمنى خۇشال قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، قانداق نەرسىنىڭ جان پىدا قىلىشىمغا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. تۈپ ئۈمىدىم تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ قولىدىكى سۈپۈرگىگە ئوخشاش بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەت يولىدىكى بارلىق ئەخلەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ. ئوغلۇم، تۈپ ئۈمىدىڭ قەيەردە؟ پەقەت ئۇنى تاشلىۋەتمىسەڭلا، ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسەن.
1899-يىلى 19-نويابىر
قەدىرلىك جون:
يېقىندىن بۇيان كەيپىياتىڭ بەكلا چۈشكۈن، بۇ خىل ئىپادەڭ مېنى بەك ئازابلىدى. سەن ئاشۇ بىر مىليون دوللار زىيان تارتقان مەبلەغ سېلىش ئىشى ئۈچۈن نومۇس قىلىۋاتىسەن ۋە خىجىل بولۇۋاتىسەن، بۇنى مەن ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن. شۇڭا كۈن بويى كۆڭلۈڭ پاراكەندە بولۇپ، تەشۋىش ئىچىدە يۈرۈۋاتىسەن. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىپ كېتىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت ھېچنېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، مەغلۇبىيەت پېشانەڭگە قابىلىيەتسىز دېگەن بەلگىنىمۇ چاپلاپ قويمايدۇ.
ئۈمىدۋار بولغىن، ئوغلۇم. بىلىشىڭ كېرەككى، بۇ دۇنيادا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھاياتى باشتىن-ئاخىرى ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ؛ ئەكسىچە، ھەر ۋاقىت مەغلۇبىيەت بىلەن قوشنا ئولتۇرىدۇ. بەلكىم بۇ دۇنيادا نۇرغۇن ئامالسىز مەغلۇبىيەتلەر بولغاچقا، قالتىس بولۇشنى قوغلىشىپ ئاندىن سېھرىي كۈچكە تولۇشى مۇمكىن. كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەتكە ئىنتىلىدۇ، ھەتتا ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتمايدۇ. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، مەغلۇبىيەتتىن يەنىلا ساقلانغىلى بولمايدۇ.
بىزنىڭ تەقدىرىمىزمۇ شۇنداق، پەقەت بەزى كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ، مەن مەغلۇبىيەتنى بىر ئىستاكان كۈچلۈك ھاراق دەپ بىلىمەن، يۇتقىنىم ئاچچىق، ياندۇرغىنىم بولسا روھ.
مەن سودا ساھەسىگە يۈكسەك ئىرادە بىلەن كىرىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ھەممە ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلىگەن ۋاقتىمدا، بىر مەيدان ئاپەت خاراكتېرلىك بوران-چاپقۇن بىزگە ھۇجۇم قىلدى. ئەينى چاغدا بىز زور بىر تۈركۈم پۇرچاق سېتىۋېلىش توغرىسىدا توختام تۈزگەنىدۇق، ئەسلىدە بۇنىڭدىن خېلى كۆپ پۇل تاپالايتتۇق، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن تۇيۇقسىز كەلگەن ئۈششۈك شېرىن چۈشلىرىمىزنى بەربات قىلىپ، قولىمىزغا تەگكەن پۇرچاقنىڭ يېرىمى نابۇت بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەخلاق-پەزىلىتىنى يوقاتقان مال تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر بۇنىڭغا يەنە قۇم-توپا ۋە ئۇششاق پۇرچاق يوپۇرمىقى، پۇرچاق غولى ئارىلاشتۇرەتكەن ئىكەن. بۇ ئېنىقكى زىيان تارتىدىغان سودا. لېكىن مەيۈسلەنسەم، مەغلۇبىيەتنىڭ ئازابىغا چۆكۈپ كەتسەم بولمايدىغانلىقى، بولمىسا نىشانىمدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىدىغانلىقىم ماڭا ئايان ئىدى.
دۇنيادا بىكارغا يەيدىغان چۈشلۈك تاماق يوق، ھازىرقى ھالەتنى ئىزچىل ساقلاپ قېلىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر جىم تۇرۇۋالسا، چېكىنگەنلىك بولىدۇ، لېكىن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن، خۇشاللىق بىلەن قارار چىقىرىش ۋە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش كېرەك. ئۇ قېتىم سودىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مەن دادامدىن يەنە بىر قېتىم قەرز ئالدىم، گەرچە مەن بۇنداق قىلىشنى خالىمىساممۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تىجارەتتە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇش ئۈچۈن، شېرىكىم كىلارك ئەپەندىگە، چوقۇم ئۆزىمىزنى تەشۋىق قىلىپ، گېزىت ئېلانى ئارقىلىق يوشۇرۇن خېرىدارلىرىمىزغا بىزنىڭ نۇرغۇن ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىمىزنى ھەمدە زور مىقداردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتىم.
نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، جاسارەت ۋە پاراسەت بىلەن تىرىشچانلىق بىزنى قۇتقۇزدى، شۇ يىلى بىز «پۇرچاق ۋەقەسى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايلا قالماستىن، ئەكسىچە كۆرۈنەرلىك ساپ پايدا ئالدۇق.
ھەممە ئادەم مەغلۇبىيەتتىن بىزار بولىدۇ، ئەمما، مەغلۇبىيەتتىن قېچىش ئىش قىلىش مۇددىئايىڭغا ئايلىنىپ قالغان ھامان، سۇسلۇق، ماغدۇرسىزلىق يولىغا مېڭىپ قالىسەن. بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، ھەتتا ئاپەت. چۈنكى بۇ ئەسلىدە بار بولغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.
ئوغلۇم، پۇرسەت ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان نەرسە، كىشىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بېيىيدۇ. كەمبەغەللەرگە قارا، ئۇلار ئىقتىدارسىز ئەخمەقلەر ئەمەس، تىرىشمايدىغانلارمۇ ئەمەس، ئۇلارغا شۇ پۇرسەت كەلمەيۋاتىدۇ. بىلىشىڭ كېرەككى، بىز كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەيدىغان ئورمانلىقتا ياشايمىز، بۇ يەردە سەن باشقىلارنى يېمىسەڭ، باشقىلار تەرىپىدىن يېيىلىپ كېتىسەن، خەۋپ-خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتتىن ۋاز كەچكەنلىكتۇر؛ ئەگەر پۇرسەتتىن پايدىلانساڭ، باشقىلارنىڭ پۇرسىتى مۇناسىپ ئازىيىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۆزۈڭنى تېخىمۇ ياخشى ساقلاپ قالالايسەن.
مەغلۇپ بولۇشتىن قورققاندا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلغىلى بولمايدۇ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلمىغاندا كۆز ئالدىمىزدىكى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىمىز. شۇڭا، ئوغلۇم، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش، رىقابەت سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقىمىز ئەرزىيدۇ!
مەغلۇبىيەت تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قەدەم قويۇشنىڭ باشلىنىشى. شۇنداق دېيەلەيمەنكى، بۈگۈنكى ئورنۇم مەغلۇبىيەتنىڭ بۇرمىسىمان شوتىسىغا دەسسەپ كۆتۈرۈلگەن، مەغلۇبىيەت ئىچىدە قەد كۆتۈرگەن. مەن بىر ئەقىللىك «مەغلۇبىيەتچى»، مەن مەغلۇبىيەتتىن ئۆگىنىپ، مەغلۇبىيەت تەجرىبىلىرىدىن مۇۋەپپەقىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزۈم ئويلاپ باقمىغان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، يېڭى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى بىلىمەن. شۇڭا دېمەكچىمەنكى، ئادەتكە ئايلىنىپ قالمىسىلا، مەغلۇپ بولۇش ياخشى ئىش.
مېنىڭ ھېكمەتلىك سۆزۈم: ئادەم باشتىن-ئاخىرى ھاياتىي كۈچىنى، قەيسەرلىكىنى ساقلىشى كېرەك، مەيلى قانداق مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر، بۇ مېنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغان ئىشىم. مەن قانداق قىلغاندا ئۆزۈمنى خۇشال قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، قانداق نەرسىنىڭ جان پىدا قىلىشىمغا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. تۈپ ئۈمىدىم تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ قولىدىكى سۈپۈرگىگە ئوخشاش  بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەت يولىدىكى بارلىق ئەخلەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ. ئوغلۇم، تۈپ ئۈمىدىڭ قەيەردە؟ پەقەت ئۇنى تاشلىۋەتمىسەڭلا، ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسەن.
ئۈمىدۋار كىشىلەر جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە پۇرسەتنى كۆرىدۇ، ئۈمىدسىز كىشىلەر پۇرسەت ئىچىدە پەقەت جاپا-مۇشەققەتنىلا كۆرىدۇ. ئوغلۇم، مەن قاتتىق ئىشىنىدىغان مۇۋەپپەقىيەت فورمۇلاسىنى ئېسىڭدە تۇت: ئارزۇ + مەغلۇبىيەت + خىرىس = مۇۋەپپەقىيەت.
ئەلۋەتتە، مەغلۇبىيەتنىڭ ئۆلتۈرۈش كۈچى بولىدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە زەربە بېرىپ، ئادەمنى چۈشكۈن قىلىپ قويىدۇ. لېكىن ئەڭ مۇھىمى سېنىڭ مەغلۇبىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيەڭ. تالانتلىق كەشپىياتچى توماس ئېدىسون ئەپەندى مورگان ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىنى ئېلېكتىر چىرىغى بىلەن يورۇتۇش ئالدىدا جەمئىي 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق تەجرىبە ئىشلىگەن، ئۇنىڭچە مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ تەجرىبە ئېتىزى ھېسابلىنىدۇ.
10 يىل ئىلگىرى «نيۇ يورك قۇياش گېزىتى»نىڭ بىر ياش مۇخبىرى ئېدىسوننى زىيارەت قىلغان، ھېلىقى ياش مۇخبىر «ئېدىسون ئەپەندى، ھازىرقى كەشپىياتىڭىزدا ئىلگىرى 10 مىڭ قېتىم مەغلۇپ بولۇپتىكەن، بۇلارغا قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىغاندا، ئېدىسون مەغلۇبىيەت دېگەن سۆزنى قوبۇل قىلماي، مويسىپىت تەلەپپۇزىدا ھېلىقى مۇخبىرغا «ياش يىگىت، ھايات مۇساپىڭىز ئەمدىلا باشلاندى، شۇڭا سىزگە كەلگۈسىڭىزگە ياردىمى بولىدىغان بىر ئىلھام بېرەي، مەن ئون مىڭ قېتىم مەغلۇپ بولۇپ باقمىدىم، مەن پەقەت ئون مىڭ خىل ئاقمايدىغان ئۇسۇلنى كەشىپ قىلدىم.» دەپتۇ. روھنىڭ كۈچى مەڭگۈ شۇنداق زور بولىدۇ.
ئوغلۇم، ئەگەر روھىڭنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىساڭ، ھەممىنى ئۇتتۇرۇپ قويىسەن. بىلىشىڭ كېرەككى، ئادەمنىڭ ئىشلىرى دولقۇنغا ئوخشايدۇ، ئەگەر سەن دولقۇننىڭ بېشىغا دەسسىسەڭ، نام-ئاتاق شۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدۇ؛ ئەگەر قولدىن بېرىپ قويساڭ، بىر ئۆمۈر تېيىز ساھىل ۋە ھەسرەتتە ئۆتىسەن. مەغلۇبىيەت بىر خىل ئۆگىنىش كەچۈرمىشى، ئۇنى قەبرە تېشىغا ئايلاندۇرساڭمۇ، تەگلىككە ئايلاندۇرساڭمۇ بولىدۇ.
خىرىس بولمىسا مۇۋەپپەقىيەت بولمايدۇ، بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت بىلەنلا توختاپ قالما، ئۆزىنى يەڭگۈچى، ئەڭ چوڭ غەلىبە قىلغۇچىدۇر!
 ساڭا ئىشەنچىم بار!
سېنى سۆيىدىغان داداڭدىن!
مەنبە: «روكفېللېرنىڭ ئوغلىغا يازغان 38 پارچە خېتى» ناملىق كىتاب
ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408