搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
«قوش 11» ۋە «ئىككىدىن بىرنى تاللاش» جېڭى
>
«قوش 11» ۋە «ئىككىدىن بىرنى تاللاش» جېڭى
Nepkar
2020-10-22
0
导读:بۇ گەپ چىقىشى بىلەنلا، يەنە بىر قېتىم جىڭدۇڭ بىلەن پىندودو ئەلى باباغا «قورشاپ ھۇجۇم قىلىش»قا سەۋەب
«قوش 11» جېڭى باشلىنىش ئالدىدا، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ سودىگەرلەرنى «ئىككىدىن بىرنى تاللاش»قا مەجبۇرىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك
پۈتۈن تورنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن«3Q ئۇرۇشى»دىن «بۈگۈنكى باشخەۋەر-تېڭشۈن ئۇرۇشى» غىچە، ئاندىن تېڭشۇن سىستېمىسىدىكى ئۈچ چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تيەنماۋ تورىغا «قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى»غىچە رىقابەت بارغانسېرى كەسكىنلەشتى.
بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ئېلىش نۇسخىسى ئەمەلىيلىشىپ كۈچكە ئىگە بولسا، سودىگەرلەر ئىككىدىن بىرنى تاللاش ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ياكى ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.
قوش 11 ئۇرۇشى قىل ئۈستىدە تۇرماقتا.
10 ئاينىڭ 21 كۈنى سەھەردە، ھەر قايسى چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ «قوش 11» ئالدىن سېتىش چوڭ پەردىسى ئاستا-ئاستا ئېچىلدى، بۇ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «قوش 11» شادلىق بايرىمى جېڭىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن بۇ يىلقى «قوش 11»دا سودىگەرلەرنىڭ ئىككىدىن بىرنى تاللىشى ھەقىقىي توسۇلىدۇ.
10-ئاينىڭ 20-كۈنى دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تور سودىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)نى ئېلان قىلدى ھەم ئاشكارا پىكىر ئالدى، بۇنىڭدا تور سودىسى سۇپىسى يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ ئەۋزەل ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، سۇپىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىشىغا ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سۇپىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ باشقا سۇپىلار بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىغا نامۇۋاپىق چەكلىمە قويۇشقا ياكى نامۇۋاپىق شەرت قويۇشقا بولمايدۇ.
مەسىلەن، يۇقىرىقى «پىكىر ئېلىش» نۇسخىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئەمەلىيلىشىپ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ ئىككىدىن بىرنى تاللاش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، سودىگەرلەرنىڭ ئىككىدىن بىرنى تاللاش ۋەزىيىتىنى ياكى ھەقىقىي ھەل قىلىشىدىن ئۈمىد بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان «ئىككىدىن بىرنى تاللاش» دېگىنىمىز، بەزى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى سودىگەرلەردىن پەقەت شۇ سۇپىدا تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىش، سودىگەرلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا باشقا سۇپىلاردا تىجارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يول قويماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.
يېقىندا ھەممىنىڭ ئالدىدا ھەرىكەتكە ئۆتكىنى ۋېيپىنخۈي (唯品会) بىلەن ئۇنىڭ رىقابەت سۇپىسى ئەيكۇسۈن (爱库存)نىڭ ئىككىدىن بىرنى تاللاش كۈرىشىدۇر.
9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەيكۇسۈن ئورگان مىكرو بىلوگىدا ئېلخەت شەكلى ئارقىلىق دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق تۆت ئاپپاراتقا ۋېيپىنخۇينى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن پاش قىلىپ، ۋېيپىنخۇيدا «ناتوغرا رىقابەت قىلمىشى مەۋجۇت.» دەپ كۆرسىتىپ، سودىگەرلەرنى «ئىككىدىن بىرنى تاللاش»قا مەجبۇرلىغان، «تەھدىت»كە ئۇچرىغان سودىگەرلەر 8-ئاينىڭ بېشىدىكى 100 دىن 400 گە كۆپەيگەن. ۋېيپىنخۈي تەرەپ ئارقىدىنلا بۇ ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇپ «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.» دېدى.
رىقابەت توختىمىدى، ئىككىدىن بىرنى تاللاش ئاخىرلاشمىدى، بىر مەھەل نام چىقارغان «3Q ئۇرۇشى»دىن «سوغۇق چاي جېڭى»غىچە، «بۈگۈنكى باشخەۋەر-تېڭشۈن ئۇرۇشى»دىن يەنە تېڭشۇن سىستېمىسىدىكى ئۈچ چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ تيەنماۋ تورىغا «قورشاپ ھۇجۇم قىلىش»قىچە، رىقابەتچىلەر ئارىسىدىكى سودا جېڭى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى.
زىلزىلىلىك ئىككىدىن بىرنى تاللاش «3Q ئۇرۇشى»
ئەمەلىيەتتە، ئالاقە تورى ساھەسىدىكى ئىككىدىن بىرنى تاللاش ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۇنىڭ تارىخىنى 2010-يىلىدىكى 3Q (360 ۋە QQ نىڭ قىسقارتىلمىسى) جېڭىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.
شۇ يىلى تېڭشۈن 360 يۇمشاق دېتالى قاچىلانغان كومپيۇتېردا QQ نى ئىجرا قىلىشنى توختاتقانلىقىنى، ئىشلەتكۈچىلەر 360 يۇمشاق دېتالىنى ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن QQ غا كىرەلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن، 360 نىڭ باش مۇدىرى جوۋ خۇڭيى بۇ قېتىمقى جەڭدە 360 تەرەپنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىقنىڭ كونكرېت ئىسپاتى--مەجبۇرىي 360 يۇمشاق دېتالىنى يۇيۇۋېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىشلەتكۈچىنىڭ 60 مىليونغا يەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى تېڭشۈن «كەڭ QQ ئابونىتلىرىغا يېزىلغان بىر پارچە خەت»نى ئېلان قىلىپ، QQ ئابونىتلىرىنىڭ 360 بىلەن ماسلىشالمايدىغانلىقىنى، QQ نىڭ 360 يۇمشاق دېتالى قاچىلانغان كومپيۇتېردا خىزمەتتىن توختايدىغانلىقىنى ئېيتقان. خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:
«سىز بۇ خەتنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا، بىز ناھايىتى مۈشكۈل بىر قارارنى چىقاردۇق. 360 شىركىتى QQ غا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە يامان نىيەتتە ھاقارەتلەشنى توختىتىشتىن بۇرۇن، 360 يۇمشاق دېتالى قاچىلانغان كومپيۇتېردا QQ يۇمشاق دېتالىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدۇق. بىز بۇنىڭ سىزگە بەلگىلىك قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىمىز، بىز سەمىمىيلىك بىلەن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ قارارنى چىقىرىشنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندە تەپسىلىي بايان قىلدۇق، سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىز ۋە قوللىشىڭىزغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز...»
تېڭشۈننىڭ بۇنداق ئىنتايىن مۈشكۈل قارار چىقىرىشىدىكى سەۋەب چىخۇ (360) شىركىتىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تېڭشۈنگە قارىتىلغان بىر قانچە خىل مەھسۇلاتنى ئېلان قىلغانلىقىدىن بولغان.
2010-يىلى 9-ئايدا، چىخۇ تېڭشۈن QQ غا قارىتا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 360 شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغداش جەڭچىسى ۋە 360 نىڭ QQ قوغدىغۇچىسىنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ QQ ئابونتلىرىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى ۋە تور بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
11 ئاينىڭ 3 كۈنى، تېڭشۈن 360 يۇمشاق دېتالى قاچىلانغان كومپيۇتېردا QQ يۇمشاق دېتالىنى ئىجرا قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىككى خىل يۇمشاق دېتالنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن ئابونتلار بۇ خەۋەرنى ئوقۇغاندا، ھەيران قالغان: يۇمشاق دېتال قانداق قىلىپ ئابونتلاردىن «ئىككىدىن بىرنى تاللاش»نى تەلەپ قىلالايدۇ؟
دەل شۇنداق بولغاچقا، ھۆكۈمەت بۇ قېتىمقى كۈرەش ۋەقەسىگە تېزدىن ئارىلىشىپ، تېڭشۈننى ماسلاشماسلىق قىلمىشىنى توختىتىشقا، چىخۇنى 360 نىڭ QQ قوغدىغۇچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە بۇيرۇغان.
ئارقىدىن تېڭشۈن شىركىتى بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونىدا چىخۇ 360 ناتوغرا رىقابەت دېلوسى ئۈچۈن ئەرز قىلغان ھەمدە سوت مەھكىمىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. چىخۇ بولسا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە تېڭشۈن ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، تېڭشۈن شىركىتى يولغا قويغان «مەھسۇلات ماسلاشماسلىق (خېرىدارلار ئىككىدىن بىرنى تاللاش)» قىلمىشى سودىنى چەكلەش قىلمىشىغا تەۋە، ئۇنىڭ بازارنى ئىدارە قىلىش ئورنىدىن «قالايمىقان پايدىلىنىش»قا تەۋە، جۇڭگونىڭ «مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلغان دەپ شىكايەت قىلىپ، 150 مىليون يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلغان.
ئەيىبنامىدە، چىخۇ شىركىتى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان:
تېڭشۈن شىركىتى بىلەن تېڭشۈن كومپيۇتېر شىركىتى ھەردەم خەۋەرلىشىش يۇمشاق دېتالى (即时通信软件) ۋە مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار بازاردا بازارنى ئىدارە قىلىش ئورنىغا ئىگە. بۇ دېلوغا ئالاقىدار رايون بازىرى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى رايونىدىكى ھەردەم خەۋەرلىشىش يۇمشاق دېتالى ۋە مۇلازىمەت بازىرىدۇر. تېڭشۈن شىركىتى بىلەن تېڭشۈن كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ بازار ئۈلۈشى %76.2 كە، QQ يۇمشاق دېتالىنىڭ سىڭىپ كىرىش نىسبىتى %97 كە يەتتى. بۇنىڭدىن تېڭشۈن شىركىتى ۋە تېڭشۈن كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ بازارنى ئىدارە قىلىش ئورنىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.
تېڭشۈن شىركىتى ۋە تېڭشۈن كومپيۇتېر شىركىتى كۈچلۈك مالىيە كۈچى ۋە تېخنىكا شارائىتىغا ئىگە بولۇپ، باھانى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، رىقابەتچىلىرىنىڭ كىرىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە زورىيىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك بازار ئىچىدىكى رىقابەتنى چىقىرىپ تاشلىيالايدۇ.
ئەمما، چىخۇ شىركىتىنىڭ دەۋا تەلىپى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىدى. نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشلەتكۈچىلەردىن «ئىككىدىن بىرنى تاللاش»نى تەلەپ قىلىدىغان قىلمىش سوت مەھكىمىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، سوت مەھكىمىسى تېڭشۈن شىركىتىنى بازارنى ئىدارە قىلىش ئورنىغا ئىگە دەپ قارىمايدۇ، قالايمىقان ئىشلىتىش قىلمىشىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.
ھازىرغا قەدەر، ئىلىم ساھەسى ۋە كەسىپ ساھەسىدىكىلەر «3Q ئۇرۇشى» دەۋاسىنى جۇڭگو ئالاقە تورى ساھەسىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك دېلو دەپ قارايدۇ، يەنە «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان 16-تۈركۈمدىكى يېتەكچى خاراكتېرلىك دېلو مىسالى»نىڭ 78-نومۇرلۇق يېتەكچى دېلو مىسالى (ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىشى بىلەن 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلىندى)غا كىرگۈزۈلدى.
چىخۇنىڭ تېڭشۈننى ئەرز قىلىش دېلوسىنىڭ كىلاسسىك بولۇشىدىكى سەۋەب، ھۆكۈمنامىدە مۇنداق بىر پاكىت چۈشەندۈرۈلگەن، ئالاقە تورى دەۋرىدە، بازار چېگراسىنى بېكىتىش ئىنتايىن تەس، شۇڭا ئاددىي بازار ئۈلۈشى ۋە ئىدارە قىلىش كۈچى ئېغىر خىرىسقا ئۇچرىدى.
ئۇزاققا سوزۇلغان «ئىت-مۈشۈكلەر (تيەنماۋ-جىڭدۇڭ) كۈرىشى»
2015-يىلى يۈز بەرگەن ئىت-مۈشۈكلەر «ئىككىدىن بىرنى تاللاش» ئۇرۇشىدا، تېڭشۈن «بەگلەرنى باشلاپ پادىشاھقا بۇيرۇق چۈشۈردى.» قارمىقىدىكى «بەگ»لەر ئىچىدە، جىڭدۇڭ باشلامچى ئاكا بولۇپ، ۋېيپىنخۇيمۇ جىڭدۇڭ ئەترىتىگە قوشۇلۇپ، بىرلىكتە تيەنماۋ تورىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى.
2015-يىلى 11-نويابىر ھارپىسىدا، جىڭدۇڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئەلىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلىقىنى پاش قىلىپ، ئۇنىڭ «قوش 11» سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىدە سودىگەرلەرنى «ئىككىدىن بىرنى تاللاش»قا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇنىڭغا قارىتا، تيەنماۋ «قوش 11» تەييارلىق كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى سۇ يا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئەلى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن پاش قىلىشقا ھۆرمەت قىلىدۇ، لېكىن بۈگۈن توخۇ ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئۆردەكنى پاش قىلىپ، ئۆردەك كۆل يۈزىنى مونوپول قىلىۋالدى دېيىش، جىڭدۇڭنىڭ قەستەن كۆپتۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بازاردا كۆپتۈرۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، لېكىن بىز كۆپتۈرۈشنى كەسىپ دەپ قارىساق بولمايدۇ.»
2017-يىلى «618 (6-ئاينىڭ 18-كۈنى)»نىڭ ھارپىسىدا، ئەلى ئالدى بىلەن «ئىككىدىن بىرنى تاللاش»تا قىيىنچىلىق تۇغدۇردى، بايرىقى ئاستىدىكى تاراتقۇ «جاھاندىكى تور سودىگەرلىرى»دا ھۆججەت تارقىتىپ، جىڭدۇڭنىڭ ئالدىن ئۇقتۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا 100 گە يېقىن ماركىنى پائالىيەت رايونىغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىگە مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇپلا قالماي، يەنە پائالىيەتتىن چېكىنمەكچى بولغان سودىگەرلەرنىڭ ئارقا سۇپىسىنى مەجبۇرىي قۇلۇپلىۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى. 618 بولسا جىڭدۇڭنىڭ بايرام ئۆتكۈزۈش كۈنى بولۇپ، ئەلىنىڭ قايتۇرما زەربىسى «ئىككىدىن بىرنى تاللاش» جېڭىدە ئاجىز تەرەپنىڭ جامائەت پىكرى ھۇجۇمى قوزغاش ئەندىزىسىنى يوشۇرۇن بىرىكتۈرگەندەك قىلىدۇ.
2017-يىلى 7-ئايدا، جىڭدۇڭ-ۋېيپىنخۇي بىرلەشمە ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «يېقىندا، بەزى سودىگەرلەر ئۈزلۈكسىز ئايرىم-ئايرىم ھالدا جىڭدۇڭ ۋە ۋېيپىنخۇيغا ئىنكاس قايتۇردى: مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بازار مونوپول ئورنىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق سودىگەرلەردىن ئاتالمىش مۇستەقىل ھەمكارلىققا ئىمزا قويۇشنى ھەمدە جىڭدۇڭ ۋە ۋېيپىنخۈي قاتارلىق سۇپىلاردىن چېكىنىپ چىقىشنى، بولمىسا پائالىيەت بايلىقىنى ئازايتىش، ئىزدەش ھوقۇقىنى تۆۋەنلىتىش، توسۇش قاتارلىق جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.»
2018-يىلى 11-نويابىر ھارپىسىدا، پىندودو قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدىكى داڭلىق ماركىلىق سودىگەرلەر «ئىككىدىن بىرنى تاللاش»قا مەجبۇر بولۇپ، «پىندودونىڭ ئۈچ يىللىق پائالىيىتى» جەريانىدا زور تۈركۈمدىكى داڭلىق ماركىلىق سودىگەرلەر پائالىيەتتىن مەجبۇرى چېكىندۈرۈلۈپ، تاۋارلىرى مەجبۇرى چۈشۈرىۋېتىلگەن، ھەتتا بايراق دۇكىنىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىشقا دۇچ كەلگەن.
بۇنىڭ ئۈچۈن پىندودونىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى دا دا (达达) شەخسىي دوستلار چەمبىرىكىدە توققۇز پارچە دەلىل-ئىسپات كەسمە رەسىمىنى ئېلان قىلدى ھەمدە تيەنماۋ تورىنىڭ بۇ ئىشقا قايتۇرىدىغان ئىنكاسىنى قىياس قىلىپ: «"ئىككىدىن بىرنى تاللاش" مەۋجۇت ئەمەس، پىندودو قاقتى-سوقتى قىلىۋاتىدۇ؛ ساختا ماللار كۆپ؛ ماركىنى ياراتماسلىق، ئايرىلىش ناھايىتى نورمال؛ ھەمدە پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، پىندودونى جەرىمانە قويۇپ سودىگەرلەرنى كېتىشكە مەجبۇرلىدى.» دېگەن.
2019-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەلى بابا گۇرۇھى CMO ۋاڭ شۈەي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «"ئىككىدىن بىرنى تاللاش" ئەسلىدە نورمال بازار ھەرىكىتى، شۇنداقلا ياخشى پۇل ئارقىلىق ناچار پۇلنى قوغلاپ چىقىرىشتۇر.» ئۇ «باشقا سۇپىلار بۇ تېمىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەن چەك بولمىغان، توختىماي كۆپتۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.» دەپ قارىغان.
بۇ گەپ چىقىشى بىلەنلا، يەنە بىر قېتىم جىڭدۇڭ بىلەن پىندودو ئەلى باباغا «قورشاپ ھۇجۇم قىلىش»قا سەۋەب بولغان.
2019-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، پىندودو، ۋېيپىنخۇيدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تور سودىگىرى بېيجىڭ يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۈچىنچى كىشىلىك سالاھىيىتى بىلەن دەۋاغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جىڭدۇڭ تىيەنماۋنى بازارنى ئىدارە قىلىش ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلاندى دەپ شىكايەت قىلىپ 1 مىليارد يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلغان. بۇ يەنە ئۈچ چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى جىڭدۇڭ، پىندودو، ۋېيپىنخۈي بىرلىشىپ، «ئىككىدىن بىرنى تاللاش» تالاش-تارتىشى توغرىسىدا قانۇن يۈرگۈزۈش قاتلىمىدا تيەنماۋ تورىغا «قورشاپ ھۇجۇم قىلىش»تىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ شىركەتلەرنىڭ كەينىدە تىرەك بولىۋاتقىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئىنتېرنېت تورىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن تېڭشۈن ئىدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تېڭشۈن جىڭدۇڭغا پاي قوشقان بولۇپ، %15 پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ مۇھىم پايچىكىگە ئايلانغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېڭشۈن يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا پىندودو، ۋېيپىنخۈي قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا پاي قوشقان.
ئىگىلىنىشىچە، ۋېيپىنخۇي، پىندودونىڭ دەۋاغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىش سەۋەبىمۇ يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغان، ئىككى تور سودىگىرى مۇنداق دەپ قارىغان: «ئىككى شىركەت تيەنماۋ تورىنىڭ رىقابەتچىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش بىر ئالاقىدار بازاردىمۇ "ئىككىدىن بىرنى تاللاش"نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.»
پۇرۇخ ھىدى كۈچلۈك جامائەت پىكرى جېڭىدىن كېيىن، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئاچقان «تور تىجارىتى پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا مەمۇرىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش سۆھبەت يىغىنى»دا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «ئىككىدىن بىرنى تاللاش» ۋە مۇستەقىل سودا قىلىش قىلمىشى «ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»دا ئېنىق بەلگىلەنگەن بولۇپ، ھەم ئادىل رىقابەت تەرتىپىنى بۇزدى، ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى.
بۇنىڭ ئارقىسىدا ئەكس ئەتكەن كەسىپ ئەندىشىسى
ئەمەلىيەتتە، قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمەيدىغان «ئىككىدىن بىرنى تاللاش»نىڭ ئارقىسىدا، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بازار رىقابىتى ئەكس ئەتمەكتە.
جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى تۈزگەن «ئىجتىمائىي ئالاقە ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئاق تاشلىق كىتابى (2020)»غا ئاساسەن، يۇقۇم ئەھۋالى ئىستېمالچىلارنىڭ مال سېتىۋېلىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ سىڭىپ كىرىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى، مۆلچەرلىنىشىچە، 2020-يىلى ئىجتىمائىي ئالاقە ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى 3.54 تىرىليون يۈەن بولۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تور سودىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە توردا پارچە سېتىش سودا سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %30 كە يېتىدىكەن.
كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىش دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى، بازار كۆلىمىنىڭ سىجىل كېڭىيىشى كەسىپلەرگە كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئېلىپ كەلدى.
دەرىجە باھالاش ئاپپاراتى فىتچ شىركىتى بۇ يىل 9-ئايدىكى بىر دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، بولۇپمۇ پىندودونىڭ رىقابەتلىشىشىدىن، كۆلىمى كىچىكرەك باشقا شىركەتلەر "زېمىنى"دىن تېزلا ئايرىلىپ قالدى. پىندودو سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە زور سوممىلىق تولۇقلىما بېرىشتەك تۆۋەن باھا تاكتىكىسى ئارقىلىق بازارنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى.»
«جۇڭگو توردا پارچە سېتىش بازىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆزىتىش دوكلاتى»دىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىدىن بۇيان، پىندودودىن باشقا، ئەلى، جىڭدۇڭ، ۋېيپىنخۈينىڭ بازار ئۈلۈشى بىردەك تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ۋېيپىنخۈي 2017-يىلىدىكى %3.25 تىن 2019-يىلى %1.88 كە تۆۋەنلىگەن.
كېيىن بارلىققا كەلگەن يېڭى ماھىرلار سەھنىسى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك مەيدانغا كەلدى، بەيگە سۇپىسى كۈنسېرى قىستاڭچىلىق بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇمنىڭ كاتالىزلىشى يەنە كەسىپ رىقابىتىنى تەدرىجىي جانلاندۇردى.
بازارنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بىر قىسىم ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت ھەرىكىتىگە چەك قويۇپ، ئۆز مەنپەئىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈپ، «ئىككىدىن بىرنى تاللاش» ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىپ، بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى.
ئوقيا كىرىچتىن چىققاندىن كېيىن، يەڭگۈچى بولمايدۇ
ئېلىشىشنىڭ ئارقىسىدا، «ئىككىدىن بىرنى تاللاش» پەقەت بۇ بىر قانچە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ رىقابەت ھالىتىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ ئېقىم مىقدارى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىش ئەندىشىسى ھەقىقىي «ئىككىدىن بىرنى تاللاش» ھادىسىسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ماھىيەتلىك سەۋەبتۇر.
«ئېقىم مىقدارى ھەممىدىن ئەلا» بولغان ئېلېكتىرونلۇق سودا دەۋرىدە، كىم يېتەرلىك ئېقىم مىقدارىغا ئىگە بولسا، چوڭ ئېھتىماللىق جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىيەلەيدۇ، يۇقىرى ئابۇنىچىلار ئېقىم مىقدارىغا ئىگە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى كەسكىن بازار رىقابىتىدە تېخىمۇ ئاسان ھايات قالىدۇ ھەمدە كەسىپ باش ئۈنۈمىنىڭ گەۋدىلىنىشىگە ئەگىشىپ، ئېقىم مىقدارى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ «جان تومۇرى»غا ئايلىنىدۇ. ئېقىم مىقدارى پايدىسىنىڭ يوقىلىشى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى كوللېكتىپىنىڭ ئۆزىنىڭ «جان تومۇرى»غا بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.
كەسىپ ۋە بازار مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق سودا «ئىككىدىن بىرنى تاللاش» ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان توسالغۇغا ئايلانغان. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى سۆھبەت يىغىنىدا، بەزى مۇتەخەسسىسلەر كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئېلېكتىرونلۇق سودىدا ئىككىدىن بىرنى تاللاش ھادىسىسى چەكلەنسىمۇ تۈگىمەيدۇ، بەزى سۇپا كارخانىلىرى توساق قۇرۇش، رىقابەتنى چەكلەشنى بازارنى ئىگىلەش، ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ، بۇنداق مەسىلىدە بىرمۇ تەرەپ غەلىبە قىلغۇچى ئەمەس.»
نەتىجىسىدىن قارىغاندا، مەيلى ئۆتمۈش ياكى ھازىر بولسۇن، «ئىككىدىن بىرنى تاللاش»تىن ئىبارەت نۆل يىغىندىلىق ئويۇن ئەزەلدىن مەسىلىنىڭ ئەڭ ياخشى يېشىمى ئەمەس، كارخانا تەرەققىياتىنىڭ سېپىل خەندىكىمۇ ئەمەس، باشقىچە يول تۇتۇپ «ئېقىم مىقدارى»غا ئېرىشىش تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدە رىقابەتلىشىشنىڭ ئاخىرقى ئۇسۇلى، خۇددى ئىجادىي ۋەيران قىلىش ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى-ئىقتىسادشۇناس سكۇمپېتېر ئېيتقاندەك: «ھەقىقىي رىقابەت ئوخشاش دۇكان سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەمەس، بەلكى تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى، زەنجىرسىمان دۇكان، پوچتا ئارقىلىق سېتىۋېلىش دۇكىنى ۋە تاللا بازىرىدىن كېلىدۇ.»
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن
كىرىپ
كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408