大数跨境

ئېلون ماسكنىڭ «تويماس ئاچكۆز»لۈكى

ئېلون ماسكنىڭ «تويماس ئاچكۆز»لۈكى Nepkar
2020-11-02
1
导读:شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يېقىن كەلگۈسىدە بىز پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ھېس قىلالايمى
SpaceX نىڭ «قارا نىيىتى»، ماسك كېيىنكى بىر مەيدان شاھمات ئورۇنلاشتۇرۇشى 
 
ئوقۇش يېتەكچىسى: SpaceX نىڭ «قارا نىيىتى» ئاستا-ئاستا نامايان بولماقتا، ماسكنىڭ قىلماقچى بولغىنى پەقەت راكېتا قويۇپ بېرىشلا ئەمەس. 
 
بىرىنچى، تېسلا ۋە SpaceX -- راكېتا بىلەن ماشىنا قانداق باغلىنىدۇ؟ 
 
ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 24-ئۆكتەبىر سائەت 11 دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە، SpaceX نىڭ 15-تۈركۈمدىكى 60 دانە «يۇلتۇزلار تورى زەنجىرى» سۈنئىي ھەمراھى «بۈركۈت 9-نومۇرلۇق» راكېتا بىلەن كاناۋېلار تۇمشۇقى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن قويۇپ بېرىلدى. 63 مىنۇتتىن كېيىن، 60 سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتىغا يەتكۈزۈلدى، SpaceX نىڭ مۇشۇ ئايدىكى ئىككىنچى قېتىملىق سۈنئىي ھەمراھمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. 
 


SpaceX نىڭ CEO سى ۋە قۇرغۇچىسى ماسكمۇ يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى. ئەمەلىيەتتە، ماسكنىڭ كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان سالاھىيىتى بەلكىم داڭلىق توكلۇق ئاپتوموبىل شىركىتى تېسلانىڭ CEO سى بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە بىر قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركىتى Solarcity نىڭ قۇرغۇچىسى. 
 


ماسك راكېتا، ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن ئىبارەت قارىماققا قىلچە باغلىنىشلىقى يوق بۇ ئۈچ ساھەنى بۇرۇنلا ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە سودا نەزىرى بىلەن زىچ باغلىغان، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ماسلىشىش ئۈنۈمىمۇ ئاستا-ئاستا نامايان بولماقتا. 
 
ماسك باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان نەزەر ۋە تاكتىكا بىلەن بىر تەخسە شاھمات ئوينىغانىدى، ھازىر ئۇ ھوسۇل ئالىدىغان ۋاقىتقا بارغانسېرى يېقىنلاپ قالدى. 
 
تالانتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ كۆزىتىشىگە تەس ئەمەس. ئۈچ يىل ئىلگىرى، SpaceX كەڭ بەلۋاغ بازىرىغا رەسمىي يۈرۈش قىلمىغان ۋاقىتتا، مورگان ستانلى تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ: «SpaceX بىلەن كەلگۈسىدىكى قاتناش كەسپىنىڭ مۇناسىۋىتىنى مەبلەغ سالغۇچىلار تولۇق تونۇپ يەتمىدى.» دەپ جاكارلىغان ئىدى. 
 
ئۇلار ئىككىسىنى باغلاپ تۇرىدىغان سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىپ يەتكەن بولۇپ، ئۇ ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرغان، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نىشانى بارلىق بۇيۇم، مۇلازىمەت، ئادەم، مەھسۇلاتلارنىڭ يۆتكىلىشىنى يۇقىرى سۈرئەتتە ئىشلەتكىلى بولىدىغان كەڭ بەلباغلىق تور ئۈستىگە قۇرۇش ئىدى.  
 
ئاپتوماتلاشقان ھەيدەش ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورىنىڭ ئۇلىنىش دەرىجىسى ھەقىقەتەن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ئېشىپ كەتتى. ئالدى بىلەن، ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىل سائىتىگە زور مىقداردا سانلىق مەلۇمات ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئالاقە تورىنىڭ يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە يەتكۈزۈش سۈرئىتىگە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ، ھالبۇكى سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى بۇ خىل ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. 
 
ئاپتوماتىك ھەيدىگەندە سائىتىگە 40TB سانلىق مەلۇمات ھاسىل بولىدۇ، بۇ بىر ئادەتتىكى ئالما ماركىلىق يان تېلېفوننىڭ مىڭ يىلدا يوللايدىغان سىمسىز سانلىق مەلۇمات مىقدارىغا باراۋەر. ئېنىقكى ماسكقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ SpaceX كەڭ بەلباغلىق تورىدىن پايدىلىنىپ بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىردىنبىر تاللاش. 
 
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتوموبىل بىلەن ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈنسېرى زىچ باغلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ۋاقىتنى ئۆتكۈزىدىغان سورۇنىغا ئايلاندى. 
 
مورگان ستانلى «كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ئاپتوموبىل ئىشلىتىش دەرىجىسىگە ئاساسەن، ئىنسانلارنىڭ ھەر يىلى 600 مىليارد سائەتتىن ئارتۇق ۋاقتى ئاپتوموبىل ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئاپتوماتلاشقان ھەيدەش يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئومۇملاشقاندىن كېيىن، بۇ سان نەچچە تىرىليونغا يېتىدۇ.» دەپ ھۆكۈم قىلغان. 
 
ئىشلەتكۈچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، ئاپتوموبىلدىكى يۇمشاق دېتاللارنى يېڭىلاش (بوشلۇقتىن چۈشۈرۈش تېخنىكىسى)، خەرىتە ئارقىلىق يول باشلاش، يول لىنىيەسىنى پىلانلاش قاتارلىق ھەر خىل ئىقتىدارلارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىللار زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بۇ مۇلازىمەتلەرگە تىرەك بولۇشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. 
 
بۇنىڭدىن باشقا، رەقەملىك مەزمۇن يوللاش، ھەق تۆلەپ ئىزدەش قاتارلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسقا چىقىش سەپىرىدە ئىشلىتەلەيدىغان ئىقتىدارلارمۇ ئىشەنچلىك ئىنتېرنېت تورى ۋە ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئۇل ئەسلىھەلەر ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەشكە ئېھتىياجلىق. مەيلى ئاھالە زىچ رايونلار ياكى ئاھالە شالاڭ رايونلار بولسۇن، كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ ھەممىسى زۆرۈر، سۈنئىي ھەمراھ بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. 
 
ئۇنىڭدىن باشقا، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئاپتوماتلاشتۇرۇش زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلغاچقا، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىمۇ ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. 
 


بۇ نۇقتىدا، SpaceX ئېنىقكى تېسلانىڭ «سېپىل خەندىكى»گە ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىخەتەر ئۇچۇر ئالاقە تورىدۇر. 
 
قىسقىسى، SpaceX نىڭ ئىشلىتىلىشى تېسلانىڭ تەرەققىيات يولىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى تېخنىكىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك پايدىلىنىپ، ئاپتوماتىك ھەيدەشنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېنېرگىيە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. 
 ئاپتوماتىك ھەيدەش ئەندىزىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى يالغۇز غايەت زور سانلىق مەلۇماتنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ شۇ جەريانىدىمۇ يەنە نۇرغۇن سانلىق مەلۇمات ھاسىل بولىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى قانداق قىلىپ ۋاقتىدا، بىخەتەر، تۈركۈملەپ يەتكۈزۈپ بېرىشمۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلە.
ئېنىقكى، SpaceX سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى تېسلانىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك چىقىش يولىدۇر. 

ئىككىنچى،  تېسلانىڭ بازار قىممىتىدە يەنە يېڭى رىكورت يارىتىلدى، SpaceX نىڭ قىممىتى زادى قانچىلىك؟ 
 
ھازىر تېسلا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ بازار قىممىتىمۇ 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى ئون چوڭ پەن-تېخنىكا شىركىتى قاتارىغا كىردى. 
 
بۇ يىل تېسلانىڭ ئىپادىسى كىشىنى ھەيران قالدۇردى، 7-ئايدىلا 238.73 پىرسەنتلىك ئۆسۈشنى تاماملاپ، يەرشارى بويىچە ئەڭ ئىتتىك پايچەكنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 
 
داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى Ron Baron تېسلانىڭ بازار قىممىتى 2 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار دەپ قارايدۇ. 10-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تېسلا 2020-يىللىق Q3 مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، تۈرلۈك مالىيە سانلىق مەلۇماتلىرى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، «2020-يىلى 3-پەسىل نۇرغۇن قاتلاملاردا رېكورت يارىتىدىغان پەسىل»دۇر. 
 
پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت تېسلانىڭ كۆرىنەرلىك ئىپادىسىگە سىلىشتۇرغاندا، SpaceX نىڭ ھەر تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلىرى بىر قەدەر سىرلىق. 
 


بۇ يىل ماسك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ باردى، بازارنىڭ SpaceX غا بولغان مۆلچەر قىممىتىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ماسكنىڭ 8-ئايدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە ئوڭۇشلۇق ھالدا 1 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشتى، ئۇنىڭ مۆلچەر قىممىتى 2-ئايدىكى 36 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 46 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىدى، SpaceX مۇ دۇنيادىكى مۆلچەر قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان پېيى بازارغا سېلىنمىغان شىركەت بولۇپ قالدى. 
 
SpaceX خۇددى مورگان ستانلى ئۈچ يىل بۇرۇن پەرەز قىلغاندەك تېسلا تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا ساھەلەرگە بولغان زور ئۆزگىرىشكە نىسبەتەن غۇلغۇلا قوزغىدى. 
 
نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار «Spacex نىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئۇ تېسلانىڭ كۆلىمىدىن ھالقىپ كېتىشى مۇمكىن.» دەپ قارايدۇ. 
 
ئۇنداقتا Spacex نىڭ بازار قىممىتى زادى قانچىلىك؟ 
 
مورگان ستانلى تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: Spacex« نىڭ ئومۇمىي مۆلچەر قىممىتى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، ئۈمىدسىز مۆلچەر قىممىتى 237 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ئۈمىدۋار مۆلچەر قىممىتى 176 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.» ئۇ SpaceX نىڭ ئاساسلىق كەسپىنى تۆت بۆلەككە بۆلۈپ، قىممىتىنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۆلچەرلىگەن، بۇ تۆت بۆلەكنىڭ ئاساسلىق كەسپى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش، يۇلتۇزلار تورى زەنجىرى، شارنى شارغا توغرىلاش ۋە كائىنات بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

 
سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىشنىڭ ئۆتكەن مەزگىلدىكى ئىپادىسى ناھايىتى گەۋدىلىك بولدى، ماسك قايتۇرۇۋالغىلى بولىدىغان راكېتا تېخنىكىسى ۋە بىر راكېتادا كۆپ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش تېخنىكىسى ئارقىلىق، قويۇپ بېرىش تەننەرخىنى نەچچە ھەسسە تۆۋەنلىتىپلا قالماي (بىرلەشمە قويۇپ بېرىش ئىتتىپاقىنىڭ 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن «بۈركۈت 9-نومۇر»نىڭ 50-60 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە)، يەنە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 14 قېتىم قويۇپ بېرىش مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىشقا ئاشۇردى. 
 


لېكىن بۇ كەسىپنىڭ پايدا نىسبىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، بۇ مورگان ستانلىنىڭ مۆلچەر قىممىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي مۆلچەر قىممىتى 1 مىليارد 132 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ئۈمىدسىز مۆلچەر قىممىتى 237 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ئۈمىدۋار مۆلچەر قىممىتى 24 مىليارد 539 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. 
 
«يەر-يەر (地对地)» كەسپى ئارقىلىق ماسك بىر سائەت ئىچىدە يەر شارىنىڭ خالىغان ئىككى يېرىگە بېرىپ-كېلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ سەپىرىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مورگان ستانلى ئۇنىڭ بازار ئۈلۈشىنىڭ %20 (ۋېيجىن يىنخې شىركىتى %40 نى ئىگىلەيدۇ)نىڭ 8 مىليارد 694 مىليون ئاساسىي مۆلچەر قىممىتى ۋە 17 مىليارد 432 مىليون ئۈمىدۋار مۆلچەر قىممىتى بار دەپ پەرەز قىلماقتا. 
 
كائىنات بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش كەسپى ماسكنىڭ 2002-يىلى SpaceX نى بەرپا قىلىشتىكى ئەڭ دەسلەپكى نىشانى، يەنى كۆپ پىلانېتالىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، كىشىلەرنى ئوخشاش بولمىغان پىلانېتالار ئارىسىدا يۈرۈپ ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدى. 
  


پلانېتالار ئارا ئالەم كېمىسى بولسا بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى، ماسك 2021-يىلى سودا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۇنجى پلانېتالار ئارا ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىپ، 2022-يىلى ئىككى يۈك پاراخوتىنى مارسقا ئېلىپ چىقماقچى بولدى. مورگان ستانلى مەزكۇر كەسىپكە بولغان تەھلىلى ھازىرچە سۈپەت ئانالىزىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، مىقدار جەھەتتە كونكېرت پەرەز قىممىتى تەھلىلى قىلمىغان. 
  


يۇلتۇزلار تورى زەنجىرى SpaceX نىڭ ئەڭ ئاساسلىق كەسپى بولۇپ، 41 مىليارد 837 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئاساسىي مۆلچەر قىممىتى ھەيران قالارلىق بولۇپ، ئۇنىڭ مۆلچەر قىممىتى ھەتتا 132 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. 
 
يۇلتۇزلار تورى زەنجىرىمۇ ماسك تەرىپىدىن ئامما بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ چوڭ كەسىپ دەپ قارالغان، مورگان ستانلى «ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئاچقۇچ باھا بېكىتىش ۋە ئابونتلار بۆلىكىنىڭ تەننەرخ ئەگرى سىزىقىدا.» دەپ قارىغان. 
 
ئۈچىنچى، ئالقىشلىنىۋاتقان «يۇلتۇزلار تورى زەنجىرى» پىلانى زادى نېمە؟ 
 مورگان ستانلىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «يۇلتۇزلار تورى زەنجىرى»دە 2033-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئەركىن نەق پۇل ئېقىمى پەيدا بولىدۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا نۆۋەتتىكى SpaceX ئەڭ ھالقىلىق، شۇنداقلا ئەڭ ياخشى كەسپى ھېسابلىنىدۇ. 
 
بۇ پىلاننى ماسك 2019-يىلىنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ 12 مىڭ دانە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئاسماننى يۇلتۇزلار تۈركۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق يەر شارىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى قاپلاشنى پىلانلىغان. بۈگۈنكى كۈندە، سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ پىلان بويىچە پۇختا قەدەم بىلەن ئوربىتىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، ماسك پىلاننى 2027-يىلىدىن بۇرۇن 42 مىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشكە تەڭشىدى. 
 


«يۇلتۇزلار تورى زەنجىرى» پىلانىنىڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇپ ھەيدەشكە نىسبەتەن ئەھمىيىتى زور. ئۇ V2X يەنى (vehicle-to-everything) ماشىنا يولىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تور ئالاقە سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولغان زور مىقداردىكى ئۇچۇر يەتكۈزۈشنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك ماشىنا ئىچىدىكى مۇلازىمەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. 
 


ئۇنىڭدىن باشقا، «يۇلتۇزلار تورى زەنجىرى» ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئالاقە تورى يۇلتۇز تۈركۈمىدە يېڭى كېلىشىم قوللىنىپ، مەركەزلەشمەيدىغان بىر خىل ئۇلىنىش تورىنى قوللىنىدۇ، ھەربىر ئابۇنىچى مۇلازىمەت ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھ ھەربىر ئابۇنىچىنىڭ فىزىكىلىق ئورنىنى توغرا ئىگىلىيەلەيدۇ، سانلىق مەلۇماتلارمۇ بۇ مۇلازىمەت ئۈسكۈنىلىرىدە يېڭى كېلىشىم ئارقىلىق ئاپتوماتىك يەتكۈزۈلۈپ، ئەڭ ياخشى زىيارەت قىلىش ۋە يوللاش سۈرئىتىگە يېتىدۇ. 
 
«يۇلتۇزلار تورى زەنجىرى» ئالاقە تورى يۇلتۇز تۈركۈمىگە يەنە ئۇچتىن ئۇچقا بولغان كومپيۇتېر مۇقىم دېتال شىفىرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى كومپيۇتېر خاككېر تېخنىكىسى تۈپتىن يېشىپ چىقالمايدۇ، بۇ ئۇچۇر يەتكۈزۈشنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھالقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. 
 
ھالبۇكى، «يۇلتۇزلار تورى زەنجىرى» پەقەت ئاپتوماتىك ھەيدەشنىلا ئۆزگەرتمەيدۇ، ئاپتوماتىك ھەيدەش پەقەت ئۇنىڭ غايەت زور رولى ئاستىدىكى بىر ھاسىلى ساھەسىنى ئۆزگەرتىدۇ. 
 
«يۇلتۇزلار تورى زەنجىرى» پىلانى ئەمەلگە ئاشسا، پۈتكۈل خەۋەرلىشىش ساھەسى يېڭى سەھىپىگە قەدەم قويىدۇ. بىز ئەمدىلا 5G دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، 6G غا نەزەر سالغىنىمىزدا، Spacex نىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى بىزگە يەر يۈزى ئاساسىي پونكىتىنى ئاساس قىلغان 5G ، 6G دىن باشقا يېڭى پىكىر يولىنى ئېچىپ بەردى. ئۇ تۆۋەن ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ سىگنالنى تېز سۈرئەتتە يوللايدۇ، بۇ تور قۇرۇلۇپ مۇكەممەللەشكەندىن كېيىن، ھەربىر ئادەم پەقەت ئۇلاپ تارقاتقۇچنى يېنىدا ئېلىپ يۈرسىلا دېڭىز، يالغۇز ئارال ۋە ئېگىز تاغلاردىمۇ تورغا چىقالايدۇ. 
 
بۈگۈنكى كۈندە ئالەم بوشلۇقىدا ماسك يەتكۈزۈپ چىققان 895 دانە سۈنئىي ھەمراھ بار، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يېقىن كەلگۈسىدە بىز پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ھېس قىلالايمىز.

تۆتىنچى، بىز يەنە نېمىنى ئۈمىد قىلىمىز؟ 
ئۈچ يىل ئىلگىرى، مورگان ستانلى تېسلا بىلەن SpaceX نىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلغاندا ئەڭ ئاخىرقى خۇلاسىنى چىقىرىپ: «بىز SpaceX نىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن مارسقا بارماقچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى ھەرگىزمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى تۇتاشتۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورىنىڭ ئاخىرقى نىشانى ماسكنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ مارسىغا مەبلەغ توپلاش.» دېگەن ئىدى.  
 


خۇددى ئۇ ئالدىن پەرەز قىلغاندەك، ماسك مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى ھەمدە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش جەريانىدا زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ، ئۇنىڭ تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن مارس يولىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. 
 
ئۇ ئۈچ يىل پىنھان ياشاپ، تېخىمۇ ئېنىق نىشاننى بېكىتتى: 2022-يىلى مارستا يۈك توشۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش، 2044-يىلى ئادەملىك مارس ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش، 2050-يىلى ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلىيەلەيدىغان مارس شەھىرى قۇرۇپ چىقىش. 
 
ئۇ SpaceX ئارقىلىق راكىتا، مارستىن ئىبارەت قارىماققا يەتكىلى بولمايدىغان ئاتالغۇلارنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن بولغان بىۋاسىتە ئارىلىقىنى قەدەممۇ قەدەم يېقىنلاشتۇردى، ئەينى چاغدا قارىماققا «تەلۋىلەشكەن» كۆرۈنىدىغان، چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئۇلۇغۋار پىلانلارمۇ تەدرىجىي ھالدا كىشىلەر ئىنتىلىدىغان، ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتى بولغان رېئاللىققا ئايلاندى. 
 SpaceX پەقەت ئاغدۇرمىچىلىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، بىز تېخىمۇ كۆپ ئۇلۇغۋار ئىشلارغا ئىنتىلىمىز. 

مەنبە: ۋال سترېت كوچىسىپاراڭلىرى
ئىلقۇت تەرجىمىسى

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ ئوقۇڭ!

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0