

كىچىك ماسكنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، دائىم ئۆزىنىڭ چوڭقۇر خىيالىغا چۆكۈپ كېتىدۇ، ئەتراپتا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ، دوختۇر ئۇنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىدا مەسىلە بار دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ بادام بېزىنى كېسىۋېتىدۇ.

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، ماسك تەنھا پالۋان بولۇپ، دۇنياغا بەك قىزىقاتتى، ئەمەلىيەتكە بەك جاھىللىق قىلاتتى، ساۋاقداشلىرى ئۇنى ياخشى كۆرمەيتتى، ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭغا زومىگەرلىك قىلاتتى.

12 ياش ۋاقتىدا، ماسكنىڭ ئىسمى تۇنجى قېتىم تاراتقۇلارغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇ يازغان ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن مەنبە كودى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شۇ جايدىكى بىر ژۇرنىلىغا بېسىلغان.
-مېييا ماسك

ماسك ئىنىسى كىمبال (ئوتتۇرىدا) ۋە سىڭلىسى توسكا (ئوڭدا) بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئۆيىدە بولۇپ، ئۈچ ئاكا-سىڭىلنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى، نۆۋەتتە ھەممىسى ئامېرىكىدا ئولتۇراقلاشقان.

17 ياشقا كىرگەن يىلى، ماسك دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكى كاناداغا بۆسۈپ كىرىپ، بىر يىل «سومكا ئېسىۋالغان مېھمان» بولغاندىن كېيىن، خانىش داشۆسىدە ئوقۇپ، ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا تۇرغان.

تېسلانىڭ باش تېخنىكا ئەمەلدارى ستراۋبېل ياش ۋاقتىدا ئۆيىدە تېسلا توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ دەسلەپكى باتارېيە گۇرۇپپىسىنى قۇراشتۇرماقتا.

بىر نەچچە ئىنژېنېر كىرىمنىي جىلغىسىدىكى ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئىچىدە تۇنجى Roadster ئەسلى تىپلىق ئاپتوموبىلنى ياساپ چىقتى.

ماسك بىلەن تېسلانىڭ ئورتاق قۇرغۇچىسى ئەيبوخاد دەسلەپكى مەزگىلدىكى Roadster نى سىناق قىلىپ ھەيدەۋاتىدۇ. ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى كېيىن بۇزۇلۇپ، تېسلا شىركىتىنىڭ پېيى بازارغا سالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىككىيلەننىڭ بۇرۇنقى ئاداۋىتى تۈگىگەن.

SpaceX لوس ئانژېلېس شەھەر ئەتراپىدا ھەقىقىي راكېتا زاۋۇتى قۇرۇپ، «بۈركۈت 1-نومۇر» لۇق راكېتانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىققان.

مىللېر (ئەڭ ئوڭ تەرەپ) SpaceX راكېتا موتورىنى لايىھەلەش، سىناش ۋە ياساشقا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

SpaceX نىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە قېتىملىق قويۇپ بېرىشى مارشال تاقىم ئارىلىدىكى كۇئالىن ھالقا خادا تېشىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ئىنژېنېرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئارالدىكى بارلىق تەجرىبىلەر بىر مەيدان تەۋەككۈلچىلىك ھېسابلىنىدۇ، جەريان جاپالىق بولسىمۇ، نەتىجىسى ناھايىتى ئادەمنى ھاياجانغا سالاتتى.

بۇ SpaceX نىڭ ھەرىكەت ۋەزىپىسىنى كونترول قىلىش مەركىزى بولۇپ، ماسك بىلەن مىللېر بۇ پۈتۈن مۇساپىلىك راكېتانىڭ قويۇپ بېرىلىش جەريانىنى نازارەت قىلماقتا.

2008-يىلى ۋون خوزخاۋسېن تېسلاغا قوشۇلۇپ، Model S نى لايىھەلەش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتكەن، ماسك ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇزاكىرە قىلغان، ئىككىيلەننىڭ پاراڭلىشىپ تۈگىتەلمەيدىغان يېڭى ئاماللىرى بار.

ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، SpaceX نىڭ ھەقىقىي مەقسىتى بارا-بارا كېڭىيىشكە باشلىغان، «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسىنى ياساشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى ياكى تاشقى ئالەم بوشلۇقىغا ئادەملىك بارالايدىكەن.

ماسك ماشىنا ئادەمدىن ئىزچىل ھەزەر ئەيلەپ كەلگەن بولۇپ، ھەمىشە SpaceX ۋە تېسلا زاۋۇتىدىكى يېڭى ماشىنىلارنى قايتا-قايتا باھالاپ چىقماقتا.

SpaceX كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ خوسان شەھىرىدىكى يېڭى زاۋۇتقا كۆچۈپ بېرىپ، قۇراشتۇرۇش لىنىيەسىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتكەن ھەمدە بىرلا ۋاقىتتا كۆپ گۇرۇپپا راكېتا ۋە ئالەم كېمىسىنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە.

SpaceX يېڭى راكېتا ماتورى ۋە ئۇچقۇ سىناق قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار «پىلاتىنا (Grasshopper)» ناملىق تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدىغان راكېتانى سىناق قىلىۋاتىدۇ.

تېكساس ئىشتاتىدا راكېتانى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن، ماسك دائىم قار-مۇز خانىشى ماروژنى دۇكىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلىدۇ، بۇ قېتىم بىللە كەلگەنلەردىن SpaceX كە مەبلەغ سالغۇچى، مۇدىر جوي ۋىتسون (سولدا) ۋە مەبلەغ سالغۇچى رەندىي گرېيېن (ئوڭدا) بىللە.

خوساڭ زاۋۇتىدا «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسى تورۇسقا ئېسىلغان بولۇپ، SpaceX خادىملىرى ۋەزىپە كونترول قىلىش مەركىزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرماقتا.

SpaceX نىڭ لىدىرى شوتۋېر ماسكنىڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى SpaceX نىڭ كۈندىلىك مەشغۇلاتىنى باشقۇرۇشقا ياردەملىشىۋاتىدۇ، بۇ نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تېسلا يېڭى بىرلەشمە ئاپتوموبىل ياساش شىركىتى (NUMMI) نى سېتىۋالدى كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ فرىمونتقا جايلاشقان ئاپتوموبىل زاۋۇتى، بۇ يەردە Model S ئاپتوموبىلىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

تېسلا Model S ئاپتوموبىلىنى 2012-يىلىدىن باشلاپ خېرىدارلارغا تاپشۇرغان بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىل كۆپ تۈرلۈك ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.©Tesla Motors

تېسلا Model S ئاپتوموبىل گەۋدىسى، ئېلېكتىر موتورى (ئارقا ئۇچىغا يېقىن) ۋە باتارېيە گۇرۇپپىسى (ئاستى قىسمى).©Tesla Motors

Model S دىن كېيىن، تېسلا Model X تەنھەرىكەت تىپىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىلنى بازارغا سالماقچى، بۇ ئاپتوموبىل بۈركۈت قاناتلىق ئىشىككە ئىگە.

2013-يىلى، ماسك ۋە كىنو چولپىنى سېئان پىن (Sean Peen، ھەيدىگۈچى) ۋە مەبلەغ سالغۇچى پىشېۋا (Shervin Sishevar، ئارقا رەتتە ماسكنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان) كۇبانى زىيارەت قىلماقتا. ئۇلار ئوقۇغۇچىلار ۋە كاستىرو جەمەتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئامېرىكىلىق بىر ئەسىرنى قۇتقۇزماقچى بولغان.

ماسك 2013-يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تەسەۋۋۇرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنى يېڭى ئاممىۋى تىرانسپورت ئۇسۇلى قىلىش تەكلىپى سۈپىتىدە سۇنغان، ھازىر نۇرغۇن گۇرۇپپا سىناق رېلىسى ياساپ، ماسكنىڭ تەسەۋۋۇرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

2014-يىلى ماسك بىر يېڭى تىپتىكى ئالەم كېمىسى (ئەجدىھا 2-نومۇر)نى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭغا تۆۋەنگە تارتىلىدىغان چەكمە كونترول ئېكرانى ۋە مۇكەممەل ئىچكى بېزەك سەپلەنگەن.

ئىككىنچى ئەۋلاد «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسى يەر شارىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ ھەمدە يەرگە ئىنتايىن توغرا قونالايدۇ.

ماسك توختىماي ساياھەت قىلىدىغان يولۇچى بولۇپ، رەسىمدىكى بۇ ئۇچۇرلار ئارقىلىق، ئۇنىڭ پۈتۈن بىر يىللىق تۇرمۇشىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. بۇ رەسىم «ئۇچۇر ئەركىنلىكى قانۇن لايىھەسى (FOIA)»گە ئاساسەن تەلەپ قىلىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن.

ماسك ئارتىس رىلېي بىلەن ئىككى قېتىم توي قىلغان بولۇپ، ئىككىنچى قېتىم يەنىلا ئاجرىشىش بىلەن ئاخىرلاشقان.

ماسك بىلەن رىلېي لوس ئانجىلىستىكى ئۆيىدە ئازراق دەم ئالماقتا، بۇ يەر ماسك بىلەن بەش ئوغلىنىڭ ئۆيى.


