大数跨境

روكفېللېر: ئىستىقبالى ئۈچۈن رەنىگە قويۇش

روكفېللېر: ئىستىقبالى ئۈچۈن رەنىگە قويۇش Nepkar
2020-10-23
2
导读:مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلىك ھايات يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىسەن، بۇ سېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى نىش
1-پارچە
كىرىش سۆز 2 كىرىش سۆز 1
4-پارچە
3-پارچە
2-پارچە



ئىستىقبالى ئۈچۈن رەنىگە قويۇش
(بەشىنچى پارچە)

پۇل قەرز ئېلىش ئامەت يارىتىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر بىر پارچە يەرنى رەنىگە قويۇپ يېتەرلىك نەق پۇل قەرز ئېلىپ تېخىمۇ چوڭ بىر پارچە يەرنى ئالغىلى بولسا، ئۇ ھالدا مەن قىلچە ئىككىلەنمەي بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتىمەن.
كىشىلىك ھايات ئۈزلۈكسىز رەنىگە قويۇش جەريانىدۇر، ئىستىقبال ئۈچۈن ياشلىق باھارىمىزنى، بەخت ئۈچۈن ھاياتىمىزنى رەنىگە قويىمىز. چۈنكى ئەڭ تۆۋەن چەككە يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىسىڭىز، ئۇتتۇرۇپ قويىسىز. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، رەنىگە قويۇپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشىمىز ئەرزىمدۇ؟
1897-يىلى 18-ئاپرېل
قەدىرلىك جون:
مەندىن قەرز ئالغان پۇل ئارقىلىق پاي چېكى بازىرىغا بېرىپ جاھان كېزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئازراق ئەنسىزلىك ھېس قىلىشىڭنى چۈشىنىمەن. چۈنكى سېنىڭ يېڭىپ چىققۇڭ بار. ئەمما ئۇ تەۋەككۈلچىلىك دۇنياسىدا ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن قورقىسەن، ئۇتتۇرۇپ قويغان پۇل سېنىڭ ئەمەس، قەرز ئالغان پۇل، بۇنىڭغا ئۆسۈم تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.
بۇ خىل ئۇتتۇرالمايدىغان ھېسسىيات، مەن ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، ھەتتا بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، مېنى ئىزچىل ئىدارە قىلىپ، نەتىجىدە ھەر قېتىم قەرز ئېلىشتىن بۇرۇن، ئېھتىياتچان بولۇش بىلەن تەۋەككۈلچىلىك ئوتتۇرىسىدا جاپالىق تىركىشىپ، ھەتتا كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان، كارىۋاتتا يېتىپلا قەرزنى قانداق قايتۇرۇشنى ئويلايدىغان قىلىپ قويغان.
دائىم بەزىلەر «خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان ئادەم ئاسانلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ.» دەيدۇ. لېكىن دۆتلەرنىڭ قايسىسى بۇنداق ئەمەس؟ مەن مەغلۇپ بولۇشتىن قورققاندىن كېيىن، دائىم روھلىنىپ، يەنە بىر قېتىم پۇل قەرز ئېلىش قارارىغا كېلەتتىم. ئەمەلىيەتتە، ئىلگىرىلەش ئۈچۈن مېنىڭ بانكىدىن قەرز ئالماقتىن باشقا يولۇم يوق ئىدى.
ئوغلۇم، كۆز ئالدىمىزدا دائىم قىيىن مەسىلىلەرنى ئەپچىللىك بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى نامايان بولىدۇ. پۇل قەرز ئېلىش يامان ئىش ئەمەس، ئۇ سېنى ۋەيران قىلمايدۇ، پەقەت ئۇنى قۇتقۇزۇش بالونىغا ئوخشاش، پەقەت كىرىزىس كۆرۈلگەندە ئىشلىتىش دەپ قارىماي، ئۇنى بىر خىل كۈچلۈك قورال دەپ قارىساڭ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پۇرسەت يارىتالايسەن. ئۇنداق بولمايدىكەن، مەغلۇبىيەتتىن قورقۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالىسەندە، قورقۇنچ سېنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىڭنى بوغۇپ، نەتىجىدە ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايسەن.
مەن پىششىق بىلىدىغان ياكى تونۇيدىغان بايلار ئارىسىدا، پەقەت ئۆزىگە تايىنىپ ئاز-ئازدىن پۇل تېپىپ تەرەققىي قىلغانلار ناھايىتى ئاز، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر پۇل قەرز ئېلىش ئارقىلىق بېيىيدۇ، بۇنىڭدىكى قائىدىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر ئەمەس، بىر يۈەنلىك سودا يۈز يۈەنلىك سودىغا يەتمەيدۇ.
مەيلى بايلىققا ئېرىشىش بولسۇن ياكى كىشىلىك ھاياتقا ئېرىشىش بولسۇن، مۇنەۋۋەر كىشىلەر «ماھارەت مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويسام قانداق بولار دېگەننى ئەمەس، بەلكى غەلىبە قىلغۇچى بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟» دېگەننى ئويلايدۇ.
پۇل قەرز ئېلىش ئامەت يارىتىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر بىر پارچە يەرنى رەنىگە قويۇپ يېتەرلىك نەق پۇل قەرز ئېلىپ، تېخىمۇ چوڭ بىر پارچە يەرنى ئالغىلى بولسا، ئۇ ھالدا مەن قىلچە ئىككىلەنمەي بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتىمەن.
كلېۋېلاندتىكى ۋاقتىمدا، مەن ئەمەلىي كۈچۈمنى زورايتىش، كىلېۋېلاند نېفىت ئايرىش ساھەسىدىكى ئاتامانلىق ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم زور قەرزگە بوغۇلغان ئىدىم، ھەتتا كارخانامنى بانكىغا رەنىگە قويۇشتىنمۇ باش تارتمىدىم، نەتىجىدە مەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم، مەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى ياراتتىم.
ئوغلۇم، كىشىلىك ھايات ئۈزلۈكسىز رەنىگە قويۇش جەريانىدۇر، ئىستىقبالىمىز ئۈچۈن ياشلىقىمىزنى، بەختىمىز ئۈچۈن ھاياتىمىزنى رەنىگە قويىمىز. چۈنكى ئەڭ تۆۋەن چەككە يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىساڭ، ئۇتتۇرۇپ قويىسەن. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، بىزنىڭ رەنىگە قويۇپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشىمىز ئەرزىمەمدۇ؟
رەنىگە قويۇش توغرىسىدا، ساڭا شۇنى دېمەكچىمەنكى، مەن بانكىرنىڭ قولىدىن نۇرغۇن پۇلنى قەرز ئالغاندا، رەنىگە قويغىنىم يالغۇز كارخاناملا ئەمەس، يەنە مېنىڭ سەمىمىيلىكىممۇ بار. مەن توختام، كېلىشىمنى مۇقەددەس نەرسە دەپ قارايمەن، مەن توختامغا قاتتىق رىئايە قىلىمەن، ئەزەلدىن قەرزنى كەينىگە سۆرىمەيمەن. مەن مەبلەغ سالغۇچى، بانكىر، خېرىدار، رىقابەتچىلىرىمگىمۇ سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالمىغان، ئۇلار بىلەن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغاندا راست گەپ قىلىشتا چىڭ تۇرىمەن، ئەزەلدىن ئويدۇرۇپ چىقارمايمەن ياكى مۈجمەل گەپ قىلمايمەن، مەن يالغان گەپنىڭ قۇياش نۇرى ئاستىدا ئاشكارىلىنىشىغا قەتئىي ئىشىنىمەن.
سەمىمىيىتىم غايەت زور ئىنكاس قايتۇردى، مەن كورى فورلەندىن چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن، مېنىڭ پەزىلىتىمنى چۈشىنىدىغان بانكىرلار مېنى قۇتۇلغىلى بولمايدىغان كىرىزىس ئىچىدىن قايتا-قايتا قۇتقۇزۇپ چىقتى.
ئېنىق ئېسىمدە، بىر كۈنى، بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتۇمغا تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ، ئېغىر زىيان بولدى. سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا پۇلىنى ئۇزاققىچە تۆلىمگەچكە، مەن كارخانىنى يەنە قايتا قۇرۇش ئۈچۈن جىددىي پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىم، شۇڭا بانكىدىن قەرز ئېلىشقا مەجبۇرى بولدۇم. ھازىر شۇ كۈنى بانكىدىن قەرز ئالغان ئەھۋالنى ئويلىساملا قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىمەن. ئەسلىدە يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بانكىرلارنىڭ نەزىرىدە نېفىت ئايرىش كەسپى خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى كەسىپ بولۇپ، بۇ كەسىپنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش قىماردىن قېلىشمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نېفىت ئايرىش زاۋۇتۇم يېقىندىلا ۋەيران بولغاچقا، شۇڭا بەزى بانكا مۇدىرلىرى مېنىڭ قەرز ئېلىشىمغا ئىككىلىنىپ، دەرھال قەرز بېرىشكە ئۇنىمىدى.
دەل شۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئاق كۆڭۈل كىشى، ستېيمان ئەپەندى بىر خىزمەتچىنى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپ، باشقا بىر قانچە مۇدىرغا قاراپ قولىنى شىلتىپ مۇنداق  دېدى: «گېپىمنى ئاڭلاڭلار، روكفېللېر ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئىنتايىن مۇنەۋۋەر ياشلار. ئەگەر ئۇلار تېخىمۇ كۆپ پۇل قەرز ئالماقچى بولسا، مەن ھەر قايسىڭلاردىن قىلچە ئىككىلەنمەي ئۇلارغا بېرىپ تۇرۇشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ئەگەر سىز تېخىمۇ بىخەتەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، بۇ يەردە بار، قانچىلىك ئالغۇڭلار بولسا شۇنچىلىك ئېلىڭلار.» مېنىڭ سەمىمىيلىكىم بانكىرنى بويسۇندۇرغان ئىدى.
ئوغلۇم، راستچىللىق بىر خىل ئۇسۇل، بىر خىل تاكتىكا. مەن سەمىمىيلىكنى بەدەل قىلغانلىقىم ئۈچۈن، بانكىرلارنىڭ، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتىم، شۇنداقلا تۈرلۈك قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، تېز مۇۋەپپەقىيەت يولىغا قەدەم قويدۇم. بۈگۈنكى كۈندە ھەر قانداق بىر بانكىدىن ياردەم سورىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى مەن ئۆزۈم بىر بانكا، لېكىن مەن ئىلگىرى ماڭا زور كۈچ بىلەن ياردەم قىلغان بانكىرلارغا مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
كەلگۈسىدە كارخانا باشقۇرۇشۇڭ مۇمكىن، شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، كارخانا باشقۇرۇشنىڭ مەقسىتى پۇل تېپىش. كارخانىنى كېڭەيتىپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ، ئەمما كارخانىنى رەنىگە قويۇشمۇ پۇل باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. ئەگەر پەقەت بىر خىل ئىقتىدارغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، يەنە بىر خىل ئىقتىدارغا سەل قارىساڭ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايسەن؛ ئەڭ ناچار ئەھۋالدا، مالىيە ئىشلىرى ۋەيران بولۇشى مۇمكىن، بىر قەدەر ياخشى ئەھۋالدىمۇ، نۇرغۇن پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشۇڭ مۇمكىن.
پۇلنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئىرادە بىلەن پۇل تېپىشقا ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئېتىقاد بولۇشى كېرەك. پۇلنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۆزۈڭ قول سېلىپ ئىشلەشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشىڭ كېرەك، سانلارنى ئۆز قولى بىلەن باشقۇرۇش، پەقەت باشقۇرۇش ۋە تاكتىكا جەھەتتە قۇرۇق گەپ سېتىشلا ئەمەس. پۇرسەت ھەمىشە ئىنچىكە نۇقتىلارغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىنچىكە ھالقىلارغا سەل قارىساڭ ياكى ئىنچىكە ھالقىلاردىن ھالقىپ كەتسەڭ، بۇ خىل «ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار»نى باشقىلارنىڭ قىلىشىغا ھوقۇق بەرسەڭ، ھېچ بولمىغاندا كەسپىي تىجارەتنىڭ يېرىمىدىكى مۇھىم مەسئۇلىيەتكە سەل قارىغان بولىسەن. تەپسىلاتلار مەڭگۈ قىزغىنلىققا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۇسۇلى سەندىن مۇنداق ئىككى نۇقتىنى ئېسېڭدە چىڭ تۇتۇشۇڭنى تەلەپ قىلىدۇ: بىرى تاكتىكا، يەنە بىرى ئىستراتېگىيە.
ئوغلۇم، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلىك ھايات يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىسەن، بۇ سېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى نىشانىڭ، باتۇر بولۇشۇڭ كېرەك، باتۇر بول.

سېنى سۆيىدىغان داداڭدىن!
مەنبە: «روكفېللېرنىڭ ئوغلىغا يازغان 38 پارچە خېتى» ناملىق كىتاب
ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى
بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408