大数跨境

ئوتتۇز يىلدىن كېيىنكى پۇل ئۇرۇشى

ئوتتۇز يىلدىن كېيىنكى پۇل ئۇرۇشى Nepkar
2020-10-28
0
导读:بىر دۆلەتنىڭ پۇل رىقابەت كۈچى قانچە كۈچلۈك بولسا، ياكى بىر دۆلەتنىڭ پۇلى جارى قىلدۇرىدىغان خەلقئارال
خەلق پۇلى 30 يىلدىن كېيىنكى پۇل ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىن
مەزكۇر يازمىنى تۆۋەندىكى يازمىلار بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ھەزىم قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز (تېمىنى چەكسىڭىز بەت ئاتلايدۇ!):
رەقەملىك خەلق پۇلىنىڭ ئۈندىدار ۋە چىقىمداندىن پەرقى نېمە
رەقەملىك خەلق پۇلى تۇرمۇشىمىزغا قانداق مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ
ما يۈن: جۇڭگو بانكا كەسپىنىڭ «گۆرۈكەشلىك» ئىدىيەسى ھەققىدە نېمە دەيدۇ
دۆلىتىمىزنىڭ 200 يۈەنلىك خەلق پۇلى چىقتى
مەركىزى بانكىنىڭ جازا تالونى: بەش بانكا ئېغىر جازالاندى
----
يەر شارى ئىقتىساد تارىخىدا، بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ۋە يەر شارى سودىسىدىكى كېلىشىم باھا ئىقتىدارى ۋە قارار قىلىش ھوقۇقى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا باراۋەر مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرمەيدۇ.
ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا كاماندىروپكىغا چىقىپ كېتىۋېتىپ، ئايرودرومدىكى بىر زىبۇ-زىننەت پۇكىيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئايالى 80 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى بىر قول سائىتىگە كۆزى چۈشۈپ، ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، ئۆزىنى تۇتالماي سېتىۋالماقچى بولدى.
ئېرى ئۇنى يەنە ئويلىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلدى، نەتىجىدە ئىككىيلەن سۆزلەۋېتىپ، ئېرىنىڭ ئاۋازى تۇيۇقسىز كۈچىيىپ كېتىپ: «يەنىلا سېتىۋالمايلى، بىزنىڭ ئۆيدە پۇل بېسىش ماشىنىسى بولمىسا.» دېدى.
بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ پۇكەي يېنىدىكى مۇلازىم بىلەن مەن كۈلۈشۈپ كەتتۇق، بۇ دۇنيادا ھەممە ئادەم ئۆيىدە بىر پۇل بېسىش ماشىنىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغاندەك قىلاتتى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، پەقەت 19.6 سىنت بىلەنلا 100 دوللارلىق قەغەز پۇلدىن بىرنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن، قىممىتى بىۋاسىتە 510 ھەسسە قاتلىنىدىكەن.

دوللار بېسىش تەننەرخى
سۈرەت مەنبەسى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى

ئايرودرومدا ئۇچراتقان بۇ بىر جۈپ كىچىك ئەر-خوتۇن ئەگەر ئۆيىدە پۇل بېسىش ماشىنىسى بولسا، تەخمىنەن 23.4 دوللار تەننەرخ خەجلىسىلا، بۇ قول سائىتىنى سېتىۋالالايدۇ، شۇڭا قاراڭ پۇل بېسىش ماشىنىسى ھەقىقەتەن ياخشى نەرسە. ( 1ئامېرىكا دوللىرى تەخمىنەن 6.7 خەلق پۇلى)
بىز دۆلەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ مەسىلىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
دۇنياۋى رىقابەت ئەندىزىسىدە، بىر دۆلەتنىڭ پۇل رىقابەت كۈچى قانچە كۈچلۈك بولسا، ياكى بىر دۆلەتنىڭ پۇلى جارى قىلدۇرىدىغان خەلقئارالىق پۇل فۇنكسىيەسى قانچە چوڭ بولسا، ئۇنىڭ سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنىڭ شۇنچە كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى باھا بېكىتىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ جەھەتتە، جۇڭگودا كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بار.
چۈنكى ھازىرقى يەر شارى سودىسىدا، خەلق پۇلى باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن باھا ھېسابلاپ ھېسابات قىلىدىغان پۇل قىلىپ ئالدىن تاللانغان ئەمەس.
يەر شارى بانكىسى پۇل مۇئامىلە تېلېگراف جەمئىيىتى (SWIFT) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى 8-ئايغىچە، پۇل سوممىسىنى ئىستاتىستىكا قىلىش ئاساسىدىكى يەر شارى بويىچە چىقىم قىلىنىدىغان پۇل رەت تەرتىپىدە، ئامېرىكا دوللىرى %38.96 نى، ياۋرو %36.04 نى، فوندستېرلىڭ %6.70 نى، ياپونىيە يىنى %3.61 نى، خەلق پۇلى پەقەت %1.91 نى ئىگىلىگەن.

يەر شارى بويىچە چىقىم قىلىنىدىغان پۇل رەت تەرتىپى كۆرسەتمىسى
مەنبەسى: يەر شارى بانكىسى پۇل مۇئامىلە تېلېگراف جەمئىيىتى

سودا تاماملانغاندىن كېيىن، بىر دۆلەت يەنە بىر خىل پۇلنى ئۆزىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى قىلىپ تاللايدۇ، خەلق پۇلى ئوخشاشلا ئالدىن تاللىنىدىغان پۇل ئەمەس.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 2-پەسىلگىچە، دۇنيا تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئۈلۈشىدە، ئامېرىكا دوللىرى %61.3 نى، ياۋرو %20.3 نى، ياپونىيە يېنى %5.7 نى، خەلق پۇلى %2.045 نى ئىگىلىگەن.

بۇ خىل ھالەتكە نىسبەتەن، نۇرغۇن دۆلەت كىشىلىرى ئىنتايىن ئېچىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چۈنكى، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو يەر شارىدىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالدى، 2019-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 14 تىرىليون 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، ياپونىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 5 تىرىليون 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ %35.4 گە توغرا كېلىدۇ.
لېكىن يەر شارى بويىچە چىقىم قىلىنىدىغان پۇل رەت تەرتىپى ۋە تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئۈلۈشىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىدە، خەلق پۇلى ياپونىيە يېنىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ.
شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر: نېمىگە ئاساسەن بۇنداق بولىدۇ؟ دەپ سوئال قويىدۇ. 
لېكىن ئەمەلىيەتتە بىز بەك تەشۋىشلىنىپ كەتمەيمىز، بۇنىڭ سەۋەبى ئىككى.

بىرىنچى، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىش مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتى ئەمەلىيەتتە خېلى تېز
بىز تارىخنى كەينىگە قايتۇرساق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى 30 يىلدا، خەلق پۇلىنىڭ ئىزچىل دۆلەت ئىچىدىكى پۇل ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
2009-يىلىغا كەلگەندە خەلق پۇلى ئاندىن خەلقئارالىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى بېسىپ، چېگرا ھالقىپ ھېسابات قىلىشنى باشلىدى. كېيىنكى بىر يىلدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارى ياپونىيەدىن ئېشىپ، يەر شارىدىكى 2-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلاندى.
2015-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە، خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا يەنە بىر ئىنتايىن مۇھىم قەدەم تاشلىنىپ، خەلق پۇلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى  (SDR)  پۇل دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى ھەمدە بىر قەدەر يۇقىرى ئۈلۈش كوئېففىتسېنتىغا ئېرىشتى.
شۇڭا ئومۇمەن ئېيتقاندا، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ناھايىتى تېز بولماقتا.

ئىككىنچى، يەر شارى ئىقتىساد تارىخىدا، بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ۋە يەر شارى سودىسىدىكى كېلىشىم باھا ئىقتىدارى ۋە قارار قىلىش ھوقۇقى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا باراۋەر مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرمەيدۇ.
بىز دوللارنى فوندستېرلىڭنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتىن ئىبارەت بۇ تارىخىي ۋەقەدىن جاۋاب تاپالايمىز. 19-ئەسىردە ئەنگلىيە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مۇستەملىكە ئىمپېرىيەسى بولۇپ، قۇدرەتلىك ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ، فوندستېرلىڭنى دۇنياۋى پۇلغا ئايلاندۇرغان.


گەرچە جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىپ، سانائەت مەھسۇلات قىممىتى ئەنگلىيەدىن ئېشىپ، يەر شارىدىكى بىرىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى يېرىم ئەسىردە، فوندستېرلىڭ يەنىلا خەلقئارا سودا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىكى ئاساسلىق لەڭگەرلىك پۇل، لوندون يەنىلا يەر شارىدىكى ئەڭ مۇھىم پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇپ تاكى 2-قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەنگلىيە ئىستراتېگىيە جەھەتتە سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ، بىر مۇنچە قەرزگە بوغۇلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئامېرىكا دوللىرى تەتۈر ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
ئەينى ۋاقىتتا، ئامېرىكا زور مىقداردا ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق مول كاپىتال جۇغلاپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەقدار دۆلەتكە ئايلانغان. ئالتۇن زاپىسى مىقدارى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىگەن.
1944-يىلى ئامېرىكا بىرايتون (Brayton) ئورمانلىقى يىغىنى ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئالتۇننى مەركەز قىلغان پۇل سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرى رەسمىي ھالدا دۇنياۋى پۇلغا ئايلانغان.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئامېرىكا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت كۈتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى بىلەن دۇنيا سودىسىنىڭ كېلىشىم باھا ئىقتىدارىنىڭ باراۋەرلىكىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغان.
شۇڭا، بۈگۈنكى كۈندە بىز خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىش مۇساپىسىگە قاراشتا بەك تىت-تىت بولۇپ كەتمەيمىز، يەنە ئازراق سەۋرچان بولۇپ، تەملىنلىكنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلىشتىن باش تارتمايمىز.

ئۈچىنچى، 19-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىلان بويىچە، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، يەنى 2050-يىلى ئەتراپىدا، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارا پۇلدىكى ئۈلۈشى %30 ئەتراپىدا ساقلىنىپ، ئەڭ ئاساسلىق خەلقئارا پۇللارنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى كېرەك.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا قارىتا ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك نىشاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2020-يىلىدىن 2029-يىلىغىچە، 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارا سودا راسچوتىدىكى نىسبىتىنى %1.9 تىن %10 كە يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلماقتا. 
2030-يىلىدىن 2049-يىلىغىچە يەنە 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بۇ نىسبەتنى %30 كە يەتكۈزىمىز. شۇ ۋاقىتقا بارغاندا، خەلق پۇلى ياۋرو، ياپونىيە يېنى ۋە فوندستېرلىڭدىن ھالقىپ، ئامېرىكا دوللىرىدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ پۇلغا ئايلىنىدۇ.
مېنىڭچە بۇ ئاسانلىقچە ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان نىشان ئەمەس.


بۇ كەلگۈسى 30 يىل ئىچىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىش ئىقتىدارىنى ساقلىشى، جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ يەر شارى سودىسىدا رىقابەت كۈچىنى ساقلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز يەنە بۇ نىشاننى چۆرىدەپ كونكرېت لايىھە بېكىتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇلى بىلەن يېڭى رىقابەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىمىز كېرەك.
خەلق پۇلىنىڭ دۇنيا سودا راسچوتى ۋە تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %2 تىن 30% كە ئۆستۈرۈلۈشى، ئەمەلىيەتتە باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇل رىقابەت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىدىغانلىقىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ، بىرى پەسەيسە، بىرى كۈچىيىپ، بىر مەيدان يېڭى پۇل ئۇرۇشى يەنە باشلىنىدۇ.

مەنبە: ۋۇ شياۋبو قانىلى
ئىلقۇت تەرجىمىسى

تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!

ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0