搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئىقتىساد تەپەككۇرى: قېرىنداشنىڭ ھېكايىسى
>
ئىقتىساد تەپەككۇرى: قېرىنداشنىڭ ھېكايىسى
Nepkar
2020-10-06
0
导读:ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ سەۋەبى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىدا ئەمەس، بەلكى ياخشىلىق بىلەن سودىدىن ئ
شۆ جاۋفېڭ
شەھەردە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تەبىئەتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، دائىم تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى ۋە خاسىيىتىنى ماختايدۇ، ئەمما ئەتراپىدىكى تۇرمۇشنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، دائىم مەنىسىز، ئادەتتىكىدەك ھېس قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ نۇرغۇن ئېسىل جايلىرى بار، پەقەت بىزدە ئەقىل كۆزى بىلەن ھۇزۇرلىنىش كەمچىل خالاس.
ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان قېرىنداشنى ئېلىپ ئېيتساق، قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدۇ، پەقەت قەلەم دەستىسى، قەلەم ئۆزىكى، قەلەم قالپىقىدىن ئىبارەت بىر نەچچە دېتالدىن تەركىب تاپقان، لېكىن ئۇنىڭ ھېكايىسى ناھايىتى سىرلىق.
خاسىيەتلىك قېرىنداش
ئالدى بىلەن، قېرىنداشنىڭ خام ئەشياسى ئىنتايىن مۇرەككەپ. قەلەم دەستىسىگە قارىغاي ياغىچى ئىشلىتىلىدۇ؛
قەلەم دەستىسى ئۈستىدىكى سىر بىر قەۋەت ئەمەس بەلكى ئالتە قەۋەت بولۇپ، سىر تەركىبىدە سېللۇلوزا نىترات ۋە بىرىكمە دېۋىرقاي قاتارلىق مۇرەككەپ تەركىبلەر بار؛ قەلەم ئۆزىكىدە گرافىتتىن باشقا، يەنە سېغىز توپا ۋە تالك پاراشوكى بار؛ قەلەم قالپىقىدىكى مېتال چەمبىرەك، ئېيتىشلارغا قارىغاندا سېرىق مىستىن ياسالغانىكەن؛ ئىچىدىكى ئۆچۈرگۈچ قىزىل رەڭلىك بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا كادمىي سۇلفىد ئىكەن. بۇ خام ئەشيالارنىڭ ھەممىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن.
ئۇنىڭدىن قالسا، ئۇنىڭ ياسىلىش ھۈنەر-سەنئىتىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ. بۇنىڭ ئىچىدىكى قەلەم ئۆزىكىنى ياساشنى مىسالغا ئالساق:
ئالدى بىلەن گىرافىت بىلەن سېغىز توپىنى بەلگىلىك نىسبەتتە ياخشى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن قالسا، تەڭشەلگەن خام ئەشيا ماشىنىغا سېلىنىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىلىدۇ ھەم بېسىش ماشىنىسى ئارقىلىق بەلگىلىك ئۆلچەمدىكى قوغۇشۇن ئۆزەك ياساپ چىقىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىن قىزدۇرۇپ قۇرۇتۇش ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پىشۇرۇش ئارقىلىق ئۇ بەلگىلىك كۈچلۈكلۈككە ۋە قاتتىقلىققا ئىگە قىلىنىدۇ؛ ئاخىرىدا مايغا چىلاپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق پۈتۈپ چىقىدۇ.
پەقەتلا قەلەم ئۆزىكى ياساش ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ھۈنەر كېتىدۇ، ئۇنداقتا ئىنچىكە سۈرۈشتۈرسەك، بىر قېرىنداشنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى زادى قانچىلىك مۇرەككەپ؟
قانچىلىك ئادەم بىر قېرىنداش ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشقان؟
50 ئادەم؟
100 ئادەم؟
1000 ئادەم؟
ھەممىسى توغرا ئەمەس، نەچچە مىڭلىغان ئادەم.
چۈنكى، قەلەم ئۆزىكى ئىشلەپچىقىرىشتىن باشقا، قەلەم دەستىسى، قەلەم قالپىقى ئىشلەپچىقىرىش كېرەك. قەلەمنىڭ دەستىسىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن دەرەخنى ھەرىدەش، دەرەخنى ھەرىدەش ئۈچۈن پولات-تۆمۈر بولۇش، پولات تاۋلاش ئۈچۈن كان قېزىش، كان قېزىش ئۈچۈن ئىشچىلار تاماق يېيىش كېرەك. ئىشچىلار تاماق يەپلا قالماي، يەنە قەھۋە ئىچىشى كېرەك. قەھۋە ئىچمەكچى بولغاندا، ئۇنى ناھايىتى يىراق جايدىن يۆتكەپ كېلىشكە توغرا كېلىدۇ.
سۇ ترانسپورتى ئۈچۈن كېمە ياسايدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك، كېمە ياساش كېرەك ... بۇنداق ھېسابلىغىلى تۇرساق، پۈتكۈل جەريان مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان كىشىلەرگە، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تىرىشچانلىقىغا چېتىلىدۇ.
بازارنىڭ كۈچى قېرىنداش رىۋايىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ
بىر قېرىنداش نەچچە مىڭلىغان ئادەمنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئاجايىپ يېرى شۇكى:
ئالدى بىلەن، دۇنيادا ھېچقانداق بىر ئادەم بىر قېرىنداش ياساشقا كېرەكلىك بارلىق بىلىملەرنى ئىگىلىيەلمەيدۇ. بۇ بىلىملەر ئەزەلدىن بىر ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىگە مەركەزلەشكەن ئەمەس، لېكىن بۇ قېرىنداش ياسىلىپ چىقىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ سىرلىق بىرىنچى تەرىپى.
ئۇنىڭدىن قالسا، قېرىنداش ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشقان ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قېرىنداشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەيلەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھەر بىر ئادەم پەقەت قولىدىكى ئىشنى قىلىدۇ. بەزىلەر ھەتتا قېرىنداشنىڭ نېمىلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، بەزىلەر قېرىنداشقا ئەسلا ئېھتىياجلىق ئەمەس، لېكىن ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى قېرىنداشنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ.
يەنە بىرى، قېرىنداش ئىشلەپچىقىرىدىغان بۇ كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ياشايدۇ، ئۇلار بىر-بىرىنى تونۇمايدۇ، ئوخشاش بولمىغان تىلدا سۆزلەيدۇ، ئوخشاش بولمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ھەتتا بىر-بىرىدىن نەپرەتلىنىشى مۇمكىن. لېكىن بۇنىڭ ھېچ ۋەقەسى يوق، ئۇلار ئورتاق ھەمكارلىشىپ، ئۈزۈلدۈرمەي قېرىنداش ياساپ چىقالايدۇ.
تېخىمۇ سىرلىق يېرى شۇكى، بىر تال قېرىنداشقا نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ تىرىشچانلىقى مۇجەسسەملەنگەن بولسىمۇ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بىلىمى توپلانغان بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ بىر قېرىنداش سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدىلىمىز ناھايىتى ئاز. سىز پەقەت ئون نەچچە مىنۇت خىزمەت قىلسىڭىزلا، تاپقان پۇلىڭىزغا خېلى كۆپ قېرىنداش سېتىۋالالايسىز.
بۇ نېمە دېگەن ئاجايىپ ھادىسە! تەبىئەتكە يەنە قاراپ باقايلى، مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرەمدۇ؟
ئۇنداق ئەمەس.
زادى قانداق كۈچ بۇنداق سىرلىق ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن؟
ئۇ بولسىمۇ بازار، ھېلىقى مىڭلىغان ناتونۇش كىشىلەرنى ئۆزئارا ھەمكارلاشتۇرىدىغان سەھنە.
بۇ خاسىيەتلىك قېرىنداشنىڭ ھېكايىسىنى لېئونارد رېئاد (Leonard E.Rread) دېگەن بىرەيلەن ماقالە قىلىپ يېزىپ چىققان بولۇپ، ئىسمى «مەن، قېرىنداش (I, Pencil, 1958)»تۇر.
خۇددى كۆپ يىللاردىن كېيىن مىلتون فرېدماننىڭ «<مەن، قېرىنداش>نىڭ كىرىش سۆزى»دە: «لېئونارد رېئادنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان <مەن، قېرىنداش> ناملىق ئەسىرى كىلاسسىك ئەسەرگە ئايلاندى، ئۇمۇ ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق كىلاسسىك ئەسەر. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئادام سىمىتنىڭ <كۆرگىلى بولمايدىغان قول> — مەجبۇرلاش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھەمكارلىشىش ئىمكانىيىتى—نىڭ مەنىسىنى بۇ ماقالىگە ئوخشاش ئىخچام ۋە مېغىزلىق قىلىپ، كىشىنى قايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە شەرھلەپ بېرەلەيدىغان ھېچقانداق باشقا ماتېرىيال يوق.» دېگەن ئىدى.
ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىق شۇنچە ئىنچىكە ۋە مۇرەككەپ دەرىجىگە يەتكەن تۇرسا، دۇنيادا نېمە ئۈچۈن يەنە شۇنچە كۆپ نامراتلار بولىدۇ؟
سودا ئەڭ چوڭ خەير-ساخاۋەت
بازاردىن باشقا، ناتونۇش كىشىلەر ئارىسىدىمۇ مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت، مەسىلەن خەير-ساخاۋەت دېگەندەك.
بازار بىلەن خەير-ساخاۋەت ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسى يەنە قانداق؟
دۇنيا بانكىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەغلۇبىيەت تارىخى
نيۇ-يورك داشۆسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفېسسورى ۋىليام ئىستېرلى (William Easterly) ئىلگىرى دۇنيا بانكىسىدا 16 يىل خىزمەت قىلىپ، دۇنيا بانكىسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى بولغان.
شۇنى بىلىش كېرەككى، دۇنيا بانكىسى بانكا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا نامراتلارنى يۆلەش ئورگىنى، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى دۇنيادىكى نامرات دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش.
بۇ نامراتلارنى يۆلەش تەشكىلاتىنىڭ نەتىجىسىگە قارىتا، ئىستېرلى «ئاق تەنلىكلەرنىڭ يۈكى (The White Many‘s Burden, 2006) » ناملىق بىر كىتاب يازغان.
ئۇ كىتابىدا مۇنداق دېگەن: ئافرىقىدا، ئەگەر ھەر بىر بالا 12 سىنتقا ئېرىشىپ بىر ۋاكسىنا ئۇرالىسا، بەزگەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يېرىم ئازىيىدۇ. ئەمما ئۆتكەن 50 يىلدا غەربنىڭ ئافرىقىغا قىلغان ياردىمى 2.3 تىرىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولسىمۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىدى.
ئوخشاشلا، ئەگەر ياردەم پۇلى ئىچىدە ئۈچ دوللار ئاياللارنىڭ قولىغا تەگسە، ئۆلۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ سانىنى يەنە يېرىملاتقىلى بولىدۇ؛ ئەگەر ئاياللار ئۈچ ئامېرىكا دوللىرىغا پاشىلىق سېتىۋالالىسا، ئۇنداقتا كۆپ مىقداردىكى كېسەللىكلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. لېكىن بۇلارنىمۇ قىلالمىدۇق.
خاررىي پوتتېرنىڭ سودا مۆجىزىسى
ئەمما، ئىستېرلى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «2005-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا 9 مىليون پارچە <خاررىي پوتتېر ۋە ئارىلاش قانلىق شاھزادە>نى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەردى.» دەيدۇ.
ئىستېرلى: «ئەزەلدىن <خاررىي پوتتېر ۋە ئارىلاش قانلىق شاھزادە>نىڭ مارشال پىلانى يوق، پەقەت بىر كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ۋاسىتىسىگە تايىنىپلا، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقىرىدىكى نەتىجىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى؛ بىراق، ئافرىقىدىكى بالىلارنى قۇتقۇزۇشتەك بۇنداق مۇھىم ئىشنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن تۆۋەن سەۋەبى قەيەردە؟» دەپ سوئال قويغان.
دۇنيا بانكىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى يوق، ئىشنى بۇزۇپ قويدى دېيىشكە بولمايدۇ؛ ئەنگلىيە، ئامېرىكا نەشرىيات سودىگەرلىرىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئالاھىدە كۈچلۈك، ئىشنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك قىلىدۇ، دېيىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.
بىز ئالدىنقى تېمىمىزدا ئادام سىمىتنىڭ ئىنسان تەبئىيىتى نەزەرىيەسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، ئادەمنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئانچە پەرقلىق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق.
ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ سەۋەبى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىدا ئەمەس، بەلكى ياخشىلىق بىلەن سودىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل ئەندىزىدە ماھىيەتلىك پەرق بولغانلىقىدا.
ياخشى ئىش قىلىپ نامراتلارنى يۆلەشتە تۆت چوڭ سەۋەب تۈپەيلى ئۈنۈم كۆرۈلمەيدۇ
ئەمەلىيەت جەريانىدا، ئاز دېگەندە تۆت جەھەتتىكى سەۋەب تۈپەيلى نامراتلارنى يۆلەشتە ياخشى ئىش قىلىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدۇ.
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408