大数跨境

ئېلون ماسك: تەۋەككۇلچىلىقنىڭ چەكسىزلىك گېنى

ئېلون ماسك: تەۋەككۇلچىلىقنىڭ چەكسىزلىك گېنى Nepkar
2020-10-24
1
导读:ماسك بالىلىق چاغلىرىدىلا چەتەللەرگە ساياھەتكە چىققاندا، يات كىشىلەرنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا قانداق قارا
تەۋسىيە 1
ماختاشلار
كىرىش سۆز
تەۋسىيە 4
تەۋسىيە 3
تەۋسىيە 2
1-باب 1-بۆلەك
تەۋسىيە 6
تەۋسىيە 5

1-باب 3-بۆلەك
1-باب 2-بۆلەك
ئەسكەرتىش: 
ئەگەر ئېلون ماسك ۋە تېسلا توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ يازمىلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ!

بىز خوۋارد ھۇگېس (Howard Hughes) ياكى ستېۋ جوبسنىڭ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرىگە ھەيدەكچىلىك قىلغانلىقىنى ئاسانلا تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. ئىجاد قىلىش، بولۇپمۇ ئۇلۇغ مەھسۇلات يارىتىش تولىمۇ مۇرەككەپ. ئۆتكەن 20 يىلدا ماسك ئىزچىل تۈردە شىركەت قۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ بىر تالاي ئۇنىڭغا ياكى چوقۇنىدىغان ياكى ئۇنى كەمسىتىدىغان كىشىلەرگە يولۇققان. مەن بۇ خەۋەرنى ئىشلەۋاتقان پەيتتە، بۇ كىشىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇپ ماڭا ئۇلارنىڭ ماسكقا بولغان كۆز قارىشى، شۇنداقلا ماسكنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ شىركىتىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىنى چۆچۈتىدىغان تۈرلۈك تەپسىلاتلارنى تەمىنلىدى. 
ماسك بىلەن بىللە كەچلىك تاماق يېيىش ۋە «ماسك زېمىنى»نى قەرەللىك زىيارەت قىلىش ماڭا بۇ ئادەمنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ھەر قايسى تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئۇنىڭ «ئاچكۆزلۈك» بىلەن ياراتقان مەھسۇلاتى ھۇگېس ياكى جوبىس ياراتقان ھەرقانداق مەھسۇلاتتىن خېلىلا ئېشىپ چۈشىدىغان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. ماسكنىڭ چېتىلىپ قالغان كەسىپلەر، مەسىلەن ئالەم قاتنىشى ۋە ئاپتوموبىل كەسپى ئامېرىكا تەرىپىدىن ۋاز كېچىلگەندەك قىلىدۇ. ئەمما ئۇ بۇ كەسپىلەرنى قايتىدىن يېپيېڭى ھەم تەڭداشسىز قىلىپ نامايەن قىلدى. بۇ قايتا قۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ ئاچقۇچى ماسكنىڭ يۇمشاق دېتال لايىھەلىگۈچى بولۇش ماھارىتى ھەمدە ئۇنى مېخانىكىدا قوللىنىش ئىقتىدارىدا. ئۇنىڭ ئاتوم بىلەن بىتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۇسۇلىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ، لېكىن نەتىجىسى ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. گەرچە ماسكنىڭ تېخى بىرەر مەھسۇلاتى iPhone غا ئوخشاش ئىستېمالچىلار ئارىسىدا زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، Facebook قا ئوخشاش بىر مىلياردتىن ئارتۇق ئابۇنتنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرمىغان بولسىمۇ، ھازىرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ يەنە پۇلدارلارغا «ئويۇنچۇق» ياساپ بېرىۋاتقان قىلسىمۇ، ئۇنىڭ بىخ سۈرۈۋاتقان ئىمپېرىيەسى ئوت تۇتاشتۇرۇلغان راكېتاغا ئوخشاش بىر-بىرلەپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن. ھەتتا كەڭ كۆلەمدىكى تېسلانى قايتۇرۇپ كېلىش ۋەقەسى تۈپەيلىدىن قايتا قەددىنى رۇسلىيالماسلىقى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ماسكنىڭ شىركىتى غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ ئاشۇ ئاغزى بېسىلمايدىغان بۇزغۇنچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، ئۇنىڭ كەلگۈسىگە بەرگەن ۋەدىسىمۇ ئەڭ جاھىل كاجلارنى مۇلايىم ۋە ئۈمىدۋار قىلالايدۇ. «مېنىڭ نەزىرىمدە ئېلون شانلىق ئۈلگە بولۇپ، كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى يەنە بىر خىل قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ، يەنى مەھسۇلاتنى تېز سۈرئەتتە بازارغا سېلىش ۋە ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك.» دېدى داڭلىق يۇمشاق دېتال مۇتەخەسسىسى ۋە كەشپىياتچى ئېدۋارد جوڭ (Edward Jung) «بۇ ئىشلار ناھايىتى مۇھىم، لېكىن تېخى يېتەرلىك ئەمەس. بىز ئوخشىمىغان ئەندىزىلەرنى باھالاپ، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلاننى قانداق تۈزۈشنى چۈشىنىشىمىز ھەمدە ئوخشىمىغان تېخنىكا ساھەلىرىنى بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.» جوڭنىڭ دېمەكچى بولغان «تېخنىكىلىق بىرىكتۈرۈش» بولسا يۇمشاق دېتال، ئېلېكترون، ئىلغار ماتېرىيال ئىلمى ۋە ھېسابلاش ئىقتىدارىنى مۇكەممەل بىرىكتۈرۈش دەل ماسكنىڭ تالانتىدەك قىلىدۇ. ئالدىمىزغا نەزەر سالساق، ماسكنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، كەلگۈسى فانتازىيەلىك ماشىنىلار دەۋرىگە تۇتىشىش ئۈچۈن يول ئېچىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ماسك خۇددىي تومس ئېدىسونغا ئوخشايدۇ، ئەكسىچە ئېدۋارد ھۇگېسقا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئۇلۇغ ئوي-پىكرىنى ئۇلۇغ مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرالايدىغان چولپان كەشپىياتچى، كارخانىچى ۋە ئوقەتچى. ئۇ نەچچە مىڭلىغان ئادەمنى ياللاپ ئامېرىكىدىكى زاۋۇتقا كېلىپ مېتال تاۋلاشنى ئىشقا ئاشۇردى--بۇ نۆۋەتتە ئاساسەن ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىش. گەرچە جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇغۇلغان بولسىمۇ، ماسك ھازىر ئېنىقكى ئامېرىكىدىكى ئەڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ئوقەتچى، ئۆزگىچە ئىدىيەگە ئىگە مۇتەپەككۇر ۋە كىرىمنىي جىلغىسىنى قايتىدىن يۈكسەك جانلاندۇرىدىغان ئادەم. چۈنكى ماسكنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىلىقلار 10 يىلدىن كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ زامانىۋى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا، يەنى سانسىزلىغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك توك قاچىلاش پونكىتى ۋە بېرىپ-كېلىپ تۇرىۋاتقان توكلۇق ئاپتوموبىلدىن تەركىب تاپقان قاتناش سىستېمىسىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا SpaceX ھەر كۈنى راكېتا قويۇپ بېرىپ، ئادەم ۋە ماللارنى نەچچە ئون ئالەم بوشلۇقى بازىسىغا يەتكۈزۈپ، كەلگۈسىدىكى مارس كۆچمەنلىرى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشى مۇمكىن. 
بۇ نەزەرلەرنى مۆلچەرلەش قىيىن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە چوقۇم يۈز بېرىشى مۇمكىن، پەقەت ماسكنىڭ ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېتەرلىك ۋاقتى بولسىلا. خۇددى ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئايالى جاستىن ئېيتقاندەك: «ئۇ ئۆزى خالىغاننى قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىدۇ. مانا بۇ ئېلون ماسكنىڭ دۇنياسى، بىز ھەممىمىز بۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.»

ئىككىنچى باب: تۇغۇلغان يۇرتى جەنۇبى ئافرىقا—تەۋەككۇلچىلىقنىڭ چەكسىزلىك گېنى
ماسك جەمەتىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى تارىخىنى 200 يىل بۇرۇنغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، پرېتورىيەدىكى تۇنجى تېلېفون دەپتىرىدىلا ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىسمى بار. 

ئېلون ماسكنىڭ تۇنجى قېتىم ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرگەن ۋاقتى 1984-يىلى. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى «شەخسىي كومپيۇتېر ۋە ئىشخانا تېخنىكىسى» ناملىق ژۇرنال ماسك لايىھەلىگەن بىر ئويۇن مەنبەسى كودىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئويۇننىڭ ئىسمى بلاستار (Blastar) بولۇپ، بۇنىڭ ئىلھامى فانتازىيەلىك ھېكايىدىكى ئالەم بوشلۇقى كۆرۈنۈشىدىن كەلگەن بولۇپ، 167 قۇر كودنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ. شەخسىي كومپيۇتېر دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئىشلەتكۈچىلەر بارلىق بۇيرۇقلارنى كىرگۈزگەندىلا ئاندىن ماشىنىنى مەلۇم پروگراممىنى ئىجرا قىلدۇرالايتتى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ماسك لايىھەلىگەن بۇ ئويۇن كومپيۇتېر ساھەسىدە ھەممىنى بېسىپ چۈشمەيدۇ، ئەمما روشەنكى 12 ياشلىق مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىلاردىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. بۇ مۇقاۋا خەۋىرى ماسكنى 500 ئامېرىكا دوللىرى تاپقۇزغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ مىجەزىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بلاستار ھەققىدىكى بۇ ژۇرنالنىڭ 69-بېتىدە: «بۇ ياش ئۆزىگە ئاڭلىماققا فانتازىيەلىك يازغۇچىنىڭ ئىسمىغا ئوخشايدىغان ئې. ر. ماسك (E.R.Musk) دەپ ئىسىم قويغان ھەمدە ئۇنىڭ كاللىسىدا بۈيۈك بويسۇندۇرۇش پىلانى شەكىللەنگەن.» دەپ يېزىلغان. ئاپتور قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئويۇندا سىز چوقۇم تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ ئالەم كېمىسىنى ۋەيران قىلىشىڭىز كېرەك، ئۇلار جانغا زامىن بولىدىغان ۋودورود بومبىسى ۋە ھالەت نۇرى تۈۋرۈكسىمان ماشىنىسى (Status Beam Machines) نى ئېلىپ يۈرىدۇ. بۇ ئويۇندا جىن ۋە كارتون تولۇق قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئۇچۇرلار بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ. (بۇ ماقالىنى يازغان ۋاقتىمدىمۇ، ھەتتا ئالاقە تورىدىنمۇ «ھالەت نۇرى تۈۋرۈكسىمان ماشىنىسى»نىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى تەكشۈرگىلى بولمايتتى). 
بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى خىيال قىلىشى ۋە ئادالەت ئۇرۇشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، لېكىن بۇ ئوغۇل بالىنىڭ بۇ خىياللارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىش. ماسك دەل مۇشۇنداق ئەھۋالغا تەۋە. 15 ياشلار ئەتراپىدا، ئۇ خىيال بىلەن رېئاللىقنى ناھايىتى تەستە ئايرىيتتى. ماسك ئىنسانلارنىڭ ئالەمدىكى سەپىرىنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئىنسانلار چوقۇم تېخىمۇ پاكىز ئېنېرگىيە تېپىشى ياكى ئالەم كېمىسى ياساپ ئىنسانلارنىڭ ياشاش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشى كېرەك بولسا، ئۇنداقتا قىلىش كېرەك. ماسك تۈرلۈك ئاماللار بىلەن بۇ ئىشلارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرماقچى بولدى. «كىچىك ۋاقتىمدا ھەجۋىي رەسىملەرنى بەك كۆپ كۆرگەنلىكىم ئۈچۈنمىكىن.» دېدى ماسك«ھەجۋىي رەسىملەردە قەھرىمانلار چوقۇم دۇنيانى قۇتقۇزۇشى، چوقۇم دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشى كېرەكلىكى سۆزلىنەتتى، چۈنكى ئەكسىچە ئۇسۇلنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.» 
14 ياشقا كىرگەندە، ماسك بىر مەزگىللىك ئېغىر ياشاش كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى نۇرغۇن بىلىملەرنى ئىگىلىدى، ئاندىن ئازدۇر-كۆپتۇر رېئال تۇرمۇشقا قايتىپ جاۋاب ئىزدىدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بىر فانتازىيەلىك رومان دوگلاس ئادامس (Douglas Adams) يازغان «سامانيولى سىستېمىسىنى كېزىش قوللانمىسى (The Hitchhker‘s Guide to the Galgxy)» بىلەن ئۇچرىشىدۇ. «ئاپتور كىتابتا ئەڭ قىيىن قىسمىنىڭ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.» دېدى ماسك «سىز مەسىلىنىڭ قەيەردىلىكىنى چۈشەنگەن ھامان، جاۋابى نىسبەتەن ئاددىي بولۇپ قالىدۇ. مەن بۇنىڭدىن يەكۈن چىقىرىپ، بىز ئىنسانلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنى كۈچەيتىشكە ئىرادە باغلىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا مەسىلىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ، دەپ قارىدىم.» دېدى ئۇ ئۇلاپلا. 
ئۆسمۈر ماسك شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى لوگىكىلىق بۇرچ خىتابنامىسىنى چىقارغان «بىردىنبىر ئەھمىيەتلىك ئىش ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ كوللېكتىپ ئاقارتىشنى قولغا كەلتۈرۈش.»
ماسكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىن، بىز ئۇنىڭ ئىزدەۋاتقان نىشانىنى ئاسانلا چۈشىنەلەيمىز. ئۇ 1971-يىلى تۇغۇلغان، پرېتورىيەدە چوڭ بولغان. بۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر چوڭ شەھەر بولۇپ، يوھانىسبۇرگتىن پەقەت بىر سائەتلىك مۇساپە ئىدى. ماسك جەمەتىگە ئوخشاش باي ئاق تەنلىك ئائىلىلەرنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى تۇرمۇش ئۇسۇلى گەرچە باياشات بولسىمۇ، لېكىن داغ بار ئىدى. ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن بىر ئەترەت قارا تەنلىك خوجىدار كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەۋزەل تۇرمۇش ئۇسۇلىغا راھەت-پاراغەتنىڭ بەلگىسى چاپلانغان. ئۇلار دائىم خىيالىي يىغىلىش ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئارقا ھويلىدا پاقلان گۆشى كاۋىپى پىشۇرۇپ، تۈرى كۆپ ئۈزۈم ھارىقى ئىچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايال چاكارلار بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئافرىقىلىق ئۇسسۇلچىلار بولسا يېرىم كېچىگىچە ئويۇن قويىدۇ؛ ئەتراپتىكى تەبىئىي مۇھىتنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. غەربكە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ۋاقىتقا بولغان تۇيغۇسى تېخىمۇ ئەركىن. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر جۈملە مودا سۆز «تېخى بايىلا (just now)» بولۇپ، بۇ بەش مىنۇتتىن بەش سائەتكىچە ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يەرنىڭ كىشىگە بەرگەن ئومۇمىي تۇيغۇسى ئەركىن ھەم جۇشقۇن بولۇپ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىپتىدائىي ۋە قوپاللىقى سىڭىشىپ كەتكەن. 
ئەمما، ئاسايىشلىق گۈزەل مەنزىرە ئاستىدا، ئىرقچىلىق ئەرۋاھى يوشۇرۇنغان. جەنۇبىي ئافرىقىدا دائىم قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بەزىدە قارا تەنلىكلەر بىلەن ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدا يۈز بېرىدۇ، بەزىدە ئوخشىمىغان قەبىلىلەردىكى قارا تەنلىكلەر ئارىسىدا يۈز بېرىدۇ. ماسكنىڭ بالىلىق دەۋرى دەل ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ئەڭ قانلىق ۋە كىشىنىڭ غەزىپىنى ئەڭ قوزغايدىغان يىللار ئىدى. سوۋېتو قوزغىلىڭى (Soweto Uprising) باشلانغاندا، ماسك ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ۋەقەدە، نەچچە يۈز قارا تەنلىك ئوقۇغۇچى ئاق تەنلىكلەر ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانىغا ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىرقچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقتىن، جەنۇبىي ئافرىقا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرىماقتا. 
ماسك بالىلىق چاغلىرىدىلا چەتەللەرگە ساياھەتكە چىققاندا، يات كىشىلەرنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بولغان. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاق تەنلىك بالىلار بۇ مەزگىلدە ئېنىقلا خىجىللىق ھېس قىلاتتى، ئۇلار ئۆز دۆلىتىنىڭ خاتا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. 
ماسكنىڭ ئىنسانلار قۇتقۇزۇشقا موھتاج ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەقىدىسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدۇ. لېكىن ئۇ دەسلەپتىلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قارىغان. بەزى كونا مۇقاملارنىڭ تاۋلىشى بىلەن، ئۇ ئامېرىكىنى پۇرسەتكە تولغان ۋە ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان زېمىن دەپ قارىغان. مانا بۇ غەلىتە ھەم كېلەڭسىز جەنۇبىي ئافرىقىلىق بالىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەڭ زور سەمىمىيەت بىلەن ئىنسانلارنىڭ «كوللېكتىپ ئاقارتىش» ئىشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاخىرىدا ئامېرىكىدىكى ئەڭ تەۋەككۈلچىلىك روھىغا ئىگە كارخانىچىغا ئايلانغانلىقىنىڭ سەۋەبى. 

بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0