
2020-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى!
شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ دائىمىي كاتىپى گورەن خانسون 2020-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ يېرىمى «چۈنكى قارا ئۆڭكۈرنىڭ شەكىللىنىشى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە بولغان كۈچلۈك مۆلچەر ئىكەنلىكى» ئۈچۈن روگېر پېنروس (Roger Penrose)قا، قالغان يېرىمىنى «چۈنكى سامانيولى سىستېمىسى مەركىزىدە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق زىچ ئاسمان جىسىمى بايقالغانلىقى» ئۈچۈن رېينخاد گېنزېل (Reinhard Genzel) ۋە ئاندېرىيا غېز (Andrea Ghez)غا بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 10 مىليون شۋېتسىيە كرونى (تەخمىنەن 7 مىليون 600 مىڭ خەلق پۇلى).

روگېر پېنروس (Roger Penrose) جاز، ئەنگلىيە ماتېماتىكا فىزىكا ئالىمى، ئوكسفورد داشۆسى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى. ئۇنىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلگەن، بولۇپمۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ۋە ئالەمشۇناسلىق جەھەتتىكى تۆھپىسى ئالاھىدە.
رېينخاد گېنزېل (Reinhard Genzel)، گېرمانىيە ئاسمان جىسىملىرى فىزىكا ئالىمى، باتخون قورغىنىدا تۇغۇلغان.
ئاندېرىيا غېز (Andrea Ghez)، ئامېرىكا ئاسترونومى، كالىفورنىيە داشۆسى لوس ئانژېلېس تارماق مەكتىپىنىڭ فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە پىروفېسسورى.
يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، نوبېل كومىتېتى شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىغىن مەيدانىغا كىرىدىغان ئادەم سانىنى قاتتىق كونترول قىلغان بولۇپ، پۈتۈن مەيداندىكى ئادەم سانى 30 دىن ئاشمىغان ھەمدە مەيدانغا كىرگەندە ھەر بىر ئادەمگە بىردىن ماسكا تارقىتىپ بەرگەن.
2020-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى!

شۇ يەر ۋاقتى 5-ئۆكتەبىر، شۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولم كارولىن تېببىي ئىنستىتۇتىدا نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى توماس پېرېلمان 2020-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىنىڭ خاۋېي ئالتېر (Harvey J. Alter)، مايكول خوتتون (Michael Houghton) ۋە چارلېس M رايىس (Charles M. Rice)لارغا بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى بايقاش جەھەتتە قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلىگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئۈچ نەپەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى 10 مىليون شۋېتسىيە كرونى مۇكاپاتى (تەخمىنەن 7 مىليون 600 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)دىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.

خاۋېي ئالتېر (Harvey J. Alter)، ئامېرىكىلىق ۋىرۇس ئالىمى، نيۇ يورك شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1956-يىلى روچېستېر داشۆسىدە ئەدەبىيات باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1960-يىلى بۇ مەكتەپتە تېببىي ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1964-يىلى كېيىنكى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بالۇك سامۇئېل بلومبېرگ بىلەن ئاۋسترالىيە ئانتىگېنىنى بايقىغان، كېيىن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالغان. ئۇ يەنە ھايۋانات مودېلى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى بېكىتكەن. 2000-يىلى لاسكېر كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مۇكاپاتىغا، 2013-يىلى گېردىنا خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
مايكول خوتتون (Michael Houghton)، ئەنگلىيە بىئو-خىمىيە ئالىمى، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى سىنىقىنى ئېچىشقا قاتناشقان. خوتتون 1972-يىلى شەرقىي ئىنگلىز تىلى داشۆسىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ھەم 1977-يىلى لوندون داشۆسى پادىشاھ ئىنستىتۇتىنىڭ بىيولوگىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇككىنخام ۋىلايىتى سېل تەتقىقات تەجرىبىخانىسىدا خىزمەت قىلغان، 1982-يىلى ھىرون شىركىتىنىڭ غەيرىي A تىپلىق جىگەر ياللۇغى بۆلۈمىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولىدۇ.
چارلېس M رايىس (Charles M. Rice)، ئامېرىكا ۋىرۇس ئالىمى، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات ساھەسى C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى. ئۇ روكفېللېر داشۆسىنىڭ ۋىرۇس ئىلمى پروفېسسورى. ئۇ رالف بارتېنسچلاگېر (Ralf F. W. Bartenschlager) ۋە مايكول J سوفىيا (Michael J. Sofia) بىلەن بىرلىكتە 2016-يىللىق لاسك دىبېك كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە نوبېل كومىتېتى ئادەم سانىنى قاتتىق كونترول قىلدى، يىغىن مەيدانىدا 30 ئادەمدىن ئېشىپ كەتمىدى.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!

ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ ئوقۇڭ!