搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
خۇاڭ جېڭ (پىندودونىڭ قۇرغۇچىسى)نىڭ سودا پەلسەپىسى
>
خۇاڭ جېڭ (پىندودونىڭ قۇرغۇچىسى)نىڭ سودا پەلسەپىسى
Nepkar
2020-10-07
1
导读:ۋىرۇس ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ پەقەت كۆزىتىلگەن بۇ دۇنيادىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر تەركىبىي قىسىم ئ
خۇاڭ جېڭنىڭ سودا پەلسەپىسى
بىر ئادەم، بىر كىتاب، خۇاڭ جېڭنىڭ سودا پەلسەپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ھەممە ئادەم دېگۈدەك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەندىزىسى ئاللىبۇرۇن بېكىتىلىپ بولدى دەپ قارىغان ئەھۋالدا، پىندودو كىشىلەرنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئىپساتلاپ بېرىپ، تېز سۈرئەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۈچ ماگناتىنىڭ بىرىنىڭ قاتارىغا كىردى. خۇاڭ جېڭنىڭ پەلسەپىۋى تەپەككۇرى ئېنىقكى ئۇنىڭ سودا لوگىكىسىغا، شۇنداقلا پىندودونىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئىزىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يازمىنى تۆۋەندىكى ماۋۇ يازما بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئوزۇققا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن (تېمىنى چەكسىڭىز بەت ئاتلايدۇ):
ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىكى يېڭى گىگانېت
-----
شەخس قىممىتى ئاشقاندا، خۇاڭ جېڭ بايلىق ئېلىپ كەلگەن ئەۋزەللىك ۋە شان-شەرەپتىن خۇدىنى يوقىتىپ قويمىدى. بەلكى ما يۈنگە ئوخشاش باتۇرلۇق بىلەن چېكىنىپ، پىندودونىڭ CEO ۋەزىپىسىدىن چېكىنىپ چىقتى ھەمدە بىر قىسىم پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تاللىدى. پىندودو سىجىل زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ، رىقابەتچىسىنىڭ قورشىۋىدا قالغان پەيتتە، خۇاڭ جېڭ يەنە بىر پارچە پاي چېكىلارغا يېزىلغان خېتىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە ئەڭ كۆپ ئويلانغىنىنىڭ پەلسەپىگە ئوخشاش مۇشۇنداق زور تېما ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
بەش يىلدا، پىندودو تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلەش شىركىتىدىن تۈپتىن ئۆزگىرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىكى ئۈچ ماگناتنىڭ بىرى قاتارىغا كىردى، ئابونتلار سانى جىڭدۇڭدىن ئېشىپ، ئەلىنى قىستاپ كەلدى، راكېتادەك تەرەققىيات سۈرئىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا يېڭى تۈرىنىڭ ئېشىش رىۋايىتىنى ياراتتى، ھەتتا يېڭىچە تاجىسىمان يۇقۇمىغا ئۇچرىغان 2020-يىلىدىمۇ، پىندودو پاي باھاسىنى بىر قاتلاش، بازار قىممىتىنى 50 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشتەك نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇردى. 2020-يىلى 6-ئايدا فوربېسنىڭ پەيتلىك بايلار تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، ئەمدىلا 40 ياشقا كىرگەن خۇاڭ جېڭنىڭ شەخس قىممىتى بىر مەھەل 45 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، تۇنجى قېتىم ما يۈندىن ئېشىپ، جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ بايغا ئايلانغان.
پىندودونىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىغا نەزەر سالساق، خۇاڭ جېڭنىڭ پەلسەپىۋى تەپەككۇرى ئېنىقكى ئۇنىڭ سودا لوگىكىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن. كىشىلەر بۇ ھەممىنىڭ نەزىرىدىن يوشۇرنىۋالغان، پىندودونىڭ ئارقىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈزگۈچىنىڭ زادى نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىغا قىزىقماي قالمايدۇ؟
خۇاڭ جېڭ ئاساسەن ئۆزىنى كۆپ كۆرسەتمەيدۇ، 2017-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، ئۇنىڭ شەخسىي ئۈندىدار سالونى قايتا يېڭىلانمىدى، بۈگۈنكى كۈندە، سىرتتىكىلەرنىڭ ئۇنى چۈشىنىدىغان بىردىنبىر پۇرسىتى پەقەت پىندودونىڭ ھەر يىلى ئېلان قىلىدىغان ئوچۇق خېتى ۋە مالىيە جەدۋىلى قىلىنغاندىن كېيىنكى تېلېفون يىغىنى بولۇپ قالدى. پىندودونىڭ كۆپلىگەن «ئېچىۋېتىلگەن» مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئالاقە تورى شىركەتلىرىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئىچكى مەدەنىيىتى نىسبەتەن بېكىنمە بولۇپ، «بۇرچ» تەكىتلەنگەن.
خۇاڭ جېڭ پىندودونى ئۆزىنىڭ سودا پەلسەپىسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى ۋاسىتىسى دەپ قارايدۇ، پايچىكلار خېتى بولسا ئۇنىڭ سودا پەلسەپىسىگە بولغان ئويلىنىش ئېكسپورتى، بۇ يېڭى بىر ئەۋلاد ياش كارخانىچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى-ئاقىلانە، سوغۇققان بولۇش، نەزەر دائىرىسى كۆپ مەنبەلىك بولۇش، تۆۋەن قاتلام لوگىكىسىغا ئەھمىيەت بېرىش.
پېيى بازارغا سېلىنغان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خۇاڭ جېڭ ئۈچ پارچە پايچىكلارغا، بىر پارچە خىزمەتچىلەرگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى، ھەقىقىي خۇاڭ جېڭ بىلەن پىندودونى ماھىيەتتىن چۈشەنمەكچى بولساق، ئىشنى پىندودونىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە خۇاڭ جېڭنىڭ پەلسەپىۋى تەپەككۇرىدىن باشلاشقا بولىدۇ.
60 نومۇرلۇق پەلسەپە
«نەچچە ئون يىلدىن كېيىنمۇ، باففېتنىڭ پايچىكلارغا يازغان خېتىگە ئوخشاش ئوقۇشچانلىققا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» مانا بۇ خۇاڭ جېڭنىڭ ئۈندىدار سالونىدىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى.
2016-يىلى 2-ئايدا، خۇاڭ جېڭ ئۈندىدار سالونىنى يېڭىلاشقا باشلىغان، 2017-يىلى 9-ئايدا يېڭىلاشنى توختىتىپ ھازىرغىچە، ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە ماقالىسى «كاپىتالىزمنى تەتۈر ئۆرۈش»دىن ئىبارەت بولغان. خۇاڭ جېڭ بۇ 19 ئايدا جەمئىي توققۇز پارچە ماقالە يېڭىلىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى خاتىرىلىگەن.
ئۈندىدار سالونىنىڭ مەزمۇنى خۇاڭ جېڭنىڭ كىتاب ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشى ۋە ئويلىنىشى، شۇنداقلا كۆپرەك سودا ئەندىزىسى ئۈستىدە ئويلىنىشىنى تۇتاشتۇرغان. ئۇ مۇلاھىزە قىلغان سودا ئەندىزىسى بارغانسېرى روشەنلەشكەن، يەنى ئېھتىياج ئوبوروتى تەرەپلىك يېرىم «پىلانلىق ئىگىلىك» ئارقىلىق تەمىنلەش تەرەپلىك يېرىم «بازار ئىگىلىكى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەتتا ئىجتىمائىي قىممەت بىلەن تەمىنلەشدىن ئىبارەت.
خۇاڭ جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۇ ساۋاتىنى چىقارغاندىن باشلاپ، توختىماي نىشان بەلگىلەپ، ئاندىن نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەلالاشتۇرۇش يولىنى تاپقان، شۇڭا ئۇ كىتاب ئوقۇغاندىن باشلاپ ئىزچىل ئويلىنىپ خۇلاسە چىقىرىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار نىشان ئۈستىدە ئويلانغان.
خۇاڭ جېڭ ئۆزىنىڭ بىلىم ئېلىش كەچۈرمىشىنى تەلىيى دەپ قارايدۇ، ئۇ خاڭجۇدىكى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرىگە كىرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن جېجياڭ داشۆسى ئارىلاشما سىنىپىغا ئەۋەتىلىپ، خېلى بۇرۇنلا دۇنيا مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان. ئۇ بىلىم ئېلىش مەزگىلىدە مۇنداق ئۈچ ئىشنى ھېس قىلغان: بىرىنچى، نامرات ئائىلىدىن بەگزادىنىڭ يېتىلىپ چىقىشى كىچىك ئېھتىماللىق ئىش؛ ئىككىنچىدىن، تيەن جى ئات بەيگىسى (غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ماھىر) ئارقىلىق، ئومۇمىي بايلىق ناچار ئەھۋالدا قىسمەن ئۈستۈنلۈكنى يارىتىپ، پۈتكۈل جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، مۇشۇ ئاساستا، ئاددىي كىشىلەر ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ؛ ئۈچىنچى، پۇل قورال، مەقسەت ئەمەس.
پىندودونىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولى خۇاڭ جېڭنىڭ ئېغىزىدىكى تيەن جى ئات بەيگىسى پىرىنسىپىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ئۇنى ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدە پىندودو ئومۇمىي بايلىق ئەۋزەللىكى ناچار ئەھۋالدا، ئىجتىمائىي ئالاقە ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ قىسمەن ئەۋزەللىكىنى ياراتتى دېيىشكە بولىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن «ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇرۇشى»دا بىر كىشىلىك ئورۇننى مۇقىملاشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئاددىي ئادەم خۇاڭ جېڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئالاھىدە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.
خۇاڭ جېڭ ئۆزىنىڭ بىلىم ئالغان چاغدىكى نىشانى ۋە يۆنىلىشىنى بەك ئېنىق بولۇپ، بىرىنچى بولۇشقا ئىنتىلىش، تىرىشىپ ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇش جەھەتتە نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ، قارشىلىشىش، پاراكەندىچىلىك سېلىشتەك ياشلىق دەۋرىنى زىيانغا ئۇچراتتىم دەپ قارايدۇ. ئۇ نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ئاندىن «"60 نومۇر ياشىسۇن!" بىر ياخشى پەلسەپە» ئىكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلغان.
خۇاڭ جېڭ مۇنداق دەپ قارايدۇ: «زىيادە مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئاقىلانىلىك ئەمەس، ھەرقانداق ئىشتا زىيادە مۇكەممەللىكنى قوغلاشمىغاندىلا ئاندىن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ، زېھنىي كۈچنىمۇ ئىسراپ قىلىشقا ئەرزىيدىغان باشقا جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.» ئىگىلىك تىكلەپ نەچچە يىلدىن كېيىن، خۇاڭ جېڭ نىشانغا يېتىش ۋە بەختنىڭ ئوخشاش بىر ئىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى.
پىندودونىڭ سودا ئەندىزىسىگە نىسبەتەن، خۇاڭ جېڭ «60 نومۇرلۇق پەلسەپە»نى قوللانغان. گەرچە ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، پىدودونىڭ تاۋار سۈپىتى، سودىگەرلەرنىڭ سەمىمىيىتى، خېرىدارلارنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش دەرىجىسى، ئەشيا ئوبوروتى ئۈنۈمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى قوپال ئىشلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما پىندودونىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئىجتىمائىي ئالاقە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان، تاۋارلارمۇ ئولتۇرۇشقان بازاردىكى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغان، شۇڭا ئىجتىمائىي ئالاقە ئېقىم مىقدارى جەھەتتە، پىندودو شەكلىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا تيەن جى ئات بەيگىسى يولىدا ماڭغان.
بىر ئادەم، بىر كىتابنىڭ تەسىرى: بۇرچ ۋە ساۋات
خۇاڭ جېڭ دۈەن يوڭپىڭنى «كىشىلىك ھايات يېتەكچىسى» دەپ ئاتايدۇ، كېيىنكىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كىچىك زومىگەر (小霸王) ۋە قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەش (步步高) دېگەن ئىككى خىل پارتلاش خاراكتېرلىك مەھسۇلاتنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، سودا تالانت ئىگىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئىلگىرى بەزىلەر دۈەن يوڭپىڭدىن «ئۇدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى نېمە؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «بۇرچ». بۇ جاۋاب خۇاڭ جېڭنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. 2002-يىلى خۇاڭ جېڭ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بېرىپ، دۈەن يۇڭپىڭ بىلەن تونۇشقان. 2006-يىلى 26 ياشلىق خۇاڭ جېڭ دۈەن يوڭپىڭغا ئەگىشىپ، باففېت بىلەن بىللە چۈشلۈك تاماق يېگەن، بۇ تاماقنىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتى خۇاڭ جېڭغا ئاددىيلىق ۋە ساۋاتنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇش بولغان.
كېيىن خۇاڭ جېڭ بىر كىتابتا ساۋاتنىڭ كۈچىنى ئوخشاشلا ھېس قىلغان ھەم تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. خۇاڭ جېڭ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدىلا پەلسەپە كىتابلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم، «مەن ئويلىنىۋاتىمەن، شۇڭا مەن ھايات» دېگەندەك مەسىلىلەرگە دىققەت قىلاتتىم، كېيىن رۇسسېلنىڭ "بەخت يولى" دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. بۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە يېزىلغان تۇرمۇش پەلسەپىۋى كىتابى بولۇپ، كىشىلىك ھاياتتا دائىم كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك مەسىلىلەر ئاممىباب مۇزاكىرە قىلىنغان، مەسىلەن، ياشاش رىقابىتى، زېرىكىش، ھەسەت قىلىش، مۇھەببەت قاتارلىقلار بولۇپ، ھاياتلىق ۋە ئۆزى ئۈستىدە ئىزدىنىش ھېسابلىنىدۇ، رۇسسېل يەنە كىتابتا ئۆزى ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان ئۇسۇللارنى بايان قىلغان.»
خۇاڭ جېڭ بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق ئۈچ تەسىراتقا ئىگە بولغان: بىرىنچى، ساۋاتقا دادىل يۈزلىنىپ، ساۋات ئارقىلىق ئاقىلانە ھۆكۈم چىقىرىپ، ئاقىلانە ئوي-پىكىر ئارقىلىق ئۆز ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛ ئىككىنچى، مۇۋەپپەقىيەتكە چەكسىز مۇكەممەل بولغان ئۆزىگە بولغان قىزىقىشنى تاشقى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشقا يۆتكەش كېرەك؛ ئۈچىنچى، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان، بويسۇندۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلاردىن ۋاز كېچىش كېرەك.
خۇاڭ جېڭ مۇنداق دەپ قارايدۇ: ساۋات ئەمەلىيەتتە ناھايىتى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ناھايىتى ئاسان چۈشەنگىلى بولىدۇ، لېكىن قەلبىمىزدە شەكىللەنگەن تۈرلۈك بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە شەخسىي مەنپەئەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر تەرەپلىمە قاراش بىزنى قايمۇقتۇرۇپ، بۇ ساۋاتلارنى كۆرمەسكە سالىدۇ.
2017-يىلى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردىن باشقا، جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ھەر ئايدا ئەمدىلا 2000 يۈەندىن ئاشتى، تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە نوپۇسنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %10 كىمۇ يەتمەيتتى، %90 ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئىدى. 2010-يىلىدىكى 6-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، جۇڭگونىڭ يېزا نوپۇسى 674 مىليون بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %50 نى ئىگىلىگەن.
بۇ روشەن ساۋاتلارنى خۇاڭ جېڭ قېزىپ چىقتى ھەم سودا ئەمەلىيىتىگە ئىشلەتتى. ئۇ ساۋاتقا ئەمەل قىلىپ، ئەقلىي ھۆكۈم چىقاردى، ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى تۇتتى. شۇنداق قىلىپ، بىر قارا تۇلپار تور سودىسىدىكى قوش ماگنات (ئەلى بابا ۋە جىڭدۇڭ)نىڭ كۆز ئالدىدا تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلىپ، جۇڭگو ئالاقە تورىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىپ يازدى. خۇاڭ جېڭ ئاتالمىش «ئولتۇرۇشقان بازار» دېگەن بۇ قاراشنى ئېتىراپ قىلمىدى، ئۇنىڭ ئىنسان تەبىئىتىنى كۆزىتىشى شۇكى، «پەقەت بېيجىڭدىكى بەشىنچى ھالقا ئىچىدىكى كىشىلەرلا بۇنى "ئولتۇرۇشقان كىشىلەر توپى" دەيدۇ. بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ پۇقرالار.»
ئىگىلىك تىكلەشتە چىڭ تۇرۇش بولسا خۇاڭ جېڭنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق بەختكە ئىنتىلىشىدىكى تاللىشى. گۇگول دەۋرىدىلا، خۇاڭ جېڭ مالىيە ئەركىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، لېكىن خۇاڭ جېڭ ئۆزىنىڭ ھاياتى ئۈستىدە ئويلانغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ ياشىشى ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ بەختىنى قوغلىشىش، دوستلىرى بىلەن بىللە ئىگىلىك تىكلىسە ئۇنىڭغا چوڭقۇر قاتلاملىق بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىغان.
پۈتكۈل جۇڭگونىڭ سودا شەكلىدە، بەزى ئايلانما ناچار پۇلنىڭ ياخشى پۇلنى سىقىپ چىقىرىشى بولۇپ، خۇاڭ جېڭ ئىجتىمائىي قىممىتى بار بەزى ئىشلارنى قىلىپ، ياخشى پۇلنىڭ ناچار پۇلنى سىقىپ چىقىرىشىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان.
«نامراتلارنىمۇ بايلارغا "سۇغۇرتا" سېتىپ بېرەلەيدىغان مىخانىزىم بارمۇ-يوق؟ نامراتلارمۇ ئۆزىنىڭ بەزى يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى بايلارغا سېتىپ بېرىپ، تېخىمۇ ئىنچىكە ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالامدۇ-يوق، دەۋرىيلىكى تېخىمۇ قىسقا بولغان پۇل بايلاردىن نامراتلارغا قايتىپ كېلەمدۇ-يوق؟»... مۇشۇنداق دۇنيا ئۈچۈن قىممەت يارىتىش ئويى دەل خۇاڭ جېڭ ئىنتىلىدىغان بەخت يولىدۇر.
پەلسەپىگە قايتقان سودا مەسىلىسى
«مەن سوغۇق نەزەردە ئۆتمۈشنى ئازراق ئەسلەپ باقتىم، پەقەت ئۇنىڭ ئەگرى-توقايلىق قايغۇ-ھەسرەتلىرى، مەڭگۈلۈك چۆل-جەزىرىدە غايىب بولغانلىقىنى كۆردۈم. شۇندىلا مېنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىمنىڭ پەقەت ئادەتتىكى تۇرمۇشۇمنى تاماملىغانلىقىمنى بايقىدىم.» دەيدۇ خۇاڭ جېڭ خېتىدە.
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0