搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئىقتىساد: ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسى نېمە ئۈچۈن يۈز بېرىدۇ
>
ئىقتىساد: ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسى نېمە ئۈچۈن يۈز بېرىدۇ
Nepkar
2020-10-08
2
导读:ھۆكۈمەتنىڭ تەھدىت سېلىپ ۋە ئازدۇرۇپ كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇپ، ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسىنىڭ يامان ئاقىۋى
كەمسىتىش بولىدىكەن چوقۇم بەدەل تۆلىنىدۇ
ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، باشقىلارنى كەمسىتىش باشقىلارنى بوزەك قىلغانلىق، كەمسىتىلىش بوزەك قىلىنغانلىق، كەمسىتىش باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئۆزى پايدا ئالىدىغان يەككە يۆنىلىشلىك ھەرىكەتتۇر.
بىرىنچى بولۇپ بۇ خىل قاراشقا قارىتا ئوخشىمىغان قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى چىكاگو داشۆسىدىكى گارىي بەكېر (Gary S.Becker) بولۇپ، بەكېر دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى «كەمسىتىش ئىقتىسادشۇناسلىقى (The Economics of Discrimination)»دا مۇنداق دېگەن: «باشقىلارنى كەمسىتكەن ئادەم ئۆزىمۇ بەدەل تۆلىشى كېرەك.»
بەكېرنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مىلتون فرېدمان بولۇپ، فرېدمان بۇ ئىلمىي ماقالىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، كۆڭلىدە خۇشال بولمىغان، چۈنكى فرېدمان يەھۇدىي بولۇپ، ئىلگىرىمۇ باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان. «باشقىلارنى كەمسىتكەن ئادەم ئۆزىمۇ بەدەل تۆلىشى كېرەك.» دېگەن قاراش بۇ كىشىلەرنى ئاقلاش دېگەن مەنىسىدە دېيىلگەندەك قىلاتتى. ئەلۋەتتە، فرېدمان ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ، ناھايىتى تېزلا تەپەككۇر يولىنى ئۆزگەرتكەن.
كەمسىتىشنىڭ كېلىپ چىقىشى
كەمسىتىش، يەنى پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئەڭ تۈپ مەنبەسى ئىككى.
بىرىنچى، مايىللىق. مەسىلەن، بەزىلەر ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ناخشىلىرىنى ياخشى كۆرسە، پۇل خەجلەپ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ پىلاستىنكىسىنى سېتىۋالىدۇ، باشقا ناخشا چولپانلىرىنىڭ پىلاستىنكىسىنى سېتىۋالمايدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەر كىنوخانىغا بېرىپ كىنو كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا پۇل خەجلەپ كىنو بېلىتى سېتىۋالىدۇ، دىراما بېلىتى سېتىۋالمايدۇ.
ئىككىنچى، ئۇچۇر سىممېترىكسىزلىكى. ئەگەر ئۆيدىن تۇيۇقسىز بىر يولۋاس سەكرەپ چىقسا، بىز قانداق قىلىمىز؟ دەرھال قاچىمىز! چۈنكى يولۋاس ئادەم يەيدۇ.
ئەگەر باشقىلار بىزگە: «قاچماي تۇرۇڭلار، بۇ يولۋاس ئادەم يېمەيدۇ.» دېسە، بىز چوقۇم: «ئۇنىڭ ئادەم يەيدىغان-يېمەيدىغانلىقىنى مەن نەدىن بىلەي، مەن يەنىلا ئاۋۋال قاچاي.» دەيمىز.
بەزىلەر بۇنى باھالاپ: «سىزنىڭ قىلمىشىڭىز كەمسىتىشتۇر، سىز ئادەتتىكى يولۋاسقا بولغان تەسىراتىڭىز بىلەن بۇ ئادەم يېمەيدىغان يولۋاسقا ھۆكۈم قىلدىڭىز، سىز بۇ يولۋاسنى چۈشىنىشكە كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىشىڭىز كېرەك دەيدۇ.» بىز: «مەن چۈشەنمەيمەن، ۋاقىت بەك قىس، خەۋپ-خەتەر بەك يۇقىرى.» دەيمىز.
بۇ ھېكايىدە دېيىلمەكچى بولغىنى، كىشىلەر دائىم بىر تەرەپلىمىلىكتىن پۈتۈنلۈككە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ ئامالسىزلىقتىن بولغان، چۈنكى ئۇچۇر ھەققى بەك يۇقىرى. بىر تەرەپلىمىلىكتىن پۈتۈنلۈككە ھۆكۈم قىلغاندا ئەلۋەتتە خاتالىق يۈز بېرىدۇ، لېكىن كىشىلەر تۆلەيدىغان تەننەرخكە سېلىشتۇرغاندا، يەنىلا ئەرزىيدۇ.
ئادەمنى كەمسىتىش قانچە كۆپ بولسا، ئۆزى تۆلەيدىغان بەدەل شۇنچە چوڭ بولىدۇ
دائىم بەزىلەر ئامېرىكىلىقلار ئۇنداق، ياپونىيەلىكلەر مۇنداق، كورېيەلىكلەر ئانداق دېيىشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپلىمىلىكتىن پۈتۈنلۈككە ھۆكۈم قىلىش قىلمىشى بولۇپ، بۇنداق قىلمىش بىر خىل كەمسىتىشتۇر. لېكىن ناتونۇش كىشىلەرنى چۈشىنىشنىڭ تەننەرخى بار، بىر تەرەپلىمىلىكتىن پۈتۈنلۈككە ھۆكۈم قىلىش (كەمسىتىش) بىزنى ئەڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن دەسلەپكى تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، بىر تەرەپلىمىلىكتىن پۈتۈنلۈككە ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، ما يۈن بۇرۇن ھەممە يەردىن مەبلەغ سالغۇچى ئىزدىگەن، ئەگەر بىز مەبلەغ سالغۇچى بولساق، ئۇنى بەك قۇرۇق گەپ ساتىدىكەن دەپ قاراپ، پۇلنى ئۇنىڭغا مەبلەغ سالمىغان بولساق، ھازىر قاتتىق پۇشايمان قىلىشىمىز مۇمكىن. خاتا كەمسىتىش غايەت زور بەدەل تۆلىتىشى مۇمكىن.
مۇشۇ پىكىر يولى بويىچە ئويلىساق، كەمسىتىش پەيدا قىلىدىغان ئاقىۋەت قانچە ئېغىر بولسا، كىشىلەرنىڭ كەمسىتىشنى ئازايتىشقا شۇنچە ئاكتىپلىقى بارلىقىنى چۈشىنىمىز. ئەگەر كەمسىتىش ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەت ئانچە ئېغىر بولمىسا، كىشىلەر باشقىلارنى ناھايىتى خالىغانچە كەمسىتىدۇ.
مەن كىچىكىمدىن گۇاڭدۇڭدا چوڭ بولغان، ئۇ چاغلاردا گۇاڭدۇڭلۇقلارنىڭ نەزىرىدە ھەممە ئادەم ئۈچ خىلغا بۆلۈنەتتى: گۇاڭدۇڭلۇقلار. گۇاڭدۇڭنىڭ شىمالىدىكى بارلىق كىشىلەرنى بىز شىماللىقلار دەيمىز؛ جۇڭگولۇقلاردىن باشقىلىرىنى بىز چەتئەللىك ياكى ئالۋاستى دەپ ئاتايمىز.
ئۇ چاغدا، بىز ئادەتتە گۇاڭدۇڭنىڭ يەرلىك كىشىلىرى بىلەنلا ئالاقە قىلىپ، شىماللىقلار، چەتئەللىكلەر بىلەن ناھايىتى ئاز ئالاقە قىلاتتۇق، شۇڭا ئۇلارنى كەمسىتكەن تەقدىردىمۇ ھېچقانداق زىيان تارتمايمىز، ئەكسىچە، بىز يەنە ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشكە ئېرىشەلەيمىز.
كېيىن ئامېرىكىغا باردىم، بىر سىنىپتا جۇڭگولۇقلار، ئامېرىكىلىقلار، ئاق تەنلىكلەر، قارا تەنلىكلەر بار ئىكەن. بۇ چاغدا ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەش كېرەك، ئەگەر مەن كىچىك ۋاقتىمدىكى كەمسىتىش ئادىتىمدە چىڭ تۇرسام، گۇاڭدۇڭلۇق بولمىسا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلمىسام، ئۇنىڭ بىلەن ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى بولۇپ تەشكىللەنمىسەم، ئوقۇشۇم زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.
بىز ھېچقانچىلىك بەدەل تۆلىمىگەندە، ئۆزىمىزنىڭ كەمسىتىش ئادىتىمىزگە يول قويىمىز، بىز ناھايىتى يۇقىرى بەدەل تۆلىگەندە، ئۆزىمىزنىڭ كەمسىتىش ئادىتىنى چەكلەيمىز.
بازار رىقابىتى ئادەمنىڭ كۆڭلى كۆكسىنى كەڭ قىلىدۇ
ئىككى جاي بار، بىرى ئاۋات چوڭ شەھەر نيۇيورك، يەنە بىرى تېكساس شتاتىدىكى چەت، يىراق كىچىك بازار. بۇ ئىككى جاينىڭ قايسىسىدا كەمسىتىش تېخىمۇ ئېغىر؟ ئەلۋەتتە چەت، يىراق كىچىك بازاردا كەمسىتىش تېخىمۇ ئېغىر.
چۈنكى چەت، يىراق كىچىك بازارلاردا ئاھالىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتداشلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، سىرتلىقلارنى كەمسىتسە كۆپ زىيان تارتمايدۇ، نيۇيوركقا ئوخشاش كۆپ خىل ئىرق توپلاشقان جايدا باشقىلارنى كەمسىتسە، زور زىيان تارتىدۇ.
ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بولمايدۇ، كىشىلەرنىڭ باشقىلارنى كەمسىتمەيدىغان روھىي ھالىتى رىقابەت جەريانىدا ئاستا-ئاستا يېتىلىدۇ.
ئوخشاش قائىدە بويىچە ئېيتساق، ئوخشىمىغان ئورگانلاردا كەمسىتىش دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەگەر بىر ئەر بەدىنىگە گۈل چېكىۋالغان، بۇرنىغا ھالقا تاقىۋالغان، چېچىنى ئۇششاق ئۆرۈۋالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ دۆلەت كارخانىلىرىدا ئۇچرايدىغان كەمسىتىش ئېغىرمۇ ياكى خۇسۇسىي كارخانىلاردا ئۇچرايدىغان كەمسىتىش ئېغىرمۇ؟
دۆلەت كارخانىلىرىدا رىقابەت بېسىمى تۆۋەنرەك، خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان تارماقلار مۇستەقىل ئىش قىلىدىغان كىشىلەرنى كەمسىتىشتە تېخىمۇ چوڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ؛ بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، خۇسۇسىي كارخانىلاردا رىقابەت بېسىمى بىر قەدەر چوڭ، ياللىغۇچى ئەگەر چىرايىغا قاراپ باھا بەرسە، ناھايىتى زور بەدەل تۆلەيدۇ، شۇڭا ئۇلار ياللانما خادىملارنىڭ ئەمەلىي خىزمەت ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ باشقا جەھەتتىكى مايىللىقىغا سەل قارايدۇ. بۇنداق ئورگانلاردا كەمسىتىش ھادىسىسى بىر قەدەر ئاز بولىدۇ.
ئەگەر سىز ئاز سانلىق بولسىڭىز، مەيلى دىنىي ئېتىقاد، تازىلىق ئادىتى، جىنسىي يۈزلىنىش جەھەتتە بولسۇن ياكى سىياسىي قاراش جەھەتتە بولسۇن، پايدىنىلا كۆزلەيدىغان، كۆپرەك پۇل تېپىشنىلا ئويلايدىغان خوجايىنغا يولۇققان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنى تەبرىكلەيمەن، ئۇ سىزنىڭ پاناھگاھىڭىز بولۇپ قالىدۇ.
كىشىلەرنىڭ كەمسىتىش قىلمىشى زۇڭتۇڭ تاللىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولامدۇ ياكى ئۆزىگە جۇرا تاللىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولامدۇ؟
كەمسىتىشنىڭ رولى ۋە كەمسىتىشنى چەكلەشنىڭ يامان ئاقىۋىتى
بىز كەمسىتىش ئۇقۇمى ئارقىلىق تېخىمۇ مۇرەككەپ ھادىسىلەرنى تەھلىل قىلساق بولىدۇ، مەسىلەن، كەمسىتىش مۇۋاپىقمۇ-يوق؟ ئەگەر مۇۋاپىق كەمسىتىش ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلەنسە، قانداق يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ كەمسىتىلىش ھېكايىسى
كىشىلەر ئادەتتە باشقىلارنى كەمسىتىدىغانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر قەدەر كۈچلۈك كىشىلەردۇر، دەپ قارايدۇ. لېكىن بەزىلەر ئەھۋالنىڭ ھەمىشە بۇنداق ئەمەسلىكىنى بايقىغان.
مەسىلەن، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئەسلىدە ئاجىز توپ ئىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزى باشقىلارنى كەمسىتىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. نۇرغۇن كەسىپلەردە، مەسىلەن، لاتارېيەچىلىك، پارچە سېتىش كەسپى، پۇل-مۇئامىلە كەسپى... قاتارلىقلاردا جۇڭگولۇقلار ئۆزى بىر چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلماسلىقنى ياخشى كۆرىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
بۇ مەسىلىگە، بىر جۇڭگولۇق جانېت لاندا (Janet Landa) ئىسىملىك ئايال ئىقتىسادشۇناس ئىنتايىن چىرايلىق چۈشەندۈرۈش بەرگەن.
لاندا مالايسىيالىق جۇڭگو مۇھاجىرى بولۇپ، كىچىكىدىن مالايسىيادا چوڭ بولغان. ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا يەرلىك كىشىلەرنىڭ دائىم جۇڭگولۇقلارنى چەتكە قېقىش قىلمىشى بارلىقىنى بايقىغان، جۇڭگولۇقلارنى چەتكە قېقىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى شۇكى، جۇڭگولۇقلار سودا قىلغاندا جۇڭگولۇق ئەمەسلەرنى چەتكە قاقىدۇ.
لاندا زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، شۇ جايدىن بىر كاۋچۇك باغچىسى تاپىدۇ، ئۇ بۇ ئەتراپتىكى كاۋچۇكزارلىقنى فۇجيەننىڭ چۈەنجۇ ۋە يوڭچۈن ناھىيەلىرىدىن كەلگەن بەش چوڭ جەمەتنىڭ چاڭگىلىغا ئېلىۋالغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ بەش چوڭ جەمەتنىڭ فامىلىسى چېن، لى، لىن، خۇاڭ، يەن بولۇپ، لاندا جۇڭگولۇقلارنىڭ كۇڭزى ئىدىيەسىنى تەكىتلىشىدىكى سەۋەبنىڭ كۇڭزى ئىدىيەسى ئارقىلىق مۇناسىۋەتنى ھېسابلاش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
شۇ جايدىكى جۇڭگولۇقلار ئادەملەرنى يەتتە دەرىجىگە بۆلگەن: بىرىنچىسى، بىۋاستە تۇغقانلىرى، يەنى يېقىن تۇغقانلىرى؛ ئىككىنچىسى، چوڭ جەمەت ئىچىدىكى يىراق تۇغقانلار؛ ئۈچىنچىسى، بىر مىللەتتىن بولغانلار ياكى بىر فامىلىلىكلەر؛ تۆتىنچىسى، بىر كەنتلىكلەر؛ بەشىنچىسى، دىئالېكتداش كىشىلەر ياكى شۇ دىئالېكتتا سۆزلىشىدىغان باشقا جۇڭگولۇقلار؛ ئالتىنچىسى، باشقا دىئالېكتتا سۆزلىشىدىغان جۇڭگولۇقلار؛ يەتتىنچىسى، جۇڭگولۇق ئەمەسلەر، يەنى ياۋروپالىقلار، ھىندىستانلىقلار، يەنە مالايسىيالىقلارمۇ بار، ۋەھاكازالار.
ئۇلار ئادەمنى يەتتە دەرىجىگە بۆلگەندىن كېيىن، سودا قىلغاندا، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان ماددىلار بولۇپ، قەرزدىن ئالىدىغان ئۆسۈممۇ ئوخشاش بولمىغان.
كەمسىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈم مەنىسى
لاندا تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە جەنۇبىي فۇجيەنلىكلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ ئاساسى بارلىقىنى بايقىغان. جۇڭگولۇقلار مالايسىيادا ياشىغاندىن كېيىن، تىل ئۇقمىغانلىق سەۋەبلىك، باشقىلارغا تايىنىپ كۈن كەچۈرىدۇ، ھەقىقەتەن پۇل قەرز ئېلىپ قايتۇرماسلىق ئەھۋالى ھەقىقەتەن يۈز بەرسە، باشقىلارنى سوتقا ئەرز قىلىش ناھايىتى تەس.
جۇڭگولۇقلارنىڭ ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتى يوق، شۇ جاينىڭ قانۇنىنىمۇ چۈشەنمەيدۇ، رەسمىي ئەدلىيە سىستېمىسى ئۇلارنى قوغدىيالمايدۇ، پەقەت مۇشۇ خىل ئارىلىقنى ھېسابلاش ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئۇسۇل شۇ جايدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ سودا قىلىش پايدىسىنى ئازايتمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغان. چۈنكى بىر كەنتتىكى كىشىلەر، بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەخلاق چەكلىمىسى، ئۆزىنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىناۋىتى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى سودا ئىناۋىتىنىڭ كاپالىتى بولالايدۇ.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كەمسىتىش بەزىدە ئىنتايىن ئىجابىي بولىدۇ.
ھوقۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ھەرىكىتى، بىر مەيدان كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى
ئامېرىكىدا ھەر خىل كەمسىتىش مەۋجۇت، ھۆكۈمەتمۇ نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كەمسىتىشنى چەكلەيدۇ.
مەسىلە شۇكى،
ئەگەر ھۆكۈمەت ئۆزىدىكى مۇۋاپىق كەمسىتىشنى چەكلىسە، قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容
408
粉丝
0
关注
在线咨询
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读
311
粉丝
0
内容
408