大数跨境

نامراتلار بارغانچە نامراتلىشىپ، بايلار بارغانچە بېيىپ كېتەمدۇ

نامراتلار بارغانچە نامراتلىشىپ، بايلار بارغانچە بېيىپ كېتەمدۇ Nepkar
2020-10-24
2
导读:تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»ئەگەر مەز
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!

مارگىنال ئىنقىلابى

ئېھتىياج قانۇنىيىتى يەنە ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۇقۇم -- مارگىناللىققا چېتىلىدۇ.
مارگىنال دېگەن بۇ ئۇقۇم قانچىلىك مۇھىم؟ ئۆتكەن 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، مەن ئىزچىل گېزىت-ژۇرناللارغا ئىقتىسادشۇناسلىق مەخسۇس سەھىپە ماقالىسى يېزىپ كەلدىم، ئېنىق، چۈشىنىشلىك يېزىش ئۈچۈن، مەن ئامالنىڭ بارىچە ئىقتىسادشۇناسلىق ئاتالغۇلىرىدىن ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم، ئۆزۈمنى چەتكە ئالساممۇ گەپنى ئېنىق قىلالايمەن، لېكىن بىر ئىقتىسادشۇناسلىق ئاتالغۇسى بار، ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرالمىدىم، بۇ ئاتالغۇ دەل «مارگىنال»دۇر.
ئەمەلىيەتتە، پۈتكۈل ئىقتىسادشۇناسلىق تەپەككۇرىنىڭ ھەممىسى مارگىنالغا مۇناسىۋەتلىك. ئىقتىسادشۇناسلىق دەسلەپكى مەزگىللەردە بىر خىل پەلسەپىۋى تەپەككۇر ئانالىزى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بولسا بىر خىل ئىلمىي قېلىپ بولۇپ قالدى. بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم بىر تۈگۈنى، مارگىنال ئۇقۇمىنىڭ پەيدا بولۇشىدۇر.
مارگىنال ئۇقۇمىنى نەقىل قىلغۇچىلار ئاۋسترىيە ئىقتىسادشۇناسلىق ئېقىمى بولۇپ، بۇ تۆھپە بەك چوڭ بولغاچقا، ھەتتا ھېچكىم بۇنى ئاۋسترىيە ئېقىمىنىڭ تۆھپىسى دەپ تىلغا ئالمايدۇ، چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھازىرقى زامان ئىقتىسادشۇناسلىقى ئەلۋەتتە مارگىنال ئۇقۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان دەپ قارايدۇ.
ئالدىنقى تېمىمىزدا كوس قانۇنىيىتىنى تىلغا ئالغاندا، بىز كوسنىڭ ئەقىللىقلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ھاماقەتلىكىمىزدىن بولغان دېگەن ئىدۇق. چۈنكى كوس ئىدىيەسىنىڭ ناھايىتى مۇھىم مەنبەسى، ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىدا ئوقۇۋاتقاندا كۆرگەن ئىقتىسادشۇناسلىققا دائىر دەسلەپكى دەرسلىك--«سىياسىي ئىقتىساد ساۋاتلىرى (The Common Sense of Political Economy, 1910)» بولۇپ، كوسنىڭ تۆھپىسىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇ كىتابتا چۈشەندۈرۈلگەن مارگىنال ئۇقۇم دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمىگەن.
رېئال تۇرمۇشتا، مارگىنال ئۇقۇمى كەڭ قوللىنىلىدۇ.

ئالماس بىلەن سۇنىڭ ھېكايىسى
ئادام سىمىت مۇنداق بىر كلاسسىك مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان: «سۇ ئادەمنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما سۇنىڭ باھاسى ئىنتايىن تۆۋەن. ئالماسنىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىغا نىسبەتەن ئازراقمۇ پايدىسى يوق، لېكىن ئالماس ئىنتايىن قىممەت، بۇ نېمە ئۈچۈن؟»
ئادەمگە نىسبەتەن، ئالماس ئېلىپ كەلگەن بەخت چوڭمۇ ياكى سۇ ئېلىپ كەلگەن بەخت چوڭمۇ؟
بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، چوقۇم «مارگىنال» ئۇقۇمىنى قوللىنىش كېرەك.
مارگىنال دېگەن نېمە؟
ئۇنداقتا مارگىنال دېگەن زادى نېمە؟
مارگىنال «يېڭىدىن ئاشۇرۇش (قوشۇش)» ئېلىپ كەلگەن «يېڭى ئاشۇرۇلما (قوشۇلما)» دېمەكتۇر.
مەسىلەن: مارگىنال تەننەرخ دېگىنىمىز ھەر بىر بىرلىك مەھسۇلاتنى «يېڭىدىن ئاشۇرۇش (قوشۇش)» ئۈچۈن چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك «يېڭىدىن ئاشۇرۇلغان (قوشۇلغان)» تەننەرخنى كۆرسىتىدۇ؛ مارگىنال كىرىم بولسا ئارتۇق سېتىلغان ھەر بىر مەھسۇلات ئارقىلىق «يېڭىدىن كۆپەيگەن» كىرىمنى كۆرسىتىدۇ؛ مارگىنال مەھسۇلات مىقدارى بولسا ھەر بىر يېڭى كۆپەيگەن سېلىنما ئېلىپ كەلگەن يېڭىدىن كۆپەيگەن مەھسۇلات مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ؛ مارگىنال ئۈنۈم بولسا بىر بىرلىك تاۋار سەرپىياتى ئېلىپ كېلىدىغان يېڭىدىن كۆپەيگەن ھۇزۇردۇر.
«يېڭىدىن ئاشۇرۇش (قوشۇش)» ئېلىپ كەلگەن «يېڭى ئاشۇرۇلما (قوشۇلما)» مارگىنال دەپ ئاتىلىدۇ.
مارگىنال ئۇقۇمىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئەمدى ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپ، يەنى مارگىنال ئۈنۈمنىڭ كېمىيىپ بېرىش قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.
بۇ قانۇنىيەتتە دېيىلگىنى شۇكى، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە، كىشىلەر سەرپ قىلغان مەلۇم تاۋار مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل تاۋارنى خورىتىش ئېلىپ كېلىدىغان يېڭىدىن كۆپەيگەن ھۇزۇر ھامان تۆۋەنلەيدۇ.
بىر ھېكايە ئېيتىپ بەرسەملا، سىز بۇنى چۈشىنىپ كېتىسىز.
روزۋېلت زۇڭتۇڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۇدا تۆت نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن بىردىنبىر زۇڭتۇڭ.
ئۇ تۆتىنچى قېتىم زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن: «تۆتىنچى قېتىم زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندا قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭىز؟» دەپ سورىغاندا، روزۋېلت ئۇنىڭ سوئالىغا ئۇدۇل جاۋاب بەرمەي، بۇ مۇخبىرنى ساندۋىچ يېيىشكە تەكلىپ قىلغان. تۇنجى ساندۋىچنى يېگەندە، بۇ مۇخبىر بۇنى زۇڭتۇڭنىڭ مېھمان قىلىشى، يۈكسەك شان-شەرەپ دەپ ھېس قىلىپ، ناھايىتى راھەت يېگەن؛ ئىككىنچىسىنى يېگەندە تويۇنۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان؛ ئۈچىنچى پارچىسىنى يېگەندە، يۇتۇش بەك تەسكە توختىغان؛ روزۋېلت تۆتىنچى ساندۋىچنى بۇ مۇخبىرنىڭ ئالدىغا قويغاچ: «سىز بۇ تۆتىنچى پارچە ساندۋىچنى يەۋەتسىڭىز، سىز بايا مەندىن سورىغان سوئالغا جاۋاب بەرمىسەممۇ بولىدۇ، ئۆزىڭىز بىۋاسىتە ھېس قىلالايسىز.» دېگەن.
مانا بۇ مارگىنال ئۈنۈمنىڭ كېمىيىپ بېرىش قانۇنىيىتىدۇر. ئۇ ھەر بىر بىرلىك تاۋارنى ئارتۇق سەرپ قىلغاندا، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان يېڭىدىن كۆپەيگەن ھۇزۇرنىڭ ئازىيىپ بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىز بىر نەرسە يېگەندە، يېمەكلىكنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن مارگىنال ئۈنۈمى ئادەتتە ئازىيىپ بارىدۇ.

مارگىنال ئۈنۈم بىلەن مارگىنال تەننەرخ ئوخشىشىپ كېتىدۇ
مارگىنال ئۈنۈمنىڭ كېمىيىپ بېرىش قانۇنىيىتىنى چۈشەنگەندە، بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نېمە ئۈچۈن مارگىنال ئۈنۈم بىلەن مارگىنال تەننەرخنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قوغلىشىش ئارقىلىق، ئومۇمىي پايدىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز.
بىرىنچىدىن، مارگىنال ئۈنۈم بىلەن مارگىنال تەننەرخ بىر جۈپ ئۇقۇم. مەسىلەن، بىز ھورنان يېسەك، ھورناننىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان ئۈنۈمى ئازىيىپ بارىدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز ھەر بىر پارچە ھورنان ئۈچۈن بەلگىلىك تەننەرخ سەرپ قىلىمىز، يەنى ھورنان ئۈچۈن پۇل تۆلىشىمىز كېرەك.
مارگىنال ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ بارىدىغان بولغاچقا، ھامان شۇنداق بىر پەيت بولىدۇكى، بىر چىشلەم ھورناننى كۆپ يېيىشتىن كېلىپ چىقىدىغان مارگىنال ئۈنۈم بىزنىڭ مۇشۇ بىر چىشلەم ھورناننى يېيىش ئۈچۈن تۆلەيدىغان مارگىنال تەننەرخىمىزدىن تۆۋەن بولىدۇ. بۇ پەيت يېتىپ كەلگەندە، داۋاملىق ھورنان يېسەك زىيان تارتىمىز. بۇ چاغدا بىز ھورنان يېيىشنى توختىتىمىز. يەنى، بۇ ۋاقىتتا بىز پۇلنى باشقا يەرگە ئىشلەتكەندىلا، ئاندىن ھورنان يېگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى مارگىنال ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز.
ئومۇمەن، بىز يانچۇقىمىزدىكى چەكلىك پۇلنى «مارگىنال ئۈنۈم مارگىنال تەننەرخكە تەڭ بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، ئوخشىمىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتكەندە، بىز بۇ ئوخشىمىغان مەھسۇلاتلاردىن ئېرىشكەن ئومۇمىي پايدا ئەڭ چوڭ بولىدۇ.
بۇ يەرگە كەلگەندە، بىز يېتەرلىك ئىدىيەۋى قورالغا ئىگە بولۇپ، سىمىت ئوتتۇرىغا قويغان «كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، زادى ئالماس ئېلىپ كەلگەن بەخت چوڭمۇ ياكى سۇ ئېلىپ كەلگەن بەخت چوڭمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرەلەيمىز.
سىمىتنىڭ دېگىنى توغرا، سۇ كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي لازىمەتلىكى. بىز پۇل خەجلىگەن ۋاقىتتا، بىز خەجلىگەن تۇنجى مىس يارماق سۇ سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، چۈنكى ئۇ زۆرۈر بۇيۇم؛ ئىككىنچى مىس يارماقمۇ سۇ سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلىنىدۇ؛ ئۈچىنچى، تۆتىنچى مىس يارماق، يەنىلا سۇ سېتىۋېلىشقا سەرپ بولىدۇ ...... 1000-مىس يارماق يەنىلا سۇ سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلگەندە، سۇنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن مارگىنال ئۈنۈمى ئاللىبۇرۇن ناھايىتى تۆۋەن بولغان بولىدۇ. بۇ چاغدا، بىز مۇنداق بىر ئويغا كېلىمىز: 1001-مىس يارماققا، ئازراق ئالماس سېتىۋالغىلى بولامدۇ-يوق؟
ئاشۇ مىس يارماققا سېتىۋالغان ئازراق ئالماس بىزنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىمىزنى ناھايىتى ياخشى قاندۇرالايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىز 1001-مىس يارماقنى ئالماس سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىمىز، چۈنكى بۇ مىس يارماقتىن سېتىۋالغان ئالماسنىڭ ئۈنۈمى ئۇنىڭدىن سېتىۋالغان سۇغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
دېمەك، مارگىنالدا سۇ بىلەن ئالماسنىڭ ئادەمگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت تۇيغۇسى ئوخشاش بولىدۇ.
بىز مىس يارماقنى بىر-بىرلەپ سۇ ۋە ئالماسقا تەڭ چاچقاندا، ئەمەلىيەتتە بىر پرىنسىپقا ئەمەل قىلغان بولىمىز: ئۇ بولسىمۇ سۇنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن مارگىنال ئۈنۈمىنىڭ ئالماس ئېلىپ كەلگەن مارگىنال ئۈنۈمى بىلەن باراۋەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

ھەممە ئادەم مارگىنال تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ماھىرى بولۇشى كېرەك
بايلىق چەكلىك، قانداق قىلغاندا چەكلىك بايلىقتىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇنى ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ چارىسى بايلىقنى ئوخشاش بولمىغان ئىشلىتىش ئورنىغا چېچىش ھەمدە بايلىقنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىشلىتىش ئورنىدا ئېرىشكەن مارگىنال ئۈنۈمىنىڭ تەڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئەگەر تەڭ بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى ئۈزلۈكسىز تۈردە مارگىنال ئۈنۈمى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئىشلىتىش ئورنىغا يۆتكەپ ئىشلىتىش كېرەك، تاكى بايلىقنىڭ بۇ خىل ئىشلىتىش ئورنى ئېلىپ كەلگەن مارگىنال ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ باشقا ئىشلىتىش ئورنىنىڭ مارگىنال ئۈنۈمىگە باراۋەر بولغانغا قەدەر. بۇ مارگىنال تەڭپۇڭلۇق ئۇقۇمى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم مۇشۇنداق قىلسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئېرىشىدىغان ئومۇمىي ئۈنۈمى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.
ئەگەر سىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولسىڭىز، ئىقتىسادشۇناسلىق دەرسىدە 100 نومۇر ئېلىشىڭىز كېرەكمۇ؟ ئەگەر سىز ئىقتىسادشۇناسلىقتا تىرىشىپ 100 نومۇر ئالسىڭىز، ئۇنداقتا، مەن سىزنى ياخشى ئىقتىسادشۇناسلىق ئوقۇغۇچىسى ئەمەس دېيىشىم مۇمكىن.
چۈنكى سىزنىڭ ئۆگىنىش ئومۇمىي نومۇرىڭىز، ئىقتىسادشۇناسلىق دەرسىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن دەرسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىقتىسادشۇناسلىق دەرسىدە، 60 نومۇردىن 80 نومۇرغا ئۆرلەش نىسبەتەن ئاسان، 80 نومۇردىن 90 نومۇرغا ئۆرلەش ناھايىتى تەس. مارگىنال تەننەرخى كۆپىيىدۇ، ئەمما مارگىنال ئۈنۈم ئازىيىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، 99 نومۇردىن 100 نومۇرغا ئۆرلىگەندە، سەرپ قىلىدىغان تىرىشچانلىق ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ، ئەمما بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ سىزگە ئېلىپ كېلىدىغان مارگىنال ئۈنۈمى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ.
شۇڭا، ھەر بىر ئادەم مارگىنال تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ماھىرى بولۇشى كېرەك. يەنى، بىز ئۆزىمىزنىڭ چەكلىك ۋاقتىمىز، چەكلىك زېھنىمىزدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىز چېتىلىدىغان بارلىق ساھە، بارلىق پائالىيەت، بارلىق تاللاش تۈرلىرى ئىچىدە، مارگىنال تەڭپۇڭلۇق قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ۋاقىت، پۇل، زېھنىي كۈچ ۋە باشقا بايلىقلارنى تەقسىملەپ، ئومۇمىي ئۈنۈمنى ئەڭ زور دەرىجىگە يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.
 

«نامراتلار بارغانچە نامراتلىشىپ، بايلار بارغانچە بېيىيدۇ.» دېگەن گەپ توغرىمۇ؟
توققۇزىنچى بۆلۈم: ئېھتىياج قانۇنىيىتى | ئىنسان تەبئىيىتى توغرىسىدىكى قانۇنىيەت
ئېھتىياج بىرىنچى قانۇنىيىتى
ئېھتىياج بىرىنچى قانۇنىيىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: باشقا ئەھۋاللار ئۆزگەرمىگەندە، باھا ئۆسسىلا، تاۋارغا بولغان ئېھتىياج ئازىيىدۇ؛ باھا تۆۋەنلەپ مەلۇم دەرىجىگە چۈشسە، ئېھتىياج ئاشىدۇ.
شۇنداق، مانا بۇ ھەقىقىي ئېھتىياجنىڭ بىرىنچى قانۇنىيىتى، ئاڭلىماققا قوپالراق تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمما بۇ ئاڭلىماققا قوپال قانۇنىيەت ئىنسان تەبئىيىتىگە بولغان چوڭقۇر ھەم ئاساسى ئىپادىلەش بولۇپ، ئادەم ھەمىشە بەدەلنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە ئاساسەن جانلىق ماسلىشىشقا ماھىر كېلىدۇ.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئېھتىياجنىڭ بىرىنچى قانۇنىيىتىنى تۆۋەندىكى ئېھتىياج ئەگرى سىزىقى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ.

ئېھتىياج ئەگرى سىزىقى
1-3 رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، تىك كوردىنات باھا، توغرا كوردىنات ئېھتىياج مىقدارى، يانتۇ تۆۋەنگە يۈزلەنگەن ئەگرى سىزىق ئېھتىياج ئەگرى سىزىقى بولۇپ، تىك كوردىنات باھاسى ئۆرلەپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، توغرا كوردىنات ئېھتىياج مىقدارى ئازىيىدۇ؛ باھا تۆۋەنلىگەندە، ئېھتىياج ئاشىدۇ.
 

ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىدىكى ئەركىن ئۆزگەرگۈچى مىقدار ۋە ئەگىشىپ ئۆزگەرگۈچى مىقدار
ئالدى بىلەن، بىز رەسىمدىكى توغرا كوردىنات بىلەن تىك كوردىنات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قاراپ باقايلى. بىزنىڭ ئادىتىمىزدە، توغرا كوردىنات ئەركىن ئۆزگەرگۈچى مىقدار، تىك كوردىنات بولسا ئۆزگەرگۈچى مىقدار بولىدۇ. لېكىن ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق بىر كونا ئەنئەنىگە ئەمەل قىلىدۇ: ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىدا، تىك كوردىنات باھا، لېكىن باھا ئۆزگەرگۈچى مىقدار، توغرا كوردىنات ئېھتىياج مىقدارى بولۇپ، ئەگىشىپ ئۆزگەرگۈچى مىقدار بولىدۇ. يەنى، باھادا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئېھتىياج مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ.

ئېھتىياج بىلەن ئېھتىياج مىقدارى ئوتتۇرىسىدا مۇھىم پەرق مەۋجۇت
بىز يەنە ئېھتىياج بىلەن ئېھتىياج مىقدارىنى پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك، بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. نۇرغۇن كىشىلەر، جۈملىدىن نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناسلارمۇ بۇ ئىككى ئۇقۇمنى ئېنىق ئايرىيالمايدۇ.
3-1 رەسىمدە، ئېھتىياج ئەگرى سىزىقى ئۈستىدىكى ھەرقانداق بىر نۇقتا يەككە باھا بىلەن يەككە ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى ماسلاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛
بۇ نۇقتىلار تۇتاشتۇرۇلغان سىزىقلار باھا بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل ماسلىق مۇناسىۋىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ ماسلىق مۇناسىۋىتى بىر ئېھتىياج جەدۋىلى، بىر ئېھتىياج فۇنكسىيەسى ياكى بىر خىل ئېھتىياج بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
ئىقتىسادشۇناسلىقتا، بىر ئېھتىياج ئەگرى سىزىقى (ياكى بىر خىل ئېھتىياج، بىر ئېھتىياج فۇنكسىيەسى)نىڭ سۈرەتلەپ بەرگىنى بارلىق باشقا شەرتلەر ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا باھا بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىق مۇناسىۋەتتۇر. دىققەت قىلىڭلار، باشقا بارلىق شەرتلەر ئۆزگەرمەيدۇ.
باھانىڭ سىرتىدىكى ھەرقانداق باشقا ئامىلدا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئېھتىياجدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، بىز باشقا بىر ئورۇندىكى ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياج ئەگرى سىزىقى ئارقىلىق يېڭى باھا بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سۈرەتلەيمىز.
2-3 رەسىمدە، بىز ئىككى خىل ئوخشىمىغان ئۆزگىرىشنى كۆرەلەيمىز.
 


ئىزاھات 1: پەقەت باھادا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئېھتىياج مىقدارى ئوخشاش بىر ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىنى بويلاپ سىيرىلىدۇ؛
ئىزاھات 2: باھادىن باشقا ھەرقانداق ئامىلدا ئۆزگىرىش بولغاندا، پۈتۈن ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئەمما يەنىلا يانتۇ ھالەتنى ساقلايدۇ.

بىر خىل ئۆزگىرىش شۇكى، ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىنىڭ ئۆزى ھەرىكەتلەنمەيدۇ، بىز بۇ ھەرىكەتسىز ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىنى بويلاپ سىيرىلدۇرساق، ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىنىڭ ئۈستىدىكى ھەر بىر نۇقتا پەقەت باھا ئۆزگىرىشى بولۇپ، باشقا شەرتلەر ئۆزگەرمىگەن چاغدىكى ئېھتىياج مىقدارىنىڭ نىسپىي ئۆزگىرىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ئەمما يەنە بىر خىل ئۆزگىرىش بولسا، پۈتۈن ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىدا تەكشى يۆتكىلىش، ئايلىنىش، ئورۇندا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، بۇ باشقا ئامىللاردا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن، باھا بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىق مۇناسىۋىتىنى باشقا ئېھتىياج ئەگرى سىزىقى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە توغرا كېلىدۇ.
بىز شۇنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەككى، بىز ئىپادىلىمەكچى بولغان ئۆزگىرىش زادى بىر ئۆزگەرمەس ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىنى بويلاپ يۇقىرى-تۆۋەن سىيرىلدىمۇ ياكى پۈتۈن ئېھتىياج ئەگرى سىزىقىدا تەكشى يۆتكىلىش ياكى ئايلىنىش بولدىمۇ؟

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0