大数跨境

يۇقۇمدىن كېيىنكى كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ

يۇقۇمدىن كېيىنكى كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ Nepkar
2020-10-29
1
导读:ئەلا سۈپەتلىك مۈلۈك، كارخانا، شەخس بولغاندىلا، ئاندىن كرىزىس ئىچىدە قىممىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

يۇقۇمدىن كېيىنكى كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ؟

بۇ ۋۇ جۈننىڭ «كىرىمنىي جىلغىسىدىن كەلگەن خەت»نىڭ 3-بۆلۈمى، بۇ مۇشۇ بۆلۈمدىكى تۇنجى خەت، سىز بىلەن كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشقۇم بار، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، يېڭىچە تاجىسىمان يۇقۇم ئەھۋالىدىن كېيىن كىرىمنىي جىلغىسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا پاراڭلاشقۇم بار. 
 
گەرچە كۆپچىلىككە كىرىمنىي جىلغىسى ناتونۇش بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىملىق يەر شارى خاراكتېرلىك ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى نۇرغۇن ئالاقىلەرنى ئۈزۈپ قويدى، نۇرغۇن خەۋەرلەر ھەقىقىي ئەمەس، بەلكى تەسەۋۋۇر ۋە ئەقلىي خۇلاسە ئاساسىغا قۇرۇلغان. مەن كىرىمنىي جىلغىسىدىكى بىر كۆزەتكۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىزگە كۆز ئالدىمدىكى كىرىمنىي جىلغىسىدا دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان قانداق ئۆزگىرىشلەر بارلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. 
 
كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ بۈگۈنى ئارقىلىق بىز ئۇنىڭ ئەتىسىنى كۆرەلەيمىز، ئاندىن ئۇنى تۈنۈگۈنگە بىرلەشتۈرسەك، سودا جەمئىيىتى، پۇقرالار جەمئىيىتى ۋە تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرەلەيمىز، بۇ ئالاھىدىلىك ۋە قانۇنىيەتلەر جۇڭگودىكى يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن رايونلارغا ماس كېلىشى مۇمكىن. 
 
كىرىمنىي جىلغىسىدىكى كارخانىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ 
ئاۋۋال كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى سۆزلەپ باقايلى. سىز بەلكىم ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى پەسىللىك GDP سى %33 ئەتراپىدا تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، نۇرغۇن تاراتقۇلار خەۋەر بېرىپ، 3/1 تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە بىر ھېسابلاش خاتالىقى بار، ئامېرىكىنىڭ GDP نى ئىستاتىستىكا قىلىش ئۇسۇلىغا ئاساسلانغاندا، بىر پەسىلدىكى ئۆزگۈرۈشنى پۈتۈن يىلغا قويساق، تۆت ھەسسە چوڭىيىدۇ، چۈنكى ئۇ «بۇ خىل يۈزلىنىش بىر يىل داۋاملاشسا قانداق بولىدۇ؟» دېگەنگە باراۋەر كېلىدۇ. شۇڭا، ئاتالمىش GDP دەۋر بويىچە %33 تۆۋەنلىدى دېگەنلىك، ئەمەلىيەتتە ئىككىنچى پەسىلدىكى تۆۋەنلەش نىسبىتى %8 ئەتراپىدا بولىدۇ. 
 
ئۇنداقتا كىرىمنىي جىلغىسى رايونىنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ بىزگە مەلۇمكى، كىرىمىنىي جىلغىسى رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم كەسىپ ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى ۋە بىيو پەن-تېخنىكا كەسپى. كىرىمنىي جىلغىسىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بەش ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتى ۋە ئىككى بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى. 
 
ئالدى بىلەن ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىل (2020-يىلى) 1-پەسىلدىكى تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقىغا ئاساسەن تەڭلەشتى، ئازراق ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئاساسلىق سەۋەبى ئۇنىڭ جۇڭگودىكى تىجارەت كىرىمى بىر قەدەر زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزدى. 
 
ئالما شىركىتىنىڭ بىر پەسىللىك تىجارەت سوممىسى قانچىلىك؟ تەخمىنەن 60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى (كونكرېت ئېيتقاندا 58 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)غا يېقىنلىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ساپ پايدىسى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى (كونكرېت ئېيتقاندا 11 مىليارد 200 مىليون)دىن ئاشىدۇ. ئىككىنچى پەسىلگە كەلگەندە، ئالما شىركىتىنىڭ تىجارەت كىرىمى ئويلىمىغان يەردىن بۇلتۇرقىدىن 11 پىرسەنت ئۆرلىدى، ئاساسلىقى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ تىجارەت كىرىمى تېز ئاشتى، ئۇنىڭ جۇڭگودىكى كەسپىمۇ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى توختاتتى. 
 
ئىككى پەسىلدە ئالما شىركىتىنىڭ تىجارەت سوممىسى 120 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشتى، يېرىم يىللىق پايدىسى 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى. ئالما شىركىتىنىڭ كەسپىنىڭ زور كاردىنال سانى ۋە ئانچە ياخشى بولمىغان يەر شارى ئىقتىسادىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ نەتىجىنى يەنىلا ناھايىتى ياخشى بولغان دېيىشكە بولىدۇ. 
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىككىنچى شىركەت بولسا گۇگولنىڭ ئانا شىركىتى Alphabet بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە «ئېلىپبە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان، ئۇنىڭ كىرىمى ھەقىقەتەن يەر شارى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئىككىنچى پەسىللىك تىجارەت كىرىمى %2 تۆۋەنلىگەن، بىراق ئۇنىڭ بىرىنچى پەسىللىك تىجارەت كىرىمى %10 كە يېقىن ئاشقان. ئىككى پەسىلدە ئېلىپبە شىركىتىنىڭ ئىككى پەسىلدىكى تىجارەت كىرىمى 80 مىليارد ئەتراپىدا بولۇپ، پايدىسى 14 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشتى. بىراق تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭ YouTube كەسپى يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبلىك تېز سۈرئەتتە ئاشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ بىرىنچى پەسىلدىن ئىككىنچى پەسىلگىچە خادىم قىسقارتمايلا قالماي، يەنە 4000 ئادەم ياللىدى. 
 
ئالما بىلەن ئېلىپبە ئىككى كارخانىنىڭ بىر يىللىق تىجارەت كىرىمىنى قوشقاندا، مالايسىيانىڭ GDP سىدىن ئېشىپ، ئاۋسترىيەگە يېقىنلاشتى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، دۆلەت خەزىنىسىگە تەڭ كەلگۈدەك دەرىجىدە باي بولدى. 
 
ئۇنىڭدىن باشقا Facebook، ئىنتېل ۋە سىكو (Cisco) قاتارلىق ئۈچ كارخانىنى بىر-بىرلەپ تەھلىل قىلمايلى، بۇ يەردە مەن سىزگە بىر خۇلاسە چىقىرىپ بېرەي: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۇلارنىڭ تىجارەت سوممىسىنى قوشقاندا 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىپ، بۇلتۇرقىدىن %10 ئاشتى. 
 
يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلاردىن يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ ئىقتىسادىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن ئۇچۇر پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى پەقەت كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ بىر قىسمى. ئەمدى بىز بىيو پەن-تېخنىكا شىركىتىنى كۆرۈپ باقايلى. 
 
نېمە ئۈچۈن يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق دورا كارخانىلىرىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمايدۇ؟
بۇ قېتىمقى يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىدە، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان بىيو تېببىي دورا شىركىتى كىرىمنىي جىلغىسى رايونىدىكى جىلىد (Gilead) پەن-تېخنىكا شىركىتى بولۇپ قالدى، ئۇ ئاچقان رىدسىۋىر (Redsivir) بۇ قېتىمقى يېڭىچە تاجىسىمان يۇقۇمىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 
 
جىلىد ئىلىم-پەن شىركىتىنى ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر ئاڭلاپ باقمىغان، چۈنكى ئۇ بىر قەدەر كەمتەر ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، چۈنكى ۋاكسىنا ۋە دورا بار، شۇڭا جىلىد پەن تېخنىكا شىركىتىگە رەھمەت ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىئو دورىگەرلىك شىركەتلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا كىرىمنىي جىلغىسىدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ بىرى، بىر يىللىق تىجارەت كىرىمى 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. 
  
بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى رىۋودان (Rivodan) بىلەن مەن جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەكتەپداشلار، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشكەن، ئۇ ئىنتايىن ھېسسىياتلىق دوختۇر ئىدى. جىلىد ئىلىم پەن شىركىتى ئەزەلدىن داۋراڭ سالماي، ئىزچىل تۈردە ئەستايىدىللىق بىلەن ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى، ئۇنىڭ پاي باھاسى بىر مەھەل %30 ئۆرلىگەن. ئەگەر مەن سىزگە ئېيتسام، ئۇنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى تىجارەت كىرىمى ئەكسىچە %3 تۆۋەنلەپ كەتتى، سىز غەلىتىلىك ھېس قىلامسىز؟ 
 
ئەمەلىيەتتە، تىجارەت كىرىمى %3 تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇ دۇنيادىكى چوڭ دورا زاۋۇتلىرى ئىچىدە ئىپادىسى ئەڭ ياخشى دورا ھېسابلىنىدۇ. كىرىمىنىي جىلغىسى رايونىدىكى 2-چوڭ بىئو-تىببى دورا شىركىتى گېن تېخنىكىسى(Genentech) بولۇپ، بۇ شىركەت ھازىر شىۋىتسارىيەنىڭ روچ (Roche) دورىگەرلىكىنىڭ پاي كونترول شىركىتى، ئۆز ئالدىغا مالىيە دوكلاتى چىقارمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئانا شىركىتى بولغان روچ دورىگەرلىكىنىڭ بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىللىق تىجارەت كىرىمى (30 مىليارد شىۋېتسارىيە فرانىكىغا يېقىن) %4 تۆۋەنلىگەن، لېكىن گېن تېخنىكىسىنىڭ كىرىمى ئادەتتە روچ دورىگەرلىكىنىڭ 3/1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. 
 
مەن ئاستىرىتتىن گېن تېخنىكىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم، ئىچىدىكىلەر ماڭا ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ روبېرت جەمەتىنىڭكىدىنمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، %10 كە يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بەك قىزىقىپ قالدىم، نېمە ئۈچۈن؟ ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەچكە، كۆپچىلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشتىن قورقىدىكەن، شۇڭا بارلىق دورا زاۋۇتلىرىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن. 
 
ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن رېتسىپلىق دورىلار، بولۇپمۇ گېن تېخنىكىسى ئىشلەپچىقارغان راكقا قارشى دورىلارنى دوختۇرخانىدا ئىشلىتىش كېرەك، بىمارلارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئۆزى ئىچىشىگە بولمايدۇ. يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن مەزگىلدە دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىدىغانلار ئازلاپ، چوڭ دورا زاۋۇتلىرىنىڭ كىرىمىمۇ ئازلاپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى تىببىي دورا كەسپىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تىجارەت كىرىمى تەخمىنەن %10 تۆۋەنلىدى. مەن بىر نەچچە داڭلىق دورا زاۋۇتىنى تەكشۈردۈم، ئۇلار چياڭشېڭ، خۇيرۈي قاتارلىق زاۋۇتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي تۆۋەنلەش نىسبىتى %10 ئىكەن. 
 
كىرىمنىي جىلغىسىدىكى چوڭ پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇقىم، دورا كارخانىلىرىنىڭ ئىپادىسى ئادەتتىكىچە ئىكەنلىكىگە كەلسەك، بىز سەل تۇرۇپ تەپسىلى تەھلىل قىلىپ باقايلى، بۇ يەردە مەن سىزگە ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ بولاي. 

كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ مەبلەغ سېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى قانداق؟ 
كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا دۆلەت ھالقىغان يېڭى شىركەتلەرنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا تايانغان، ئەمما دۆلەت ھالقىغان چوڭ شىركەتلەرگە ئايلىنىشتىن ئىلگىرى، بۇ شىركەتلەر تەۋەككۈل مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق قوللاشقا تايانغان. ئۇنداقتا كىرىمنىي جىلغىسى رايونىنىڭ تەۋەككۈل مەبلەغ سېلىش ئەھۋالى قانداق؟ 
 
ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، چۈشۈش ئەھۋالى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر بولدى. كىرىمنىي جىلغىسى رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئادەتتە بىر يىلدا مەبلەغ سېلىش يەرمەنكىسى 3000 قېتىمدىن 4000 قېتىمغىچە بولۇپ كەلگەن، ئۇرۇق B، C نۆۋەت بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر ئايدا 300 قېتىم ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ يىل 3-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان تۆت ئايدا جەمئىي 600 قېتىمدەك مەبلەغ سېلىنىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن %40 ئازايغان، بولۇپمۇ ئۇرۇقچىلىق (种子轮) ساھەسىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ %57 ئازايغان. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، كۆپچىلىك ئۆيدە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىش دەرىجىسى خېلىلا تۆۋەنلەپ كەتتى. 
 
ئىقتىسادنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى ئۆلچەشتە، كارخانىنىڭ تىجارەت كىرىمى ۋە مەبلەغ سېلىش ئەھۋالىغا قاراشتىن باشقا، يەنە ئىشسىزلىق نىسبىتىگىمۇ قاراش كېرەك، چۈنكى ئەگەر پەقەت ئايرىم كىشىلەرلا نەپكە ئېرىشسە، ئۇنداقتا ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە بولغان ئەھمىيىتى چوڭ بولمايدۇ. كىرىمنىي جىلغىسى رايونىدا گەرچە چوڭ شىركەتلەر خادىم قىسقارتمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىشسىزلىق نىسبىتى بۇلتۇرقى %3 كە يەتمەيدىغان ھالەتتىن كۆپىيىپ بۇ يىل 5-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %11.3 گە يەتتى، ئەلۋەتتە 6-ئايدا يەنە ئازراق تۆۋەنلەپ %10.8 كە چۈشتى. بۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ سەۋىيەسى بىلەن ئوخشاش. 
 
مەن ئامېرىكىدىكى ئۈچ قېتىملىق ئىقتىسادىي كىرىزىسنى باشتىن كەچۈردۈم، بۇ قېتىم كىرىمىنىي جىلغىسىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولدى. 2001-يىلى ئالاقە تورى كۆپۈكى پارچىلانغاندا، كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى بىر مەھەل %11 كە يەتكەن، لېكىن بۇ قېتىمقى يۇقىرى پەللە قىممىتىدىن يۇقىرى بولمىغان؛ 2008-، 2009-يىللىق پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەندە، كىرىمنىي جىلغىسى ئاساسەن ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىدى، ھەتتا شۇ قېتىملىق پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، كىرىمنىي جىلغىسىدىكى پەن تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ دۇنياۋى رىقابەت كۈچى ئەكسىچە ئاشتى. 
 
بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي كرىزىستا كىرىمنىي جىلغىسى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. بىر تەرەپتىن ئالما، گۇگول قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى، يەنە بىر تەرەپتىن نۇرغۇن كەسىپلەر چوقۇم ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، بولمىسا ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۇنچە يۇقىرى بولمايدۇ. كىرىمنىي جىلغىسى رايونى گەرچە كىشىلەرگە پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنى ئاساس قىلغان تەسىرنى بەرسىمۇ، لېكىن ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپكارلار ئەمەلىيەتتە كىرىمنىي جىلغىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 
 
رىكاردو قانۇنىيىتى ۋە ئاساسىي يىلتىزى
سىزگە شۇنچە كۆپ سانلىق مەلۇماتلارنى سۆزلەپ بەردىم، ئەمدى تەھلىل قىلىپ باقايلى. بۈگۈن مېنىڭ سىز بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان ئىككى تۈرلۈك پىكرىم بار، بىرى، رىكاردو قانۇنىيىتى، يەنە بىرى، ئاساسىي يىلتىزى (基本盘). 
 
رىكاردو قانۇنىيىتى توغرىسىدا «كىرىمنىي جىلغىسىدىن كەلگەن خەتلەر»نىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدىكى 201-پارچە خېتىمدە سۆزلىگەنىدىم، شۇنىڭغا مۇناسىپ مەزمۇنلارنى ئەسلەپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر رايون مەركىزى بىلەن ئەتراپتىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ. مەركەزدىكى يەرنىڭ باھاسى يۇقىرى بولسا، ئەتراپقا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ؛ ئىقتىساد ياخشى بولغاندا مەركەز ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ تەڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئىقتىساد ياخشى بولمىغان چاغلاردا، ئەتراپتىكى رايونلار شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىدۇ، لېكىن مەركىزىي رايونلارغا ھەمىشە كىشىلەر قىسىلىپ كىرمەكچى بولىدۇ، شۇڭا ئاساسىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرالايدۇ. 
 
كىرىمنىي جىلغىسى پۈتۈن ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ مەركىزىي رايونلىرىنىڭ بىرى، پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ياخشى بولمىغان ۋاقىتتا، بۇ مەركىزىي رايون دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغاچقا، ئۇچرايدىغان تەسىرى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن كرېمنىي جىلغىسىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئەھۋالى يامان ئەمەسلىكىنىڭ سەۋەبى. 
 
مېنىڭ ئىككىنچى تەھلىلىم كىرىمنىي جىلغىسى ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي يىلتىزى. مەيلى بىر رايون، بىر كارخانا بولسۇن، ھەتتا بىر ئادەم بولسۇن، ھەممىسىنىڭ كەسىپ ئاساسىي يىلتىزى، مەھسۇلات ئاساسىي يىلتىزى ياكى شەخسلەر كۈچلۈك تۈر ئاساسىي يىلتىزى بولىدۇ. يۇقىرى ئۆرلەش دەۋرىگە قەدەم قويغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېڭىيىدۇ، مەسىلەن، ياسىمىچىلىق ساھەسىدە ئارتۇقچىلىقى بار رايونلار يۇقىرى پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلىشىدۇ، IT كارخانىلىرى مەبلەغ سېلىشنى ئويلىشىدۇ، 200 مېتىرغا يۈگۈرۈشكە ماھىر تەنھەرىكەتچىلەر 100 مېتىر ياكى 400 مېتىرغا يۈگۈرۈشنى ئويلىشىدۇ.
 
لېكىن كرىزىس يېتىپ كەلگەن ھامان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي يىلتىزىغا يىغىلىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىر كارخانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇناسىپ مەھسۇلات لىنىيەسىنى كېسىپ تاشلاش ياكى سېتىۋېتىش كېرەك، بىر رايونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاساسىي يىلتىزدا بولمىغان كەسىپلەر تاقىلىشى مۇمكىن، بىر تەنھەرىكەتچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشى كېرەك. 
 
كىرىمنىي جىلغىسى رايونىدا يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئۇچۇر كەسپى ئۇنىڭ ئاساسىي يىلتىزى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ قېتىمقى كىرىزىس يېتىپ كەلگەندە، كىرىمنىي جىلغىسى رايونىنىڭ ئاساسىي يىلتىزى يەنىلا ناھايىتى ياخشى ساقلىنىدۇ، ھەتتا بۇنداق چوڭ دائىرىلىك كىرىزىس يەنە كىرىمنىي جىلغىسىدىكى كارخانىلارنى يەر شارى رىقابىتىدە تېخىمۇ چوڭ بازارغا ئىگە قىلىدۇ. كۆپچىلىك نەچچە ئايدىن بۇيانقى يانفونلارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقساڭلار، ئالمىغا ئوخشاش چوڭ شىركەتلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن كىچىك ماركىلارنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايسىلەر. كىرىمنىي جىلغىسىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋەتكەن كارخانىلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئاساسىي يىلتىزدا ئەمەس. 
 
بىر ئادەمنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئاساسى يىلتىزى بولۇشى كېرەك، بۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ ئاساسى، ھۇجۇم قىلىشقا، چېكىنىشكە، مۇداپىئەلىنىشكە بولىدۇ. ئاساسىي يىلتىزى بولمىسا، ئازراق ئاپەتكە يولۇققاندا ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قېلىشى مۇمكىن. مەن ئىلگىرى 10 دانە 90 نومۇرنىڭ بىر 100 نومۇرغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىم، بۇنىڭ داۋلىسى ئەنە شۇ. ئۇ چاغدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەرەققىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە بۇ سۆزنى ئېيتقانىدۇق، ھازىر كىرزىس ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدۇق، ئاساسىي يىلتىز تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى. 
 
ئۇنىڭدىن باشقا، رىكاردو قانۇنىيىتىگە قارايدىغان بولساق، سىز يەنە شۇنى بايقايسىزكى، ئەلا سۈپەتلىك مۈلۈك، ئەلا سۈپەتلىك كارخانا، ئەلا سۈپەتلىك شەخس بولغاندىلا، ئاندىن كرىزىس ئىچىدە قىممىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، مەيلى كارخانا بولسۇن ياكى شەخس بولسۇن، چوقۇم مەركەزدىن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئورۇننى تېپىشى، ئەتراپتىكى يولۋاس يوق جايدا پادىشاھ دەپ ئاتالماسلىقى كېرەك. بۇ يۇقۇم ئەھۋالىدا كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىزگە ئىلھام بەردى. 
 
ئۇنداقتا كىرىمنىي جىلغىسى قانداق قىلىپ بۈگۈنكىدەك مەركىزىي رايونغا ئايلانغان؟ ئەمدى كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ تۈنۈگۈنىنى سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، بىز كېيىنكى خەتتە كۆرۈشەيلى.

مەنبە: ۋۇ جۇن «كىرىمنىي جىلغىسىدىن كەلگەن خەت»
ئىلقۇت تەرجىمىسى

بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0