大数跨境

قانچىنى بىلىسىز؟ دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار ئون چوڭ جەمەت

قانچىنى بىلىسىز؟ دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار ئون چوڭ جەمەت Nepkar
2020-10-10
1
导读:روسچىلىد جەمەتى بارلىق مۈلكىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان بولغاچقا، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل قاراشقا ئ

قانچىنى بىلىسىز؟ دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار ئون چوڭ جەمەت

1. روسچىلد جەمەتى 
(50 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى، تەخمىنەن 316 تىرىليون يۈەن خەلق پۇلى)

روسچىلد جەمەتى ئىنتايىن سىرلىق بىر جەمەت، روسچىلد توغرىسىدا نۇرغۇن مىش-مىش پاراڭلار تارقالغان بولۇپ، بەزىلەر «بۇ جەمەتنىڭ بارلىق بايلىقى 50 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.» دەپ قارايدۇ، گەرچە پاكىتلانغان بولسىمۇ، ئەمما روسچىلىد جەمەتى بارلىق مۈلكىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان بولغاچقا، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل قاراشقا ئىشىنىدۇ.

2. سەئۇدى جەمەتى
(1 تىرىليون 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، تەخمىنەن 8 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى):

سەئۇدى ئەرەبىستان بايلىق ئىنتايىن مول جاي بولۇپ، داڭلىق نېفىت پادىشاھلىقى سەئۇدى جەمەتى ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، خان جەمەتىدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ پۇلى ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتىدە يەنە ناھايىتى كۆپ شاھزادە بار، نۆۋەتتە 5000 دىن ئارتۇق شاھزادە بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2000 ئادەم يادرولۇق ئەزا بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتىنىڭ چەت ئەللەردىكى 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغىنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ.
تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتىنىڭ 10 تىرىليون خەلق پۇلى بار ئىكەن.

3. ۋولتون جەمەتى
(152 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى)

ۋولتون جەمەتى ئەسلىدە پەقەت بىر كىچىك بازاردىكى دۇكان بوكۇو، كېيىن سودىسى بارغانسېرى چوڭىيىپ، ۋولمارتقا ئوخشاش بىر دۇنياۋى زەنجىرسىمان كارخانىنى قۇرغان، ۋولتون جەمەتىنىڭ ئىگىلىكىدە ۋولمارتنىڭ %48 پېيى بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي ئائىلە ھېسابلىنىدۇ.

4. كوخ جەمەتى
(82 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى)

كوخ جەمەتىنى ئاساسلىقى ئاكىسى چارلېس كوخ ۋە ئىنىسى داۋىد كوخنىڭ يۈرگۈزۈشىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامىدىكى كوخ سودا شىركىتى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ بىرى، ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى چوڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى شىركەت.
شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، يېزا ئىگىلىكى، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان پارچە سېتىش مەھسۇلاتلىرىنى ياساش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

5. ما جەمەتى
( 78 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى )
ما جەمەتى نامىدىكى ما جەمەتى شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي قەنت-گېزەك شىركىتى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ بىرى.
ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەردىن باشقا، شىركەتنىڭ كەسپى يەنە ئەرمەك ھايۋانلار تۈرى، ئاساسلىق يېمەكلىك ۋە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ياساش ۋە سېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
6. سلىم جەمەتى
( 62 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)
سلىم جەمەتىنىڭ قۇرغۇچىسى كارلوس سلىم ئېلۇ بولۇپ، مېكسىكا تېلېگرافىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى.
سلىم جەمەتى نامىدا يەنە مېكسىكا كارسو گۇرۇھىمۇ بار، سودا تورى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان.

7. جاجى جەمەتى
( 49 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى)
جاجى جەمەتىنىڭ بايلىق توپلاش مەزگىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدىن باشلاپلا سودا قىلىشقا باشلىغان، نامىدىكى جاجى شىركىتى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ بىرى، جاجى جەمەتى بۇ شىركەتنىڭ %88 پېيىنى ئىگىلىگەن.
تىجارەت دائىرىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك، پۇل-مۇئامىلە، سانائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

8. بىدانگو جەمەتى
( 42 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى )
بىدانگو جەمەتىنىڭ ئاساسلىق بايلىقى ئوۋلەييادىن كەلگەن بولۇپ، بۇ دۇنياغا داڭلىق گىرىم بۇيۇملىرى ماركىسى، دادىسى ۋە يولدىشى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، لىلىيانا بىدانگۇ ئوۋلەييانى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ باي ئايالغا ئايلانغان.
بىدانگو جەمەتى قۇرۇپ چىققان گىرىم بۇيۇملىرى ئىمپېرىيەسى ئوۋلەييا بولۇپ، نۆۋەتتە بىدانگو جەمەتىنىڭ قىممىتى 42 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدۇ.

9. ئارنو جەمەتى
( 37 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى )
ئارنو جەمەتى لوئۇس ۋۇيتون (Louis Vuitton) گۇرۇھىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى بېرنارد ئانو بولسا بۇ پاي چەكلىرىنىڭ ئىگىسى، ئۇ فىرانسىيەدىكى ئەڭ باي كىشى.
پۈتكۈل جەمەتنىڭ بايلىقى ئاساسلىقى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى كەسپى ئاساسىدا قۇرۇلغان، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ماركىسى بار.

10. خست جەمەتى
( 28 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى)
خست جەمەتى خست گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق كەسپىنى باشقۇرىدۇ، خست گۇرۇھى بولسا ئامېرىكىدىكى داڭلىق نەشرىيات ساھەسىدىكى ماگنات، يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆپ مەنبەلىك تارقىتىش گۇرۇھىنىڭ بىرى.

بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك دەرس: 6 قىسىملىق نادىر دەرسلىك «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى» (ھەر بىر قىسمى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ!)
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!


ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جايدىن كىرىپ كۆرۈڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0